يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 761|ئىنكاس: 8

دولانلىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              دولانلىقلار
( e1 s5 t4 i, v% p0 S                                                     1            
# u3 k0 W2 D4 I7 o' S7 E8 T0 m     بىر رىۋايەتتە، دولانلار مەكىتتىن تارتىپ لوپنۇرغىچە بولغان پايانسىز قۇملۇق ئەتراپىنى ئىگىلىگەچكە، « دولان» سۆزى «دالا» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر رىۋايەتتە، « دولان» «دالا» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دەپمۇ قارىلىدۇ. 8 Y8 D) H0 j' d
   دولانلار ئاساسەن چۆل- باياۋاننى ماكان قىلغان بۇلۇپ، ئوۋچىلىققا ماھىر خەلىق ئىكەن. بۆرە، قاۋان، قاپلانلارنى خۇددى قوينى تۇتقاندەك ئەركىن تۇتالايدىكەن. ئۇلارنىڭ مازايى-ماشايىقلارغا بولغان ئېتقادى ناھايىتى كۈچلۈك بۇلۇپ، قانداق مازار بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىنى ئۇلۇغلايدىكەن. شۇڭا، باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتىنى: «ئاچا توغراقنى كۆرۈپ مازار غوجام دېگەن دولان، قاشقا تۇڭگۇزنى كۆرۈپ مېنىڭ كالام دېگەن دولان» دەپ قوشاققا قاتقانىكەن.
$ q# k- }: P: @/ m" Oدولانلىقلار تولىمۇ خۇش چاقچاق، ناخشا-قوشاققا ماھىر خەلىق ئىكەن.+ W% E; c6 M+ s: t+ D3 T
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر دولاننىڭ ئۆيىگە مېھمان كەپتۇ، ئۆي ئىگىسى لەيلىخان مېھماننى كۆرۈپ ئېرىگە:5 A$ }% n5 }/ ~1 T( M8 b2 j
   ئۆيگە مېھمان كېلىپتۇ،
2 Z6 c! G( C" W8 h9 {   ئاش ئېتەيمۇ بەگچەك؟+ r9 @9 n, {! ?  Z' A1 E
   نان ياقايمۇ بەگچەك؟
' z7 E' j3 Y# p8 q   دەپ سوراپتۇ. ئېرى ئايالىغا:
: G1 [: {' F/ b, K" F3 t3 K- e9 T   قارا قوينى سويايلى،+ F8 T' H9 w; w7 O4 b7 s( @
   گۆشنى ئېسىپ چۆپ ئەت.) T1 f1 T1 |, K0 j1 C
   قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىل،
" C- c1 l& L8 x3 s- u( a/ }  خۇدايىم بەرگەن لەيلەك.$ q/ h) c( d$ k& F
   دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان مېھمانلار ئۇلارنىڭ قوشاققا ئۇستىلىقىدىن ھەيران قاپتۇ. / X; c! f! Q5 }! U
ناغرىنى دەسلەپ دولانلار ئىجاد قىلغانىكەن. ئۇلار كەڭ باياۋاندا تارقاق ئولتۇراقلاشقاچقا، ئۇلارنى بىر يەرگە توپلاشقا توغرا كەلسە، ناغرا ئاساسلىق خەۋەرچى ھېسابلىنىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن « ناغرىخانا» بولغانىكەن. دولان مەركىزىدىن ناغرا چېلىنسا،ئۇنىڭ ئاۋازى باشقا ناغرىخانىلارغا يەتكەن ھامان ناغرا ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىكەن. ئاش پىشىمغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا ھەر قانداق خەۋەر دولانلارنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە يېتىپ بارالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن چوڭ- كىچىك، ئەر- ئايال دولانلار بىردەمدىلا «ناغرىخانا» مەيدانىغا جەم بولىدىكەن. توي- تۆكۈن ۋە مەشرەپلەردىمۇ ئالدى بىلەن ناغرا چېلىنىدىكەن. دولان يۇرتىدىكى ھازىرقى «ناغرىخانا» دەپ ئاتالغان يۇرت ئىسىملىرى شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
- S+ _+ ]% B: G% l' `+ e8 o6 u* v$ A7 ?
                                                           2
9 k( ?! j) V1 @
9 f: o" w3 H0 _2 C0 B, |. [& z     دولانلار: « بىزنىڭ ئاتا- بوۋىمىز دەرۋىتتىن چىققان» دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ.
2 L- D6 M$ a7 V  rرىۋايەت قىلىنشىچە، قەدىمكى زامانلاردا شىمالدا ياشايدىغان « دولۇن» دەيدىغان بىر كۆچمە قەبىلە بولغانىكەن. ئۇلار جەنۇبقا كۆچكەندە، بىر بۆلىكى بەدەخشاننىڭ بىر چېتىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ. ئۇلار شۇ يەردە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بوپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئىگىلىگەن يەرگە ئون تۈپ سۆگەت تىكىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئافغانلار ئۇلارنى« دەرۋىتلىكلەر»① دەپ ئاتاپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان بۇجاي « ئون تۈپ سۆگەتلىكلەر» دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ، ئۇلاردىن ئۈچ كىشى ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن دەسلەپ قەشقەرگە كەپتۇ. قەشقەرنى ئىسلامغا كىرگۈزگەندىن كېيىن كۇھچارغا② كەپتۇ. بۇ يەردە قالماق دەپ ئاتىلىدىغان كۇپپارلار ياشايدىكەن. سۆگەتلىكلەر ئۇلارنى ئىمانغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، كۇھچار ( كۇچار)نىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى قۇملۇق يېنىغا جايلاشقان چوڭ بىر شەھەرگە كېلىپ، ئۇ يەردىكى كۇپپارلارغا ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىپتۇ. بۇ شەھەردىكى خەلقلەر ئۇلارغا ئىشەنمەي: ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولسا، بىزگە بىر دۇئا قىلىڭلار. دۇئايىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن شەھىرىمىز پۈتۈنلەي ئالتۇن بۇلۇپ كەتسۇن، شۇ چاغدىلا سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئىشىنىمىز» دەپتۇ. " ]' Z+ z, ~% S* f1 w" N/ `
   سۆگەتلىكلەر قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلشىپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە پۈتۈن شەھەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ كېتىپتۇ. لېكىن بۇ شەھەردىكى بۇتپەرەسلەر ئۆز ئېتقادلىرىدىن پەقەت يانماپتۇ. سۆگەتلىكلەر : « بۈگۈن ئاخشام بىز يەنە دۇئا قىلىمىز، ئۇ چاغدا شەھىرىڭلارغا قۇم ياغىدۇ. شۇنىڭغىچە ئىمان ئېيتمايدىغان بولساڭلار ھەممىڭلار قۇم ئاستىدا قېلىپ ھالاك بولىسىلەر» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئون تۆت ئادەم ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بوپتۇ. قالغانلىرى بىر كېچىدىلا قۇمنىڭ ئاستىدا قېلىپ ھالاك بوپتۇ. مۇسۇلمان بولغان ئون تۆت كىشى بۇ يەردىن ئايرىلىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ ھەر بىرى بىردىن شەھەر قۇرۇپتۇ. ھازىرقى دولانلىقلار ئەنە شۇ ئون تۆت كىشىنىڭ ئەۋلادى ئىكەن .
7 d0 `8 D: H2 R+ B2 l  }6 D) m; r: j( M1 D/ m" K
① دەرۋىت: دەر- پارسچە سۆز بۇلۇپ « ئون»دېگەن مەنىدە. ۋىت-« سۆگەت» دېگەن مەنىدە.) n. h% T& m) s* J$ c/ q3 v5 w2 m
②كۇھچار: پارسچە سۆز بۇلۇپ، كۇھ- تاغ، چار- قۇدۇق دېگەن مەنىدە.
4 ~% o- D3 d% [+ m( F+ |5 W6 R# d- F$ u5 |$ t3 |2 X$ j% R
1 s7 b  p( t" z( L" N
                                 3     
: L5 h2 P/ Q' l7 j0 d; `  «دولان» دېگەن سۆز موڭغۇلچە« يەتتە» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققانىكەن. موڭغۇللار قەدىمكى چاغلاردا مەكىتلىكلەرنى «يەتمىش ئىككى مىڭ ياغاچ ئۆيلۈك دولان» دەپ ئاتاشقانىكەن.( E/ m) f5 k& d, F  c
دولانلار دەسلەپتە گەمە ئۆيدە ياشىغان بۇلۇپ، بىر قانچە كىچىك بەگلىككە بۆلۈنگەنىكەن. ئۇلارنىڭ ئەمەت بەگ، سىيىت بەگ، ئەمتەم بەگ، ئەزىز بەگ، ئامان بەگ، يامان بەگ، زامان بەگ دېگەن يەتتە بېگى بولغانىكەن. ئۇلار داۋاملىق يىرتقۇچ ياۋايى ھايۋانلار ۋە مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، باياۋانلاردا كۆچۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغانىكەن.& r; x  h; S1 }$ S1 x4 `1 H
سائادەت بەگ زامانىسىغا كەلگەندە، بۇ بەگلەر دولانلىقلارنى يىغىپ،«لەمپەدۆڭ» ۋە «قالىغاچدۆڭ» دېگەن ئىككى يۇرتنى تەشكىللەپتۇ. سائادەت بەگ مانجۇ خانلىقىغا بېرىپ، بەگلىك داۋاسى قىلغاندا ، مانجۇ خانى ھىيلە ئىشلىتىپ ئۇنىڭغا بىر ياغاچ تامغىنى تۇتقۇزۇپ: « سەن ياغاچ ئۆيلۈك دولانلارنىڭ بېگى بول» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سائادەت بەگ دولانلىققا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دولانلارنىڭ مەركىزى دەپ ئاتالغان « لەمپەدۆڭ» بىلەن«قالغاچدۆڭ»نى لايدىن قوپۇرۇپ شەھەر بىنا قىپتۇ.سائادەت بەگ يەكەن دەرياسىنىڭ نېرىقى قىرغىقىدىكى « لەمپەدۆڭ»دە تۇرۇپتۇ. يەكەن دەرياسىنىڭ بۇ قېتىدىكى « قالغاچدۆڭ»دە مامۇر پالسا (پالۋان)نىڭ قالغاچخان ئىسىملىك بىر ئايالى بۇلۇپ، ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن. ئۇ ناخشا- ئۇسۇلدا تەڭدىشى يوق، قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان باتۇر ئايال ئىكەن. سائادەت بەگ « قالغاچدۆڭ»گە كەلگەندە، قالغاچخان ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئويناپ بېرىدىكەن ۋە ئەقىل كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا قالغاچخاننى سائادەت بەگ ئۆزىگە ياردەمچى قىلىۋاپتۇ. « قالغاچدۆڭ» ئاشۇ قالغاچخاننىڭ نامىنى كۆرسىتىدىكەن. سائادەت بەگ بىلەن قالغاچخان بىر- بىرىنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن «لەمپەدۆڭ» بىلەن «قالغاچدۆڭ»گە ئىككى راۋاق سالدۇرۇپتۇ. ئۇلار ئىككى دۆڭلۈكتە نۆۋەت بىلەن داۋاملىق مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىكەن، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاپاق غوجا ئۇلارنى «شەرىئەتتىن چىقتى» دەپ ئەيىبلەپ لەشكەر تارتىپ كەپتۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سائادەت بەگكە كۈچى يەتمەي، ئۆزلىرى مەغلۇپ بۇلۇپ قايتىپتۇ. ئاخىر ئاپاق غوجا نۇرغۇن سوۋغا- سالام ۋە ئىنئاملار بىلەن چىيەنلۇڭ خاندىن ياردەم سوراپتۇ ھەمدە قىزىنى چىيەنلۇڭ خانغا ئىنئام قىپتۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە چىيەنلۇڭ خان ئاپاق غوجىغا ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتىن زور ياردەم بېرىپتۇ. نەتىجىدە ئاپاق غوجىنىڭ لەشكەرلىرى چىيەنلۇڭنىڭ ئەسكىرىي كۈچىگە تاينىپ دولانلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كەپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ۋەيران قىپتۇ. بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان دولانلار يۇرتلىرىنى تاشلاپ، تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ كېتىپتۇ. ئاپاق غوجا ئەسكەرلىرى بىلەن سائادەت بەگ ۋە قالغاچخانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دولانلار ئوتتۇرسىدا ئۇزۇنغىچە قاتتىق جەڭلەر بوپتۇ. ھازىرقى « سەردارلار گۈمبىزى» دەپ ئاتالغان جاي ئاشۇ جەڭدە شېھىت بولغانلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئىكەن. بەزىلەر ئۇنى « ئاق موللا گۈمبىزى» دەپمۇ ئاتايدىكەن.) |! v# P$ l  |" t
  V6 i, o" ?3 _( V/ s  E! N% \
                                               4
& Z6 E5 d/ K8 R2 F& x
9 O/ z4 @9 E) N0 }  چىيەنلۇڭ خان زامانىسىدا دولانلار مانجۇلارغا بويسۇنماي، ئۇزاققىچە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىپتۇ. دولانلار ئۆز يۇرتلىرىنى مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر كالىنىڭ تېرىسىدە يوغان بىر پاي ئۆتۈك تىكىپ ئىچىگە قۇم قاچىلاپتۇ. ئۇنىڭغا « ئالتە ياشلىق دولاننىڭ كىيىدىغان ئۆتۈكى» دېگەن خەتنى چاپلاپ، دولان چېگرىسىغا ئېسىپ قۇيۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن مانجۇلار: « ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ئۆتۈكى بۇ بولسا چوڭلىرى كىيىدىغان ئۆتۈك قانچىلىكتۇ» دەپ قورقۇشۇپ، دولانلىقلارغا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇ ئىشتىن گۇمانلىنىپ بىر مانجۇنى سېتىقچى قىياپىتىدە ياساپ، تارغاق، سۈزگۈچ، يىپ- يىڭنە بىلەن دولان يۇرتىغا كىرگۈزۈپتۇ. ئۇ قارىغۇدەك بولسا دولان يۇرتىدا بۇنداق يوغان ئۆتۈك كىيىدىغان ئادەم ئۇچرىماپتۇ. « سېتىقچى» قايتىپ كېتىپ مانجۇ خانىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىپتۇ. دولانلارنىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قالغان مانجۇ خانى قايتا لەشكەر تارتىپ، دولان يۇرتلىرىغا بېسىپ كىرىپتۇ. دولانلىقلارمۇ ئۇزاققىچە تىز پۈكمەي مانجۇلار بىلەن قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئاخىر يۇرتلىرى ۋەيران بولغان دولانلار تەرەپ- تەرەپكە قېچىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇلار يۇرتىدىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ھەتتا ئۆز يۇرتىنىڭ پاشىلىرىنىمۇ قوشاققا قېتىپ، ناخشا ئېيتىپ ماڭغانىكەن:
; a6 R% G* f6 p% s5 n0 kئەل بۇ يەرنى چۆل دەيدۇ،
- \1 i4 I2 d! W) _! l: }چۆل ئەمەس گۈلزار ئىدى.
0 p7 B1 O' C! U& Jتوغرىقى ئالماغا ئوخشاش،! P4 p3 p; q- m& F0 u1 K1 J3 K& V" |
يۇلغۇنى مازار ئىدى.
3 i( m$ m3 M- K& D& Yچارۋىمىزغا يايلاق ئىدى،
5 Q; ?; H$ n9 R9 P1 `بالىمىزغا بازار ئىدى.* j. r8 r& D; Q+ R# e
تۇمشۇقلىرى بىگىزدەك،
$ @- u  E( y2 Eقاناتلىرى كىگىزدەك،
4 {3 @7 U! T1 Y5 z- t; X) Y2 Oپاشىلىرىمىز ئايرىلىپ
# V0 |% W5 N; f. Kقالدى بىزدىن يىراقتا ئەي- يائاللا.
/ v  P5 v% k7 m9 X   دولانلىقلار تارقالغان يۇرتلار مارالۋېشى دولان، ئاۋات دولان، مەكىت دولان، ئاقسۇ قاراتال دولان، شايالوچىمەن، شىنچىمەن، ئاقئېرىق، ئىچئېرىق دولان، لوپنۇر دولان دەپ ئاتالغانىكەن. بۇ يۇرتلار ھازىرمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
- I: q6 u% x7 l! _4 w_________
5 d( Z6 S0 z* u(بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى)
! H4 J/ e/ J4 D- s( h! _
1 e& b7 E. T& d
1 W9 S5 @, b& b+ f( k

; M+ N/ z# A3 Q% b9 l# B" u* v بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 19:36  9 ^2 x$ P( q  Q+ e7 e' m/ S6 f% `
- x5 ~3 b# h- ?

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-19 22:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىلشۇناسلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر پىكىردىشىمدىن «دولان»ئاتالغۇسى ھەققىدە تېخى يېقىندىلا مۇنداق بىر  باياننى ئاڭلىدىم:
/ {( A$ @" ~3 ~: c  ئۇنىڭ دېيىشىچە،«دۇ- پارىسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ئىككى دېگەنلىك بولىدۇ».(«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى،273-بەت). «لەڭ-پارىسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ئاقساق، چولاق، توكۇر دېگەنلىك بولىدۇ» (يۇقىرىقى كىتاب، 579-بەت). شۇنداق بولغاندا، دۇلان (دولان ئەمەس) دېگەن سۆز ئىككى توكۇر، ئىككى ئاقساق...دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ ھەقتە تارىخىي مەلۇماتلاردا بەلگىلىك تىلغا ئېلىنغان يازمىلار بار....( w5 L; |1 a# h0 g2 S" o
   مەنمۇ تىپىك بىر دولانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھەقتىكى كۆپ خىل قاراشلارنى ئۇچراتتىم.  دەرۋەقە، دولان ئاتالغۇسى ھەققىدە قاراشلار ھەر خىل. ئەمدىكى گەپ-شۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىلمىي بولغىنىنى قوبۇل قىلىشتا.

ۋاقتى: 2013-4-20 16:43:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋات، مەكىت ، مارالبېشى ،ئاقسۇ قاراتالنى ئاڭلاپتىكەنمەن ،قالدىسىنى ئاڭلىماغانكەنمەن.

ۋاقتى: 2013-4-20 23:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پىشقەدەم تەتقىقاتچى مۇھەممەت ئوسمان ئەمىرى تاغىمىزنىڭ دولانلارنىڭ ئېتنوگرەفىيسى، مەدەنىيتى ھەققىدىكى تەتقىقات سەمەرىسى بولغان « دولانلار»  ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنسا بىز دولانلار ھەققىدە يەنىمۇ ئېنىق، يېڭى بولغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىمىز مۈمكىن.

ۋاقتى: 2013-4-22 00:09:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان تەۋەسىدە بولۇپمۇ توقسۇن ناھىيىسىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئوموملاشتۇرۇپ دولان دەيدىغان ئادەت بار. ھازىرمۇ ئەل ئىچىدە شۇنداق ئاتايدۇ. مەيلى ئاقسۇ، مەيلى قەشقەر، خوتەن، ھەتتا قوشنىسى بولغان كورلىلىقلارنىمۇ دولان دەپ ئاتايدۇ. شۇ جايلارنىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلىسە ھەتتا «ئاۋۇ دولانچىنى ئەجەب سۆزلەيدىكەنغۇ» دەپ قويىدۇ. توقسۇندا ئولتۇراقلىشىپ قالغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغانلارمۇ يەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە دولان دېگەن كىملىك بىلەن ياشايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقىي مەنىدىكى دولان بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنى يەرلىكلەرنىڭ ئاتاش ئادىتى بويىچە دولان دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ قانداق كېلىپ چىققىنىنى ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

ۋاقتى: 2013-4-22 11:06:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە باتۇر داۋۇتمۇ كۆپ ئىزدەنگەن، باتۇر قانداق چۈشەندۈرىدۇ بۇنىڭغىمۇ قاراپ باقايلى.

ۋاقتى: 2013-4-22 11:51:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولان ئاتالغۇسى ھەققىدە خىلمۇ-خىل قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلۇپ كەلدى.بۇ ھەقتە تەتقىقات ماقالىلىرىمۇ ئاز ئەمەس.بەزى ماقالىلاردا بۇ ئاتالغۇنىڭ چىڭگىزخاننىڭ ئىستىلاسى بىلەن يەنى موڭگۇللارنىڭ دوغلات قەبىلىسىنىڭ تارىم ۋادىسىسىدا ئولتۇراقلىشىشى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈرىدىغان ئەھۋال بار.دەرۋەقە تۇغلۇق تۆمۈرخان 160 مىڭ موڭغولنى ئىسلام دىنغا كىرگۈزۈش بىلەن مۇسۇلمان بولغان موڭغۇللارنىڭ تەدرىجى ئۇيغۇرلارغا ئاسىلماتسىيە بولۇپ كەتكەنلىكى راست.ئەمما «دولان »ئاتالغۇسىنى موڭغۇللارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش ئەسلى تارىخى چىنلىققا ئۇيغۇن ئەمەس.شۇنداقلا ئەل ئىچىدىكى بىر قىسىم رىۋايەتلەتنىمۇ چىنلىق دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
% J5 A* g5 _7 r: j: ]    «دولان »ئاتالغۇسى ھەققىدە ئەھەت سۇلايمان قۇتلۇق «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»ناملىق كىتاۋىدا ئوخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بېقىندى بولغان «دولانغۇت»ياكى «تۆلەنگۈت»ناملىق بىر قەبىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۇ قەبىلىنىڭ ھازىرقى «دولان»ئاتالغۇسىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.دولانغۇتلار يەنە  «كونا تاڭنامە»ۋە «يېڭى تاڭنامە»لەردىمۇ تىلغا ئېلىنغان.دېمەك «دولان،-  دولانغۇت»ئاتالغۇسى «ئۇيغۇر»ئاتالغۇسىغا ئوخشاشلا ناھايىتى قەدىمكى تارىخقا ئىگە ئاتالغۇدۇر.ئەمما «دولان»ئاتالغۇسى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا قارام بولغان دولانغۇتلارنىڭ قانداق بىۋاستە باغلىنىشى بارلىقى تېخىچە تارىخى نوقتىدىن ئىنچىكە تەتقىق قىلىنمىدى.

ۋاقتى: 2013-6-8 00:26:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش ياخشى ئىش.....

ۋاقتى: 2013-8-22 19:11:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇر بەك ئالدىراش ئوخشايدۇ، مۇنبەرگە چىقىپ بولالمىدىغۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش