تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 605 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 6

نېگىر قۇلنى قوغلىغۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 336
تۆھپە : 1
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 18:21:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېگىر قۇلنى قوغلىغۇچى
[ئامېرىكا] چارلېس رىچارد يوھانسون
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
چارلېز رىچارد يوھانسون(Charles Richard Johnson  1948- ) ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق نېگىر يازغۇچىسى، ئەدەبىي ئوبزورچىسى، كارتون رەسسامى ۋە تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى بولۇپ، ھازىر ئامېرىكا ۋاشىڭتون ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئېنگىلىز تىلى يېزىقچىلىق پروفېسسورى. گەرچە ماگىستېر، دوكتۇرلۇق ئوقۇش مەزگىلىدە ئۆگەنگەن كەسپى پەلسەپە بولسىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مول پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى ئەدەبىي ئەسىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتىكى «پەلسەپىۋى ھېكايە»(philosophical fiction) شەكىللەندۈرگەن. ھازىرغا قەدەر تۆت رومان، ئۈچ پارچە ھېكايىلەر توپلىمى، ئىككى پارچە مەخسۇس ئىستېتىكا ئەسىرى يازغان، ئامېرىكىدىكى ئافرىقا ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن ئۈچ توپلام تۈزگەن، ئىككى پارچە رەسىم توپلىمى، كۆپ تېلېۋىزىيە تىياتىرى يازغان، نۇرغۇن نەسىر ۋە ئوبزور ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى رومانى - «قۇل ئېلىپ سېتىش كېمىسىنىڭ سەپىرى»(  Middle Passage, 1990) 1990-يىلى ئامېرىكا مەملىكەتلىك كىتاب مۇكاپاتىنىڭ رومان تۈرى بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. چارلېز رىچارد يوھانسون 1953-يىلى رالف ئېللىسوندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەر نېگىر يازغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

1853-يىلىنىڭ بىر پەيشەنبە كۈنى، بوستوننىڭ بازىرىدا بىر نېگىر، بىر ئاق تەنلىك ئىككى كىشى بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىككەيلەن بىر-بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلار ھايات-ماماتلىق ماجراسىغا چۈشۈپ قېلىشقانىدى. بۇ ماجرا جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىنىڭ بىر يېزىسىدىن ماسساچۇسېتس شىتاتىغىچە داۋاملاشقانىدى، بۇ ئۈچ ئايغا سوزۇلغان مەزگىلدە نېگىر  ھەر خىل ياسىنىپ ھەممە يەردە يوشۇرۇنۇپلا يۈردى، ئىسىمىنى ئۆزگەرتتى، ھەل قىلغۇچ پەيتتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قېچىپ قۇتۇلدى. ئاق تەنلىك بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن قالماي ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلدى، ئاخىرى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى چۈشتىن كېيىن ھەر ئىككەيلەن سۇ بويىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بۇ ئۈستى ئوچۇق بازارغا يېتىپ كېلىشتى.
قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى ھەم قاچقۇنمۇ ھېرىپ مادارىدىن كەتكەن ئىدى.
قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى بازارنىڭ سىرتىدا توختىدى، ئۇ تەر ھىدىغا تولغان ھاۋادىن نەپەسلەنگىنىچە بازاردىكى ساناقسىز يايمىغا كۆز تىكتى. يايمىلاردا يېڭىلا دوخۇپكىدىن چىقارغان بولكىلار، ھەر خىل ئوت-ياش كۆكتاتلار، يېڭىلا تۇتۇپ كېلىنگەن بېلىق، ھەمدە يەنە ياغاچ ئويما دېگەندەك ھەر خىل قول ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرى، رەڭلىك پاختا يوتقان، قولدا تىكىلگەن مامۇق كىيىم قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. يايمىچىلار ئىچىدە بوستونلۇق نېگىرلارمۇ، ئاق تەنلىكلەرمۇ بار ئىدى. ئۇ يەنە  ئۆزى ئىزدەۋاتقان نېگىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق نېگىرلارنىڭ يايمىسىنىڭ بازارنىڭ ئاخىرىدا، ئاق تەنلىكلەرنىڭكىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىگمۇ دىققەت قىلدى. چىرايى كۆرۈمسىز، شوتلاندىيە شېۋىسىدە سۆزلەيدىغان بىر يايمىچى بېشىغا ھۆرلەر قالپىقى، ئۇچىسىغا پوسمىلىق چاپان كىيىۋالغان بولۇپ، تۇيۇقسىز قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچىنىڭ يېڭىنى تارتىپ يەنە بىر قولىدا يېنىدىكى ئۈستەلنى كۆرسەتتى. قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى غەزەپ بىلەن ئۇنى سىلكىۋېتىپ قىستاڭ بازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاراپ سىلجىدى، ھەمدە قالپىقىنى پەسكىرەك سىڭايان قىلىپ يۈزىنى توسۇپ، يۇڭ ئەدىيال ئېسىلغان بىر يايمىنىڭ يېنىدا تۇردى. ئۇ شۇ يەردە قوغلاپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان نېگىرنى كۆرۈپ تۇردى، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارا قىلمىدى. ئۇ سىگان پوسۇنىدىكى يېپىنچىسىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ سۇپپورت كولې -31 تىپلىق رېۋولۋېر(ئالتە ئاتار)تاپانچىسىنى سىلاشتۇردى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ بارماقلىرى قاتلاغلىق بىر قەغەز پارچىسىغا ئۇرۇندى. قوغلىغۇچى قەغەزنى ئېلىپ ئاستا ئاچتى. ئۆتكەن ئۈچ ئايدا ئۇ شىمالى كارولىنا، ۋىرگىنىيە، پىنسىلىۋانىيە، نىيۇ يورك قاتارلىق شىتاتلارنىڭ نۇرغۇن يېزا-بازارلىرىدا مەيلى كېچىسى ياكى كۈندۈزلىرى بولسۇن، سوغۇق چۈشكەنلەردە ئوتقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ يەنە قانچىلىك ۋاقىتلاردا بۇ سۆيۈنچە پۇلنى ئېلىشقا نىسىپ بولار دەپ ئويلىغانلىرىدا بۇ قەغەز پارچىسىنى يۈز قېتىملارچە ئېچىپ قارىغاندۇ. كۆپ قېتىم قاتلاپ، ئېچىلغاچقا قەغەز پۈرلىنىپ، ئۈستىكى خەتلەر تۇتۇقلىشىپ كەتكەن ئىدى. قەغەز پارچىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇرجىكىدىكى ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن قان ئىزلىرى ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى، قان دېغى ئاكىسى جېرې مياخنىڭ قېنىنىڭ ئىزى ئىدى. قان دېغىنىڭ ئاستىدا مۇنداق ئېلان يېزىلغان:
يەكشەنبە كۈنى فىرانك ئىسىملىك بىر نېگىر قۇل چارلوتتېدىن قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ بىر قولىنىڭ بېغىشىدا تارتۇق بار، بىر تال ياكى بىر نەچچە تال ئۇدۇل چىشى چۈشۈپ كەتكەن، ساۋاتلىق، تۆمۈرچىلىك ۋە ئىگەر ياساشقا ماھىر. بۇ قۇل ھاراققا بەك ئامراق بولۇپ، دائىم غەرق بولغۇچە ئىچىۋالىدۇ، ئەمما سەگەك ۋاقتىدا قوپال ھەم خەتەرلىك ئەبلەختۇر. بۇ قۇلنىڭ نەگە قاچقانلىقى نامەلۇم، مەن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 200دوللار سۆيۈنچە بېرىشنى خالايمەن.
جۇب كاتون
                               1853-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى ئۆرە تۇرغان يېرىدىن نېگىر ئۇستىكارنى ياندىن كۆرەلەيتتى. ئۇ ياغاچ ئويمىلار تىزىۋېتىلگەن ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، يېنىدىكى بېلىق سېتىۋاتقان نېگىر موماي ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سېتىۋاتقان تاقىرباش نېگىر ئەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتتى. قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى ئۇنىڭ نەق فرانك ئىكەنلىكىنى جەزم قىلدى. ئۆتكەندە ئۇنى نورفولكتا كۆرگەنىدى، ئۇ چاغدا فرانك ئۇزۇن ئىشتان، يەڭسىز كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى. بۈگۈن ئۇ ئۆيدە توقۇلغان رەختتىن بىر يۈرۈش كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ ئۆزگىچە كۆرۈنەتتى. قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى ئۈستەل ئاستىدا بىر بوتۇلكا ھاراق قويۇلغانقىنىمۇ كۆردى، نېگىر پات-پات ئوتلاپ قوياتتى. قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى نېگىرنىڭ مۇشۇ تەپسىلاتلىرىغىچە چۈشىنىپ يەتكەنلكىگە ناھايىتى مەمنۇن بولۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ ھازىرلا يەڭگىللىك بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا بېسىپ بارغۇسى كەلمىدى. جېرې مياخ دائىم ئۇنىڭغا: «ھەرىكىتىڭ بەك تېز بولۇپ كەتسە ئوۋنى ھۈركۈتۈپ قاچۇرۇپ قويىسەن. ھەرىكەتنى باشلايدىغان چاغدا بۇ تەرىپى ساڭا ئايدىڭ بولىدۇ» دەيتتى. ئۇ ھازىر فرانكنى پۈتۈنلەي قاپسىۋالغان ئىدى، بۇ چاغدا ئۇ ئاكىسىنىڭ نەخ مەيداندا بولىشىنى، فرانكنى بىرلىكتە تۇتۇشنى تولىمۇ خالايتتى. شۇغىنىسى ئاكىسى چارلېستوندا، ئۇنىڭ كۆزى قارغۇ ئىدى. فرانك جۇب كاتوننىڭ قورۇقىدىن قاچقاندا خوجىسىنىڭ تاپانچىسىنى ئوغۇرلىۋالغان. ئۇلار فرانكنىڭ ئاتخانىغا يوشۇرنىۋالغانلىقىنى بايقىغان. فرانك جېرې مياخقا بەش فۇت ئارىلىقتىن ئوق چىقاردى، ئۇنىڭ ئېتىش تېخنىكىسى بەك ناچار بولغاچقا تەككۈزەلمىدى، ئەمما ئوق پارچىسى ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىپ كەتتى. شۇنداق، قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى ئاكىسىنىڭ نەخ مەيداندا يوقلىقىغا ناھايىتى ئۆكۈنەتتى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ سۆيۈنچىگە ئېرىشكۈسى بار ئىدى. ئەمما فرانكنىڭ قېچىشى بىلەن بۇ قېتىمقى قوغلاپ ئۆلتۈرۈش ئىشى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئايلىنىپ قالدى. قوغلاپ ئۆلتۈرۈش باشلانغان دەسلەپكى ئايدا ئۇ فرانكنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنىلا ئويلايتتى، ئەمما ۋاقىتنىڭ ھەپتە-ھەپتىلەپ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن قۇللۇقنىڭ ئۆلۈمدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. قۇللۇق ئادەمنى ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن ئۆلتۈرىدۇ، ھەتتا بۇ كۆز كۆرمەسلىكتىنمۇ بەتتەر ئىكەن.
شۇڭا قوغلىغۇچى فرانكنى ئۆلتۈرمەي، تىرىك تۇتۇپ كېتىش قارارىغا كەلدى، جېرې مياخمۇ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى خالايتتى.
قاچقۇن قولىنى ئۇزىتىپ ھاراق بوتۇلكىسىنى ئېلىپ بىر نەچچە يۇتۇم ئوتلاپ ئۇسسۇزلۇقىنى ئازراق باستى. نېمە سەۋەبتىنكى ئۇ جەڭگە ھاراق ئىچكەندە ئىچمىگەن چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ماھىر بولۇپ كېتەتتى. ھازىر ئۇ خوجايىنىنىڭ تاپانچىسىنى تاشلىۋەتكەن، مۇشتۇمىدىن باشقا مۇداپىئە قورالى بولمىسىمۇ، بىر جەڭنىڭ ئۆزىگە يېقىنلاۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدى. ھامان كېلىدىغان بولغاندىكەن كېلە مانا، دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ كېلېمنس ۋالكېر ئىسىملىك ئاق تەنلىكنى، مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا يېقىندىن بېرى ئۇنى قوغلاپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىنى بازارغا كىرىپلا كۆرگەنىدى، ئۇنىڭ نېربلىرى ئىلگىرىكىدەكلا ئىنكاس قايتۇرۇۋاتاتتى. ئۇ گويا توشقان ئوۋ ئىتىنىڭ پۇرىقىنى ئالغاندەكلا قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچىنىڭ بۇ يەردە پەيدا بولغانلىقىنى سەزگەن ئىدى. ئۇ بۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ نېگىرلاغا قارىشىدىن مۇشۇنداق ئىنكاسقا كەلگەنىدى. كۆپ ساندىكى ئاق تەنلىكلەر نېگىرلاغا گويا ئۇلارنى كۆرمىگەندەكلا ئىنتايىن پەرۋاسىزلىق بىلەن قارايدۇ، ياكى گويا چىتلاقنىڭ قوزۇقىدەكلا ئەرزىمەس نەرسە دەپ بىلىدۇ، يا سېنىڭدىن قورقۇپ بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالىدۇ. ئەمما قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى ئۇنداق قىلمايدۇ، بۇنداق ئادەم تۇتۇش ئېلانىدىكى رەسىمىڭ بىلەن چىرايىڭنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زەن سېلىپ قارايدۇ. ۋاھ، دەل شۇنداق، بۇنداق قاتىللار ساڭا ئۆلگۈدەك تىكىلىپ قارايدۇ.
فرانك قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچىنى مۇشۇنداق بىلىۋالغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋالكېرنى ئالتىنچى سەزگۈسىگە تايانمايمۇ تونۇۋالالايتتى. ئۇ سول مۈرىسىنى ئۇۋۇلىدى. نەچچە ئاي ئىلگىرى جېرې مياخ ۋالكېرغا ئوق چىقارغاندىن كېيىن، پومداقلاشقاندا كېلېمنس ئۇنىڭ دولىسىنى قاتتىق چىشلىۋېلىپ فرانكنىڭ دولىسىدا چىشلىرنىڭ ئىزىنى قالدۇرغاندى. شۈبھىسىزكى كېلېمنس ھەر قانداق يەرگە قېچىپ بېرىۋالغان تەتقدىردىمۇ فرانك ئۇنى بىر قاراپلا تونۇۋالالايتتى. خوجىسىنىڭ قورۇقىدىن قېچىپ چىققاندىن بېرى فرانك چۈشتە، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا قاباھەتتلىك چۈشتە ياشاۋاتاتتى. ئۇ ھەر كۈنى ھۇشيارلىق بىلەن يۈرىشى، ھەر ۋاقىت تاپانچىسىنى بەتلەپ، كويزا تەڭلەپ يۈرگەن كېلېمنسنى بايقاپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. بۇنداق ھېسسىيات گويا كېلېمنس ئۇنىڭ بەدىنىگە ئورناپ كەتكەندەك، ئۇنى قورقۇتىدىغان ئالامەتكە ئايلانغاندەكلا ئىدى.
كېلېمنسنى كۆرۈپلا ئۇنىڭدا پەيدا بولغان تۇغما ئىنكاس قېچىش ئىدى. بىراق، پەرۋەردىگارىم! ئۇ قېچىشتىن جاق تويدى، يالغۇزلۇقتىن بەزدى. ئەينى چاغدا ھۆرلۈك ئۈچۈن قاچقاندا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۇنداق يالغۇزلۇق ۋە شۈبھىلىكنى ئويلىمىغان ئىدى. نەچچە ئايدىن بېرىقى تۇرمۇشى قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتتى، ھەر ۋاقىت تۇتۇلۇپ قېلىپ يەنە قايتا قۇل بولۇش ئازابىغا قېلىشتىن قورقۇپلا ئۆتتى. شۇڭا شۇندىن بېرى فرانك ھېچكىم بىلەن گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى. ھەربىر ئاق تەنلىك ئۇنىڭ ئۈچۈن دۈشمەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى، ھەرقانداق نېگىرغىمۇ پۈتۈنلەي ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايتتى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي قاچقۇنلۇقتا ئۇ يەنىلا تەلەيلىك ئىدى، نۇرغۇن قاچقۇنلارغا قارىغاندا خېلىلا تەلەيلىك چىقتى. ئۇ ئۇچراتقان بىرنەچچە ئاق تەنلىك باستېرنىڭ ھەممىسى «يەر ئاستى تۆمۈر يول»نىڭ خادىملىرى بولۇپ، فرانكنىڭ خوجايىنى قىياپىتدە ئۇنى قوغداپ كەلدى، ئۇنىڭ كارولىنا ۋە ۋىرگىنىيە شىتاتىنى كېسىپ ئۆتۈشىگە ۋاقىت يارىتىپ بەردى. ھازىر مانا بوستوندا ئۇ نۇرغۇن نېگىرلارنى بايقىدى، ئۇلار ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماستىن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشتى. ئۇلار ئىخلاسمەن مۇرتلار بولۇپ، ئۇلار سىتۇرىيانلار ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىنىڭ كارتىنىسى ئىدى. فرانك ئۇلارنى خرىستوسنىڭ قۇربانلىرى دەپ چۈشىنىشكە باشلىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا باشپاناھ بولدى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچىكىدىن خەۋەر ئالدى، ئۇنىڭ تۇرمۇشنى يېڭىۋاشتىن باشلىشىغا ياردەم قىلدى، يەنە تېخى ئۇنىڭغا يېڭى ئىسىم قويۇشتى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئىسمى بولسا: جاكسۇن لې. ئۇ قۇل چېغىدا ئۆگىنىۋالغان ھۈنىرى ۋە تۇغما تالانتىغا تاينىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىۋالدى، ھېچ بولمىغاندا ھازىرچە شۇنداق بولدى.
فرانك قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئۆزىگە ئاستا-ئاستا يېقىنلاۋاتقانلىقىنى كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا كۆرۈپ تۇردى، قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى ئايلىنىپ بازارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ فرانكنىنىڭ كەينىگە قېچىش يولىنى ئۈزدى، چۈنكى فرانك قىرغاققا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغانىدى. دەل بۇ چاغدا فرانىك قاچماسلىق، مۇشۇ يەردىن ھېچيەرگە بارماسلىق، ئۆلۈشكە توغرا كەلسە مۇشۇ ھۆر نېگىرلار ئارىسىدىلا ئۆلۈش قارارىغا كەلدى. ئۇ بۇ ھۆر نېگىرلارنىڭ چېركاۋىغا بارغان، باستېرنىڭ: ئادەم ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى كېرەك، چۈنكى مۇقەددەس ئەيسا ئۆلۈمنى مەڭگۈلۈك بويسۇندۇرغان، مۇبادا بىر ئادەم ئۆلۈمگە تەييارلىنىپ بولغان بولسا ھېچكىم ئۇنى قۇل قىلالمايدۇ، دېگىنىنى ئاڭلىغانىدى.
قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى فرانكنىڭ يايمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۇ يايمىدىكى ياغاچ ئويمىلارغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بىر ئاتنى قولىغا ئالدى ۋە تەپسىلى قارىۋەتكەندىن كېيىن ميىغىدا بىلىنەر بىلىنمەس كۈلۈمسىرىدى-دە:
- ناھايىتى ياخشى ئويۇپسەن، - دېدى.
- ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت.
- ئىلگىرى چارلېستوندا بىر يىگىتنى تونۇيتىم، ئۇمۇ ياغاچ ئويمىچىلىققا سەندەكلا ئۇستا ئىدى.
- شۇنداقمۇ؟
- ھىم،- قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى ياغاچ ئاتنى قويۇپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى- ئۇ دېگەن بىر زەڭگى، ئىسمى فرانك. سەن ئۇنىڭ ھۈنىرىنى بىلمەيسەنغۇ دەيمەن، شۇنداقمۇ؟
- بىلمەيدىكەنمەن، - دېدى فرانك بېشىنى چايقاپ – مەن ئەزەلدىن چارلېستونغا بېرىپ باقمىغان. مەن ئۆمۈر بويى مۇشۇ يەردە ياشاۋاتىمەن، ئىشەنمىسىڭىز بۇ يەردە كىمدىن سورىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. - ئۇ بېشىنى سىڭايان قىلىپ تاقىر باش ئەرگە ئىشارەت قىلىۋېتىپ يەنە نېگىر مومايغا ئىشارە قىلدى، ھەمدە، - شۇنداقمۇ، - دەپ سوراپ قويدى.
- شۇنداق ئەپەندى، - دېگەچ ئالقىنىنى تۆۋەنگە قىلىپ قولىنى بېلىگە ئەكەلدى ۋە – جېكسون مۇشۇنچىلىك چېغىدىن تارتىپلا ئۇنى بىلىمەن.
- شۇنداق، ئۇ بىزنىڭ چېركاۋلىق، - دېدى موماي سۆز قىستۇرۇپ.
قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى كۆزىنى قىسىپ قويۇپ غەزەپ بىلەن ئىككەيلەنگە مۇنداق دېدى:
- مېنىڭچە بۇ ئىش ماۋۇ ئىككىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىزغۇ دەيمەن، - ئۇ شۇزامان فرانكقا قارىدىدە، گېپىنى داۋاملاشتۇردى، - فرانك، مەن بۇ يەرگە سەن بىلەن ئويۇن ئوينىغىلى كەلمىدىم.
- مېنىڭ ئىسمىم جاكسون لې.
- شۇنداقمۇ، سەن جاكسون بولساڭ مەن پرېزدېنت ئاندرو جاكسون بولىمەن.
قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى ئالدىرىماي تاپانچىسىنى چىقاردى، ئۇ بىلىكىنى ئېگىپ بەدىنىگە جىپسلاپ تاپانچىنى قاچقۇنغا تەڭلىدى:
- ئورنىڭدىن تۇر.
فرانك قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ تاپانچىنىڭ قاپقارا سىتۋولىغا تىكىلگىنىچە:
- تۇرمايمەن.
- تۇرمىساڭ سېنى ئۆلتۈرۋېتىمەن، ھۇ قارا زەڭگى! مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا!
- قارىغاندا شۇنداق قىلماي ئامالىڭ يوق.
- ئەپەندى! قول سېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، - دېدى قېرى موماي.
- ئۇنداق قىلماڭ، - يالۋۇردى تاقىر باش – ئۇنىڭ ئۆيى مۇشۇ يەردىلا.
قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ چۇڭقۇر بىر نەپەس ئالدى ۋە مۇنداق دېدى:
- ھەرقايسىڭ ئاغزىڭنى يۇمۇش، ئارىلاشما! بۇ ئىش سەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
بازاردا ئوق ئاۋازى ياڭراپ، جىمجىتلىق بۇزۇلدى. ئىككىنچى پاي ئوق ئاۋازى ياڭرىغاندا سودىگەر ۋە ئالارمەنلەر قىيا-چىيا قىلىشىپ شامال ئۇچۇرتقان غازاڭدەك تەرەپ-تەرەپكە قېچىشتى، ئۈستەل-ئورۇندۇقلار ئۆرۈلدى، بەرەڭگە، يېسۋىلەك، تاۋۇزلار قالايمىقان دۈگۈلۈپ ھەممە يەرنى بىر ئالدى. قاتتىق ئوق ئاۋازى بېسىققاندىن كېيىن  بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، پەقەت سۇ بويىدىكى شامالنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. ئوڭتەي-توڭتەي بولۇپ كەتكەن يايمىلار ئارىسىدا قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى بىلەن قاچقۇنلا قالغانىدى، قوغلاپ ئۆلتۈرگۈچى بىر يۇڭ ئەدىيالنىڭ ئاستىدا ياتاتتى، ئۇ ئۆلگەنىدى، ئۇ يىقىلغاندا ئەدىيالنى تارتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن ئىدى. بۇ يەردە يەنە قاچقۇننىڭ دوستى- بېلىق ساتقۇچى موماي ۋە تاقىرباشمۇ بار ئىدى. بۇ ئىككەيلەن ھۆرلۈك جەمئىيىتى بوستۇن شۆبىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، مەخسۇس سۆيۈنچە ئۈچۈن قاچقۇن نېگىرلارنى قوغلاپ ئۆلتۈرىدىغان قاتىللارنى ئۆلتۈرەتتى. تاقىر باش ئەر فرانكنىڭ باستېرى، موماي بولسا باستېرنىڭ ئانىسى ئىدى. مۇشۇ ئىككەيلەن فرانكنى پاناھىغا ئالغان ھەمدە بازاردا ئۇنىڭغا يايما ئېچىپ بەرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېتىش تېخنىكىسى فرانكنىڭدىن كۆپ ياخشى ئىدى.
مۇشۇنداق مەرگەنلەر بىلەن دوست بولسا نېمە دېگەن ياخشى ھە، دەپ ئويلاپ قالدى فرانك.

«تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 1-سانىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 5
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 20:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىنى قىزىقىش ئىچىدە ئۇقۇپ چىقتىم. ھەم ئاخىرىدىن رازى بولدۇم. ئادەم بەزى ھىكايىنى ئۇقۇۋېتىپمۇ زىرىكىپ قالىدۇ. لىكىن بۇ ھىكايىنى ئۇقۇغان كىشى ئىختىيارسىز ھىكايە ئىچىگە كىرىپ كىتىدىكەن. ھىكايىنى يوللىغان ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 116
تۆھپە : 2
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 21:00:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى راۋان تەرجىمە قىلىنىپتۇ.تەرجىمە ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  236
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 235
تۆھپە : 1
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 22:30:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارغۇ، سىز تەرجىمە قىلغان شۇ سان ژورنالدىن مەن «كۆڭۈللۈك ھەپتە ئاخىرى» دېگەن ھېكايىنى تەرجىمە قىلغان ئىدىم، تاس قاپتىكەنمەن ماۋۇ ھېكايىنى تەرجىمە قىلغىلى. ھاھا...
چەتئەل ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرىدىغان نوچى ژورناللار بولسا تەۋسىيە قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 336
تۆھپە : 1
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 22:36:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلا، مەن شۇ تەرجىمىلەر ژۇرنىلىنىلا كۆرىمەن، ئۇندىن باشقا بېيجىڭدىن چىقىدىغان چەتئەل ئەدەبىياتى، دۇنيا ئەدەبىياتى دەيدىغان ژۇرناللار بار، ئۇ ژۇرناللارغا پەقەت مۇشتېرى بولساقلا كۆرەلەيمىز، ئادەتتە كىتابخانىلاردا يوق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Arghu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 22:36  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  236
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 235
تۆھپە : 1
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 22:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ژورنالنىمۇ 2- ئايدا ئۈرۈمچىدىن سېتىۋالغان ئىدىم، خەنزۇچە كىتاپخانىلاردا دۇنيا ئەدەبىياتىغا دائىر بىر ژورنالمۇ كەلمەيدۇ دېسە بۇ يەرگە. مۇشۇنداق ئارىلىقتا مۇشتىرى بولساقمۇ ئەۋەتىپ بېرەمدىغاندۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 336
تۆھپە : 1
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 23:39:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئەۋەتىپ بېرىدۇ، ئاۋۇ ئىككى ژۇرنالغا مەنمۇ مۇشتېرى بولۇپ باقمىغان، تەرجىمىلەر ژۇرنىلىغا بىر قانچە يىلدىن بېرى مۇشتېرى بولۇپ كېلىۋاتىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش