ئابدۇلۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى 1974-يىلى10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ئاقتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلدىن 1992-يىلغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇغان. 1992-يىلى سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ بېناكارلىق فاكۇلتىتى قۇرلۇش ئۆلچەش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. 1996-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك سۇ ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنغان. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ مۇشۇ ئىدارىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى 1993-يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇنتۇلماس بىركۈن» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن تارتىپ ھەرقايسى گېزىت – ژورناللاردا ئۇنىڭ 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، شېئر ، نەسىر ۋە ئىلمى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ تۈزگەن (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) «ھايۋانلارمۇ سۆزلەيدۇ»، «چۆچەكلەرنىڭ چۆچىكى» ناملىق كىتابلار شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرياتى تەرپىدىن 2008-يىلى نەشىر قىلىنغان. 2010-يىلى يەنە شۇ نەشىريات تەرىپىدىن ئۇنىڭ «ئەل–يۇرت ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەرگە شەرھى» دېگەن كىتابى نەشىر قىلىنغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ياز غۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
|