ھايات دىگەن سەن ئۈچۈن بىر تېپىشماق
پەرىدە توختاخۇن
ھايات دىگەن سەن ئۈچۈن بىر تېپىشماق،
سۇنار گاھى ساڭا قوشلاپ تەختنى.
تۇتۇپ قالسا ئەگەر ئۇنىڭ قەھىرى،
ئېلىپ كېتەر بېشىڭدىكى بەختنى.
ھايات دېگەن سەن ئۈچۈن بىر تېپىشماق،
سۆيگەنلەرنىڭ سىلاپ ئۆتەر بېشىنى.
ھاياتىڭغا قىلىپ قويساڭ گەر چاقچاق،
شۇئان كۆزدىن ئاققۇزىدۇ يېشىنى.
ھايات دېگەن سەن ئۈچۈن بىر تېپىشماق،
قەدىمىدىن تۆكىلىدۇ ئارمانلار.
بىلمىسەڭ گەر ئالتۇن ۋاقت قەدرىنى،
بولماس سەندە مەڭگۈلۈككە دەرمانلار.
ھايات دېگەن سەن ئۈچۈن بىر تېپىشماق،
ئېتىلىدۇ يۈرۈگۈڭگە بولۇپ ئوق.
ياششىساڭمۇبۈگۈن دەۋران ئىچىدە،
ئەتە،ئۆگۈن بەلكىم ساڭا شۇ كۈن يوق.
قەدىرلەيلى شۇڭا دوستۇم ھاياتنى،
باغلايلى بىز ئېلىمگە چىن ئىشتىياق.
گەر گۈللەتسەك ئىلىم بىلەن دىللارنى،
ھايات بىزگە كۈلۈپ ئاچار كەڭ قۇچاق.
مەنبە: ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرىدە توختاخۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 16:56