كامىلجان ناسىر(دىلداش)
ئوتلۇق تۇيغۇ جىمىرلىغان تەن ،
تاتلىق -تاتلىق تولغىنار بۇدەم.
يۈرىكىمگە كىلەر يېقىنلاپ،
پەرىشىدەك ئوماق پەرىشتەم.
قەلبىمدىكى غەمكىن پىغانلار،
تەشنا شۇتاپ سېنى سۈيۈشكە.
تىنىقلاردىن ئۈنگەن ئوتلۇق ھېس،
گۇۋا بولدى ساڭا كۈيۈشكە.
سەندىن ئەنداز ئالغان تۇلۇنئاي،
بۇ سۈرەتنى ئالغاندۇ سىزىپ.
ساڭا كۆيگەن غەمكىن بۇلۇتلار ،
ھەم بولغاندۇ سۆزىنى يېزىپ.
زارىقىشقا بېرىپ تەسەللى،
دىلخانەمگە باقىسەن قىيپاش.
ئۈنەر ئاستا كىچە قوينىغا ،
ئۈمۈدلەردىن تۇغۇلغان قۇياش.
ۋىسال كۈتۈپ كەلمەكتە بۇدەم،
چاك - چاك بۇلۇپ سارغايغان يۈرەك.
شەبنەم بۇلۇپ سىڭدى باغرىڭغا ،
چولپان كەبى پارلىغان تىلەك.
كەل ۋەسلىمىز ئۇرسۇن بىر بەرق،
يوق بوپ كەتسۇن دىلدىكى مانان.
سۆي ئاغرىتىپ مىسكىن لىۋىمگە،
قۇچىقىڭدا جان بىرەي جانان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 14:55