تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 552 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 2

درامما«داغلانغان يۈرەكلەر» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 79
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 14:40:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داغلانغان يۈرەك
نۇرمۇھاممەت ھاشىم
( 4 كۆرنۈشلۈك درامما )

سالامەت _ 19 ياشلاردىكى قىز

ئەكبەر _ 22 ياشلاردىكى ئوقۇتقۇچى يىگىت .

يۇنۇس _ ئەكبەرنىڭ دادىسى ، 50 ياشلاردا .

ئانارخان _ ئەكبەرنىڭ ئانىسى ، 45 ياشلاردا .

ئەخمەت سادىق _ سالامەتنىڭ دادىسى ، 50 ياشلاردا .

سائادەتخان _ سالامەتنىڭ ئانىسى ، 43 ياشلاردا .

1 _ كۆرنۈش

سەھنە كۆرنۈشى:كەچ كىرگەندىكى يول بويى،يول سىرتىدىكى ئورمانلىق. يولدا ئادەم

يوق . سالامەت ئاستا قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ كېلىدۇ . سالامەت توختاپ ئەتراپقا قارايدۇ . سەل خىجىل بولغان ھالەتتە ئۇيان _ بۇيان مېڭىپ يەرگەباقىدۇ . توختاپ ئۆزىگە سۆزلەيدۇ.

سالامەت : ئەكبەر تېخى كەلمەپتۇ ، بىر دم ساقلاپ باقاي . بەلكىم ئۇ... ئۇ مېنى راست

ياخشى كۆرەمدىغاندۇ ؟ ! ( دەپ لېۋىنى چىشلەپ ، خىجىللىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ سەل تۇرىدۇ ) ياق ، ئۇنىڭ قەلبىگە بۇنداق گۇمان بىلەن قارىسام بولمايدۇ . ئۇ مېنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرىدۇ . ماڭا گەپ قىلغاندىكى ھالىتى بەكلا سەمىمى . لېكىن . . . . لېكىن ھازىر نۇرغۇن يىگىتلەر بەك ئالدامچى ، قىزلارنى خۇددى ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرىدۇ ؛ خالىسا ، سىزنى ياخشى كۆرۈمەن ، سىزسىز ياشىيالمايمەن دەيدۇ . خالىسا بىر چىشلەپ قويغان ئالمىدەكلا تاشلىۋىتىدۇ . بۇنداق قىلىدىغانلار _ قىزلارنىڭ پاك قەلبى بىلەن ئوينىشىپ ساپ ، گۈزەل ھېسياتىنى ئاياق ئاستى قىلىپ تاشلىۋىتىدىغانلار زادى ۋىژدان ئازاۋىغا قالمامدىغاندۇ ؟ ئۇنداق يىگىتلەر قىزلارنى ھەقىقى ياخشى كۆرەلمەمدۇ ياكى ئۇلارنىڭ تەبىئېتى شۇنداق نومۇسسىزمىدۇ؟...ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاچا _ سىڭىللىرىغا ئوخشاش ساددا ، گۈزەل قىزلارغۇ!  ... دوستۇم گۈلسۈمنى ئېسىمگە ئالسام ،يۈرىكىم ئىتتىك سوقۇپ قورقۇپ كېتىمەن . ئۇنى يىگىتى تاشلىۋەتكەندىن بېرى ئۇ خۇددى ئېغىر كېسەل تارتقان كىشىدەك تۈگۈشۈپلا كەتتى،ئۆيىدىن تالا  _ تۈزگىمۇ چىقمايدۇ . ئۇنىڭغا بەكلا ئۇۋال بولدى...ھەرقېتىم ئۇنى كۆرگىلى بارغىنىمدا ، بىز قىزلارنىڭ تەقدىرى راستىنلا مەڭگۇ باشقىلارنىڭ قولىدىمىدۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن...بولدىلا ، بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىشلارنى ئويلىماي . مەن ئەكبەرگە ئىشىنىمەن ، ئۇ مېنى ئالدىمايدۇ . مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈممۇ سەمىمى ، ھېسياتىم چىن . ئەمما...دادام ئاپاملار نېمە دەركىن ؟ بۇرۇن بىرنەچچە قېتىم ئاپامنىڭ ئەكبەرنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى قانداقتۇ بىر ئىش تۈپەيلىدىن تىللاپلا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم . ئەكبەر بىلەن ئارلاشقان ئىشىمنى ئاپامغا قانداق دېسەم بولاركىن؟...( شۇ چاغدا ئالدىغا ئىككى قەدەم مېڭىپ توختايدۇ ) ئەكبەر  كېلىۋاتىدۇ . ( دەپ كەينىگە بىر قەدەم يېنىپ توختاپ ، يەرگە قارايدۇ )

ئەكبەر : ( سالامەتنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ) سىزنى ساقلىتىپ قويۇپتىمەن _ ھە؟ مېنى

كەچۈرۈڭ ! ( ئۇ بىر قىزغىن ھالەتتە شۇنداق دەيدۇ )

سالامەت : ( بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇلايىم قىياپەتتە ) داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىسىز ،

مەنغۇ ساقلاشتىن زېرىكىپ قالمايمەن...ئىشقىلىپ ساقلىشىم بىھۇدە كەتمىسىلا بولدى .

ئەكبەر : سىز مەڭگۇبىھۇدە ساقلىمايسىز ، مېنىڭ ئوتتەك يۈرىكىم دائىم سىزگە ھەمرا .

ئەمما كۆپ قېتىم سىزنى ساقلىتىپ قويغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالسام ئالدىڭىزدە بەكلا خىجىللىق ھېس قىلىمەن .سىز ھەقىقەتەن سەۋىرچان.مەن سىزنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ھەم مېنى قوللايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن . بولمىسا ھەرقېتىم سىز بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ، سىزنىڭ ساقلاپ قالىدىغانلىقىڭىزنى ئويلىساملا  شۇنچىلىك ئالدىرايمەن . قانىتىم بولسا بىرلا پەرۋاز بىلەن ئالدىڭىزدا پەيدا بولسام دەپ ئارزۇ قىلىپ كېتىمەن...شۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتىمنى سىز تەسەۋۇر قىلالمايسىز.( ئەكبەر شۇنداق دەپ سالامەتنىڭ ئىككى قولىنى تۇتىۋالىدۇ . سالامەت بۇنىڭدىن چۆچۈپ ئەتراپقا قاراپ قويىدۇ ، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەكبەرگە قارايدۇ .) مېنى سۆيۈملۈك بىر گۈزەل قىز ساقلاۋاتىدۇ ، ئۇ مېنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرىدۇ . ئالدىرىشىم كىرەك ، بۇ قىزنى ساقلاتسام بولمايدۇ ،دەپ ئويلاپ شۇنچىلىك تەقەززا بوپ كېتىمەن ، خۇددى سىز ئۇچۇپ كېتىدىغان بىر قۇشتەك ئالدىرايمەن.

سالامەت : مەن مەڭگۈ ئۇچۇپ كەتمەيمەن !

ئەكبەر : راستما ؟ سىز مېنى شۇنداق ياخشى كۆرەمسىز ؟ مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق

ساقلىشىڭىزغا ئەرزىمدىمەن ؟

سالامەت : راست ، سىزنىڭ قەلبىڭىز بىر ئالتۇن قەپەز بولۇپ مېنىڭ قۇش كەبىي يۈرىكىمنى

ئۆز ئېلكىگە ئېلىۋالدى . بۇ سىزنىڭ ئالتۇن قەپىزىڭىز دائىم ۋاپادارلىق ئىچىدە مېھرى _ شەپقەتكە تولۇپ بۇ قۇشنىڭ دىلىغا ئازار بەرمىسىلا ، بۇ قۇش مەڭگۈ ئۇچۇپ كېتىشنى خالىمايدۇ...سىزگە يىقىملىق ناخشا ئېيتىپ ، شوخ سايراپ بېرىدۇ... ( سالامەت شۇنداق دەپ يەرگە قارايدۇ )

ئەكبەر : سالامەت ! ...( ئەكبەر شۇنداق دەپ سالامەتنى قىزغىن ئاستا قۇچالىماقچى

بولىدۇ،سالامەت « ياق،بۇ كوچىدا...»دەپ ئۇنى ئاستا رەت قىلىدۇ .ئەكبەر ھاياجان ئىچىدە ئەتراپقا قارايدۇ،ئاندىن مەپتۇنلۇق بىلەن سالامەتكە يۈزلىنىدۇ ) مەن سىزگە رەھمىتىمنى قانداق بىلدۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتىمەن . (  دەپ يۇقۇرغا قاراپ قويىدۇ ) مەن ئاتا _ ئانامنىڭ بىر تاللا بالىسى بولغاچقا ئۆيدە يالغۇز چوڭ بولدۇم . بۇ كىچىكلىگىمدە ئۇنچە بىلىنمىدى ، بىراق چوڭ بولغانسىرى ئۆزۈمنى بىر يىگانە ئادەمدەك ھېس قىلدىم . چوڭلار بولسا ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ، مېنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدىغان نە بىر قىرىندىشىم يوق . شۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغانلىغىم ئۈچۈنمىكىن بىرەرسى بىلەنمۇ دوست بولالمىدىم.بۇنداق غىرىپلىق ئىچىدە ئۆز ئىچىمنى تىڭشاپ يۈردۈم . ياكى بولمىسا توختىماي كىتاپ ئوقۇدۇم.بىراق ئاشۇ خىيالى مەنزىرلەر ، ھەسرەتلىك رومانتىك توقۇلمىلار بىلەن تولغان كىتاپلار مېنى خۇددى رېئاللىقتىن ئايرىپ باشقا بىر دۇنياغا ئەكىتىپ ، بارغانسىرى تەنھالىق پاتقىقىغا چۆكۈرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى . بۇ مەن ئۈچۈن بەكلا مەنىسىزلىك ئىدى،لېكىن مەن بۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇشنىمۇ بىلمەيتتىم . ئىنساننىڭ ھاياتى مۇشۇنداق ئۆتەمدىغاندۇ ، دەپ ئۆز _ ئۆزۈمدىن سورايتتىم . بەختكە يارىشا سىز بىلەن قاچان تونۇشتۇم شۇندىن بىرى ھايات ماڭا ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرىنى چاچتى . ( ئۇ شۇنداق دەپ يەنە سالامەتنىڭ قولىنى تۇتىدۇ ) سىز مېنىڭ مەڭگۈلۈك پەرىشتەم ، سىز بولغاچقىلا مېنىڭ قەلبىم قىزغىنلىق ئوتى بىلەن ، بەخت ، شاد _ خوراملىق بىلەن تولدى. ھاياتىمنىڭمۇ مەنىسى بار بولدى .

سالامەت : ئۆتكەنكى يىگانىلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ، ئىككىمىزنىڭ قىزغىن، پاك

مۇھاببىتى مەڭگۈ يالقۇنلاپ ئۆزىنىڭ قۇياش نۇرىنى بىزگە چېچپ ، بىزنى ئەبەدىلىك بەختكە چۆمدۈرىدۇ . بىز بىر ئۆمۈر بىر بىرىمىزگە ھەمرا بولۇپ شاد _ خورام ئۆتۈمىز .

ئەكبەر : سالامەت ، سىز مېنىڭ بىر پەرىشتەم ! سىز بىر ھەقىقى پەرىشتە،ئاتا_ ئانام

مېنىڭ جىسمىمنى دۇنياغا كەلتۈرگەن بولسا سىز مېنىڭ قەلبىمنى ، روھىمنى ئاپىردە قىلدىڭىز . مەن ئەمدى بۇندىن كېيىن بىر ئۆمۈر سىز ئۈچۈن ياشايمەن . سىزنى بەختلىق قىلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەقىدەم!

سالامەت:بىزنىڭ  ئەقىدىمىز مەڭگۈ قۇرىماس بۇلاق بولسۇن!بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا

سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىش مېنىڭ خۇشاللىقىم...

ئەكبەر : سالامەت ! (ئەكبەر  بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالغان  سالامەتنى  چاقىرىدۇ. سالامەت

ئۇياتچانلىق بىلەن بېشى كۆتۈرۈپ ئەكبەرگە قارايدۇ . ئىككىيلەن بىر بىرىگە قارىشىپ خېلى ئۇزۇن تۇرىدۇ .ھېچقايسىسى گەپ قىلمايدۇ . خېلىدىن كېيىن ئەكبەر پەس ئاۋازدا چاقىرىدۇ ) سالامەت ، ئەمدى ماقۇل بولۇڭ . ئاتا _ ئانام ئۆيۈڭىزگە ئەلچىلىككە بارسۇن .

سالامەت:بۇنداق ئالدىرمىساقمۇ بولىدىغۇ،ئىككىمىز ھازىرمۇخالىغان  ۋاقىتتا كۆرۈشەلەيدىغان تۇرساق.                                                                       ئەكبەر : ئۇغۇ شۇنداق . ئەمما ئىككىمىز توي قىلساق بۇنداق دالدا _ بۇلۇڭلاردا مەخپى

كۆرۈشۈپ قېينىلىپ يۈرمەيمىز،مۇھاببىتىمىز ئەركىنلىككە چىقىدۇ.مەن خاتىرجەم ھالدا كۈنلەپ _ كۈنلەپ سىزنىڭ مۇشۇ شەھلا كۆزلىرىڭىزگە قاراپ ئولتۇرالايمەن . يەنە تېخى خالىغان ۋاقتىمدا سىزنىڭ ئاشۇ يۇمران لەۋلىرىڭىزگە سۆيەلەيمەن . . .

سالامەت:سىز...(دەپ خىجىللىق بىلەن يەرگە قارىۋالىدۇ)

ئەكبەر :يەنە تېخى ھالىمادىس ئۆيۈڭىزگە بىزنىڭكىلەردىن بۇرۇن بىرەر يەردىن ئەلچى

بېرىپ بېشىڭىز باغلىنىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ شۇڭا ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەيلى. مەن سىزدىن ئايرىلىپ قالسام قانداق ياشاشنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن .

سالامەت : ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . مەن پەقەت سىز بىلەنلا توي قىلىمەن .ئاتا

_ ئانام مېنى ئۆزۈم خالىمايدىغان كىشىلەر بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر قىلمايدۇ ، ئەگەر ئۇنداق قىلسا باشقىلارغا بېرىدىغىنى مېنىڭ تىرىكلىكىم ئەمەس، بەلكى جەسىدىم بولىدۇ .

ئەكبەر : ھەي ، سىز تىخى بۇ كەمنىڭ ئاتا_ ئانىلىرىنى چۈشەنمەيسىز . ئۇلار باللىرىغا ئۆز

ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن باللىرىنىڭ قانداق تەلىۋى ، قانداق ئارزۇ_ خىياللىرى بارلىقى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.خۇددى زوراۋان پادىشاھلاردەك ئۆزىنىڭ دېگىنىنى مەجبۇرى تاڭىدۇ... سالامەت ، ئەمدى توي ئىشىمىزنى كەينىگە سۆرەۋەرمەيلى. بىز نېمىگە ساقلايمىز ؟ بەختىمىز ئۈچۈن ھەركەتكە كېلەيلى.ماقۇل دەڭ ، ئالدىمىزدىكى نەچچە كۈن ئىچىدە ئاتا _ ئانام ئۆيۈڭىزگە بارسۇن .

سالامەت:شۇنداق تىز!...بىز بۇنداق دېيىشكىنىمىز بىلەن چوڭلار بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىنى

قىلچە بىلمەيدۇ . ئالدى بىلەن ئۇلار بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدن ئازراق بولسىمۇ خەۋەر تاپسۇن ، ئاندىن ئۇلارنىڭ پۇزىتسىيىسىگە قاراپ بىر نېمە دېمەمدۇق .

ئەكبەر : ئەمىسە ھەر ئىككىلىمىز كۆڭلىمىزدىكىنى چوڭلارغا ئېيتايلى .

سالامەت : سىزغۇ ئوغۇل بالا ، نېمە دېگۈڭىز بولسا شۇ دېيەلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق مەن

قىز بالا تۇرسام،بۇنى قانداق دەرمەن...

ئەكبەر:مەن ئەكبەرنى ياخشى كۆرۈمەن.ئاتا_ئانىسى كېلىدۇ،مېنى شۇلارغا بېرىۋىتىڭ،

دېمەمسىز...

سالامەت : ئەسكىلىگىنى... مېنى زاڭلىق قىلىۋاتامسىز ؟..

ئەكبەر:سالامەت،رەنجمەڭ _ ھە ! مەن سىزگە مۇنداقلا چاخچاق قىلىپ قويدۇم...

رەنجىدىڭىزمۇ؟ماڭا قاراڭە.سىز پەرىشتەمنى زاڭلىق قىلىشقا يۈرىكىم ھەرگىز يول قويمايدۇ... مەن ئىككىمىزنىڭ تىزرەك توي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن شۇ . ئىككىمىزنىڭ بىر ئۆيى بولسا ، ھەركۈنى بىر گە ئۆتسەك . سىز تاماق ئەتسىڭىز مەن ئوچاققا ئوت قالاپ بەرسەم ، دەپ ئويلاپ كېتىمەن .

سالامەت : ۋاي سىزنى ! تېخى كىرمىگەن ئۆيۈڭىزنىڭ ئوچىغىغا ئوت قالاشتىن چۈشۈپ

كەتتىڭىزغۇ...ھېلى بىكار سىز بېرىپ بولغۇچە ئوچىغىڭىزنىڭ ئوتى ئۆيۈڭىزگە تۇتىشىپ كەتمىسۇن...

ئەكبەر : شۇڭا سىزدىن تىزراق توي قىلىشنى ئۆتۈنىۋاتىمەنغۇ.ئىككىمىز ئۆيۈمىزدە بولساق

ئوچىغىمىزنىڭ ئوتى باشقا يەرگە يامراپمۇ كەتمەيدۇ ، ھەم ئۆچۈپمۇ قالمايدۇ .

سالامەتشوخلۇق بىلەن كۈلۈپ)ئۇنداقتا مەرھەممەت!ئۆزلىرىنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلاي.

ئەكبەر : ( سالامەتنى قولتۇقلاپ ) قېنى ئۆزلىرىمۇ بىرگە كىرسىلە...

سالامەت : ( چۆچۈپ ئەتراپقا قاراپ ) تىز قويۇپ بېرىڭ ! ( ئەكبەر قويۇپ بېرىدۇ )...

باشقىلار كۆرۈپ قالسا سەت تۇرمامدۇ.بۇ دېگەن چوڭ يول تۇرسا...(دەيدۇ ئۆزىنى سەل قاچۇرۇپ)

ئەكبەر : شۇڭا تىزراق توي قىلايلى دەيمەن.ئۇ چاغدا ئىككىمىز ئادەملەر كۆپ يەرلەردىمۇ

ئىككى قىزىمىزنى بىردىن يېتىلەپ بازارلارغا بارساق ، كېنولارغا ئەكىرسەك ھېچقانداق تۇرمايدۇ.

سالامەت : نەدىكى ئىككى قىزىمىزكەنۇ ؟ ئىككى ئوغلىمىز بولىدۇ .

ئەكبەر : ئىككى ئوغلىمىز ؟ بولدى ، بىر ئوغۇل بىر قىزىمىز بولسۇن...

سالامەت:ۋاي،خۇدايىم!خىجىل بولمىغىنىمىزنى تېخى.باللىرىمىزدىن چۈشۈپ كەتتۇققۇ ئەمدى.

ئەركبەر:راسىت،سالامەت بىز ئاتا _ ئانا بولغاندا ھەرگىزمۇ باللىرى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتا  _ ئانىلاردىن بولۇپ قالمايلى .

سالامەت:بىز ئۇلارنى ئوبدان  تەربىيىلەپ ياخشى ئادەم قىلىپ چىقىمىز. ئارزۇ -خىياللىرىغاھۆرمەت قىلىپ كىم بىلەن توي قىلىشنى خالىسا قوشۇلىمىز... ( ئىككىيلەن   شوخ  كۈلۈشىدۇ )

ئەكبەر : سالامەت ، ئەمىسە بۈگۈن _ ئەتىنىڭ ئىچىدە ئىككىمىزنىڭ ئىشدىن چوڭلارنى

خەۋەرلەندۈرەيلى ، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بىزنىڭ توي ئىشىمىز توغرىلىق مەلۇم  ئوي  پەيدا بولىدۇ . سزچە شۇنداق قىلساق بولامدۇ ؟

سالامەت:مەن قانداق ئېيتارمەن؟ئانامغۇ ماڭا بەك ئامراق،قانداق گىپىم بولسا دەۋىرىمەن. لېكىن بۇ  دېگەن باشقىچە ئىش تۇرسا...بۇنچىلىك ئالدىرمىساق بولمامدۇ ؟

ئەكبەر : تارتىنچاقلىق قىلماڭ . توي قىلىش دېگەن بىزدەك ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ

بېشىدا بار   ئىش . ياكى بۇ باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان ئىش بولمىسا . بىز دېگەن يېڭى زاماننىڭ ياشلىرى ،سىز  مۇشۇ  زامانغا لايىق ئەركىن قىزلادىن  بولۇشىڭىز   كىرەك.

سالامەت : سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن بىر قىزبالا ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ئالدىدا توي توغۇرلۇق

سۆز  ئاچماق ئۇنداق  ئاسان  ئەمەس . مەن ئەركىن  بولمىسام  بۇ يەرگە  كېلىپ سىز بىلەن بۇنداق پاراڭلىشىپ تۇرالمىغان بولاتتىم .

ئەكبەر:تېخىمۇ ئەركىن ھەم قەيسەر بولۇڭ.سىز  ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغرىلىق ئۆيۈڭىزدىكىلەرنى  ئازراق بولسىمۇ خەۋەرلەندۇرۈشىڭىز كىرەك ، شۇنداق قىلسىڭىز  ئاندىن ئاتا  _ ئانام  ئۆيۈڭىزگە ئەلچىلىككە بارغاندا ئىشلار ئاسانراق بولىدۇ .

سالامەت : بولىدۇ ،  مەن ئانامغا ئېيتىشقا تىرىشىپ باقاي .

ئەكبەر : چوقۇم ئېيتىشىڭىز كىرەك . مەنمۇ ئېيتىمەن .

سالامەت:ماقۇل، مەن ئانامغا ئېتاي ...ئەكبەر،مەن قايتىپ كېتەي. بولمىسا  ئانام

ئىزدەپ قالىدۇ .

ئەكبەر : ئەمىسە ماڭا ۋەدە بېرىڭ ، ئەتە مەن مۇشۇ يەردە سىزنىڭ خوشخەۋىرىڭىزنى

كۈتىمەن .

سالامەت : بولىدۇ . خوش ئەمىسە !

ئەكبەر : ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتا ، مۇشۇ يەردە . . .

سالامەت « بولىدۇ » دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ.ئۇندىن

كېيىن سەھنىدىن ئەكبەرمۇ چىقىپ كېتىدۇ . بىرىنچى كۆرنۈش ئاخىرلىشىدۇ .

2 _ كۆرنۈش

بىرىنچى كۆرنۈشتىن بىر كۈن كېيىن.سالامەتنىڭ مىھمانخانا ئۆيى.سەھنىنىڭ سول تەرىپىدە

ئەينەكلىك  ئىشكاپ ،ئۇنىڭ يېنىدا گىلەم سېلىنغان كارۋات . ئۇدۇلدا قوشقاناتلىق دېرىزە ، دېرىزىنىڭ  تۆۋىنىدە تۆت  كىشىلىك سافا  ، ئالدىدا  چاي  ئۈستىلى . ئوڭ تەرەپتە يەنە شۇنداق سافا ۋە ئۈستەل . ئۆي ئىچىدە سائادەتخان ئۈستەللەرنى سۈرتۈپ نەرسىلەرنى رەتلەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا سالامەت  سىرتتىن كېرىپ كېلىدۇ .

سائادەتخان : ھەدىڭىزنىڭ ئۆيىدىن كېلىشىڭىزمۇ  قىزىم ؟

سالامەت : شۇ يەردىن كېلىشىم...ئانا باياتتىنقى مېھمانلار نېمە دەپ كەپتۇ ؟

سائادەتخان : ماقۇل دېدۇق قىزىم .

سالامەت : نېمىنى ماقۇل دېدىڭلار ؟

سائادەتخان : كەل قىزىم بۇ يەردە ئولتۇر، مەن ساڭا نېمىگە ماقۇل دېگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ  بېرەي(ئۇلار كىلىپ سافادا ئولتۇرىدۇ)قىزىم.سەن ئەمدى چوڭ بولۇپ ياتلىق بولىدىغان ياشقا باياتتىن  كەلگەن  مېھمانلار سېنى  كىلىنلىككە  سوراپ كەپتىكەن بىز ماقۇل دېدۇق. بىرەر ئايلار ئىچىدە تويۇڭ بوپ قالىدىغان ئوخشايدۇ .

سالامەت : نېمىشقا ؟

سائادەتخان : نېمىشقا دەيسەنغۇ ، سېنى ئوغلىغا سوراپ كەلگەنلەر نام _ ئاتىغى بار

ئادەملەر . ئۇلارنىڭ دېگىنىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ ساڭا كۆزى چۈشكەن ئوخشايدۇ... نېمىگە قىزىرىسەن،سەنمۇ بىر چىرايلىق چوڭ بولدۇڭ قىزىم. سەن مۇھەممەتجان دېگەن بالىنى بىلمەيسەن ھەقاچان . مەن كۆرگەن ، ئۆزىمۇ قاملاشقان ئەدەپ _ قائىدىلىك يىگىت  . ئۆزى بىر ئىدارىدە كادىر ئوخشايدۇ . ئوبدان ماس كېلىسىلەر بالام... ئۇلارمۇ تۇنجى قېتىمدىلا  ئوبدان تەييارلىق بىلەن كەپتۇ . شۇنداق  بولغاچقا  بىز  نېمىمۇ دەيتتۇق،شۇڭا ئۇلارنى ماقۇل جاۋاپ بىلەن قايتۇردۇق .

سالامەت:ئانا،نېمە ئۈچۈن قىزىمىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقايلى دېمىدىڭلار؟

سائادەتخان : ۋاي قىزىم،نېمە دەيدىغانسەن؟سەن بولساڭمۇ ئوخشاشلا ماقۇل دەيتتىڭ .

گۈلدەك سەن قىزىمنى ناچار كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ياتلىق قىلارمىزمۇ ؟

سالامەت : ياق ، مەن ئۇنىڭغا ياتلىق بولمايمەن .

سائادەتخان : بۇنداق كىچىكلىك قىلما قىزىم،سەن دېگەن ئاللىقاچان ياتلىق بولىدىغان

ياشقا يەتتىڭ.سېنى سوراپ كەلگەنلەرمۇ ھەر تەرەپتىن بولىدىغان كىشىلەر... قىز بالا دېگەن  ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتسىمۇ يامان ئاتلىق بوپ قالىدۇ .

سالامەت : ئانا ، سىلەر مېنى مەجبۇر قىلماقچىمۇ؟

سائادەتخان : قىزىم،سىنى مەجبۇرلاپمۇ ئىش بولامدۇ.سەن قوشۇلمامسەن؟

سالامەت : ياق ، ھەرگىز قوشۇلمايمەن .

سائادەتخان : نېمە ئۈچۈن قوشۇلمايسەن؟سەن ئۇ يىگىتنى ياراتمامسەن يا؟ ئۇنداق قارىما،  بۇكەملەردە ئۇنداق ئوغلى ھەر تەرەپتىن ياخشى ، ئائىلىسى بولىدىغان كىشىلەرنى ئۇچراتماق ئاسان  ئەمەس . كۆڭلۈڭدە  قانداق گىپىڭ بولسا دەۋەرمەمسەن .  ئىچىڭدىكىنى مەندىن يۇشۇرساڭ قانداق بولىدۇ؟...مەن سېنىڭ ئاناڭ،ئىچىڭدىكىنى دېسەڭ ئاندىن ساڭا يول كۆرسەتمەمدىمەن... قېنى ئېيتىۋەر .

سالامەت : كۆڭلۈمدە ھېچقانداق گىپىم يوق...لېكىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا مەڭگۇ

قوشۇلمايمەن .

سائادەتخان : توي قىلىدىغان چاغدا قىزلارنىڭ ھەممىسى ناز قىلىدۇ.مەنمۇ دەسلەپتە تويغا

قوشۇلمىغان،بىراق مەجبۇرى ھالدا داداڭ بىلەن توي قىلىۋەرگەن . سەنمۇ جاھىللىقنى ھېساۋىدىراق قىلغىن .

سالامەت : ئانا سىز مېنى مەجبۇرلامسىز ؟

سائادەتخان: ھەي قىزىم،بۇنداق تەتۈرلىك قىلما.سەن ياكى ئىچىىڭدىكىنى دېمىسەڭ ياكى ئۇ يىگىتكە ماقۇل دېمىسەڭ ، سېنىڭ زادى نېمە مەقسىدىڭ بار  ؟ قىرى قىز بولۇپ ئۆتۈپ كەتمەكچىمۇ يا؟

سالامەت : ئۇنداق ئەمەس .

سائادەتخان : ئەمىسە قانداق؟...بولمىسا كۆڭلىڭدە بىرەرسى بارمىدى يا ؟

سالامەت : ئۇياتچانلىق بىلەن يەرگە قارايدۇ .

سائادەتخان : بولدى قىزىم ، بۇنداق يەرگە قاراپ ئولتۇرما.بۇ دېگەن ھەممە قىز _

يىگىتلەرنىڭ بېشىدا بار ئىش . سېنىڭ ۋەدىلەشكەن ئادىمىڭ بارمىدى؟  ...قېنى ئېيتىۋەر .

سالامەت : مەن . . .

سائادەتخان : سەن ؟

سالامەت : ئۇ . . .

سائادەتخان : ئۇ ؟

سالامەت : ئانا سىز . . .

سائادەتخان : ھە ، سۆزلەۋەر قىزىم .

سالامەت : ئۇ ئەكبەر ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ .

سائادەتخان : سىلەر بۇرۇنلا تونۇشامتىڭلار ؟

سالامەت : ھەئە .

سائادەتخان : ئۇ يىگىت بىلەن ئارلاشقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى ؟

سالامەت : بىرەر يىل بوپ قالاي دېدى .

سائادەتخان : ئۇ يىگىت قانداقراق ؟ ساڭا ۋاپادارمۇ ؟

سالامەت : ئۇ ئىنتايىن ياخشى ، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن .

سائادەتخان : ئۇنداق بولسا بوپتۇ . بۈگۈن كەلگەنلەرنى ياخشى گەپ بىلەن ياندۇرساق

بولىدىغان ئوخشايدۇ . مەن بۇ گەپلەرنى داداڭغا ئېيتاي ... راست ،بۇ ئەكبەر دېگەن يىگىت كىمنىڭ بالىسى ئىكەن ؟

سالامەت : ئەكبەر يۇنۇس مامۇتنىڭ يالغۇز ئوغلى .

سائادەتخان : نېمە دېدىڭ ؟ يۇنۇس مامۇتنىڭ دېدىڭما ؟

سالامەت : ھەئە .

سائادەتخان : ھېلىقى ئانارخان ئىسىملىك ئايالى بار يۇنۇس مامۇت شۇمۇ ؟

سالامەت : شۇلا .

سائادەتخان : شۇلار ؟  ( ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ )

سالامەت : سىز ئۇلارنى تونۇيامسىز ؟

سائادەتخان : بىز ئۇ ئىتلار بىلەن ئۇزۇن يىللىق تونۇش .

سالامەت : سىز نېمىشقا ئۇلارنى تىللايسىز ؟

سائادەتخان : تىللايسىز ، ئۇلارنى چايناپ پۈركۈۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ.سەن يىگىت

چىقمىغاندەك شۇ ئەسكىلەرنىڭ بالىسى بىلەن...ئاڭلاپ تۇر ،ئىككىنچى ئۇ ئىتلارنىڭ بالىسىنىڭ ئىسمىنى تىلىڭغا ئالغۇچى بولما . بىز ئۇلار بىلەن مەڭگۇ قۇدا بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ، بىر كوچىدىمۇ ماڭمايمىز .

سالامەت : ئانا سىز ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۆچ ؟

سائادەتخان : نېمە ئۈچۈن دەمسەن.بۇ بەك بۇرۇنقى ئىشلار،مېنىڭ يەنە تىلغا ئالغۇم يوق. بىز ئىككى ئائىلە بىر بىرىمىزگە دۈشمەن ، ئوت بىلەن سۇدەك ئەسلا بىر يەرگە كېلەلمەيمىز. ئەمدى ئېسىڭدە تۇت ، ئۇلارغا قىز بىرىدىغان ئەخمەق سائادەتخان تېخى دۇنيادا يوق .  ئەمدى ئۇ بىر نېمىنى ئۇنتۇپ كەت، سېنى بۈگۈن كەلگەنلەرگە ياتلىق قىلىمەن .

سالامەت : ياق ، مەن دېگىنىڭىزدەك قىلالمايمەن .

سائادەتخان : نېمە دەيسەن ، ئاغىزىڭغا ئوت قويىۋىتىمەن . . .

ئەخمەت : (  سىرتتىن كىرىپ ) نېمە بولدى ؟ ۋاقىراپ كەتتىڭلارغۇ ؟

سائادەتخان:بۇ ساراڭ قىز مېنى خاپىلىقتىن ئۆلتۈرىدىغان ئوخشايدۇ . بۈگۈن كەلگەنلەرگە

بۇ قىزنىڭ رازىلىغى يوق،ئەمىسە كۆڭلۈڭدە كىم بار ئىدى دېسەم،ھېلىقى ئىتلارنىڭ ئوغلىنىڭ  گىپىنى قىلىۋاتمامدۇ .

ئەخمەت : يۇنۇس مامۇتنىڭمۇ ؟

سائادەتخان : شۇنداق .

ئەخمەت : نېمە سەن...سەن ئۇنىڭ ئوغلىنى قانداق تونۇيسەن ؟

سائادەتخان : ئۇلار بىرگە ئوقۇپتىكەن .

ئەخمەت : ۋۇ ئەسكى ! سەن شۇ بىر نېمىلەرنىڭ بالىسى بىلەن ئارلاشتىڭ ؟

سائادەتخان : سالامەت ئىككى  ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى بىلمەيدۇ  . ئۇ  ئەمدى ھېلىقى ئەكبەر دېگەن سولتەك بىلەن كۆرۈشمەيدۇ .

سالامەت : ئانا، سىز نېمە دەپ بىكارغا  ئادەم تىللايسىز ؟

سائادەتخان : مەن ئۇنى  تىللىسام  ساڭا  نېمە  دەز كەتتى ؟ تېخى  ئۇنى  كۆڭلۈڭدىن

چىقىرۋەتكۈڭ يوقما ؟ جۇۋاينىمەك ! ئېسىڭدە تۇت ، يەنە ئۇلارنى تىلىڭغا ئالغۇچى بولما.

بولمىسا ئاغزىڭنى تىكىۋىتىمەن  .ئوبدان  ئاڭلا، مۇشۇ ئاينىڭ  ئاخىردا  مۇھەممەتجان بىلەن تويۇڭنى قىلىمىز . ئۆزۈڭنى بىلىپ  ئەقلىڭنى  جۆرۈپ  ئىش  قىل ، ناۋادا ۋاقتى كەلگەندە ماڭا  ئاۋارىچىلىك  تېپىپ بەرسەڭ قاتتىق ئەدىبىڭنى يەيسەن .

سالامەت : مەن ئەكبەردىن باشقا ھېچكىمگە ياتلىق بولمايمەن...باشقىلارغا مېنىڭ

ئۆلۈكىمنى تاشلاپ بېرىڭ .

سائادەتخان : ئاغزىڭنى يۈم!(سالامەتنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇرىدۇ)تېخى سەن نومۇس

قىلماستىن ئاتا_ئاناڭنىڭ ئالدىدا پالانىگە تېگىمەن ، پۇستانىگە  تەگمەيمەن دېگۈچى بولدۇڭما!

ئەخمەت : ماۋۇ قىزنىڭ شۇنچىلىك بوپ كەتكىنىنى ... سەن يولدىن چىقىپ كەتكەن

ئوخشىمامسەن؟قويۇپ  بەرسەك سەن تېخى دۈشمىنىمىزنىڭ  ئۆيىگە بېرىۋىلىپ،بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكەي دەمسەن؟...ھۇ ! (ئەخمەت سالامەتنى قاتتىق ئۇرىدىغان قىياپەتتە قولىنى شىلتىپ) سېنى...ئۆزۈمنى ساقچىغا تۇتۇپ بېرىمەن . ئېسىڭدە تۇت !

سائادەتخان:داداڭنىڭ گىپىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟سەن كىچىك بالا ئەمەس،بىزنىڭ يۈزىمىزنى

تۆكۈدىغان ئىش  قىلغۇچى بولما.بىز سېنى ئۇلارغا ياتلىق قىلغان  كۈندىن باشلاپ بۇ   دۇنيا   بىزگە ھارام بولىدۇ .

ئەخمەت : شۇ ئەمەسمۇ ، ئاناڭنىڭ گىپىنى ئوبدان ئېسىڭدە تۇت ! بىزمۇ سېنى بەختسىز

بوپقالسۇن دېمەيمىز .   

سالامەت : ( يىغلاپ ) سىلەر دېگەندەك بولسا مەن تېخىمۇ بەختسىز بوپ قالىمەن .

سائادەتخان:تولا بىلجىرلىما يۈزى قىلىن!نومۇس  قىلماستىن بىزنىڭ ئالدىمىزدا مۇشۇنداق

گەپلەرنى قىلىۋاتامسەن .

ئەخمەت : ھەي ، ئەخمەق قىز ئەقلىڭنى تاپ !

سالامەت:مەن...مەن بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن.(سالامەت چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ماڭىدۇ)

ئەخمەت : نەگە بارىسەن؟(دەپ سالامەتنىڭ قولىدىن تارتىدۇ)ئۆت بۇياققا.

سائادەتخان : ۋاي ، خۇدايىم ! بۇ قىز ئەقلىدىن ئېزىپتۇ . سەن بۇ ئۆيدىن چىقىپ نەگە

باراتتىڭ؟قېنى مەن سېنىڭ بۇ ئۆيدىن چىققىنىڭنى بىر كۆرەي،مەن سېنى ئۆيگە سولاپ قويىمەن.

ئەخمەت  :  شۇنداق قىلايلى ، بۇ قىزنى مۇشۇ مېھمانخانىغا سولاپ قويۇپ ئىشىكنى

قۇلۇپلىۋىتەيلى .

سائادەتخان : قېنى،مەن سېنىڭ بۇ ئۆيدىن چىققىنىڭنى بىر كۆرەي.( ئىككىيلەن سىرتقا

چىقىپ ئىشىكنى ئېتىۋىتىدۇ.سائادەتخان سىرتتا تۇرۇپ ۋاقىرايدۇ ) بولدى،ئەمدى ئۇيقۇڭنى ئۇخلا.

سالامەتئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ بىرھازا يىغلايدۇ.كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆكسۈپ ئۆز

_ ئۆزىگە سۆزلەيدۇ ) ئەكبەر...ئەكبەر سىز قەيەردە؟...ئۇلار مېنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرمەسلىك  ئۈچۈن ئۆيگە سولاپ قويدى...ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن؟سىز يېنىمدا بولغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى...ئۇلار نېمە دېسۇن، قانداق قىلسۇن مەن ئۇلار دېگەن ئادەم بىلەن  ھەرگىزمۇ توي  قىلمايمەن. ئەكبەر سىز  كېلىپ  مېنى ئېلىپ كېتىڭ...مەن  سىزنىلا ياخشى كۆرۈمەن، ئەكبەر!...مەن سىز بىلەن  قانداق كۆرۈشەرمەن ؟  ئانام  مېنى ئۆيگە  سولاپ قويدى. ئاھ،خۇدا !  نېمە ئىشلار بوپ كېتىۋاتىدۇ؟...ئەكبەر بىز راستىنلا بەختسىز بوپ  قالارمىزمۇ؟ئەگەر ئاتا _ ئاتام مېنى تېگىشنى خالىمىغان كىشىگە ياتلىق بولۇشقا مەجبۇر  قىلسا، مەن ئۆلۈۋالىمەن...مەن  ئەمدى بۇ  ئۆيدە تۇرمايمەن ، قىچىپ كېتىمەن.(سالامەت شۇنداق دەپ  ئورنىدىن  تۇرۇپ،دېرىزىنىڭ قىشىغا كېلىدۇ.سافاغا چىقىپ دېرىزىنى ئىتتىرىدۇ، ،دېرىزە ئېچىلىدۇ. سالامەت شۇ يەردىن سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ.خېلى  ۋاقىت  ئۆتكەندىن كېيىن

سائادەتخان بىر چىنىدە تاماق  كۆتۈرۈپ  كېرىدۇ. كاررۋاتقا قاراپ  سالامەت  كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ، ئوچۇق تۇرغان دېرىزىگە قاراپ چۆچۈپ كېتىدۇ)

سائادەتخان : سالامەت ( دەپ چاقىرىپ ، كېلىپ قولىدىكى چىنىنى ئۈستەلدە قويىدۇ)

ۋاي،ئەخمىتاخۇن ! سالامەت قىچىپتۇ ... نى ئات، نى نومۇس!...قىزبالا باققانغا توۋا قىلدىم!

ئەخمەت : ( يۈگۈرەپ ئۆيگە كېرىدۇ ) نېمە ئىش بولدى ؟

سائادەتخان : كۆرمەمدىغان بۇ قىزنى ، ئۆيدىن قىچىپتۇ !... ئەمدى يۈزىمىزنى قانداق

كۆتۈرۈپ يۈرۈيمىز . توۋا قىلدىم ، توۋا !... ( دەپ يۈزىنى قولى بىلەن توسۇپ يىغلايدۇ )

ئەخمەت : نەدىن قىچىپتۇ  ؟

سائادەتخان : ( كۆرسىتىپ تۇرۇپ ) دېرىزىدىن . . .

ئەخمەت:خەپ،ياغاچ قۇلاق!مەن سېنىڭ ئاشۇ  قاچقاق پاچىقىڭنى چېقىپ ، بېشىڭنى

ئايلاندۇرغان شۇ سولتەكنىڭ ئەدىۋىنى بەرمىسەم ئىسمىمنى يۆتكىۋەتىمەن.(ئەخمەت بېرىپ

ئەينەكلىك ئىشكاپنىڭ ئىچىدىن بىر غىلاپلىق پىچاقنى ئالىدۇ)

سائادەتخان : ئەخمىتاخۇن ئۆزلىرىنى بېسىۋالسىلا،خەقنىڭ بالىسى بىلەن كارىلىرى بولماي

سالامەتنى قايتۇرۇپ كەلسىلە. بىرەر ئىش بوپ قالسا يۈزىمىزنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرۈۇيمىز؟ ...ئۆزىمىزنىڭ چاۋىسىنى ئۆزىمىز چىتقا يايغاندەك ئىش قىلمايلى .

ئەخمەت : ئىشىڭنى قىل ! نېمە قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمەن.ھېلىمۇ يۈزىمىز پوق بولدى.

(چىقىپ كېتىۋاتقاچ)ئۈگۈتىدىغاننى ئالدىدا قىزىڭغا ئوبدانراق ئۈگەتسەڭ بۇنداق ئىش بولمايتتى  .(دەپ چىقىپ كېتىدۇ . سائادەتخان ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆزىنى يوغان ئېچىپ ئاغزىنى تۇتقان پىتى قالىدۇ )

3 _ كۆرنۈش

ئەركىننىڭ ئۆيى.ئۆينىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن كارۋات ئۇدۇلدىكى پەنجىرە تۈۋىدە

كىتاپ _ ماتىرىياللار تېزىپ   قويۇلغان  ئۈستەل . ئەكبەر ئوڭ تەرەپتىكى كارۋاتتا يېتىپ كىتاپ  ئوقۇۋاتقان ھالەتتە . بىر ۋاقىتتا ئۆيگە ئانىسى كىرىپ كېلىدۇ .

ئانارخان:چۈشتىن كېيىن ئىشقا بارمايدىكەنسىزدە،بالام؟

ئەكبەر : ( كىتاپنى قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ)بارمايمىز.كىلىڭ ئانا،بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ!

ئانارخانكېلىپ ئەكبەرنىڭ   يېنىدا ئولتۇرۇپ،ئۇنىڭ چىرايىغا سەپ سېلىپ قاراپ )

بالام سىز بىلەن بىر ئىش توغرىسىدا پاراڭلىشايلى دېيىشكەنتۇق . نەچچە ۋاقىتتىن بېرى

خىزمىتىڭىز بىلەن بەك ئالدىراش بوپ كەتتىڭىز ، قارىسام بۈگۈن ۋاقتىڭىز بار ئىكەن .

ئەكبەر : نېمە ئىش ئىدى ئانا ؟

ئانارخان : چوڭ بولدىڭىز بالام.سىزنى ئۆيلەپ قويۇش توغۇرۇلۇق دادىڭىز ئالدىراۋاتىدۇ.

ئەكبەر كۈلۈپ ) دادام نېمىگە ئالدىرايدىكەن ؟

ئانارخان : ھەيران قالماڭ بالام . سىزمۇ مانا چوڭ بولۇپ يىگىتلىك قىيامىغا يەتتىڭىز.

بالىلارنى ئۆي_ئوچاقلىق قىلىش ئاتا_ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى.دادىڭىز سىزئۈچۈن كۆڭلىگە بىر

قىزنى پۈككەنكەن ،شۇ قىز بىلەن تويىنى قىلايلى دەپ ئالدىراۋاتىدۇ .

ئەكبەر : قايسى قىزكەن ئۇ ؟

ئانارخان:سىزمۇ كۆردىڭىز ھەقاچان،دادىڭىز ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا سىستىرالىق

قىلغان ئازاتگۈل دېگەن قىز .ئۇ قىز دادىڭىزغا بەك ياراپ كېتىپتىكەن ، ئەكبەر بىلەن سۆزلىشىپ  ئەلچىلىككە بارايلى دەۋاتىدۇ . ئوغلىمىز بىلەن مەن سۆزلىشەي دەپ قىشىڭىزغا كىرىشىم . سىزنىڭچە بولامدىكەن بالام؟

ئەكبەر : ياق ئانا.مېنىڭمۇ كۆڭلۈمگە پۈككەن بىر قىز بار ئىدى،مەنمۇ بۇ ئىش توغرۇلۇق

سىلەر بىلەن پاراڭلىشاي دەپ تۇراتتىم .

ئانارخان : شۇنداقمۇ؟ بۇمۇ بولىدىغان گەپكەن بالام. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دادىڭىز

ئوغلىمىز ياۋاش ئادەم بوپ قاپتۇ،بىرەر قىزنىڭمۇ گىپىنى قىلمايدۇ،دەپ يۈرەتتى.سىز ئۇ قىز

بىلەن توي توغرىلق سۆزلەشكەنمۇ ؟

ئەكبەر : بىز سۆزلىشىپ بولغان ، سىلەر ئەلچىلىككە بارساڭلارلا بولىدۇ .

ئانارخان : ياخشى بوپتۇ . ئۇ قىزنىڭ ئىسمى نېمە ؟ ئۇ كىمنىڭ قىزى ؟

ئەكبەر : ئىسمى سالامەت ، ئەخمەت سادىقنىڭ قىزى .

ئانارخان : كىمنىڭ قىزى دېدىڭىز ؟

ئەكبەر : ئەخمەت سادىقنىڭ قىزى . . .

ئانارخان : ( ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ) ئەخمەت سادىقنىڭ دېدىڭىز... بۇ قانداق بولۇپ

شۇ ئادەمنىڭ قىزى بىلەن تىپىشىپ قالدىڭىز ؟

ئەكبەر : بىز بۇرۇنلا تونىشاتتۇق ، ئارلاشقىلىمۇ بىرەر يىل بوپ قالاي دېدى .

ئانارخان :قەتئىي بولمايدۇ بالام!بىز سىزگە ئەخمەت سادىقنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرەلمەيمىز.

ئەكبەر : ئانا ، نېمە دەپ ئەمدى ؟

ئانارخان: بۇ بەك بۇرۇنقى ئىشلار،بىز ئىككى ئائىلىنىڭ ئۆچ_ئاداۋىتى مەڭگۇ تۈگۈمەيدۇ،

بىز زادى بىر يولدا ماڭمايدىغان كىشىلەردىن ، بىز داۋالىشىپ قانۇن ئالدىغىمۇ بېرىشقان .

قوي ئۇ قىزنى ئەمدى ، ئىسمىنى  تىلغا ئالغۇچى بولما .

ئەكبەر : بۇنداق قاتتىق ئاداۋەت تۇتۇشقىچە ئۇنتۇپ كەتسەڭلار بولمىدىمۇ ؟

ئانارخان : بولدى قوي بالام بۇ گىپىڭنى . داداڭنىڭ ئالدىدا دەپ سالغۇچى بولما...

يۇنۇس : ( ئىشىكتىن كىرىپ )  ماڭا نېمىنى دېمەيدىكەن ؟

ئانارخان : (چۆچۈپ ) ھېچ ئىشنى . . .

يۇنۇس : قانداق ، ئوغلىمىز بىلەن توي ئىشى توغرىلىق سۆزلەشتىلىمۇ ؟

ئانارخان : سۆزلەشتىم . . .

يۇنۇس : قانداق ، توي تەييارلىقىغا چۈشسەك بولىدىغاندۇ ئوغلۇم ؟

ئەكبەر : بولىدۇ ، بىراق ئۆزۈم تاپقان . . .

ئانارخان : (ئەكبەرنىڭ گىپىنى بۆلۈپ)بولدى،ئۇلارنىڭ  ئىسمىنى تىلغا ئالغۇچى بولما.

باشقا بىرەر قىزنى تاپ ياكى داداڭ دىگەن   قىزغا  ماقۇل بول .                                      يۇنۇس : نېمە ،ئوغلىمىز ئۆزى بىرەر قىزنى تېپىپمىكەن ؟

ئەكبەر : ئانا ، مەن ئۆزۈم تاپقان سالامەتتىن باشقا ھېچكىم بىلەن توي قىلمايمەن .

يۇنۇس : سالامەت ؟ كىمنىڭ قىزى بالام ئۇ ؟

ئانارخان : ياق بالام . . .

ئەكبەر : ئەخمەت سادىقنىڭ قىزى .

يۇنۇس : ( كۆزلىرى چەكچىيىپ ) ئەخمەت سادىقنىڭ ؟ . . .

ئەكبەر : ھە ئە .

ئانارخان : بولدى  قىل بالام.بىز ساڭا ئۇلارنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرمەيمىز، ئۇلارمۇ بىزگە

قىزىنى بەرمەيدۇ .جاھاندا سەن بويتاق قالىدىغان ئىش بولسىمۇ...

يۇنۇس : سەن ئۇ بىرنېمىلەرنىڭ تىجىمەل قىزى بىلەن قانداق بولۇپ تېپىشىپ قالدىڭ ؟

ئەكبەر : سالامەت تىجىمەل ئەمەس دادا . . .

يۇنۇس : سەن . . .

ئانارخان : ئۆزلىرىنى بېسىۋالسىلا ، بالا ئۆتكەن ئىشلارنى بىلمەيدۇ .

يۇنۇس : ۋۇ تۇزكور ! سەن شۇلارنىڭ قىزىنى دەپ ماڭا گەپ ياندۇرۋاتامسەن؟

ئەكبەر : دادا ، مەن سىزگە گەپ ياندۇرمىدىم . مەن سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا

نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىغىنى بىلمەيمەن ،  ھەم سىلەرنىڭ ئۇ ئۆچ _ ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ

كېتىشىڭلارنى  ئۈمۈد  قىلىمەن  . سالامەت  ئىىككىمىز ۋەدىلىشىپ  بولدۇق ، بىز ئەسلا باشقىلار بىلەن توي قىلمايمىز...

يۇنۇس : قوي ، ئۇنداق قۇرۇق ۋەدەڭنى. مەن ساڭا ئىنىق دەپ قوياي،سەن بىزنى ئۇ

خەق بىلەن قۇدا بولىدۇ دەپ خام خىيال قىلما.سەن ياكى بىز دېگەن يەرگە كەل،ياكى

بولمىسا باشقا بىر قىزنى تاپ . بولامدۇ ئەكبەر ؟

ئەكبەر : دادا مەن بىر ئەر كىشى تۇرۇپ بەرگەن ۋەدەمدىن يېنىۋالالمايمەن ، ھەم ئۇنداق

قىلغۇممۇ يوق .

يۇنۇس : ئەمىسە توي قىلماي مۇشۇنداق بويتاق ئۆتۈپ كەت!ئەخمەتۋاي قىزىنى كوچىغا

ئېلىپ چىقىپ ساتسۇن .

ئەكبەر : دادا سالامەتنى ھاقارەتلىمەڭ . . .

يۇنۇس:نېمە، سەن  ماڭا  گۆكىرەيسەنا.ۋۇ دۆيۈز!(ئەخمەت شۇنداق دەپ ئەكبەرنى

بىر شاپىلاق  ئۇرىدۇ )

ئانارخان : ۋاي!...بالىنى ئۇرمىسىلا.( دەپ يۇنۇسنىڭ قولىنى تۇتىۋالىدۇ )

ئەكبەر(:يۈزىنى تۇتۇپ يىغلامسىرەپ)دادا،سىز مېنى ئۇرىۋاتىسىزغۇ؟سىز مېنى ھېچقاچان

ئۇرۇپ باقمىغان...دادا،مېنى ئۇرغۇڭىز  بولسا  يەنە ئۇرىۋىلىڭ، ئەمما مەن سالامەت بىلەن چوقۇم توي قىلىمەن . بىزنى ھېچكىم توسىۋالالمايدۇ .

يۇنۇس : ئەكبەر، مەن بىلەن  قارشىلاشما  بالام .ئۇنداق  دەپ تۇرىۋالساڭ مېنىڭ

ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ قويىسەن.سەن شۇ قىزدىن ۋاز كەچ ، بىرەر خاننىڭ قىزىنى دېسەڭمۇ مەيلى، مەن ئەسلى _ ۋەسلىمدىن كېچىپ بولسىمۇ تويۇڭنى قىلىپ بېرىمەن . ئەمما شۇ قىزدىن  كەچ  بالام !

ئەكبەر : كەچۈرۈڭ دادا ! مەن ئۇنداق قىلالمايمەن .

يۇنۇس : ئەكبەر ! . . .

ئانارخان : بولدى ، ئۆزلىرىنى بېسىۋالسىلا  . بالا تېخى كىچىك...

يۇنۇس:نېمە؟ئەكبەر كىچىكما ؟...مۇئەللىملىك قىلىۋاتقان مۇشۇ بالاڭ تېخى كىچىكما

...مەن ، نېمە قىلاي ئەمدى..ئەكبەر ، ۋازكەچ !

ئەكبەر : ياق دادا .

يۇنۇس : سەن . . .

ئانارخان : ئۆزلىرىنى بېسىۋالسىلا ( دەپ يۇنۇسنىڭ قولىغا ئېسىلىدۇ )

يۇنۇس : بولدى ، سەن ئۇ قىزدىن ۋاز كېچەلمىسەڭ مېنىڭ سەندەك ئوغلۇم يوق ...

ئانارخان : ياق، ئۇنداق دېمىسىلە...

يۇنۇس : ئۆيدىن چىق ، مېنىڭ سەندەك ئوغلۇم يوق !

ئەكبەر: (ئىشىك  تەرەپكە كېلىپ)دادا ئانا.مەندەك  ۋاپاسىز ئوغلۇڭلارنى كەچۈرۈڭلار!

( دەپ چىقىپ كېتىدۇ )

ئانارخان : ئەكبەر ئوغلۇم ! . . .

يۇنۇس : بولدى ، بۇ ۋاپاسىزنى چاقىرما !

ئانارخان:ۋايئوغلۇم!...ئەكبەرجان بالام...(دەپ نالە قىلىپ يىغلاشقا باشلايدۇ 3_ پەردە

مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ )

4 _ پەردە

بىرىنچى پەردىدىكى يول بويى،سالامەت ئۇيان_مېڭىۋاتقان ھالەتتە.شۇ چاغدا سەھنىگە

ئەكبەر چىقىپ كېلىدۇ .

سالامەت : ئەكبەر . . .

ئەكبەر : سالامەت ، يىغلاپسىزغۇ؟..نېمە ئىش بولدى ؟

سالامەت : مەن ئۆيدىن قىچىپ چىقتىم .

ئەكبەر : قىچىپ چىقتىم ؟!

سالامەت : شۇنداق ، ئاتا _ ئانام ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئاڭلاپ بەكلا  غەزەپلەندى .

بىزنىڭ توي قىلىشىمىزغا زادى قوشۇلمايدىكەن...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مېنى باشقىلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر قىلدى ، مەن ئۇنىمىدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى مېھمانخانا ئۆيگە  سولاپ قويدى،كېيىن مەن دېرىزىدىن قىچىپ چىقىپ سىزنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلدىم  ...ئەكبەر، ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ ئۆيۈڭىزدىكىلەرگە ئېيىتتىڭىزمۇ ؟

ئەكبەر : ئېيتتىم ، لېكىن ئۇلارمۇ . . .

سالامەت : ئۇلار نېمە دېدى ؟

ئەكبەر : بۇ  ئىككى  ئائىلىگە  نېمە  بولۇشقانكىن،ئۆيدىكىلەرمۇ   دادىڭىزنىڭ ئىسمىنى

ئاڭلاپ   قايناپ   كەتتى . ئۇلارنىڭ  ئوتتۇرىسىدا   تۈگىمەس قانداق ئاداۋەت بار بولغىمىدىكىن ،ھېچ چۈشىنەلمىدىم ؟

سالامەت : ئاھ،خۇدا!بۇ نېمە كەلگۈلۈك ئەمدى؟...ئەكبەر بىز ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

ياكى ئايرىلىپ كېتەمدۇق ؟

ئەكبەر :سالامەت،سىز بەل قويىۋەتمەڭ.مەن ھەر قانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر

سىزدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيمەن ، مەن سىزنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرۈمەن!

سالامەت : ئەكبەر،مەنمۇ سىزدىن ئايرىلالمايمەن.لېكىن بىز ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟مەن

بەكلا گاڭگىراپ قالدىم ، سىز ماڭا ئىگە بولۇڭ .

ئەكبەر : ( سالامەتنىڭ قولىنى تۇتۇپ )سالامەت،دادام مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى.

شۇنداقتىمۇ خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن سىز ئۈچۈنلا ياشايمەن . مەن مەكتەپتىن بىر ئۆي تاپاي، بىز ئاددى بولسىمۇ توي قىلايلى . بىزنىڭ تويىمىزغا ئاتا _ ئانىمىز قوشۇلمىغىنى بىلەن ھۆكۈمەت توي خېتى كېسىپ بىرىۋىرىدۇ. سىز بۇنىڭغا قوشۇلامسىز ؟

سالامەت : ئەكبەر سىز نېمە دېسىڭىز شۇ .

ئەكبەر : ئەمدى بىز ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئاتا _ ئانىمىزنى ئىزدەپ بارمايلى،

تاكى ئۇلار بىزنىڭ ئىشىمىزغا رازى بولغۇچە . بولامدۇ ؟( سالامەت بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرىدۇ ) يۇرۇڭ ،بىز بىرىپ بىرەر مېھمانخانىدىن ياتاق تاپايلى .( ئەكبەر شۇنداق دەپ سالامەتنى يۆلەپ ئېلىپ ماڭىدۇ . دەل شۇ ۋاقىتتا ئەخمەت سەھنىگە چىقىپ كېلىدۇ)

ئەخمەت : نەگە مېڭىشتىڭ؟...ھەي ھارامزەدە قىزىمنى قويۇپ بەر !

سالامەت : دادا ، مېنى جىنازىغا سېلىپ ئېلىپ كېتەي دېمىسىڭىز بۇنداق قىلماڭ .

ئەخمەت:ئاغزىڭنى يۈم ئەسكى!(دەپ سالامەتنىڭ يۈزىگە بىر تەستەك سالىدۇ ) ئۆيگە ماڭ!

مەن سەن بىلەن ئۆيگە بېرىپ ھېساپلىشىمەن .

ئەكبەر : سالامەت ...( قولىنى ئۇزىتىپ قالىدۇ )

ئەخمەت : ئۈنۈڭنى ئۆچەر ئەبلەخ ! ( دەپ ئەكبەرنىڭ قولىغا ئۇرىدۇ ) سەن نېمە دەپ

مېنىڭ قىزىمنىڭ بېشىنى  ئايلاندۇرۇپ ئېزىقتۇرۇپ يۈرىسەن ؟ مەن سېنى ئىككىنجى قېتىم

قىزىمنى  ئىزدىمەيدىغان  قىلىۋىتىمەن.(ئەخمەت  شۇنداق دەپ،ئەكبەرنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ  تەستىكىگە  ئۇرۇشقا  باشلايدۇ  .ئەكبەر  ئۇنىڭغا  قول  ياندۇرماي ، كۆزىگە قاراپ تۇرىدۇ)

سالامەت : دادا ئۇنداق قىلماڭ . ( دەپ كېلىپ دادىسىنى تارتىدۇ )

ئەخمەت : ئۆيگە ماڭ  ،ۋۇ يۈزى  قىلىن ! ( دەپ سالامەتنى ئىتتىرۋىتىدۇ . سالامەت شۇ

چاغدا دادىسىنىڭ يانچۇغىدىكى پىچاقنى كۆرۈپ قىلىپ ، ئۇنى ئېلىۋالىدۇ )

سالامەت : دادا ، ئەگەر سىز ئۆيگە كەتمىسىڭىز مەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالىمەن ( سالامەت

شۇنداق دەپ پىچاقنى غىلاپىدىن ئېلىپ كۆكسىگە تەڭلەيدۇ ) دادا ، ئەكبەرنى قويۇپ بېرىڭ.

ئەخمەت : سەن تولا گەپ قىلماي ئۆيگە كەت ، ھېلى بىكار سەن تاياق يەيسەن ( دەيدۇ

سالامەتكە قارىماي . ئۇ ئەكبەرنى ئىتتىرىپ يېقىتىۋىتىدۇ )

ئەكبەر : ئەخمەت ئاكا سىلى ! . . .

ئەخمەت:مېنى ئاكا دېگۈچى  بولما ئۆلگۈر!(ئۇ كېلىپ ئەكبەرنى تىزى بىلەن بېسىۋالىدۇ)

سالامەت:دادا...(سالامەت  بىرلا ۋاقىراپ ، دادىسى پەرۋا قىلمىغاندىن كېيىن كۆكسىگە

پىچاقنى سانچىپ « ئاھ » دەپ يىقىلىپ چۈشىدۇ )

ئەكبەر : سالامەت ! ( ئۇ بىرلا ۋاقىراپ ئۆزىنى بېىسىۋالغان ئەخمەتنى كەينىگە ئۆرىۋىتىدۇ.

ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ، كېلىپ سالامەتنى يۆلەپ بېشىنى قۇچىغىغا  ئالىدۇ.) سالامەت نېمە  ئۈچۈن بۇنداق قىلىسز؟...كۆزىڭىزنى ئېچىڭ سالامەت...نېمىشقا مېنى ئويلىمايسىز!... ( ئەخمەت بۇ چاغدا سالامەتنىڭ ئۆزىگە پىچاق تىقىۋالغانلىغىنى بىلىپ ئۇنىڭ قىشىغا كېلىدۇ )

ئەخمەت : ۋاي قىزىم ، سەن نېمە بولدۇڭ؟...سەن قىزىمنى قويىۋەت !

ئەكبەر : ( سالامەتنىڭ بېشىنى ئاستا يەردە قويۇپ ، ئەخمەتنىڭ ياقىسىدىن ئالىدۇ.)

سەن دادا ئەمەس ، بىر قاتىل !(دەپ ئۇنى ئىتتىرۋىتىدۇ.ئەخمەت يىقىلىپ چۈشۈپ ئولتۇرۈپ قالىدۇ .ئەكبەر كېلىپ  جىمجىت  ياتقان  سالامەتنىڭ  بېشىنى  يۆلەيدۇ  ) سالامەت نېمىشقا  بۇنداق  قىلىسىز... مېنى نىمشقا يالغۇز تاشلاپ كېتىسىز ؟( ئەكبەرمۇ ئۆكسۈپ يىغلايدۇ)سالامەت كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!... مەن  سىزدىن ئايرىلىپ قانداق ياشايمەن...ئاھ ، سالامەت ! بىز بۇنداق داغدا قالساق بولمايتتىغۇ...سىزسىز  بۇ  ھاياتنىڭ  ماڭا  نېمە  كىرىگى...مېنىڭ  ئەمدى ياشىغۇم يوق...مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ ، مەن ھازىرلا كەينىڭىزدىن يېتىپ بارىمەن.(ئەكبەر سالامەتنىڭ جەسىدىنى يەردە قويۇپ ، بېشىنى ئۈمۈدسىزلىك بىلەن چايقاپ ئەتراپقا قارايدۇ.ئاندىن سالامەتنىڭ كۆكسىدىكى پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ كۆكسىگە سانچىيدۇ _ دە ،سالامەتنىڭ يېنىغا يىقىلىپ چۈشىدۇ . پەردە يېپىلىدۇ )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 138
تۆھپە : 11
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 17:54:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دارامما ياخشى يېزىلىپتۇ!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  145
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 49
تۆھپە : 2
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 23:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتىكەن .مەتبۇئاتلاردىن بىرىر درامما كۆرمىگىلى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش