تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 604 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 165|ئىنكاس: 8

ئوۋچى: ئات كۆندۈرگۈچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  294
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 39
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:34:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاﺕ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ

ئوۋچى



ﺗﯘﻳﻐﯘﻣﺪﺍ...ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﻩ...ﺭﯦئاﻟﻠﯩﻘﻤﺪﺍ

ﺑﯩﺮ ئەﺳﻪﺑﻰ ﻳﺎﯞﺍ ئات

ئۇﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﻨﻪﺷﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ﺑﻪﺭﺑﺎﺕ!

ئۇ ﭼﯧﭙﯩﭗ ئۆﺗﯩﺪﯗ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ

ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺩﯨﻠﻤﺪﯨﻦ.

ئۆﻟﯜﻣﻨﻰ ئۇﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻬﯘﺵ

رىئاللىق ﺭﻩﯓ ئاﻟﺪﻯ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ.



ئۆﻟﮕﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﭘﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻮﭘﺎ

ﻫﻮﻥ ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻟﯩﺮﻯ...ﺗﯜﺭﻙ ئاﺗﻠﯩﺮﻯ

ئاتلاﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ئاستىدا

ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ.

ئاتلار  ﻛﯩﺸﻨﻪﻳﺪﯗ

ﻗﯩﻠﯩﭽﻼﺭ ﻧﻪﺭﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ

ﻗﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻟﯩﺪﯗ ئەﺳﻪﺑﻴﻠﯩﺸﯩﭗ

ﺗﺎﯓ ئاﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺟﯩﻤﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ

ئاﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﻤﻪﻥ رىئاللىقىمغا...



ئاﺕ

ﭼﯧﭙﯩﭗ ئۆﺗﻪﺭ ﺭىئاﻟﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ

ﻛﯚﻛﺮﯨﻜﯩﻤﺪﻩ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﺗﻮﺯﻏﯘﺗﯘﭖ.

ﭼﯧﭙﯩﭗ ئۆﺗﻪﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ

ﺑﯩﺮ ئەﺳﻪﺑﻰ ئاﺭﻣﺎﻥ ئوﻳﻐﯘﺗﯘﭖ.

ﻛﯩﺸﯩﻨﻪﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ

ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭ ئۆﻟﮕﻪﻥ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩ.



ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭ ئۆﻟﮕﻪﻥ

ئاﺗﻼﺭ ﻳﯜﮔﻪﻧﺴﯩﺰ.

ﺗﺎﺵ ﺗﺎﻣﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ

ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻼﺭﻏﺎ

ﺷﯩﻠﺪﯨﺮﻻﻳﻤﻪﻥ...ﺳﯘﺳﯩﺰ ئاﻗﯩﻤﻪﻥ.



ئاﺕ

ﯞﯗﺟﯘﺕ ﭼﯚﻟﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ئاھى

ﭼﯜﺷﯜﻡ ئاﺳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﺎﻗﻨﺎﺭ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ

ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ئۇﻧﯩﯔ ﻧﯩﮕﺎﻫﻰ.

ﻣﻪﻥ ئاﺗﻘﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﺪﯨﻢ

ئاتقا ئاﻳﻼﻧﺪﯨﻢ

ئاﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐﺎ ﺳﯚﺭﯛﻟﯜﭖ

ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﯩﻤﻪﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ.



ئات

ﻛﯩﺸﻨﻪﻳﺪﯗ ، ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺳﻪﻛﺮﻩﻳﺪﯗ

ﭼﻮﻗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﺳﻪﻛﺮﻩﻳﺪﯗ

ئاﻟﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺳﺘﻪ ﺳﯜﻛﯜﺕ

ﻗﺎﻳﻐﯘ ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﺮﺍﻡ

ﯪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﻨﻪﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﻳﺎﻗﯩﻤﻪﻥ

ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯚﻟﮕﻪ ئاﻗﯩﻤﻪﻥ.....

ﯞﺍﻗﯩﺖ ئەينەكلىرىدا

ﻛﯚﯕﯜﻝ ئەﺧﻠﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ

ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻗﯘﺷﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ

ﻳﺎﺕ ئەﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ

ﭼﺎﻗﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ئاﺭﺍ

ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻏﯧﺮﯨﭙﻠﯩﻖ

ئاﻗﺎﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ.

ﺑﺎﺯﺍﺭ

ئۈﺭﯛﻣﭽﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻫﻪﺭ

ئۇﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ئەﺳﻠﯩﻤﻪ

ﺗﻮﺯﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ئاﻟﻘﺎﻧﻼﺭ ئاﺭﺍ

ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻣﺎﻧﺎ....ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ ﻳﺎﺭﺍ.

سېتلىۋاتقانﺳﯚﻳﮕﯜ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ

ﺟﺎﻻﭘﺮﻩﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺷﺘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ.....



ئات

ئەﮔﯩﺸﯩﭗ ﺷﯘ ئاﻗﭽﯩﻼﺭ ﺗﺎﻣﺎﻥ

ﻛﻪﺗﺘﻰ..ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ...ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻫﺎﻣﺎﻥ....




ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻟﻪﺭ ﻫﺎﺭﻏﯩﻦ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ

ﺋﯩﮕﯩﺰ-ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭ ﻳﯜﮔﯩﺮﻩﺭ

ئاﺕ ﭼﻮﺷﻘﯩﻐﺎ ئۆﺯﮔﯩﺮﻩﺭ

ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯ ﭼﻮﺷﻘﯩﻐﺎ ﻳﯧﻤﯩﻐﺎ.....

.........

............ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯜﻡ ﻳﻮﻕ

ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺍ ئاﺗﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﻤﻪﻥ

ئۆﻟﮕﻪﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ئاﺳﺘﯩﺪﯨﻦ

ئۆﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ

ﯞﯗﺟﯘﺕ ﭼﯚﻟﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ.

ﻣﻪﻥ

ﺑﯩﺮ ئاﺕ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ئوﻳﻼﻳﻤﻪﻥ

ئاﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

ئەسەبىي ئۈﻣﯜﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﻰ ﺳﯜﻛﯜﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

ﻗﻪﻟﯩﭗ ﭼﯚﻟﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﭼﯧﭽﯩﯟﯨﺘﯩﭗ

ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ

ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻟﯘﭖ ﺳﯧﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭗ

ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘ ﻳﺎﯞﺍ ئاتنى

ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﺳﻪﻡ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ....


2006-يىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   owchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 12:37  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 351
تۆھپە : 1
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 13:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوچى ئالىيلىرى  ،شېئىر بەك ياخشى چىقىپتۇ ! قۇت تىلەيمەن .

ھايات قانلار كېچىپ ئېلىشىش دېمەك
ئۆلۈم قان ئىچىدە ئېچىلغان چېچەك ...
بېغىمغا ئۆلۈم ئەتىرگۈللىرىنى تېرىش بىلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 100
تۆھپە : 3
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 13:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ئەسەرلىرىىزنى ئوقۇش تولىمۇ ئاز نىسىپ بولدى...
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  240
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 41
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 13:50:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرلاردا مۇنداق زورۇقۇش ئاز كۆرىلىدۇ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 79
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 14:56:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، كۆندۈرمەي قوي شۇ شالغۇتلاشمىغان ياۋا ئاتنى!  (چاخچاق)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 254
تۆھپە : 3
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 15:34:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەۋەسكار ئىنىڭىزدىن سىلىگە سالام مۇئەللىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  87
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 235
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 21:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋچى بۇرادەر، يېڭى يازمىلارنى ساندۇقتىن چىقىرىپ قويايلى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  107
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 98
تۆھپە : 2
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 23:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىيەلەر ھارغىن شۇ قەدەر ................دىگەن مىسرا ماڭا بەكمۇ تۇنۇش بىلىندى .

ھايات بىر ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  96
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 100
تۆھپە : 1
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 20:30:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خىل سىھرى كۈچ بار ئوۋچىنىڭ شئىېرلىرىدا !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش