ئەي يىگىت
ئادىلجان ئىمىن سەبۇرى
جۈپتى ھالال تاللىماق بولساڭ ئەگەر ،
تاللا زاتى ئىسىلىنى تاك ئېتىپ .
بولسا تاللاپ سۆيگىنىڭ ئاسىي كۈڭۈل،
باشلىرىڭغا غەم سالۇر كۈنلەر ئۆتۈپ .
تېخىمۇ ياخشى بىلىملىك بولغىنى ،
قەلبى بولسۇن پاك ، گۈزەل ھۆسنىمۇ ھەم.
خۇلقىمۇ بولغاي يېقىملىق شوخ ، تىتىك ،
كەلسە ئۆيگە مىھمىنىڭ قىلمايسەن غەم.
قولىمۇ بولغاندا گۈل بەختىم دېگىن ،
بولمىغىن ئاۋارە ئىزلەپ ئۆزگىنى .
بەر كۆڭۈل قىلغىن ئەقىدە بىر ئاڭا ،
ياڭرىتىڭلار تەڭ بەخىتلىك كۈلكىنى.
2010-يىل 2- دىكابىر ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-18 15:48