تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 603 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 132|ئىنكاس: 12

مەن ۋە شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋە شېئىر


ساداقەتجان ھاجى


شېئىرسىز ھايات چوغۇم يالجىمايدۇ.
شېئىرسىز ياقماس ماڭا باھار پەسلى.
ئۇ بولغاچ روھىم مېنىڭ ئالجىمايدۇ.
مەن ئۈچۈن مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ ۋەسلى.

شېئىرسىز ئارمان قۇشۇم ئۇچالمايدۇ.
شېئىرسىز بەخت-ئامەت مەندىن يىراق.
ئۇ بولغاچ قەلبىمنى تۈن قۇچالمايدۇ.
ئۇ ياقتى يۈرىكىمگە مەشئەل-چىراق.

شېئىرسىز دىل ئاسمىنىم سۈزۈلمەيدۇ.
شېئىرسىز ئەقىل گۈلۈم چاچماس پۇراق.
شېئىردىن كۆڭۈل رىشتىم ئۈزۈلمەيدۇ.
شېئىر دەپ قاينار ئىشقىم بولۇپ بۇلاق.

شېئىرسىز سۆيگۈ ماڭا شىرىن ئەمەس.
شېئىرسىز ئىچكەن شەربەت زەھەر-زەھەر.
ئويغۇتار شېئىر مەندە ئوتلۇق ھەۋەس.
ئويغۇتار شېئىر مېنى ھەر تاڭ سەھەر.

شېئىرسىز ئويلىرىمنىڭ قىممىتى يوق.
شېئىرسىز يولىرىمنى باسار يانتاق.
شېئىردا ھەقىقەت بار، شېئىر - ئۇلۇغ!
شېئىر بىر نەرە تارتسا چاقار چاقماق.

شېئىرسىز ئەقىدەمدىن شەيتان كۈلەر.
شېئىرسىز ئىرادەمدە ئۈمىد يوقتۇر.
ئوقۇسا شېئىرىمنى شەيتان ئۆلەر.
قولۇمدا قەلەم بولغاچ كۆڭلۈم توقتۇر.

نەۋايى شەربەت قۇيدى پىيالەمگە.
روھىمغا مەشرەپ روھى مەدەت قىلدى.
تەۋپىقنىڭ قېنى سىڭىپ ۋۇجۇدۇمغا
قەلبىمنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلدى.

ھىدايەت يالقۇنىدا ياندى دىلىم،
يورۇتتى ئىلھام نۇرى تۈنلىرىمنى.
چوغ بولۇپ، چولپان بولۇپ ياندى تىلىم،
ئۆتكۈزدۈم شېئىر بىلەن كۈنلىرىمنى.

شېئىرىم-ياۋغا ئاتقان ئوقۇم مېنىڭ.
شېئىرىم-يارغا بەرگەن مۇھەببىتىم.
بەختىمدۇر، ئامىتىمدۇر چوقۇم مېنىڭ
شېئىر دەپ چەككەن ھەر بىر مۇشەققىتىم.

شېئىرىم - سولمايدىغان گۈللىرىمدۇر.
مەن ئۇنى خەلقىم ئۈچۈن تىزىپ چىققان.
شېئىرىم-ئۆلمەيدىغان كۈيلىرىمدۇر.
مەن ئۇنى قېنىم بىلەن يېزىپ چىققان.

★★★★★
(2003-يىل. قەشقەر
«قەشقەر ئەدەبىياتى» 2004-يىللىق 3-سان)
★★★★★



بەش يىلدىن كېيىن شېئىر ھەققىدە قايتا ئويلاندىم ۋە شېئىرسىزمۇ مەۋجۇتلۇقىمنى، بەلكى مەنسىز شېئىرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. شېئىر ھەققىدىكى سېھىرلىك تۇيغۇلاردىن ۋاز كەچتىم ۋە شېئىرسىز دۇنيانىڭمۇ گۈزەللىكىنى تۇيدۇم. ئەلۋەتتە، شېئىرسىز دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى شېئىر بىلەن تۇيدۇم؟ سېھىر بىلەن ئەمەس!


شېئىرسىز دۇنيا


ساداقەتجان ھاجى


شېئىرسىزمۇ گۈزەلدۇر دۇنيا،
شېئىرسىزمۇ گۈللەر ئېچىلار.
شېئىرسىزمۇ زۇلمەتتە قالغان
روھىمىزغا نۇرلار چېچىلار.

شېئىرسىزمۇ يىغلىيالايمىز،
شېئىرسىزمۇ كۈلىمىز يەنە.
شېئىرسىزمۇ ياشىيالايمىز،
شېئىرسىزمۇ ئۆلىمىز يەنە.

شېئىر ئۇنچە مۇقەددەس ئەمەس،
شائىرمۇ ھەم ئەمەس ئەۋلىيا.
شېئىر يېزىش - سۆيگۈ يا ھەۋەس،
شائىر بولساڭ بولغىن بىرىيا.

«قەلىمىمدىن قان ئاقتى» دىمە،
ۋىجدانىڭنى پەش قىلىپ تولا.
سەن بىر ئۆمۈر دىيەلمىگەننى
دىيەلەيدۇ كىچىك بىر بالا...

★★★★★
(2008-يىل 4-ئاي. قەشقەر)
★★★★★

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  294
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 39
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى شېئىردىكى سەمىمىيلىككە باش لىڭشىتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 5
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 15:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرلىقىڭىزغا قول قويدۇم......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  141
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 50
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 16:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىيىنكى پىكىرگە ئاۋاز قوشىمەن. كىيىنكى شېئىرنى بەكرەك ياقتۇردۇم. چۈنكى يالىتىراق مەزمۇندىن ئازاد بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 71
تۆھپە : 2
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 23:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تەرجىمىلىرىڭىزدىن داۋاملىق زوق ئېلىپ تۇرىۋاتىمەن ،كۆپچىلىك دېگەندەك ئىككىنچى شېئىرىڭىز ئالقىشقا لايىق ئىكەن ، مەن قىزىمنىڭ شائىرى دېگەن شېئىرىڭىزنىڭ تەمى ھېلىمۇ يادىمدىن كەتمىدى ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەر ئىگىسى بولغايسىز .

تامغان تامچە تاشنى تېشەر ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 17:58:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي شائىر

ساداقەتجان ھاجى

شائىرلىققا قىلىپ مەن ھەۋەس،
چاغلاپتىمەن ئۇنى بەك ئاسان.
چىن، ھەقىقىي شائىر دىگەننىڭ
بولمايدىكەن قەلبى چۆل-خازان.

(1986-يىل 13-مارت. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1986-يىل 5-ئاي)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:00:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىمغا خىتاب

ساداقەتجان ھاجى

بوغۇم بىلەن بوغۇلمىغىن،
تۇراق بىلەن تۇراقلاشما.
ھۆر پىكىر قىل!
ئەل كۆڭلىدىن
يىراقلاشما، يىراقلاشما.

يۇلتۇز بولۇپ چاقنا تۈندە،
تاڭدا ئايلان قۇياشقا.
ئىنسانىيەت بەخت تاپسۇن،
يول ئېچىپ بەر ياشاشقا!

(1988-يىل. «قەشقەر گېزىتى» 1988-يىل7-ئاينىڭ 16-كۈنى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:01:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلبۇل

ساداقەتجان ھاجى

بۇلبۇلنىڭ ناخشىسى مۇڭلۇقتۇر،
تىترىتەر يۈرەكنىڭ تارىنى.
چۈنكى ئۇ مۇجەسسەم ئەيلىگەن
مۇھەببەت-سۆيگۈنىڭ بارىنى.

بۇلبۇلدا ساداقەت، ۋاپا بار،
بىر ئۆمۈر كۈيلەيدۇ گۈلىنى.
شۇڭلاشقا ئىنسانلار ئوخشۇتار،
بۇلبۇلغا شائىرنىڭ تىلىنى.

(1988-يىل 30–مارت. «قەشقەر گېزىتى» 1988-يىل 18-ئىيۇن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز  شائىرلار

(جەمشىت روزاخۇنغا تەقلىد)


ساداقەتجان ھاجى

شېئىر يېزىپ شائىر بولۇپ يۈرگەن بىز.
بېشىڭلاردىن بۇلۇتلارنى سۈرگەن بىز.
بەختىڭلارنى كىمكى پايخان ئەيلىسە،
ھەممىڭلاردىن ئاۋۋال قاپاق تۈرگەن بىز.

قاراڭغۇدا ئەگەر تىنەپ قالساڭلار،
يۇلتۇز بولۇپ نۇرىمىزنى بەرگەن بىز.
مېڭىش ئۈچۈن يولغا مۇھتاج بولساڭلار،
ئىستىقباللىق يولىمىزنى بەرگەن بىز.

مۈشكۈلچىلىك قەددىڭلارنى ئەككەندە،
بەدەل تەلەپ قىلماي يۆلەپ قويغان بىز.
جېنىڭلارغا بېرەر خەتەر يەتكەندە،
سىلەر ئۈچۈن جاننى تۆلەپ قويغان بىز.

بىز-شائىرلار بەختىڭلارنىڭ قورغىنى.
يۈرىكىمىز سىلەر ئۈچۈن سوقىدۇ.
غەنىمەتتۇر شائىرلارنىڭ بولغىنى،
دۈشمىنىڭلار شائىرلاردىن قورقىدۇ.

(1988-يىل 8-ئاي. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1993-يىللىق 4-سان)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:08:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئارزۇسى

ساداقەتجان ھاجى

خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان شائىر
شېئىرىنى تاشلاپ بۇلاققا
دەريا بولۇپ باھار ناخشىسى
ئاقسۇن دەيدۇ ئۇزاق- ئۇزاققا.

شاماللاردا سەگىگەن شائىر
شېئىرىنى ساماغا تاشلاپ
پەرۋاز قىلىپ نورۇز ناخشىسى
كەلسۇن دەيدۇ باھارنى باشلاپ.

خۇشپۇراقتىن خۇش بولغان شائىر
شېئىرىنى چېچىپ گۈللەرگە
چۈمسۇن دەيدۇ پۈتكۈل كائىنات
باھار ئېلىپ كەلگەن كۈيلەرگە.

(1989-يىل 3-ئاي. «قەشقەر گېزىتى» 1989-يىل 3-ئايلىق سان)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:14:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر كۆڭلى

ساداقەتجان ھاجى

شائىرنىڭ شېئىرغا سىغقان كۆڭلىگە
بۇ كەڭرى جاھانمۇ تار كىلىدىكەن.
شائىرنىڭ ساپ ۋىجدان، ئاق كۆڭۈللىكى
ئىچى تار زامانغا ھار كىلىدىكەن.
شۇڭلاشقا تەۋپىقتەك، ئابدۇخالىقتەك
شائىرنىڭ بېشىغا دار كىلىدىكەن.

(1997-يىل 1-نويابىر. «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2000-يىل 14-ئۆكتەبىر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ جەننىتى

ساداقەتجان ھاجى

شېئىر، ئۇ-بىر دۇنيا
شائىرنىڭ قەلبىنى پاتقۇزغان.
زۇلمەتتىن قۇتقۇزۇپ روھىنى
چىرايلىق تاڭلارنى ئاتقۇزغان.

شېئىر، ئۇ - بىر دۇنيا
تىكەندىن گۈللەرنى ئۆستۈرگەن.
ئازابتىن ئۆزىنى قاچۇرماي
ياشاشقا شائىرنى كۆندۈرگەن.

شېئىر، ئۇ-بىر دۇنيا
شائىرنىڭ ئىزدىگەن جەننىتى.
ئىنساننى ھۆرلۈككە ئۈندەيدۇ
ئۇلۇغۋار شېئىرىيەت سەنئىتى.

(1998-يىل 6-فىۋرال. «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2001-يىل 22-ماي)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:18:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىن شەربەت ئىچتىم قېنىپ-قېنىپ

ساداقەتجان ھاجى

ھاياتتا يۈرگەن بىلەن ئېغىر تىنىپ،
قالغىنىم بىلەن يەنە غىرىپسىنىپ،
تۇرىدۇ يۈرىكىمدە بىر ئوت يېنىپ.
شېئىردىن شەربەت ئىچتىم قېنىپ-قېنىپ.

باشلىدى شېئىر مېنى ئۇلۇغلۇققا.
زۇلمەتتىن چىقتى قەلبىم يورۇقلۇققا.
مەن تەشنا بولغان چاغدا ئېسىل روھقا
شېئىردىن شەربەت ئىچتىم قېنىپ-قېنىپ.

دىلىمنى يورۇتقىنى ھىكمەت بولدى.
روھىمنى ئۇرغۇتقىنى ھىممەت بولدى.
ياشلىقىم شېئىر بىلەن قىممەت بولدى.
شېئىردىن شەربەت ئىچتىم قېنىپ-قېنىپ.

شېئىردا ئارمىنىم بار، ئەقىدەم بار.
خەلقىمگە مۇھەببىتىم، قەسىدەم بار.
شۇنىڭدىن باشقا مەندە نېمە غەم بار؟!
شېئىردىن شەربەت ئىچتىم قېنىپ-قېنىپ.

شېئىرنىڭ ئىشقى بىلەن بىدار بولدۇم.
بىر قېتىم ئېچىلغۇچە مىڭ بىر سولدۇم.
تاشارمەن ئەمدى قايناپ، ئاخىر تولدۇم.
شېئىردىن شەربەت ئىچتىم قېنىپ-قېنىپ.

(2003-يىل 1-ئاي. «قەشقەر ئەدەبىياتى» 2003–يىل 3-سان)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش