ئەركەكلىك چۇقانى
(ھەجىۋىي)
كۈرەش ھۈسەيىن
چېھرى سۈزۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە،
تىلى چۈچۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
بوران تۈسلۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە،
مەيدىسى تۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە،
پۈتۈنسۈرۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
باغاق كەتمەس، لالمىدەك سورۇن بولسا چىتلايمەن،
شاراب بىلەن شىركەبى ھەر نوچىنى «ئىت» لايمەن.
مەيدىسىگە ئۇرغاننى رەسۋا قىلىپ پۇتلايمەن،
شەرمەندىلىك ئىشتىنى ئېغىدىلا پىتلايمەن،
تىلى چۈچۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
بىر قارىساڭ يولۋاسمەن، بىر قارىساڭ قاۋانمەن،
خۇمسىلىقتا ئاشىمەن تەمتىرىمەي داۋانمەن.
ناجىنىسقا سايىۋەن، پاسىبانمەن خاقانمەن،
ئادەم سىياق تۇغۇلغان جادۇگەرمەن، ھايۋانمەن،
قېنى خۇنۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
ئاش بەرگەنگە تاش ئاتماي ئۆتكەن كۈنۈم كۈن ئەمەس،
تۇزلۇقلارغا سىيمىگەن تۈنۈم ھەرگىز تۈن ئەمەس.
سۆيگەنلەردىن سويغىنىم تېرە، چاپان-تون ئەمەس،
بىچارىلەر كۆزىدىن تۆكمىگىنىم خۇن ئەمەس،
يۈرىكى كۆك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
يۈزۈمدىكى بىر كۈلكە مىڭ شۇملۇققا ھامىلدار،
كۆزۈمدىكى سوغ نۇردىن باھاردىمۇ قار ياغار.
تىنىقىمدىن غەيۋەتنىڭ كوھىقاپى لاغىلدار،
نەزىرىمدىن جەننەتتەك چىمەنلەرمۇ خارۇ-زار،
سېسىق كۆپۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
كۆزلىرىمدىن جۇت تاشار، ئۇچقانلارنى كۆرگەندە،
يۈرىكىمدە ئوت يانار، ئوغلانلارنى كۆرگەندە.
پۇت-قولۇمدىن جان قاچار پالۋانلارنى كۆرگەندە،
ۋۇجۇدۇمدا مۇز قاتار مەردانلارنى كۆرگەندە،
يۇندا، شۆپۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
شېرىن-شەربەت تۆكۈلەر ئېچىلسىلا زۇۋانىم،
تۈلكىنىمۇ ئالدايمەن، تۈرلۈك-تۈمەن ئامالىم.
قايىل ئاداش، قېرىنداش، يۇرتلۇقلىرىم-يارانىم،
قۇرداشلارنىڭ كۈلكىسى ئەزرائىلىم، زاۋالىم،
ئۆسمىدەك تۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
ئاجايىپ ئىش- تېتىيمەن توسسا ئەگەر مىڭلاپ ماز،
ئاۋۇتىمەن خېرىدار سېتىپ يۈرۈپ جىڭلاپ ماز.
قىلالايمەن بولالماي قالغانلارنى ئوڭلاپ ماز،
ماز بولمىساڭ تۈگەيسەن دەيمەن نامەرد توڭلاپ ماز،
جاھانغا يۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
ئازغۇنلۇقتا شەيتانمۇ سۇ بېرەلمەس قولۇمغا،
ھېيلە-مىكرىم ئالدىدا تۈلكە-توشقان يولۇمدا.
سۈيقەست چايان، بۈرگىسى بىللە ئوڭۇ-سولۇمدا،
ئوغا زەھەر قاينايدۇ ۋۇجۇدۇمدا-تولۇمدا،
جۇلا پۆپۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
دېيىلسە ئۇر داداڭنى، باش، پۇتىنى كەسلەيمەن،
دېسە يانغىن ئاكاڭغا، ئۇكامنىمۇ قەستلەيمەن.
يۆلىگەنچە قېرىنداش سۆرىلىمەن، پەسلەيمەن،
ئەجدادىڭ كىم دېگەننى ئۇنۇتمايمەن ئەسلەيمەن،
مەيدىسى تۈك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
ئالايغانغا ئال دەيمەن، ئاۋال ھويلا-ئارامنى،
مۇشتلىغانغا ئال دەيمەن، توخۇ-تۇمان، كالامنى.
«خەپ توختاپ تۇر» دېگەنگە كۆرسەتمەيمەن قارامنى،
قاچان؟ نەدە؟ كىم كۆرگەن مەندەك پۇشتى ھارامنى؟
غالچا-سوكسوك ئەركەكمەن، ئىشەن مەيلى ئىشەنمە.
2004-يىل