كۆرۈش: 1893|ئىنكاس: 0

ئادالەت ئابدۇرېھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
clip_image002.jpg


ئادالەت ئابدۇرېھىم يارۇغ 1969- يىلى يېڭىسار ناھىسىدە تۇغۇلغان. 1989- يىلى قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ،يېڭىسار 1- ئوتتۇرا، يېڭىشەر 1- ئوتتۇرا  مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان.
   ئادالەت ئابدۇرېھىم يارۇغ  1984- يىلى «ئۇستاز روھى» ناملىق شېرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ  كەلگەن. ھازىرغىچە 300 پارچىگە يېقىن  شېئىر، 300پارچىگە يېقىن نەسىر، 33 پارچە پوبلىستىك  ماقالە، 27 پارچە ھېكايە-پوۋېست... قاتارلىق  ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى  ئاپتونوم  رايۇنىمىزدىكى  تۈرلۈك گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.1993-يىلى «ئىستىقبال بوسۇغىسىدا» ناملىق ھېكايىسى«تەڭرىتاغ »ژورنىلى تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. « قەشقەرلىك ئايال» ناملىق داستانى، «ئەركەك سۇ» ناملىق شېئىرى  ۋە  «ئۇيغۇر رەسسامى،نان، ئامرىكا»ناملىق ماقالىسى ئارقا- ئارقىدىن  مەركىزىي خەلق رادىيۇ ئىستانسدا ئاڭلىتىلىپ جەمىيەتتە ئالاھىدە يۇقۇرى تەسىر قوزغىدى. تونۇلغان قەلەم ساھىبى تاھىر تالىپ تەرىپىدىن يېزىلغان «قىزىم ئادالەت، قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن » ناملىق  ئىجادىيەت تەرجىمھالى مەركىزىي خەلىق رادىيو ئىستانسىدا مەخسۇس ئاڭلىتىلىپ  يۇقۇرى شەرەپكە ئېرىشتى. «بۇ تويمۇ نەزىرمۇ » ناملىق ماقالسى2008- يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت » ئېلان قىلىنىپ «ئالاھىدە دەرىجىلىك ئەسەر»دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.    «ئەۋلاتلار ئىشقىدا كۆيىۋاتقان يۈرەك»، «بالىلار نىمىشقا مەكتەپتىن بىزار بولىدۇ » ناملىق ماقالىلىرى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن رادىيۇ پىروگىراممىلىرىنى باھالاش مۇسابىقىسىدا 2-، 3-، دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى. 2004- يىلى « ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە مەشىقلىرى » ( باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ) نەشىر قىلىنغان 2011- يىلى «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن  « كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت » ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات كىتاۋى نەشىردىن چىقتى. « سېھىرلىك ئوت » ناملىق پوۋېست-ھېكايىلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. «ئىپارخان » ناملىق رومانى،«پەرىشتىنىڭ قانىتى» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى، «ئاھۇ كۆز» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى شىنجاڭ پەن تېىنىكا – ئۇچۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن پات ئارىدا نەشىر قىلنىدۇ  
ئادالەت ئابدۇرېھىم يارۇق ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر جەمىيتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزازى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىيتىنىڭ ئەزاسى.  ھازىر يېڭىشەھەر ناھىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە   تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش