تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 603 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 3

كىتابخانا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 38
تۆھپە : 3
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 11:24:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
( « ئۆزقۇت » كىتابخانىسىغا ئائىت زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرۈپ گەرچە ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە  يېزىلغان بولسىمۇ نېمىشقىدۇر بۇ شېئىرىمنى يوللىغۇم كېلىپ قالدى )

كىتابخانا

دوقمۇشتىكى تانسىخانىدەك ،
ئەمەسسەن ئۇنچىلا پوزۇر ، ھەيۋەتلىك .
« خۇش كەپسىز » دېمەيدۇ گۈلدەك قىزچاقلار ،
ئىشىكىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئەدەبلىك .
چىراغلىرىڭ چاقناتمايدۇ كۆز ،
يەرگە گىلەم سېلىقلىق ئەمەس .
ئەدناسى شۇ تانسىخانىدەك ،
خېرىدارمۇ تولمايدۇ پەۋەس .
پۇرىمايدۇ پارىژ ئەتىرى ،
ئادەملەرمۇ كىرەر كەمدىن – كەم .
ھەم شاراقلاپ خەجلەنمەيدۇ پۇل ،
يوق دېيەرلىك سەلتەنەت ، ھەشەم . . .
لېكىن سەندە بار
بۇ ھاياتلىق مۇساپىسىدە
ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچ ماياك .
قاپ – قاراڭغۇ تۈندەك دىللارنى ،
ئەبەدىيلىك يورۇتقۇچ چىراغ .
سەندە بار ،
تىلسىملارنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى .
تا ئەبەدىي ئولتۇرماس قۇياش
( كائىناتقا نۇرلار چاچقۇچى ) .

كىتابخانا ،
ئۇلۇغسەن غەرەزسىز خىسلىتىڭ بىلەن
ئاۋات جاي بولىسەن بىر كۈنى جەزمەن ! . . .

1996 . 10 . 11 ( 04 ) قەشقەر
« شىنجاڭ گېزىتى »نىڭ 1998 . 4 . 18 – كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەزەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 11:25  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  458
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 34
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە مىڭلاپ رېستۇران ،تانسىخانا،قاۋاق  بولغىنىدىن، ئاۋامنىڭ  ئاچقان،ئۇسسىغان  يېرىگە مەلھەم بولالغىدەك بىر كىتابخانىنىڭ بولغىنى مىڭ  ئەۋزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 5
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 15:54:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ ياخشى يېزىلغىنىدىن سۈيۈندۈم. مەزمۇنى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدى. راس دەيدۇ، بىر كۈنلەرگە كەلگەندە كىتاپخانىلىرىمىز ئاۋات بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 138
تۆھپە : 11
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 15:20:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر كىتاپخانا ئەمەس دسكوخانا ئاۋاتلاشقىنى بىلەن چۇقۇم كىتاپخانا ئاۋاتلىشىدۇ!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش