كۆرۈش: 752|ئىنكاس: 14

بالىلىق چەشمىللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يىتىپ كەلدى ئەتىياز

ئادىلجان ئىمىن سەبۇرى

يىتىپ كەلدى ئەتىياز ،
قار مۇزلارمۇ ئىرىدى .
ھەركەتلىنىپ دىھقانلار،
ئېتىزلىقتا ئىشلىدى.

يىتىپ كەلدى ئەتىياز،
ئەمگەك قاينار ئېتىزدا.
غاز-ئۆردەكلەر ئوينىشار،
ئېرىق-ئۆستەڭ قېنىدا.

يىتىپ كەلدى ئەتىياز ،
باغ-ۋارانلار كۆكەردى،
يېشىللىقتىن تەبىئەت،
زەپ چىرايلىق تون كەيدى.

يىتىپ كەلدى ئەتىياز ،
قۇشلار كەلدى جەنۇپتىن،
ئۇۋا سالدى بەس-بەستە،
يۇمران ئۆسكەن ئوت-چۆپتىن.

يىتىپ كەلدى ئەتىياز،
چىھىرلەردە خۇش كۈلكە،
لەگلەك ياساپ ئوينىدى،
دوسچاقلىرىم مەلەمدە.

                                       مەنبە   خاتىرەم      2005-يىل ئاپرىل  .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-15 11:28:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار  تىلىغا  ماس  ھالدا  يېزىلىپتۇ،  ھارمىغايسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 17:21:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 11:28
بالىلار  تىلىغا  ماس  ھالدا  يېزىلىپتۇ،  ھارمىغايسىز

رەھمەت سىزگە ........سالامەت بۇلۇڭ ....

ۋاقتى: 2013-4-15 18:02:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقتا  ئوينىغان   مەھەلەمنى  ئەسلىتىپ  قويدىڭىز   دوستۇم   ،ئاشۇ  چاغلار دا  بىز  نېمە  دېگەن   بەخىتلىك  -ھە  !  

ۋاقتى: 2013-4-15 18:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنىڭ تىلى يەڭگىل، ياخشى چىقىپتۇ. ئىجادىيەتلىرىڭىزگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-16 14:01:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنقارى يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 18:02
بالىلىقتا  ئوينىغان   مەھەلەمنى  ئەسلىتىپ  قويدىڭىز   دو ...

رەھمەت بۇرادەر .....ئەسىرىمنىڭ  ئەشۇ بەخىتلىك كۈنلىرىڭنى  ئىسىڭگە سالالىغانلىقىدىن  خۇرسەن  بولدۇم....سالامەت بولغىن.....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-16 14:12:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھان.ئەنھار يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 18:22
شېئىرىڭىزنىڭ تىلى يەڭگىل، ياخشى چىقىپتۇ. ئىجادىيەتلىر ...

رەھمەت  سىزگە  رەيھان قىز.....قاتناشتۇرغان پىكىرىڭىزدىن  مەمنۇن بولدۇم.....سىزنىڭمۇ ئىجادىيىتىڭىزگە مۇۋەپپىقىيەت  تىلەيمەن..سالامەت بۇلۇڭ...

ۋاقتى: 2013-4-17 16:09:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددى،چۈچۈك،تىقىملىق بالىلار كۈيى بولۇپتۇ...يارايدىلا...!

ۋاقتى: 2013-4-17 16:10:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تىتىملىق»ئىدى،«تىقىملىق» بولۇپ قاپتۇ...تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-17 16:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇژغۇن يوللىغان ۋاقتى  2013-4-17 16:10
«تىتىملىق»ئىدى،«تىقىملىق» بولۇپ قاپتۇ...تۈزۈتۈپ ئوقۇش ...

رەھمەت سىلىگە  مۇئەللىم ........ مەن بۇ ساھەدە بىر  نوتا ، بىلىدىغىنىم ئاز  ...كۆپرەك يول كۆرسىتىشلىرىگە مۇھتاجمەن.....سىلىنىڭمۇ  ئىجادىيەت ئىشلىرىغا  ئۇتۇق...تەنلىرىگە سالامەتلىك تىلەيمەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-21 02:31:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنىدۇ  بالىلىقىنى ،
بالىلىققا  قانمىغان كۆڭلۈم.....

ۋاقتى: 2013-4-21 03:59:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز سىدام سىزما رەسىمدەك بەكمۇ يېقىشلىق چىقىپتۇ. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-21 04:29:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوقلان يوللىغان ۋاقتى  2013-4-21 03:59
ئەسىرىڭىز سىدام سىزما رەسىمدەك بەكمۇ يېقىشلىق چىقىپتۇ ...

قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئىنكاس يوللىغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.....سالامەت بۇلۇڭ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىلجان ئىمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 04:29  


ۋاقتى: 2013-5-3 16:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.ھارمىغايسىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 16:15:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
janggiwar يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 16:22
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيم ...

  قىممەتلىك ۋاقىتىڭىزنى  چىقىرىپ  يازغان ئىنكاسلىرىڭىزدىن  خۇرسەن  بولدۇم ....  سىزنىڭمۇ  قىلغان ئىشلىرىڭىزغا  ، ئىجادىيىتىڭىزگە  بەركەت  تىلەيمەن  ....سالامەت  بۇلۇڭ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش