تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىگىسى: ئېلى ياسىن
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‹‹ئاجايىپ›› مۇكاپات( ساتىرىك ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  502
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 501
تۆھپە : 0
توردا: 74
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1-قەۋەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 19:37:52 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
                                                        ئاجايىپ مۇكاپات           
                                                           (ھېكايە)
                                
    ئېلى ياسىن


مۇنۇ ئىشخانىدا تۆت ئەر بولۇپ خىزمەت ۋاقتىدا بىر يەرگە يىغىلىپ گەپ سېتىشقا ئادەتلەنلەنگەن ئىدى، بۆگۈنمۇ ئۇلار ئەتتىگەن كېلىپلا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى:
-بىزنىڭ باشلىقنى دەيمەن، قاچانلا قارىسا شىلەپە كىيىۋالىدۇ، بۇنىڭدا بىرەر سىر بارمۇ قانداق؟...
-مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران، مانا مەن ئىدارىدا ئىشلەۋاتقىلى ئون تۆت يىلدىن ئاشتى، مۇشۇ باشلىقنى بىرەر قېتىم يالاڭباش كۆرۈپ باقمىدىم جۇمۇ، ھەر باشلىقلار يالاڭباش يۆرىيدۇ، بىزنىڭ باشلىق-زە خۇددى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن شىلەپە بىلەن تۇغۇلغاندەك، بېشىدىن شىلەپىسى چۈشمەيدۇ...                 
-بەلكىم تاز بولسا كېرەك... نۇمۇس قىلىپ كېيىۋالىدىغاندۇ ھەقىچان...                           
-نى باشلىقلار پاقىرتىپ يۈرىۋېرىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ يارىشىدۇ، بىزنىڭ باشلىقمۇ ئېلىۋەتسە بولمامدۇ، ئادەمنىڭ كۆزىگە كەنىت كادىرىدەك كۆرىنىدىكەن...پەقەت سۆلىتى يوق...                        
-ھەي راست، مۇشۇ باشلىق ئىشخانىسىدا زادى نىمىش قىلىدىغاندۇ؟... ئەتتىگەن بىر كىرىۋالسا ئىشكىنى چىڭ تاقاپ قۇيۇپ تاكى چۈش بولغاندا ئىشخانىسىدىن ئاران چىقىدۇ، چۈشتىن كېيىن يەنە ئىشخانىسىغا بىر كىرىپ كەتسە ئىشتىن چۈشكەندە سومكىسىنى قولتۇقلاپ ئۆردەكتەك ئىغاڭلاپ چىقىدۇ...                                                                                    
-راست، زادى نىمىش قىلىدىغاندۇ؟...                                                         
-سىلەر بەلكىم بىلىسىلەر،ئىدارىدا ھېچقايسى ئىشخانىغا تور تارتىلمىغان، پەقەت باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىلا تور بار،بۇ تور دۇنياسى دېگەندە ھەر قىسما نەرسىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەلكىم...   
-يائاللا... چوپ-چوڭ ئادەم-ھە؟...                                                         
-ۋاي، باشلىق كەلگەن ئوخشايدۇ...                                                            
ئاياغ تىۋىشى كىلىشى بىلەن تەڭ تۆت ئەر ھۆركىگەن چىۋىندەك ھەممىسى چاققانلىق بىلەن ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇرۋالدى،چۈنكى ئۇلارغا باشلىقنىڭ ئاياغ تىۋىشى تۇنۇشلۇق ئىدى،ئۇلار خۇددى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت ئىشلەۋاتقاندەك بىرسى كومپىيوتۇردا خەت ئۇرغان قىياپەتتە، يەنە بىرى قەغەزگە بىرنىمىلەرنى سىجاپ، يەنە بىرسى ھېسابلۇغۇچتا بىرنەرسىنى ھېسابلىۋاتقاندەك يەنە بىرى ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي جىددىيلەشكىنىدىن نىمىش قىلىشنى بىلەلمەي ئاخىرى خەت كۆپەيتىش ماشىنىسىغا قەغەز سالغان بولۇپ تۇرىۋالدى ،باشلىق ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى، باشلىقنىڭ ئىشكى يېپىلىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىلا ئۇلار يەنە ئورۇندۇقلىرىنى تارتىپ بىر يەرگە يىغىلدى:                                                                             
- بايا سۆزلەپ نەگە كەلگەن؟                                                                  
-باشلىقنىڭ شىلەپىسى...                                                                     
-ئۇنى دەپ بولدۇق...                                                                        
- ھە راست، باشلىقنى تاماققا بەك ئۇستا دەيدىغۇ؟                                                
-مەنمۇ ئاڭلىغان، باشلىق لەڭمەن، پولو، سومىيەن دېگەندەك تاماقلارنى بەك ئوخشىتارمىش...        
- باشلىق بورۇن بىرەر ئاشپەزلىك كۇرىسىدا ئوقىدىمىكىنا؟...                                      
-مەن دەپ بىرەي، خۇجىلىق بۈلۈم مۇدىرى ماڭا بۇنىڭ سىرىنى دەپ بەرگەن، باشلىق ئادەتتە ئىدارىدا قاپىقىنى تۈرۈپ سۈرلۈك يۈرگىنى بىلەن ئۆيگە بارغاندا خوتۇنىدىن بەك قورقىدىكەن، باشلىق توي قىلىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق تاماق تۈرىنى ئىتىشنى بىلمەيدىكەن، توي قىلغاندىن كېيىن خوتۇنى ئۇسال چىقىپ قېلىپ ئۇنىڭغا:‹‹ھازىر ئەر-ئايال ھۇقۇقتا باراۋەر، شۇڭا ئۆي ئىشلىرىنى مەنلام قىلسام ئادىل بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن دېجۈرنىلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ تاماقنى نۆۋەت بىلەن ئىتىمىز›› دەپتۇ، باشلىق تاماق ئىتەلمەيدىغانلىقىنى دېگەندە:‹‹ خاتىرجەم بولۇڭ، بۇنىڭغىمۇ ئامال بار›› دەپ ئايالى كىتابخانىدىن تائام تەييارلاش رىسالىلىرىنى ئەكەپ تاشلاپ بىرىپتۇ، باشلىق شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى رىسالىلەر بۇيىچە تاماق ئىتىشنى ئۆگىنىپ شۇنچىلىك ئۇستا ئاشپەز بولۇپ كىتىپتىكى ئاي-ھاي، ئايالى ھازىر مۇنداق دەپ يۈرگىدەك:‹‹ ۋاي غالىپجان، قۇلىڭىز نىمانچە تەملىك سىزنىڭ، بولسا تىزراق دەم ئېلىشقا چىقىڭە، سىزگە شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىدىن ئاشخانا ئېچىپ بىرەي، سىز ئەتكەن تاماقلارنى خېلى ئاشپەزلەر ئىتەلمەيدۇ جۇمۇ، ئاشخانا ئاچساق چۇقۇم ئاقىدۇ...››                                 
-ھا...ھا...ھا...                                                                          
-ھەي، پەسراق كۆلۈڭلار،باشلىق ئاڭلاپ قالمىسۇن...                                             
-ئۇنداقتا ۋاقت چىقىرىپ باشلىقنىڭ ئۆيىگە بىر بېرىپ تامىقىنى تېتىپ كۆرسەك بولغۇدەك...           
  –ئاڭلىساق باشلىقنىڭ ئايالى ۋالىسقا بەك ئۇستا دەيدىغۇ...                                      
-باشلىقنىڭ ئايالى دىسكۇ دېگەننىمۇ ئاتتەك سەكرەپ ئوينامىش...                                
  -ئۇنداقتا باشلىقمۇ ئۇستىدۇ تانسا دېگەنگە؟                                                     
-ئايالى دەل مۇشۇ ئىشقا خاپا ئىكەن، ئۇنىڭغا ئۇسۇل-تانسا دېگەننى زادىلا ئۆگىتەلمەي جىلە بولۇپ يۈرگىدەك،‹‹ ھەي، غالىپجان، سىزگە تاماق ئىتىشنى ئۆگىتەلىگەنىدىم،بىراق تانسىنى ئۆگىتەلمىدىم،سىز زادى دىتى يوق ئادەم بولۇپ قاپسىز›› دېگەنىكەن باشلىق نىمە دەپتۇ دېمەمسىلەر؟                     
-ھە نىمە دەپتۇ؟...                                                                           
-‹‹خەلچەم،مىنىڭ پۇت-قولۇم تانسىغا كەلمەيدىكەن، بالىت ئۇسۇلى بولسىمۇ ئۆگەنسەم بۇلامدۇ؟›› دەپتۇ...
-ھا...ھا...ھا...
- ئويلاپ بېقىڭلار بالىت ئۇسۇلى دېگەن چەتئەللىكلەر ئوينايدىغان ئۇسسۇل تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە  تانسىدىنمۇ تەس... تەس... تۇر...                                       
-ھە ئاخىردا نىمە بوپتۇ؟... دۇدۇقلىماي دېمەمسە؟                                               
سۆزلىگۈچى تاتىرىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ قېتىپ قالدى، باشقىلارمۇ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ھۇدۇققىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلىشەلمەي قېلىشتى، چۈنكى باشلىق باياتتىن ياقى ئىشىك تۈۋىدە قاراپ تۇرسىمۇ ئۇلار ئۇنى كۆرمەي سۆزلەۋەرگەنئدى، باشلىق ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە نۆۋەت بىلەن قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي پەسكە چۈشۈپ كەتتى، ئۇلار ئەندىشە بىلەن يەنە جايىغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى، ھەممىسىنىڭ كۆڭلىدە‹‹ باشلىق باياتتىنىقى گەپلەرنىڭ ھەممسىنى ئاڭلىغانمىدۇ؟›› دەپ قورقۇنۇشقا چۈشتى...                                                                             
بىر نەچچە كۈن شۇنداق ئۈتۈپ كەتتى، ئۇلار كۆڭلىدە باشلىق بىزگە بىرەر چارە كۆرەرمۇ دەپ ئەنسىرەپ يۈرگەنىدى، بىراق ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى، ئۇلار باشلىقنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا ،كەيپىياتىغا دېققەت قىلدى، لېكىن باشلىق يەنىلا بۇرۇنقىدەك نۇرمال كەيپىياتتا ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈتتى... بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىنمۇ بۇ ئىشلار كۆتۈرلۈپ يەنە بورۇنقى پەدىدە خىزمەت ۋاقتىدا ئۇنىڭ بۇنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇرىۋەردى، ئاي توشسا نۇرمال مۇئاشىنى ئېلىۋەردى...
يىل ئاخىرسى بولۇپ، خىزمەتچىلەر باھالاندى، ھەيران قالارلىق ئىش شۇ بولدىكى ھېلىقى تۆتەيلەن ‹‹ ئىلغار›› بولۇپ باھالانغانىدى، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ مۇكاپاتلاش يېغىنىنىڭ تىزراق ئېچىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈشتى...
ئۇلار كۈتكەن ھاياجانلىق يېغىن ئاخىرى ئېچىلدى، ئۇلار شۇ كۆنى تۇلۇمۇ روھلۇق بولۇپ ھەممىسى بىر قۇر كاستوم كىيىپ ئالدىنىقى رەتتە قېتىپ ئولتۇردى ، دەسلەپ ئۈچۈنچى ئىككىنچى دەرجىلىك مۇكاپاتلار تارقىتىلدى، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ ئىسمى ئۇقۇلغاندا ئۇلار ھاياجان بىلەن مەغرۇر قىياپەتتە سەھنىگە چىقتى، ئۇلارغا بىردىن سۇيۇق كىرىستاللىق تېلىۋىزۇر تارقىتىلدى، بۇنى ئىدارە باشلىقى ئۆز قۇلىدا تارقاتتى...                                                                              
مۇكاپاتلاش يېغىنى ئاخىرلاشقاندا ئۇلار خۇشاللىقىدا ئۆيلىگە ئالدىراپ مېڭىشتى، ۋە ئۆيىگە كېرىپ خوتۇن- بالىلىرى بىلەن يەشىكنى ئېچىپ داڭ قېتىپ قېلىشتى،ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەدىكى تېلىۋىزۇر بولسۇن بەلكى لىق بىر يەشىك ھەرخىل رەڭدىكى يىپ، يەنە پۇپايكا تۇقۇيدىغان تاياقچە، يىڭنە، قايچا دېگەندەك نەرسىلەر بار ئىدى، ھەم خەت يېزىلغان بىر ۋاراق قەغەز تۇراتتى:                           
‹‹ مۇكاپات                                                              
سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ۋاقتىدا زىرىكىپ قالماسلىقىڭىزنى ئويلۇشۇپ بۇ نەرسىلەرنى سىزگە مۇكاپات سۈپىتىدە سوۋغا قىلدۇق، ئەگەر خىزمەت خوش ياقماي زىرىكىش ھىس قىلسىڭىز توقۇپ ئولتۇرارسىز...››                                                                                
※              ※                ※
ئەتىسى ھېلىقى تۆتەيلەن بىر-بىرسى بىلەن مۇنداقلا كۆرۈشۈپ قويۇپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي تۇلۇمۇ ناچار كەيپىياتتا ئۆز ئورنىلىرىغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى، ھەممىسىنىڭ قاپاقلىرى ئىششىپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ كىچىچە ئۇخلىمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى، كارىدۇردا ماڭغان بىرنەچچەيلەن ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ:
-قاراڭلار، مۇنۇلار بىكارغا ‹‹ ئىلغار›› بولمايدىكەن، يېرىم سائەت بورۇن ئىشقا چۆكەپ كەتكىنىنى كۆرمەمسىلەر...
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىلىۋاتقان باشلىق بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى كۈلكىدىن ئاران تۇتىۋالدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېلى ياسىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 19:50  


]VKI({YX7%(O(_K`IYLY1_Y.gif (1.12 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

]VKI({YX7%(O(_K`IYLY1_Y.gif

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 ياقتۇردۇمياقتۇردۇم0 ياقتۇرمىدىمياقتۇرمىدىم0
idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1276
تۆھپە : 4
توردا: 255
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

2-قەۋەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 21:33:43 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھىكايە تولىمۇ يۇمۇرىستىك يېزىلىپتۇ.ئوقۇپ بولۇپ مۇئەللىپنىڭ قەلەم كۈچىگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.ھەم ھىكايىدە تەسۋىرلەنگەن باشلىقنىڭ كۈلكىسىگە جۆر بولۇپ تازا كۈلدۈم.

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش