يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 941|ئىنكاس: 29

شەھەر سىرتىدا تۇرار ئۈچ ئوغرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شەھەر سىرتىدا تۇرار ئۈچ ئوغرى

مۇھەممەدروزى ئابدۇقادىر


شەھەر سىرتىدا تۇرار ئۈچ ئوغرى
ۋوگزال سوپىسىدا پويىزنى ساقلاپ،
ئېھ، بوۋامنىڭ تەنھالىقىدەك
شېئىرىمغا سىغدالدى ئازاپ.

قول ئىشارە قىلىپ ئولارغا
چاقىرماقچى بولدۇم يېنىمغا،
ھايات چاقمىقى پەقەت بىر دەملىك
گۇگۇم يېيىلىپ كەلدى يېنىمغا.

سۇنغان قانات بىتون تۈۋرۈكلەر
كەلدى يۈز يىل بورۇنقى ئاۋاز،
ئېلىپ ماڭدى تەسەللى بىرىپ
يۈرىگىمگە سىغدالغانچە ياز.

13- ئاپرىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 18:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-14 13:51:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كېيىن يەنە قانداق شېئىرلارنى ئوقارمىز؟ . . . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 18:37  


ۋاقتى: 2013-4-14 15:41:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر سىرتىدا تۇرار ئۈچ ئوغرى
ۋوگزال سوپىسىدا پويىزنى ساقلاپ،
ئېھ، بوۋامنىڭ تەنھالىقىدەك
شېئىرىمغا سىغدالدى ئازاپ.

بۇ كوپلىتنىڭ بېشىدىكى ئىككى مىسرا بىلەن كەينىدىكى ئىككى مىسرا چېتىلماي قاپتۇ، يەنە كېلىپ «ئۈچ ئوغرى» دېگەن سۆزمۇ شېئىرىڭىزنىڭ ياخشى چىققان قىسىملىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغاندەك تۇرىدۇ. قالغان جايلىرى شۇنداق ياخشى چىقىپتىكەن.
شېئىرنىڭ ماۋزۇسى بىلەن بېشىدىكى ئىككى مىسرانى قايتا ئويلىشىپ باقسىڭىزكەن دېگۈم كېلىۋاتىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 10:16:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر سىرتىدا تۇرار ئۈچ ئوغرى
ۋوگزال سوپىسىدا پويىزنى ساقلاپ،
بىر مىللەتنىڭ تەنھالىقىدەك
  شېئىرىمغا سىغدالدى ئازاپ.

قول ئىشارە قىلىپ ئولارغا
چاقىرماقچى بولدۇم يېنىمغا،
ھايات چاقمىقى پەقەت بىر دەملىك
گۇگۇم يېيىلىپ سىڭدى باغرىمغا .

سۇنغان قانات بىتون تۈۋرۈكلەر
كەلدى مىڭ يىل بورۇنقى ئاۋاز،
ئېلىپ ماڭدى تەسەللى بىرىپ
يۈرىگىمگە سىغدالغانچە ياز.


ۋاقتى: 2013-4-15 10:36:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر سىرتىدا تۇرار ئۈچ ئوغرى
ۋوگزال سوپىسىدا پويىزنى ساقلاپ،

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

چېچىلماڭ دوستۇم.
ئاۋۇ ئىككى مىسرادىكى «ئۈچ ئوغرى» خۇددى ماڭا، ۋوگزال سۇپىسىدا پويىزنى بۇلاش ئۈچۈن پويىزنى ساقلاۋاتقان قاراقچىلاردەك تۇيغۇ بېرىپ قويدى. ئامانلىقنى كۈچەيتىش كېرەك... مەن مۇشۇ ئوغرى ، قاراقچى دېگەنلەرگە بەك ئۆچ.   شېئىرلىرىڭىزنىڭ باشقا جايلىرى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.... ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ قۇد بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-4-15 10:53:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر سىرىتىدا نىمىشقا بىر، ئىككى ياكى تۆت، بەش...ئوغرى تۇرماي، پەقەت ئۈچ ئوغرىلا تۇرىدۇ؟ بۇ ئۈچ ئوغرى نېمىنىڭ سىموۋۇلى؟ پويىزچۇ؟ شېئىردىكى «ئېھ، بوۋامنىڭ تەنھالىقىدەك» (بىر مىللەتنىڭ تەنھالىقىدەك) دېگەن مېسىرالار بىلەن بۇ ئۈچ ئوغرىنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ كېيىنكى مېسىرالار بىلەنچۇ؟

پەقەت مەنلا چۈشەنمىدىممۇ، ياكى شېئىر ئەسلىدىلا چۈشىنىكسىز يېزىلىپ قالغانمۇ؟ ۋەياكى مۇشۇنداق چۈشىنكىسىز شېئىر يېزىشمۇ بىر خىل مودىمۇ؟---بۇ شېئىردىن ھېچنىمىنى چۈشەنمەي قالدىم.

ۋاقتى: 2013-4-15 11:12:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.خ.ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 10:53
شەھەر سىرىتىدا نىمىشقا بىر، ئىككى ياكى تۆت، بەش...ئوغرى ...

مەنمۇ شۇنى دېمەكچىدىم.
ئۇ ئۈچى نېمە ئۈچۈن ئوغرى دەپ ئاتالدى؟ ياكى... دەپ كەلسەك بۇ يەردە نۇرغۇن سۇئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئەسەرنىڭ بېشىدا ۋە ماۋزۇسىدا ئۈچ ئوغرى تىلغا ئېلىنغانىكەن چوقۇم كىيىنكى مەزمۇنلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدىكى نۇرغۇنلىغان سۇئاللارغا جاۋاب بولالىغان ئاساستا قانات يېيىشى كېرەك ئىدى. قالغانلىرىنى ئۈستىدىكى ئىنكاسىمدا دەپ بوپتىمەن.
ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى ماۋزۇغا نۇقتىلىق قىلىپ يىغىنچاقلاش ئارقىلىق،ئەسەرنى ئوقۇشتىن بۇرۇن  ماۋزۇغا قاراپلا پۈتۈن ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىنى كاللىمىزدا بىر قۇر قىياس قىلىپ باقىمىز ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئاپتورنىڭ پىكرىمىزنى توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 11:35:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرلارغا رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 13:40:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كىشىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن  ئادەم، غەيرىلىكلەرگە ئۇچراپ تورىسەن ،ئۇ ئىشلارنىڭ بەزىسىگە  ئىچىڭ  ئاغرىيدۇ ، بەزىسىگە نىمە دىيشىڭنىمۇ ئۇقماي قالىسەن.نەچچە كۈنلەرگىچە ئارامىڭ بوزىلىدۇ.  ئاخىر قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولىسەن،شېئىر روھىڭدا ينىك شىۋىرلايدۇ. شائىر ئۆزى يازغان شېئىرنى ئىزاھلاپ يۈرمەيدۇ.شېئرنىڭ ئۆزىمۇ ئىزاھلاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. شېئىر ئۇقۇشقىمۇ دىت كىرەك.

ۋاقتى: 2013-4-15 13:58:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئۆزى يازغان شېئىرنى ئىزاھلاپ يۈرمەيدۇ.شېئرنىڭ ئۆزىمۇ ئىزاھلاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. (سىزنىڭ ئېنكاسىڭىز)
بۇ گېپىڭىز جايىدا، ھەممىمىز بۇنى چۈشىنىمىز.
شېئىر ئۇقۇشقىمۇ دىت كىرەك. (سىزنىڭ ئېنكاسىڭىز)
ياخشى! ئەمسە، ئۆز شېئىرىڭىزنى ئۆز دىتىڭىز بىلەن ئالدىرماي ئۇقۇپ چىقىڭ.
ئەسكەرتىشىم: بۇنىڭدىن كېيىنكى يازمىلىرىڭىزنىڭ ئاستىغا ئەڭ ياخشىسى ‹«ئوبدان چىقىپتۇ، بەرىكەت تىلەيمەن!» دېگەندەك ئېنكاسلارنى يېزىشقىلا بۇلىدۇ. تۈزىتىش پىكرىدىكى ئېنكاسلارنى يازماڭ› دەپ ئەسكەرتىش بىرىپ قۇيارسىز. بولمىسا كىشى سالماق بۇلالماي ئېنكاس يېزىپ سالىدىكەن.
ئەسكەرتىشىم: بۇ ئېنكاسىمغا ئەمدى چۈشەنچە بىرىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. خۇسۇسەن مېنىڭ زادىلا كۆرگۈم يوق! بولمىسا يەنە سالماق بۇلالماي قالىدىكەنمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 14:12  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 16:12:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىزەە

شېئر ئوقامسىز ، ئۇقۇمامسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى،   ھەممىگە ئارلىشىۋالسىڭىز  ئۆزىڭىزگىمۇ سەت ئۇكام، قارىسام سەل قايناپ قاپسىز. ئۇ شېئىر ئۆزۇمنىڭ ئۇنى قوغداش، ئاسراش  ھۇقۇقۇم بار .  سىزگە پىكىرىم كەمتەر بۇلۇڭ، ئادەم بەك ئۈزۈمچىل بۇلۇپ  كەتسە بولمايدۇ،  شېرىيەت ساھەسىدە قەلەم تەۋرىتىۋاتقان نۇرغۇن ئىسىل شائىرلىمىز بار بىز ئۇلاردىن  ئۇگىنشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى    دەڭسەپ بېقىپ گەپ قىلمىساق باشقىلار قۇبۇل قىلمايدۇ . باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە ئىنكاس يازغاندىمۇ چۇشەنمىسەك بولدى قىلساق بولىدۇ. سەمىمى بولسىڭىز ھېچكىم سىزنى ئەيىپلەپ يۈرمەيدۇ، بۇ تۇر بەتتىمۇ شۇنچە كۆپ بالىلار بار ،ياخشى شېئىرلارنى يېزىۋاتىدۇ ، ھەۋىسڭىز كىلىدۇ.بۇ يول شۇنداق ئۇزۇن يول،ھېچكىم كامالەتكەيەتتىم دىيەلمەيدۇ، ئەسىرنى يوللىغۇچىمۇ باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشنى خالايدۇ ، ئەمما پىكىرنى مەجبۇرى تاڭالمايسىز ،سىزدە قۇبۇل قىلدۇرغۇدەك دىت بولسا ھەر قانچە ئاچچىق تەنقىد قىلسىڭىزمۇ قۇبۇل قىلىدۇ ،ھەتتا دۇستى قاتارىدا كۆرىدۇ،   ئەگەردە  سىز  مۇشۇ شېرىمغا قايىل  قىلالىغۇدەك تەنقىد يازالىسڭىز سىزگە ھۇرمىتىمنى بىلدررىمەن ،قېنى مەرھەمەت، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روزى قادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 16:41  


ۋاقتى: 2013-4-15 16:33:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى قادىر ئەپەندى، شېئىر ئەسلىسى بويىچە تۇرۇۋەرسۇن! ئۇنى باشقىلار (بىر نەچچە ئوقۇرمەن) چۈشەنمىسە كارايىتى چاغلىق. مەن شېئىردىكى ‹‹مەن››نىڭ تەسەۋۋۇرغا باي ئىكەنلىكىنى پەمىلىدىم... شېئىر نۇقتىلىق بىرەر ۋەقەلىكنى بايان قىلمايدۇ. بۇ شېئىردا پەقەت ‹‹ئېلىپ ماڭدى تەسەللىي بېرىپ›› دېگەن مىسرالا شېئىرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتقان، خالاس.

ۋاقتى: 2013-4-15 16:34:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى قادىر يوللىغان ۋاقتى  2013-4-15 16:12
شېئر ئۇقامسىز ، ئۇقۇمامسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ھەممىگە ئ ...


شېئىرىڭىزنى مۇشۇنداق كۆكۈرۈپ قوغدامسىز؟!
شېئىرىڭىزنى ھېچكىم تېخى مېنىڭ دەۋالغىنى يوق ئاكا، بىرەر كىم ئۇنداق دەۋالغۇدەك شېئىر بولمىغىنى ئۈچۈنلا، مۇشۇنداق ئېنكاسلارنى يېزىۋاتىمىز. بىلسىڭىز، مۇنبەردە ئاقساقاللىق مەسلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇرۇنلۇق ئېنكاس يېزىش ھەرگىزمۇ ئاقساقاللىق ياكى سەتلىشىش ئەمەس. بەلكى پىشمىغان شېئىرنى ئالدىراپ يوللاش - سەتلىشىشتىن دېرەك بىرىپ قۇيدۇ. ئەلۋەتتە مەنمۇ بەزىدە بۇنىڭدىن مۇستەسىنا بۇلالماسلىقىم مۇمكىن. شۇنداق بۇلۇپ قالسا، پىكىر يازسىڭىز بۇلىدۇ. بىراق بۇ دەرىجىدە «شېئىر قوغداش ھەرىكىتى» قوزغاش كەتمەيدۇ. شېئىرىڭىزنى مۇنبەرگە يوللىغان ئىكەنسىز، ھەر كىمنىڭ سىزگە ئوخشاشلا ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ھوقۇقى بۇلىدۇ. ئۇرۇنلۇق پىكرلەردىن خاپا بۇلىدىغان ئادەم مۇنبەرگە يوللىمىغىنى تۈزۈك.
شېئىر ئەلۋەتتە تۇيغۇ سەنئىتى. بۇنى ئەدەبىياتتىن ئاز-تۇلا خەۋەردار ھەممە كىشى بىلىدۇ. ئەمما، تۇيغۇمنى ئىپادىلىدىم دەپلا تاققا-تۇققۇ سۆزلەرنى تىزىپ شېئىر دەۋالغىلى بولمايدۇ. بۇنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ.
مەن قايناپ قالمدىم. نىمىشقا قاينايتىم؟ پەقەت مەنمۇ ئۆزەمنىڭ پىكىر ھوقۇقۇمنى قوغدىدىم-خالاس. چۈنكى، شېئىر سىزنىڭ.
ئاخىردا دېمەكچى، مەن سىزنى بىرەر قېتىممۇ «ئاكا» دەپ باقمىسام، چىڭىغا چىققاندا «ئۇكام» دەپ ئاتاپ «نەسىھەت» قىلىپ قاپسىز. توغرا، مەن سىزدىن كىچىك بۇلۇشۇم مۇمكىن. ئەمما، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە باھا بىرىشتە ياشقا، ئېمتىيازغا ئەمەس، ئەسەرگە قارايدىغان گەپ ئاكا.
كەچۈرۈڭ. «ئەمدى ئېنكاسىمغا چۈشەنچە بىرىپ يۈرمەڭ» دېسەم، سىزمۇ سالماق بۇلالماي قاپسىز، كونىلارنىڭ «چوڭ باشنى ئاچسا...» دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزى بۇيىچە مەنمۇ يەنە بىر قېتىم سالماق بۇلالماي قالدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 16:44  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-15 16:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرانغا رەھمەت،پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق.

ۋاقتى: 2013-4-15 23:08:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. مۇشۇنداق تېتىملىق لىرىكىلىرىڭىز بولسا يەنە كۆرۈپ تۇرايلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش