ئابدۇللا ساۋۇت
غەزەللەر
1
باشلىنار ھەر تاڭ ھاياتىم خۇددى كۈندەك ئىپتىدا،
غەملىرىم قورشاۋىدىن غەمكىن دىلىم تاپماس ئادا.
يەنە شامدىن-تاڭغىچە غەم يەپ چىقارمەن ئۇيقۇسىز،
تاقىتىم تاق،زارلىنارمەن،دىسىمۇ-غەمگە چىدا.
غەملىرىم كۆك گۈمبىزى،مەن ئاستىدا تەنھا تۇرۇپ،
ئۆز-ئۆزۈمنى تىڭشىسام چىقماس تىلىمدىن بىر سادا.
يەنە تۈنلەرگە ئۇلاشسام كۆرگىنىم تەنھالىقىم،
لەڭ ئۇرۇپ غەم كەلكۈنى،كۆزلەپ مېنى كەلگەي ئۇدا.
تەن بىلەن روھىمنى ئەزدى ئۇن قىلىپ غەم تۈگمىنى،
ئاڭلىماي ئۆتتۈم خۇشاللىق پەيىتلىرىدىن بىر نىدا.
دەيدىكەن غەم تۇپرىقىدىن راست يارالمىش بۇ ۋۇجۇت،
تۇغۇلۇپ تا ئۆلگىچە ھېچكىم ئەمەس غەمدىن جۇدا.
كۆرگىلى يا تۇتقىنى بولمايدىكەن غەمنى ئەبەت،
ۋە لىكىن غەم يەيدىكەن ئوخشاشلا ھەممە شاھ،گەدا.
ئەي پىدائى،بولدى ئۈلپەت دوست ساڭا غەم بىر ئۆمۈر،
سەنمۇ غەمگە ئەگمە باش،مەغرۇر ياشا قىل جان پىدا.
2
‹‹مەن››دىگەن سۆز‹‹مەن نىمە›› دەپ بولدى سۇئال،رام ماڭا،
قىستىدى،سوت قىلدى،يوق دەم نەچچە سۈبھى-شام ماڭا.
ئۆتتى يىل قوغلاپ ئەسىرنى،تاپمىدىم ھېچبىر جاۋاپ،
تۇنجۇقۇپ قالدىم سۈكۈتتە،كەلمىدى ئىلھام ماڭا.
سەپسېلېپ تۇرقۇمغا ئاخىر،‹‹مەن-دىگەن مەن››دەپتىمەن،
ياكى بەرگەنمۇ ئەقىل-ئىدراك ،سېزىمنى كام ماڭا؟.
شۇ تۈپەيلى مەۋجۇداتنىڭ شەكلىنى-شەكلەن كۆرۈپ،
ھەممىنى بىلدىم دىدىم-لايىق ۋەلىلىك نام ماڭا.
نەدىكەن ئۇنداق مەقام مەندەك نادان-نائەھلىگە،
كەپتۇ‹‹مەن››نىڭ سىرىدىن بەرمەي ئۇچۇر ئۇستام ماڭا.
بولمۇدۇم ئاگاھ،كېلىپ غالىپ خيالەت-غەپلىتىم،
قۇش كەبى دەسسەپتىمەن دۇچ كەلسە قىلتاق دام ماڭا.
ئالغىنى بولمايدىكەن گۆھەرنى غەۋۋاس بولمىسا،
ئىمتىھان بولدى ھەقىقەت دېڭىزى-قاينام ماڭا.
تاشلىنىپ قاينامغا چۆكتۈم،تاش سۈزۈپ گۆھەر دىدىم،
بۇ ۋۇجۇتنىڭ سىرلىرى تەڭلەندى پىشماي خام ماڭا.
ئەي پىدائى ئاڭلىدىڭمۇ،كەلدى ئاخىر بىر نىدا،
بەر جاۋاپ:‹‹مەن ھېچنىمە››دەپ،بۇ جاۋاپ ئىنئام ماڭا.
3
تۇغۇلدۇم كۆز ئېچىپ دۇنيا تامان بىر بارغا ئايلاندىم،
قېتىلدىم گۈل بولۇپ باغقا گۈزەل گۈلزارغا ئايلاندىم.
ئانام سۈت بەردى،خۇي بەردى،خۇيۇم سىڭدى شىرىن جانغا،
ھاياتلىق ئىشقىدا ياندىم-گويا ئوت-نارغا ئايلاندىم.
تىرىگلىك كويىدا ئاتتىم ئۆزۈمنى ئوت بىلەن سۇغا،
يىغىشتا مال-مۈلۈك قارۇن كەبى مەككارغا ئايلاندىم.
سېتىشتىن يانمىدىم ئىمان بىلەن ۋىجدان تىجارەتتە،
تەمەننا ئىلكىدە ئېيىتتىم؛-بۈيۈك زەردارغا ئايلاندىم.
قانائەت تاپمىدى نەپسىم،داۋام كەم بولدى بىر نەرسەم،
تاپالماي كەمنى دۇنيادىن ئۆزۈم ئىنكارغا ئايلاندىم.
ئېۋەننى باشقىغا دۆڭگەپ ئۆزۈمنى ئاق دىدىم ھەم ساق،
ساماننىڭ ئاستىدىن سۇنى قويۇپ ئەييارغا ئايلاندىم.
ۋاپاسىز مال-مۈلۈك،دۇنيا بىلەن روھ ئالىمىم بەربات،
ھاياتتا يوق ئىزىم،ئەپسۇس،كېسەل بىمارغا ئايلاندىم.
چىداش ئىمكانى يوق،جاننى تالايدۇ مەنىۋى ئاچلىق،
چىرىپ روھىم تۇزان بولدى،توزان-غۇبارغا ئايلاندىم.
قىلىپ نەپسىمگە جەڭ ئېلان،يەنە مەيدانغا ئات سالدىم،
مۇھەببەت،مەئىرىپەت ئىزدەپ ئۇچار تۇلپارغا ئايلاندىم.
بېسىپ ئۆتتۈم تۈمەن يولنى يىتىشتىم باغۇ-ئېرپانغا،
ناۋاسى ياڭرىدى روھنىڭ،ئۈزۈلمەس تارغا ئايلاندىم.
چاچاي ئەترە-ئىپار ئەمدى ھاياتلىق گۈلشىنى ئىچرە،
پىدائى دەر:-بەخت تاپتىم،بەخت،ئەتتارغا ئايلاندىم.
4
كۆيدۈم ساڭا ئەي مىھرىبان،ئىشقىڭدا كۆپ چەكتىم پىغان،
راست كۆيگىنىم بولدى ئايان،ئىزدەپ ۋىسال قىينالدى جان.
كۈتتۈم بېغىڭنىڭ كەينىدە،تۈن قوينىدا،دىل مەيلىدە،
تاڭ ئاتتى،بىر رەت چىقمىدىڭ،كۆز ياشلىرىم بولدى قىيان.
كەلدىم يەنە ئاخشامدا مەن،كۈيلەپ سېنى ناخشامدا مەن،
چىققاي دىدىم،ئۈزدۈم ئۈمىد دەرياسىغا سالماي يۈگەن.
يۈردۈم بېغىڭنى ئايلىنىپ،سۆيگۈڭگە مەھكەم باغلىنىپ،
سەن ئۇخلۇدۇڭ بەلكىم بېغەم،يادىڭدا مەن يوق بى گۇمان.
كۈندۈزلىرى مۈمكىن ئەمەس،كۆرمەك ئۈچۈن قىلسام ھەۋەس،
چارلاپ جېسەكچى-باغۋېنىڭ،ھەر بىر ئىزىم بولغاي نىشان.
كۆرسەم يىراقتىن كەچقۇرۇن ياكى سەھەر،چۈشتىن بۇرۇن،
دەردىمگە دەرتلەر قوشۇلۇپ سەزدىم ئۆزۈمنى نا تەۋان.
ئايرىپ تۇرار بىزنى پەقەت بىر تار كوچا،بىر تۈپ سۆگەت،
بولماي نىسىپ دىدارلىشىش ئۆتمەكتە ھەر كۈن،ھەر زامان.
قىلدىڭ ئەجەپمۇ ئىنتىزار،قەستىڭ مېنى قىيناشمۇ يار،
قالغاي قىساسىم بىر ساڭا جان قۇشلىرىم بولسا راۋان.
ھېجرىڭ پىدائىنى خاراپ قىلدى ئىشى ئەلگە تاراپ،
كۆرسەتمىدىڭ چېھرىڭنى بىر،ئىسمىڭ چىرايلىق مىھرىبان.