سۆيگۈ تىلسىمى
ئەزىز ئىمىر يانغىن
يامغۇرلۇق گۇگۇمغا سىڭىپ كەتكەن قەدەملىرىڭدە دۇنيا مۇسىبەتكە غەرق بولدى . خىرەلەشكەن ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىق كوچىسىدا يەنە شۇ كونا ناخشا ، ناخشا ئىچىدە ئىككىمىز . سەن ئۈچۈن پىراق چىكىۋاتقان مەن ، پەرۋاسىز كىتىۋاتقان سەن . كۆڭلۈمنىڭ ساڭا ئاتالغان سۆيگۈسىدەك بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان بۇلاق بۇيىدا لەۋلەرنىڭ تەشنالىق ئۇچۇشلىرى ، تەڭرىنى تەسىرلەندۇرىدىغان قەسەملىك ئەھدىلەر ...
ھاياتىم باغ ئىدى ، سەن باغۋەن بۇلۇپ كۆڭۈل بېغىمنى سانسىز ، رەڭدار ، خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن بىزىگەن ئىدىڭ . سەن بىلەن يۈرگەن دەملەردە ئەتراپىمنى ھەرزامان رەڭدار گۈللەر ئوراپ تۇراتتى . بىز بەخت قۇشىغا ئايلىنىپ چىمەنلەر ئارىسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلاتتۇق . مانا شۇ ئەسلىمىلەر يىراق ئۆتمۈش ئىچىدە يەنىلا رەڭگىنى يوقاتماپتۇ . ھەرقېتىم بىز تۇنجى كۈرىشكەندىكى ئىللىق چىھرىڭ كۆز ئالدىمغا كەلسە ، ياشلىقنىڭ ئويناق ھىسلىرى كەيپىدە ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشلىرىم، سۆيگۈگە بولغان ئوتتەك تەشنالىقىم ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ . قاش قارىيىشى بىلەن ھۈپپىدە ئېچىلغان ناماز شام گۈللەر ئارىسىدىكى ئويغاق چۈشلىرىم خىيال جەننىتىمنىڭ ئالتۇن دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ .
تىنىقى قۇشۇلمىغان سۆيگۈمىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا ئالتۇندىن پۈتكەن يادىنامە قۇيىدۇ . بىز ھېيت -بايرام ، قۇتلۇق كۈنلەردە تېلفۇننىڭ كۆزىگە كۈرۈنمەس دولقۇنلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك دىدارلىشىپ تۇرىمىز . سەن ھامان كۆز ئالدىمدا ، پات -پات تۇقۇمىچى يۇلتۇزدىن ، لەھەل يۇلتۇزدىن سېنى سوراپ جاۋاھىرەت چېچىلغان كۆك دۇنياسىدىن سېنى ئىزدەيمەن . سېنى ئىزدەشلىرىم ،سېغىنىشلىرىم بىلەنلا بوران -چاقماقلار ئارىسىدا قالىمەن . زىمىن تىترەپ دەھشەتلىك زىلزىلە ئىچىدە كۆز ئاچقان چاغدا سىنى ھەسرەت بىلەن ئەسكە ئالىمەن . دېرىزەم سىرتىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ، ئۇنتۇلغان ئايرىلىش گۇدۇكى يۈرەكتىن قان ئاقتۇرىدۇ . لاۋا ۋاراقلاۋاتقان نىپىز لەۋلەرنىڭ ھىدى ھېلىھىمۇ ماڭا يېڭىچە ھايات بەخشەندە قىلىدۇ . قوللىرىڭ سىلكىنىشلىرىدە پۈتۈن ئالەم ماتەمگە چۆمگەن ، چاناقلىرىڭ لەملىنىپ ، ئەتراپ يامغۇرلۇق تۈن ئىچىگە غەرق بولغان ئەمەسمىدى ؟ چىدام - سۆيگۈ دىمەكتۇر . سېغىنىشلىرىم ئىچىدە كۈتمەكتىمەن . ئاھ ، لەۋلەرنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا كۆزلىرىڭنى ھىم يۇمىۋالغىنىڭنىڭ ۋەجى نىمىدىن جېنىم ؟ سېنى كۈتىۋاتىمەن ، بەرق ئۇرىۋاتقان ھاياجىنىم ئىچىدە سەن كۆز ئالدىمدا ، مەن سېنىڭ چوغدەك قىزىق قوللىرىڭنى تۇتۇپ كەلگۈسى ھايات يۇلىمىزنىڭ يېڭى تاغلىرىنى چۈشىمەكتىمەن ...