تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 552 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 40|ئىنكاس: 0

چالا رىسالە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  487
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 30
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 23:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چالا رىسالە

يىرتىلغان يۈرەكتىن كۆرۈنۈپ قالار،
قىسمەتلەر پۈتۈلگەن چالا رىسالە.
بىراۋلار باغرىدا مۇزلىغان دەقىق،
كۆڭۈل ئۇ دەز كەتكەن ئالتۇن پىيالە.

مۇھەببەت يولىغا سىرغىيدۇ جىمجىت،

يىرتىلغان يۈرەكتىن ئاققان دەرت -ئەلەم،

سېغىنىپ ئۆزىگە تۇنۇش بىر ھىدنى،

سۇۋۇماي تېپىرلاپ تۇرار ھېلىھەم.



كىملەرنىڭ ئالقىنى بولدى پاناھگاھ

كىملەر چاي ئېچىدۇ ئول پىيالىدە،

ئېشىكنى چەكمەكتە شۇ تاپتا بىرسى،

ئىھتىمال بۇ قېتىم پۈتەر رىسالە،


يىرتىلغان يۈرەكنىڭ باردۇر داۋاسى،

ئەڭنىدە يىڭنە ئېپ يۈرگەن ئايالدا.

ئېلىپ قاچ بىر قىلىپ ئىككى يۈرەكنى،

شۇندىلا رىسالەڭ قالمايدۇ چالا.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش