گۈلدەك تۇزىۋاتقان
ئۆمەر مەھمۇد
ئۇ كۈنى
بىر پارچە چوغ ئىدى ئاسمان
ھەممە يەر سەن ھەققىدە
گۈلدەك قىزارغان...
قىپقىزىل بىر تال گۈل ئىدىڭ
گۈل تۇزۇيدۇ دېسە ئىشەنمەيتتىم
ئىشەنمەيتتىم يەنە تېخى،
قىپقىزىل يالغان...
ئۇ كۈنى
بىر پارچە چوغ ئىدى ئاسمان
سەن كېلەتتىڭ
يوللار ھاياجان
سەن كېتەتتىڭ
شاماللار قان...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆمەر مەھمۇد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-7 22:41