ئويغىنىپ باقىمەن كېچىلەرگە
روھزات
چۈشلىرىمنى سەن يوق شەھەرلەردىن تاشلاپ قاچىمەن،
ئويغىنىپ باقىمەن كېچىلەرگە.
مەن تۇرغان بىنانىڭ ئاستى تار كوچا،
ئۇزاپ كېتىدۇ سەھەرگە.
.
سەھەرگە ئۇزىغان يولنىڭ لېۋىدە،
مۇڭسىراپ قالىدۇ مەنسىز چۈشلىرىم.
يوللارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپتۇ كىملەر،
چۈشۈڭگە كىرمەيدۇ ئوتتەك قىشلىرىم.
.
ئىگىسىز چۈشلەرنى كۆرمىگەن ھېچكىم،
خەۋەرسىز جۈملىدەك مۈجمەل بايانىم.
تۈن بىلەن بوغۇشۇپ قالسام ناۋادا،
قاراڭغۇ بولىدۇ مېنىڭ پايانىم.
.
كىملەرنى ئەسلەتكەن يالغۇز ئارچىلار،
دېرىزەم تۈۋىدە تۇرار قارىيىپ.
ئويغانسام شەھەردىن سەن بار كېچىگە،
كوچىلار ماڭماقتا ئەنە تارىيىپ.
.
پەنجىرەم كوچىغا قىيسايغان ئۆلۈم،
دۇنياغا سەڭگىرىپ قاراپ قويىدۇ.
ئاھ،مەندىن ئايرىلىپ قالغان چۈشلىرىم،
كېچىنىڭ چېچىنى تاراپ قويىدۇ.
.
لەۋ ئىزى چۈشكەن ئىستاكان ماڭا پىچىرلاپ:
«تۈن رەڭ قىز تۈتۈن ئىچىدىن ساڭا قاراۋاتىدۇ» دەيدۇ.
.
كۆيىدۇ خۇشپۇراق چېچىپ ئەتىرگۈل،
خۇرسىنىپ قويىدۇ پىنھان پەرىشتە.
تار كوچا ئۆلۈمدىن سۆيسە سەھەرنى،
مەن قالدىم ئازابنى سۆيگەن رەۋىشتە.
.
كېچە ئۆز ئۆزىنى يۇتۇپ كېتىدۇ،
چۈشلەرنى كىملەردۇر تۇتۇپ كېتىدۇ.
.
ئويغىنىپ باقىمەن تۈننىڭ قوينىغا،
چۈشۈڭنى تاپالماي چۈشۈم ئىچىدىن.
بىدارلىق ئېڭىمدا قېتىپ قالغان ياش،
چېقىلىپ كېتىدۇ قاتتىق كېچىدىن.
2012-يىل 7-ئاپرېل. بېيجىڭ