تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 603 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 2

لوندوندا ئۆتكەن ياشلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 887
تۆھپە : 139
توردا: 168
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 21:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوندوندا ئۆتكەن ياشلىق

(2003-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى كوئېتزېنىڭ ئەسلىمىسىدىن پارچە)

جون ماكسۋېل كوئېتزې [جەنۇبىي ئافرىقا]

توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى

شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ. ئۇ بۈگۈن قىرائەتخانە ئېچىلغاندىن باشلاپلا بۇ يەردە ئولتۇرۇپ، فوتتېرنىڭ «خۇمپت دۇمپت ئەپەندى» (Mr. Humpty Dumpty) سىنى كۆردى. بۇ بىر مەززىسىز تۈگىمەس كىتاب ئىدى، شۇڭا ئۇخلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن پات- پات ئۆزىنى زورىغا روھلاندۇرۇپ تۇراتتى. يەنە بىر پەس ئۆتسە قىرائەتخانە تاقىلىدۇ، پۈتكۈل موزېيمۇ تاقىلىدۇ. يەكشەنبە كۈنى قىرائەتخانە ئېچىلمايدۇ، شۇڭا ھازىردىن باشلاپ كېلەر شەنبىگىچە ئاخشاملىرى كىتاب ئوقۇشقا بىر- ئىككى سائەت ۋاقىت ئاجرىتىشقا مەجبۇر بولىدىغان گەپ. ئۇ شۇ تاپتا ئۆز ئۆزىگە: نەچچە كۈندىن بېرى ئۇدا ئەسنەك تۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ، موزېي تاقالغان مىنۇتلارغىچە ئولتۇرۇۋېرىمەنمۇ؟ بۇ مۈشكۈل ئىشنىڭ زادى نېمە ئەھمىيىتى بار؟ دەپ سوئال قويماقتا ئىدى.

ئۇنىڭ تۇرمۇشى كومپيۇتېر پروگراممىسى تۈزۈشتىن ئىبارەت بولغىنىدا، ئەنگلىيە ئەدەبىياتى ماگستېرلىقى ئۇنۋانىنىڭ كومپيۇتېر پروگراممىچىسىغا نېمە پايدىسى تېگەر؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تاپماقچى بولغان بۈيۈك ئەسەرلەر زادى قەيەردە؟ روشەنكى،«خۇمپت دۇمپت ئەپەندى» ئۇنداق ئەسەر ئەمەس. ئۇ شۇنىڭ بىلەن كىتابنى يېپىپ قويۇپ نەرسە كېرەكلىرىنى رەتلەپ قرائەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.

قاش قارىيىشقا باشلىغان مەھەل ئىدى. ئۇ ھارغىن بىر ھالەتتە بۈيۈك روسسو كوچىسىنى بويلاپ مېڭىپ توتھام كوچىسىغا كەلدى، ئاندىن جەنۇبقا بۇرۇلۇپ  چارىڭ كروس (Charing Cross، لوندوندىكى مەشھۇر كىتاب كوچىسى) كوچىسىغا قاراپ ماڭدى. يولدا كېتىۋاتقان پىيادىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار، توغرىسىنى ئېيتقاندا زامانداشلىرى ئىدى. بىراق، ئۇنىڭدا بۇنداق تۇيغۇ يوق ئىدى. بىز ئۇنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىدىن بىخەۋەر يۈرىۋاتقان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن قورقۇۋاتقان، دېلىغۇل بولىۋاتقان بالا دېگىنىمىز بىلەن، ئۇ ئۆزىنى ئوتتۇرا ياش ئادەم، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ بالدۇر پىشىپ يېتىلگەن ئوتتۇرا ياش ئادەمدەك، يەنى خۇددى چىرايىدىن قېنى قاچقان، دۈمچۈيۈپ قالغان، شۇنچىكى تېگىپلا  قويسا يىقىلىپ چۈشكىدەك قۇرۇق قاقشال بولۇپ قالغان، چارچاپ ماجالى قالمىغان دەرمانسىز ئالىمدەك  ھېس قىلاتتى. بۇ سوغۇق بەھەيۋەت شەھەردە ياشىماق، يىقىلىپ يېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ھەر ۋاقىت جىددىي تەرىزدە تۇتۇشتىن دېرەك بېرەتتى، ئۇ بۇ يەردە زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟

چارىڭ كروس كوچىسىدىكى كىتابخانە سائەت ئالتىگىچە ئېچىلاتتى. دېمەك، سائەت ئاتىگىچە بارغىدەك يېرى بار ئىدى. سائەت ئالتىدىن كېيىن شەنبە ئاخشىمى تاماشا ئىزدەپ يۈرىدىغان كىشىلەر قاينىمىغا شۇڭغۇيدۇ. ئۇ كىشىلەر ئېقىمىغا قوشۇلۇپ، ئۆزىمۇ تاماشا ئىزدەۋاتقاندەك، بىرەر يەرگە بېرىپ، كۆرۈشىدىغان بىرەر ئادىمى باردەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كىشىلەر قاينىمىغا قوشۇلىۋېلىپ بىر ھازا كوچا چىڭدايدۇ، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا يالتىيىشقا مەجبۇر بولىدۇ- دة، ئارشۋاي (Arshway ) غا بارىدىغان پويىزغا چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ، غېرىبانە كۆلبىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.

داڭقى يىراق-يىراقلارغا تارىلىپ كاپتوۋنغىچە يەتكەن ۋولس كىتابخانىسى ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى. روشەنكى ۋولستا تېپىلمايدىغان كىتاب يوق دېگەن كۆپتۈرمە سۆز يالغان گەپ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتابخانا خادىملىرىمۇ (كۆپىنچىسى ئۇنىڭدىن ياش ئىدى) خېرىدارلارغا كىتاب تېپىپ بېرىشنىڭ زادىلا ئېپىنى بىلمەيتتى. ئۇ دىلون كىتابخانىسىنى بەكراق ياقتۇراتتى، گەرچە دىلوندا كىتاب ئىشكابلىرى خەتەرلىكراق قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇ ھەر ھەپتىدە ئۇ يەرگە بىر قېتىم بېرىپ، قانداق يېڭى كىتابلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ كېلەتتى.

ئۇ دىلون كىتابخانىسىدا «جەنۇبىي ئافرىقا كوممۇنىستلىرى»نى كۆردى. بۇ ژۇرنالنىغۇ ئاڭلىغان، ئەمما كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدا چەكلەنگەن ژۇرنال ئىدى. ئۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە بايقىدىكى بۇ ژۇرنالدىكى بەزى ئاپتورلار كاپتوۋندىكى زامانداشلىرى، يەنى كۈندۈزى ئۇخلاپ، ئاخشىمى تانسىغا قاترايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى ، ئۇلار ھەمىشە ئىچىپ مەست بولۇۋالاتتى، ئاتا- ئانىسىنىڭ قان- تەرىنى ھارام قىلاتتى، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيتتى، شۇڭا ئۈچ يىللىق ئوقۇشىنى بەش يىلدا ئاران پۈتتۈرەتتى. بۇ يەردە بولسا نوپۇزلۇق ئەربابلارغا خاس تەلەپپۇزدا سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە دائىر ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە ترانسكېي ( Transkei، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىرقىي ئايمىچىلىق دەۋرىدىكى «نېگىرلار مەھەللىسى») نىڭ ئەتراپىدىكى قوزغىلاڭ توغرىسىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن دەبدەبىلىك ماقالىلارنى يازغىلى تۇرۇپتۇ. بولۇشىچە ئىچىپ ئويناپ يۈرىدىغان بۇ خەققە ئەشۇنداق نەرسىلەرنى يازغىدەك ۋاقىت نەدىنمۇ تېپىلغاندۇ؟

ھالبۇكى ئۇنىڭ دىلون كىتابخانىسىدىن ھەقىقى تاپماقچى بولغىنى يەنىلا شېئىرىيەت ژۇرناللىرى ئىدى. ئالدى ئىشىكنىڭ ئارقىسىغا ئامبىت (Ambit)،ئاگېندا (Agenda ) ۋە پاۋن(Pawn) دېگەندەك بىر تالاي ژۇرناللار؛ شوتلانگىلدەك تايىنى يوق جايلاردا ئاددىي باسما قېلىپتا بېسىلغان كىتابچىلار؛ شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئوبزورلىرى دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى. ئۇ ھەر بىر خىلىدىن بىر پارچە سېتىۋېلىپ، ئۆيىگە تازا بىر قۇچاق ئېلىپ كەلدى، ئاندىن تەپسىلى تەھسىل قىلىشقا كىرىشتى. ئۇ ئەشۇ كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى يېزىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى،ئارىدىن ئۆزىنىڭ ئېلان قىلىشىغا باپ كېلىدىغان جايلارنى تاپماقچى ئىدى.

ئەنگلىيە ژۇرناللىرى كۈندىلىك تەپەككۇر ۋە تەجرىبىلەرنى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى، بۇ شېئىرلار بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتالمايتتى. ئەنگلىيە شائىرلىرىنىڭ غايىۋىيىتى نەگە كەتكەندۇ؟ ئۇلار ئېدۋارت توماس ۋە ئۇنىڭ زامانىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تېخى ھېس قىلىپ يەتمىگەندىمۇ؟ پوندېر ۋە ئېللىئوتلاردىن تېخىچە ساۋاق ئالمىغاندىمۇ؟ بودىلېر، رىمبو، يۇنان ساتىرىك شائىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىغۇ ئېيتمايلا قويايلى.

بىراق، ئۇ ھازىر ئەنگلىيىنى تەنقىد قىلسا، بەك ئالدىراقسانلىق قىلغان بولار. ئېھتىمال، تايىنى يوق ژۇرناللارنى  ئوقۇپ قالغاندۇ؛ ئېھتىمال، باشقا ژۇرناللارمۇ— ئىزدىنىش روھىغا تېخىمۇ باي، ئەمما لوندوندىكى كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولمايدىغان ژۇرناللارمۇ باردۇ ياكى شۇنداق بىر تۈركۈم ئىجادىيەتچىلەرمۇ بولۇپ، ئۇلار ئاساسىي ئېقىمدىكى مەدەنىيەتكە زىيادە ئۈمىدسىز قاراشتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى نەشر قىلغان ژۇرناللارنى دىلون كىتابخانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى زادىلا خالىمىغاندۇ. مەسىلەن، Botthege Oscure ئەنە شۇ جۈملىدىندۇر، Botthege Oscureنى نەدىن ئالغىلى بولار؟ ئەگەر ئەشۇنداق ئىسىل كوللىكتىپ مەۋجۇت بار بولىدىغان بولسا، ئۇلارنى قانداق تاپالار ھەمدە ئۇلارنىڭ قاتارىغا قانداق كىرەر؟

ئۇ ئالەمدىن ئۆتكىچە شەخسىيەتچىلىكتىن  خالىي بەزى ئالىملار ئۆزلىرى خۇسۇسەن رەتلىك ۋە پاكىزە باستۇرغان ئون ئىككى فورماتلىق كىتابچىلىرىغا كىرگۈزۈپ ئېلان قىلغىدەك، كىشىلەر ئوقۇۋېتىپ باشلىرىنى ئىرغىتقىنىچە: «مۇشۇنداق بىر تالانت ئىگىسىنىڭ شۇنداقمۇ ئىسراپ بولۇپ كەتكىنىنى!» دەپ ئاھ ئۇرغىدەك بەزى شېئىرلارنى قالدۇرۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇنىڭ ئارمانى شۇ ئىدى. بىراق رىئاللىق شۇكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى بارغانسېرى كالتە – كۆسەيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماھىيەتلىك مەزمۇنىمۇ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇ ئەمدى ئون يەتتە- ئون سەككىز ياش چاغلىرىدىكىدەك شېئىرلارنى— بىر بەت كەلگىدەك، شىرىن ھېسسىياتلىق، ئاز- تولا قولاشمىغان بولسىمۇ مۇتلەق كۈچلۈك بولغان، يېڭىلىق بىلەن تولۇپ تاشقان شېئىرلارنى يازالمايدىغان بولۇپ قالدى دېيەرلىك ئىدى. بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇھەببەت ئازابى ۋە شېئىر ئوقۇشتىن كۆتۈرۈلگەن ھېسسىيات دولقۇنلىرىنىڭ ئىلھامىدا يېزىلغانىدى. مانا ھازىر تۆت يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئازابلىنىپ يۈرمەكتە ئىدى، ئەمما ئازابلىرى خۇددى توختىماس باش ئاغرىقىدەك ئادەتكە، ھەتتا ئۇزاق مۇددەتلىك دەرتكە ئايلانغانىدى. ھازىر يېزىۋاتقان شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇرمىلانغان ئۇششاق پارچىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، قايسىلا نۇقتىدىن قارىسىڭىزمۇ بەرىبىر ئەرزىمەس پارچە– پۇرات نەرسىلەر ئىدى. بۇ شېئىرلارنىڭ باش تېمىسى مۈشكۈلاتتا، ئازاپ ئوقۇبەتتە قالغان غېرىبانە ئۆزلۈك ئېڭىدىن ئىبارەت ئىدى. بىراق، يېڭى شېئىرلىرىدا باش تېمىنىڭ قانداق سىموۋول خاراكتېرىنى ئالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، روھىي مۈشكۈلات ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان قۇدرەت ۋە تەشنالىقنىڭ كەم ئىكەنلىكى ئۆزىگىمۇ ئېنىق ئايان ئىدى.

ئۇ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ چارچىغان ئىدى. IBM ئىشخانىسىدا ھەمىشە ئۈزلۈكسىز بېسىپ كېلىۋاتقان ھارغىنلىققا قارشى كۆرەش قىلاتتى- يذ، بەرىبىر بەس كېلەلمەي ئەسنەيتتى؛ بۈيۈك بېرىتانىيە موزىيىدا يېزىقلار كۆز ئالدىدىن نېرى بولمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ بېشىنى بىلەكلىرىگە چۆكۈرۈپ تازا بىر ئۇخلىۋېلىشتىن باشقا ھېچ ئىشقا كۆڭلى بارمايتتى.

نىھايەتكى، ئۇ لوندوندىكى تۇرمۇشىنىڭ پىلانسىز ۋە ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى. شائىرلار بىر ئەسىر مۇققەددەم ئەپيۇن ۋە ئىسپىرت ئارقىلىق نېرۋىلىرىنى قوزغۇتۇپ، ئەسەبىيلىك گىردابىدا  خىيالەن سەرگۈزەشتىلىرىنى خاتىرىلىۋالغان، ئۆزلىرىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا كەلگۈسىنى كۆرۈپ يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئەپيۇن ۋە ئىسپىرت بىلەن نېرۋىسىنى غىدىقلاش ئۇنىڭغا خاس ئۇسلۇپ ئەمەس ئىدى، ئۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا يەتكۈزىدىغان تەسىرىدىن بەك قورقاتتى. بىراق، ھارغىنلىق ۋە ئىچ پۇششىقى ئارقىلىق ئوخشاشلا شۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولماسمۇ؟ روھى يىمىرىلىش گىردابىدا ياشاش بىلەن ئەسەبىيلىك گىردابىدا ياشاشنىڭ نېمە پەرقى بولسۇن؟ ئىلگىرى ئۆتكەن شائىرلار تايمىس دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى ئىجارىسىنى تۆلىيەلمەيدىغان ئىسىل راۋاقلاردا ئولتۇراتتىكەن، ساقاللىرى چاڭگاھ، پۈتۈن ئۈستى بېشى رەسۋا پېتىچە قەھۋەخانىلاردا لاغايلاپ دوستلىرىغا ھاراق - شاراپ ئىلتىپات قىلىپ تۇرار ئىكەن؛ ئۇ بولسا ھازىر پېچەت كاستۇم- بۇرۇلكىلىرىنى كىيىپ، كۈن بويى ئىشخانىدا روھىنى بوغۇپ تاشلايدىغان خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىدۇ . بىلىش كېرەككى، ئاچچىق ھاراق ۋە جەندە كىيىملەرنىڭغۇ ۋاقتى ئۆتتى. ئۇلارغۇ ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئۆي ئىگىسىگە  ئىجارە پۇلىنى بەرمەپتۇ، ھالبۇكى بۇنىڭ نېمە كارايىتى؟

ئېللىئوت بانكىدا ئىشلىگەن. ستېۋېنس Wallace Stevens)) ۋە كافكالار سۇغۇرتا شېركىتى ئۈچۈن ئىشلىگەن. ئۇلارنىڭ تارتقان ئازابلىرى ئاللانپو ياكى رىمبونىڭكىدىن ئاز ئەمەس.ستېۋېنس بىلەن كافكا ئېللىئوتنىڭ ئىزىدىن ماڭدى، بۇنىڭ ھېچ بىر يامىنى يوق. ئۇ ئۆز ئۇچۇسىغا ئۇلارغا ئوخشاشلا قارا كاستۇم- بۇرۇلكىنى تاللىدى، ھېچقانداق كىشىدىن پايدىلانماي، شۇنداقلا ھېچكىمنى ئالدىماي، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشىماقتا ئىدى. رومانتىزم دەۋرىدىكى سەنئەتكارلار ئىسراپخورلۇق بىلەن ئەسەبىيلىككە يۈزلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىكى نۇرغۇن مەستانە مىسرالار ۋە رەسىملەرنى بەخىش ئەتكەنىدى. بۇنداق دەۋر ئەمدى ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەسەبىيلىكى باشقىچە بىر ھالەتتە— تېنىچ ۋە ئېھتىياتچان ھالىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى. ئۇ بىر بۇلۇڭدا مۈكچەيگىنىچە خۇددى دىئۇلنىڭ رەڭلىك تاش باسما رەسىمىدىكى ئۇچىسىغا يەكتەك كىيگەن ئادەمگە ئوخشاش بۇ دوزاقتىكى كۈنلىرىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، بۇ ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تېخىمۇ قەيسەرلىشىپ كېتىدۇ.

ئۇ ھال كۈنى ئوبدان چاغلاردا ئۆزىگە شۇنداق دەيتتى. باشقا كۈنلەردە، يەنى يامان كۈنلەردە ئۆز ئىرادىسىدەك مەززىسىز تۇيغۇلىرىنىڭ ياخشى شېئىرلارنى بەخىش ئېتىدىغان- ئېتەلمەيدىغانلىقى ئۇنىڭغا نامەلۇم . ئۇنىڭ كۈچلۈك مۇزىكىۋىي ھاياجىنى پەسكارىغا چۈشۈپ قالغانىدى، ئەمدى شېئىر يېزىش قىزغىنلىقىدىن مەھرۇم قېلىۋاتامدۇ قانداق؟ شېئىردىن نەسرگە بۇرۇلارمۇ؟ ئەجەبا نەسر كۈچ- قۇدرىتىدىن قالغانمىدى؟ نەسرنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتى شۇمىدى؟

ئۇنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا يازغان شېئىرلىرى ئىچىدە بىردىن- بىر ياخشى كۆرىدىغىنى پەقەت مۇنۇ بەش مىسرالا ئىدى:

كۆنۈك ئىكەن راكچىلارنىڭ مەھبۇبى،

ئويغانغاندا كۆرۈشكە تىكەندەكلا ئۆزىنى،

كېتەر ئىكەن ئۆيىدىن تاڭ سەھەردە ئەرلىرى؛

ئۇ مەھبۇبلار ئۇيقىدا ئىچى سىقىلماس مەن كەبى.

كەتسەڭ ئەگەر تاپقىنكى، شۇ پورتۇگال راكچىنى.

گەرچە بۇ شېئىر تەپسىلىي كۆرگەنسېرى ئەھمىيەتسىزدەك بىلىنسىمۇ،ئۇ ئۆز شېئىرىدا «پورتۇگال راكچى»دەك ئادەتتىكى بىر سۆز بىرىكمىسىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋالغانلىقىدىن ئۆز كۆڭلىدە خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا بىر تالاي سۆزلەم زاپاس ساقلاقلىق ئىدى، بۇ سۆزلەملەرنىڭ بەزىسى ئادەتتىكىدەك، بەزىسى سىرلىق سۆزلەملەر بولۇپ، ھەممىسى ئۆز جايىنى تېپىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. «كۆتۈرەڭگۈ» دېگەن سۆزنى ئالايلى، ئۇ بىر كۈنى خۇددى بىر تال مەرۋايىت ئۈچۈن ئالايىتەن بىر تال ئىلغا ياسىغاندەكلا «كۆتۈرەڭگۈ» دېگەن بۇ سۆز ئۈچۈن بىر كوبلىت قىسقا شېئىر يېزىشى مۈمكىن. قارىماققا بۇ شېئىردا  مۇھەببەت ياكى ئۈمىدسىزلىك زىكىر قىلىنىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما پەقەت بىرلا سۆزنىڭ يارقىن تاۋۇشى ئۈچۈن گۈلدەك ھۈپپىدە ئېچىلغان بولىدۇ، ئۇ شۇ تاپتا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تامامەن چۈشىنىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ بەرىبىر شۇنداق بولىدۇ.

قىسقا شېئىر ئۇنىڭ شېئىرىيەت ھاياتىنى باشلىشى ئۈچۈن كۇپايە قىلارمۇ؟ قىسقا شېئىر بىر خىل شېئىر شەكلى بولۇش سۈپىتىدە ھەر قانداق مەسىلىدىن خالىي بولىدۇ. يۇنانلىقلار شۇنى سانسىز قېتىم ئىسپاتلىغانكى، جاھاندىكى تۇيغۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاۋلاپ قىسقىغىنە بىر جۈملە سۆزگە مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ قىسقا شېئىرى ھەمىشىلا يۇنان شائىرلىرىنىڭكىدەك ئىخچام تاۋلانغان بولىۋەرمەيدۇ. چۈنكى كۆپىنچە ھاللاردا بۇ قىسقا شېئىرلاردا ھېس تۇيغۇ كەمچىل بولىدۇ.

«شېئىر ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسسىياتنى پەسەيتىدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسسىياتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ»دەپ كۆچۈرگەن ئىدى ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئېللىئوتنىڭ بۇ سۆزىنى، «شېئىر خاسلىقنىڭ ئىپادە قىلىنىشى ئەمەس، بەلكى خاسلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دېمەكتۇر». ئېللىئوت شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۆزىنىڭ ھەسرەتلىك خاتىمىسىنى قوشۇپ قويىدۇ: «بىراق، خاسلىققا ۋە ئۇرغۇن ھېسسىياتقا ئىگە كىشىلا بۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلەيدۇ».

ئۇ قەغەز يۈزىدە قىزغىن ھېس تۇيغۇلارنىڭ ئۇرغۇپ تېشىشىدىن ۋەھىمە يەيتتى. چۈنكى، ئۇرغۇن ھېسسىياتنى قوزغىلىپ  كەتسىلا يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئارتېرىيە تومۇرىنى كېسىپ، ئىسسىق قانلارنىڭ ئېتىلىپ چىقىشلىرىغا قاراپ تۇرغاندەك بىر ئىش. تەلەيگە يارىشا نەسر ئۇرغۇن ھېسسىياتقا مۇھتاج بولمايدۇ، ئەمما بۇ سۆزنى قىلىش ئۈچۈن ئۇرغۇن ھېسسىياتقا مۇھتاج بولىدۇ كىشى. نەسر گويا بىكار بولۇپ قالغاندا كېچىپ،  نەقىشلەرنى پەيدا قىلغىلى بولىدىغان تىپتىنچ سۈزۈك سۇغا ئوخشايدۇ.

ئۇ بىر شەنبە كۈنىنى ئاجرىتىپ نەسر يېزىپ باقتى. بۇ نەسردىكى ۋەقەلىكتە ھېچقانداق ھەقىقى تەپسىلات يوق ئىدى. ھەممە نەرسە بايان قىلغۇچىنىڭ مېڭىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ماقالىدە ئۆزىدەكلا نامى چىقمىغان بىر يىگىتنىڭ ئۆزىگە ئوخشاشلا نامى چىقمىغان بىر قىزنى باشلاپ قاقاس ساھىلغا كەلگەنلىكى، ئۇ قىزنىڭ دېڭىزدا سۇ ئۈزۈشلىرىگە قاراپ تۇرغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ يىگىت ھېلىقى قىزنىڭ بەزى ئۇششاق ھەرىكەتلرىدىن، ئاڭسىز رەۋىشتىكى قىياپەتلىرىدىن ئىلگىرى ئۆزىگە ساداقەتسىزلىك قىلمىشلىرىدا بولغانلىقىنى بىردىنلا ھېس قىلىپ يېتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ بۇ سىرىنى بىلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن بولسىمۇ پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ نەسر ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ، ماقالىنىڭ بارى- يوقى شۇلا ئىدى.

ئۇ بۇ ۋەقەلىكنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ماقالىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى بىلمەي قالغانىدى. ھېلىقى قىزدىن باشقا ھەر قانداق بىر كىشىگە كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كەتمەيتتى، ئۇ قىز دەل ماقالىدىكى قىزنىڭ پروتوتىپى ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ ئۇ قىز بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانىدى، يەنە كېلىپ ئۇ قىز كۆرگەن تەقدىردىمۇ ماقالىدىكى قىزنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمەيتتى.

بۇ ۋەقەلىكتىكى جاي جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يەنىلا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىشلارنى يېزىۋاتقانلىقىنى بايقاپ تولىمۇ بىئارام بولدى. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىكىدەك ئۆزلۈك ئېڭىنى خۇددى جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت زېمىننى تاشلىغاندەكلا مېڭىسىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى بەكراق خالايتتى. جەنۇبىي ئافرىقا پىشكەللىكنىڭ باشلىنىشى، شۇنداقلا بىر پۇتلىكاشاڭ ئىدى. ئۇ يەردە ئاددىي سەھرايى ئائىلە، ناچار مەكتەپ مائارىپى، شۇنداقلا ئافرىقا تىلى بار، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇتلىكاشاڭ پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغان ئىدى. شۇ تاپتا بولسا بۈيۈك دۇنيادا ئۆز جېنىنى جان ئېتىۋاتاتتى، ئىشلىرى يامان ئەمەس، ھېچبولمىغاندا پاتقاققا پېتىپ قالمىدى، ياكى روشەن دەرىجىدە پېتىپ قالمىدى. ئافرىقىنى يەنە ئەسكە ئېلىشقا مۇھتاج ئەمەس. ئەگەر ئەتە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ دېڭىز دولقۇنلىرى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇ كىچىك دۆلەتنى يالماپ كەتكىدەك بولسا بىرەر تېمىم ياشمۇ تۆكمەيدۇ، ئۇ بەرىبىر ھايات قالغانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

گەرچە ئۇ يازغان ۋەقەلىك شۈبھىسىز ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار بولسىمۇ، ماقالە يامان ئەمەس چىققانىدى. ئەمما ئۇ ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ئويلايتتى. چۈنكى، ئەنگلىيىلىكلەر چۈشەنمەيتتى. ئۇلار بۇ ھېكايىدە تىلغا ئېلىنغان دېڭىز ساھىلىنى دولقۇنلار پەپىلەپ تۇرىدىغان ئۇششاق شېغىل تاشلاردىن ھاسىل بولغان ئەنگلىيىچە دېڭىز ساھىلى قاتارىدىلا تەسەۋۋۇر قىلاتتى خالاس. ئۇلار دولقۇنلار ئۇرۇلۇپ تۇرغان قىيالىق ئېتىكىدە كۆزنى چاقنىتىپ تۇرۇدىغان قۇملۇق ساھىلنىڭمۇ بارلىقىنى، قۇملۇق ساھىل ئۈستىدە چايكا ۋە غار- غار ئۆردەكلەر ئەگىپ ئۇچۇپ تۇرىدىغان، بوران ئىچىدە جەڭگىۋارانە نەرە تارتىپ سايرىشىدىغان مەنزىرىنى زىنھار كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيتتى.

نەسر بىلەن شېئىرنىڭ بۇنىڭدىن باشقا پەرقلىرىمۇ بولىدۇ. شېئىرىدىكى ھەرىكەت ھەر قانداق يەردە روي بەرگۈزۈلسە بولىۋېرىدۇ: راكچىلارنىڭ يىگانە ئاياللىرى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كوك قولتۇقىدا ياكى پورتۇگالىيىدە ۋە ياكى مايىن شتاتىدا ياشىسا بولىۋېرىدۇ، نەدىلا ياشىسا ئوخشاش. بىراق، نەسر بولسا ھامان ئادەمنى بىزار قىلارلىق دەرىجىدە كونكرېت جاينى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇ ئەنگلىيىنى تېخى يېتەرلىك چۈشىنىپ كەتمىگەنىدى، شۇڭا ئەنگلىيىنى ماقالىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىپ كېتەلمەيتتى، ھەتتا ئۆزىگە تونۇش بولغان لوندوننىڭ مەلۇم قىسمىنى، مەسىلەن لوندوندا ئىشقا بېرىش ۋاقتىدىكى ئادەم ئېقىمى، لوندوننىڭ سوغۇقى ۋە يامغۇرىنى، شۇنداقلا كارىۋاتتا پەردىسىز روجەكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىدىكى قىرىق ۋاتلىق لامپۇچكىلارنى يېزىپ باقسا بولىدىغان –  بولمايدىغانلىقىغىمۇ ھۆكۈم قىلالمايتتى. ئەگەر راستتىنلا سىناپ باققىنىدا قەلىمىدىكى لوندوننىڭ ھەرقانداق بىر بويتاق خادىمەكنىڭ نەزىرىدىكى لوندوندىن قىلچە پەرقلەنمەي قالىدىغانلىقىدىن گۇمانلىناتتى. ئېھتىمال، ئۇ لوندون توغرىسىدا ئۆزىگە چۇشلۇق كۆز قاراشقا ئىگىدۇر، ئەمما بۇنداق كۆز قارىشىنىڭ ھېچقانداق ئۆزگىچىلىكى يوق. ئەگەر ئۇنىڭ كۆز قارىشى بەلگىلىك سىجىللىققا ئىگە بولغىنىدا، بۇ پەقەتكىنە تار دائىرىدە ئىكەنلىكىدىن شۇنداق بولىدۇ، بۇنداق تار دائىرىدىكى قاراش سرتقى شەيئىلەر توغرىسىدىكى بىلىمسىزلىكىدىن پەيدا بولغان. ئۇ لوندوننى تېخى ئۆزلەشتۈرۈپ بولمىغان ئىدى. ئەگەر بىرەرسى ئۆزلەشتۈرگەن دېيىلىدىغان بولسا، پەقەت لوندونلا ئۇنى ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ.



(خەنزۇچە «ئوقۇرمەنلەر مەجمۇئەسى ھەپتىلىك گېزىتى» تور بېتىنىڭ 2003- يىلى 3- نويابىردىكى سانىدىن)




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  236
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 235
تۆھپە : 1
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 23:18:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى-شائىرلارنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ناھىيىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇشۇنداق ئۆرنەك ئەسەرلەر يوللانسا ئوقۇيدىغان ئادەمنىڭ تۈزۈك چىقماسلىقى ئەدەبىيات قوشۇنىمىزدا ئۆز-ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات قىلىپ تۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ناھىيىتى ئازلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 00:06  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 12:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«رومانتىزم دەۋرىدىكى سەنئەتكارلار ئىسراپخورلۇق بىلەن ئەسەبىيلىككە يۈزلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىكى نۇرغۇن مەستانە مىسرالار ۋە رەسىملەرنى بەخىش ئەتكەنىدى. بۇنداق دەۋر ئەمدى ئۆتۈپ كەتتى...»

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بۇ دەۋرنىڭ تەرەقققىياتى ئەمدى باشلىنىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. «بۇنداق دەۋر ئەمدى ئۆتۈپ كەتتى» دىيىشكە يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتەر؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش