يېتىلىۋاتقان ياش شائىر تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن 1980-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى يەكەن ناھىيە ئىشقۇل يېزا تۈگمەنبېشى كەنتىدە تۇغۇلغان ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ 1997-يىلى يەكەن ناھىيلىك كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان، 2000-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە يەكەن ناھىيە پەكىچى يېزىسىدا موتوسىكىلىت زاپچاسلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى 2007-يىلى ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››نىڭ 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان ‹‹شىرىن چۈش››نامىلىق شېئىردىن باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە ‹‹تارىم››،‹‹جۇڭگۇ مىللەتلىرى›› ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››،‹‹قۇمۇل ئەدەبىياتى››،‹‹تۇرپان››،‹‹كىرۇرەن››،‹‹قىزىلسۇ ئەدەبىياتى››،‹‹قەشقەر››،‹‹يەكەن ئەدەبىياتى››،‹‹كۈسەن مەدەنىيتى››،‹‹مۇزات دولقونلىرى››...قاتارلىق ژورناللاردا مەزمۇنى چوڭقۇر، تىلى ئويناق 100پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، 80-يىللىقلار ئىچىدە بەلگىلىك ئېتراپقا ئىرىشكەن.
2013-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئۇ ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى شۇنداقلا يەكەن ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-5 03:32