تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 603 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 42|ئىنكاس: 0

قىراۋ قونغان بىر مىسرا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  104
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 79
تۆھپە : 3
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 21:41:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىراۋ قونغان بىر مىسرا

( 1)
مەۋجۇتلۇق ھەققىدە مەن يوقتەك
سۆزلىمەكتە  مومكىنسىزلىك.

سوغۇق شامال ماڭا قۇچاق ئاچقاندا
ئازاپ گۈللىرى ئېچىلغاندا
كەچكۈز كېچىسى تولۇن ئاي
جېنىم ساڭا پىچىرلىغاندا،
ئالىسەن ئەسكە
كىرىسەن چۈشكە
تەبىرى يوق.
( 2  )
تومۇزغىلار  ئاۋازى ئۆتمۈش
پارقىرايدۇ  كۆزلىرى كۆكۈش.
ئىككى تۈپ دەرەخ،بىر تاللا ياپراق
بىغىشلايدۇ ئادەمگە ئۆكسۈش.
( 3 )
يۈرەك قانچە تەلمۈرگەن ئىدى
رېئاللىقتىن ئۇ پەشۋا يېدى.
كاچكول بويىدا مۇز پارچىسى
ئەمدى ئىككىمىزنىڭ يوق پەرقى دېدى.

قىراۋ قوندى تۇنجى مىسراغا،
بىز ئۇچراشقان ئاخىرقى پەيىت.
تۇيۇقسىز
ئەينەك ئالدىدا بىرى
باشلىرىنى قاماللاپ
سۆزلەپ كېتەر ئۆزىگە ئىسىت!
( 4 )
قۇرىغان كۆز ياشنىڭ سۆيۈملۈك باغرى
ماڭا ئەمدى يات تۇيۇلماس.
كىملەردۇر يۈز يىلدىن كىيىن يەنىلا
مەن ماڭغان
تەقدىر ئاتىغان
قىسمەت مارىغان
خىيال دەرياسىن كېچىپ بولالماس.
( 5)
كۈلۈپ كېتەر
ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلىنۋاتقان قىز
خىياللىرىم بىلىپ قالغاندەك.
قاراقلاردا كۈلگەن تەبەسسۇم
ياش ئارقىلىق ئەكسىن تاپقاندەك.


خۇشھاللىقنىڭ ئىككى يۈزى

خۇشھاللىقنىڭ ئىكىنچى يۈزى
ئۈن تىنسىزلا ھەسرەتكە چۆكۈش.

ئىرىشمەكچى بولغىنىڭ ۋاز كېچىشتۇر.
ئۆچ كۆرگىنىڭ بەلكىم مۇھەببەت،
جىمجىتلىققا ئاشىق دەقىقە ،
ئۆلۈكلەرگە قىلغاندۇر ھەسەت.

ئىرىشىپ تۇرۇپ ئازاپقا چۆكتۈم،
تۇيغۇلارنىڭ چەكسىزلىكىدە.
مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم،
تىترەپ تۇرغان گۈللەر لېۋىدە.

خۇشھاللىقنىڭ ئىكىنچى يۈزى،
ئۈن تىنسىزلا ھەسرەتكە چۆكۈش.
خۇشھاللىقنىڭ بىرىنچى يۈزى،
مەڭگۈ ھېجران ئوتىدا كۆيۈش.





ياز  .  خۇپتەننىڭ ئالدى-كەينى



چىقماقتا ھوجرىدىن ئەسەبىي خىيال،
كۈلكە يالىڭاچ.
ئازاپلىق تۈن كەتتى يىراقلاپ،
خىيال گادىرماچ.

شەپەرەڭلەر ھوزۇرلىنىپ قىلماقتا سەيلە.

سىم تاناپقا قارا  قارلىغاچ،
ئاشىق ئۈ نىن تىڭشايدۇ.
باق،تولۇن ئاي كۆزى ياش،
گۈلى سۇلغان ئوخشايدۇ.

نامازشام قوڭغۇزى  توپا يىمەكتە....

‹‹ ھاي-ھاي ،يامان بولىدۇ ئولتۇرۇڭلار..››
ئەزان ئاۋازى بېسىپ كەتتى
كىملەرنىڭدۇر جىكلەشلىرىنى.

شەپەرەڭلەر  ھوزۇرلىنىپ قىلماقتا سەيلە
نامازشام قوڭغۇزى توپا يىمەكتە
ئەزان ئاۋازى كىرمەس قۇلاققا.

نامازشام  قوڭغۇزى يىمەكتە بىزنى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش