چەرخ بەزمىسى
رۇزى كېرەم يارى
ئىستىكىم توختىماي چوڭقۇرلاپ بارار ،
مۇرۇۋەت كەممىكىن دەيمەن ئەقلىمدە .
دىلى ئۆرتەنگەن چۆل گۈللىرىدەك
بىر ۋەھشى ئېچىرقاش يانار قەلبىمدە .
مەن ئازاب چەككەن بۇ ئۇزۇن كېچە ،
كىملەرگە بولاركىن ئىشرەت پەردىسى .
مەن ئازاب چەككەندەك ، باشقىلار ئىشرەت
ئالمىشار توختىماي چەرخ بەزمىسى ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-5 19:51