تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 603 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 4

بالىلىقنى ئەسلەش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  482
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 66
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 20:12:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلىقنى ئەسلەش


ئاق تاش ،كۆك تاش ،
دەريا بۇيى سۈزۈك تاش .
ئوينايدىغان بالا بارمۇ ؟
كۆل بۇيىغا چىق ئاداش !
بالىلىقنىڭ تاتلىق ئويۇنلىرىغا قانماي تۇرۇپ ،شىرىن خىياللىرىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ بۇلالماي تۇرۇپ چوڭ ئادەملەر قاتارىغا قېتىلىدىم . باللىق دۇنياسىدىن مەجبۇرىي سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ھەممىگە چوڭ ئادەمنىڭ نەزىرى بىلەن قاراشقا مەجبۇر بولدۇم . ئالدىراش تۇرمۇش ،جىددىي خىزمەت چوڭلارنى ئالدىراش قىلىۋەتكەن ،بالىلارنى باللىق دۇنياسىدىكى كاتتا نىمەتلەردىن مەھرۇم قىلىۋەتكەن ئىدى . باللىق تۇيغۇلار ھىلىھەم مۈكۈپ ياتقان يۈرىكىم ئېچىشتى .
كىچىكىمىدە بۇۋا-مۇمامدىن ،دادامدىن ئاڭلاپ قانمايدىغان «ياغاچ ئات»،«ئالتۇن كەش»،«ئەلىباباۋە قىرىق قاراقچى» قاتارلىق چۆچەكلەر كىتابلانىڭ ئارىسىغا مۈككىنىچە تۇپا باسقان ئىدى .
كىچىكىمىزدە بىر توپ دوستىلىرىم بىلەن ئۇ مەھەللىمۇ بۇمەھەللە چېپىپ ئوينايدىغان «قارا-قارا قۇشلارىم »،«چامغۇر يۇلۇش »،«مۈشۈك بىلەن چاشقان»،«ۋاللەي»قاتارلىق ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئوينايدىغان تالا يوقلۇقتىن ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ئىدى .......ئاتا-ئانىدىن تەنبھ ،ئۇقۇتقۇچىدىن تەنقىد ئاڭلاۋاتقان ،ئۆز زىممىسىدىكى يۈكنى كۆتىرىپ بولالماۋاتقان بالا غېرىپسىنغان ، ھارغان ، زىرىككەن ئىدى .
يىراقتا قالغان بالىلىقىمىنى ئەتراپىمدىكى بالىلارنىڭ بالىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ تۇلىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلدىم .ئالدىراش يىللار قەدىمى ئاسىتىدا كۆمۈلۈپ كىتىۋاتقان باللىقىمنى قوغلاپ ،بالىنىڭ نەزىرى بىلەن بالىلىق دۇنياسىغا تەبىر ئىزدىمەكچى بولدۇم.
  بالىلىقىنىڭ ئۆزى بىر كۆپكۈك ئاسمان ،ئۇنىڭدا ھەر بىر بالا ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىنى ،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قانات قاققۇزۇشقا مۇھتاج،
بالىلىقنىڭ ئۆزى بىر باھار يامغۇرى ،ئۇنىڭدا ئىنسان قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل ئارمانلار تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ ،كەلگۈسىدىكى يىشىل مايسىلارغا ئايلانغۇسى.
بالىلىقنىڭ ئۆزى بىر مىڭبىر كىچە ،ھەر بىر بالا ئۇنى ئۆز خىيالى .ئارمىنى ،تاتلىق تۇيغۇلىرى بىلەن يازىدۇ ،سۆزلەيدۇ.
بالىلىقنىڭ ئۆزى تۈگمەس ناخشا ،ئۇنى ئالدىنقىلار ئېيتقان .بىز ئېيتتۇق ،كىيىنكىلەر ئىيتىدۇ ،لىكىىن يەنىلا بۇ ناخشا تۈگمەيدۇ .
بالىلقنىڭ ئۆزى بىر سۈزۈك ئېقىن ،بۇ ئېقىن كەلگۈسىدە ئەزىم دەريالارغا،بىپايان دېڭىزلارغا قۇيۇلۇپ تېخىمۇ يىراق-يىراقلارغا بارغۇسى!
ھەر بىرىمىز شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كىرەككى بىز ئۈچۈن ئالامچە مەنالاردىن دىرەك بىرىدىغان بۇ سۈيۈملۈك بالىلىق مۇھەببەت ھەم ئەقىل ئىچرە سۆيۈلۈشكە مۇھتاج!
باللىق قەسىرىدىن قايتىپ چىققان چوڭلار بالىلارغا كەڭرى-كەڭرى تالالارنى بىرەيلى !ئۇلار تاپشۇرۇق ،تور ،تېلىۋۇزۇرغىلا باغلىنىپ قالماسىتىن دالالاردەك كەڭلىكنى ،پايانسىزلىقىنى ئىزدىسۇن!
بالىلارنى ئۆزىمىزنىڭ جىددىي ،ئالدىراش دۇنياسىغا سۆرەپ كىرمەي ،ئۇلارنى باللىقنىڭ چەكسىز  ئاسمىنىغا تاشلايلى ،ئۇلار بۈركۈتلەر بىلەن سىرداشسۇن ،بۇلۇت بىلەن مۇڭداشسۇن! ساما بىلەن بوي تالاشسۇن!
مىھرىمىز بىلەن بالىلارنىڭ قەلىب ئېتىزىغا يامغۇر بۇلۇپ چۈشەيلى ،بالىلار بىزدىن يامغۇر كەبى سۆيۈشنى ،سۆيۈلۈشنى ،بېغىشلاشنى ،مىھىر بىرىشنى ئۆگەنسۇن!
ھايات ئېقىنلىرىدىكى  مېھنىتىمىز ھەم ئەقىل- پاراسىتىمىزبىلەن بالىلارغا دېڭىزلارغا دولقۇن بۇلۇپ قۇيۇلۇشنى ئۆگىتەيلى ،ئۇلار بىز يىتەلمىگەن پەللىلەرگە ئۇزاپ بارسۇن!
‹‹چوڭلار بىلەن بالىلار ئارىسىدا گۇيا مىڭ يىللىق ھەتتا ئىككى مىڭ يىللىق ئارىلىق بار.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوڭلار ئۆزىمىزنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز ،ئۆزۈمنىڭ سىلەردەك بالا بۇلالمايدىغانلىقىمغا نىسبەتەن سىلەرنىمۇ ئۆزۈمدەك چوڭ ھىسابلىدىم،سىلەرنى بالا ئورنىغا قويماي چوڭلار ئورنىغا قويدۇم.لىكىن يەنىلا نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا تىرىشتىم.››    بالىلار ئۈچۈن ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ بەرگەن ،تۈركىيە يازغۇچىسى ئەزىز نەسىن  ئۆزى سۆيگەن ،بىر ئۆمۈر قەلەم تەۋرەتكەن بالىلارغا ‹‹ھازىرقى بالىلار كارامەت ›› دىگەن كىتابىداشۇنداق خۇلاسە چىقارغان ئىكەن.
بالىلىقنى قوغلاپ يىتەلمەيمىز ،ئەسلەپ تۈگىتەلمەيمىز ،بالىلارچە كىچىكلىيەلمىسەكمۇ چوڭلارچە مۇھەببەت بىلەن باللارنىڭ باللىق دۇنياسىغا تاتلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلايلى ! ئۇلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈرلۈك ئەسلىمە بولىدىغان ،پەقەت ۋەپەقەت بىرلا قېتىم كىلىدىغان باللىق چۈشلىرىگە شىرىن تەملەرنى تىلەيلى!







ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  474
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 149
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 21:44:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلقمغا قايتالىغان بولسام نەقەدەر ياخشى بۇلار ئىدى ھە،....تاتلىققىنا كۈيلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ھەدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 236
تۆھپە : 17
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 14:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقنى ھەقىقەتەن ئەسلىتىدىغان ياخشى شېركەن، بالىلار ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە مۇشۇنداق ئەسىرىڭىز قەتتىي ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 195
تۆھپە : 7
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 15:03:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىق نەقەدەر گۈزەل-ھە!

مەن سەن ئۈچۈن ياشىمايمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 236
تۆھپە : 17
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 18:51:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇنبەرنى بالىلارمۇ كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بەددىي زوق ئالغان بولسا ھە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش