ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى
1
مەن يېرىم يولدا توختاپ قېلىشنى ئويلىمىغان
مەنزىل ماڭا يېقىنلا ئىدى.
مەن قۇياشقا ھەۋەس قىلمىغان
قەلبىم بىر قۇياش ئىدى.
مەن گۈللەرنى ياخشى كۆرمەيتتىم
يۈرىگىم بىر دەستە گۈل ئىدى.
مەن ھاياتىمغا چاخچاق قىلىشنى ئويلىمىغان
ھايات مېنى سۆيەتتى
مەن ھاياتسىز ياشىيالمايتتىم.
مەن ... ... ئويلىمىغان.
قالبىم قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتتى
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى.
2
يىراقتا بىر ئالۋۇننى كۆرگەندەك بولدۇم
چۈشۈمدە.
مېنى ئازاپقا تاشلىغۇچى ئەي گۈزەل
سەن ئالۋۇن ئەمەس،مېنى ئازدۇرغۇچى
سەن گۈل ئەمەس،مېنى مەست قىلغۇچى
سەن ئازاپ ئەمەس،ماڭا يىقىن يولىغۇچى
مەن سېنى يوقىتىپ قويدۇم
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى.
3
دۇنيا جەسىتىمنى تاشلاپ قويۇپتۇ
جىنازامغا چۈمۈلىلەر ھۇجۇم باشلاپتۇ
يوللار ئۆلۈكلەر بىلەن تولۇپتۇ
ئۆلمىگەنلەر شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ
مانا كارامەت... ... ...
مەن دۇنيادىن ئۇنتۇلۇپ كەتتىم
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى.
4
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى
مەن ھەممىنى يوقاتتىم
ئۆزۈمنىمۇ ھەم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مىرئەھمەد مامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-7 20:04