يۈتۈپ كەتكەن شېئىرنى سىغىنىش
ئاسمان زىمىنغا ئىگىلگەندەك،
مۈكچەيدىم مەنمۇ قولۇمدا قەلەم .
كىلىدۇ خۇشاللىق ،كېلىدۇ يەنە ،
يۇرەكنى ئازاپلاپ قايغۇ ،دەرت ، ئەلەم .
گاھىدا ياش تۆكۈپ ،گاھىدا كۈلۈپ ،
مىڭ تەستە پۈتتۈرسەم ئۈشبۇ شېئىرنى .
قايسىدۇر بىر كىشى ئالدى ئىلكىگە،
تاشلىدى قوقاسقاتىلىپ باغرىمنى .
مەن قانداق چىدايمەن ئىيتقىنا دۇنيا،
سۆيۈملۈك قەلبىمنى قويسام يۈتۈرۈپ .
مەن قالدىم تۈمەنمىڭ ئازاپ ئىچىدە ،
شېئىرنى ئېپ كەتتى بىرى كۆتۈرۈپ .
1
سەن گەرچە ئاددىيلا شېئىر بولساڭمۇ ،
سۆيەتتىم ئادەملەر ئۆزىنى سۆيگەندەك.
سۆيەتتىم مەڭزىڭگە،بارماقلىرىڭغا ،
سۆيەتتىم گۈللەرنى سۆيگەن بۇلبۇلدەك .
سۆيەتتىم ئېگىلىپ،تىزلىنىپ تۇرۇپ ،
سۆيەتتىم بېشىمدا كۆتۈرۈپ يەنە ،
سۆيەتتىم باغرىمغا بېسىپ نەچچە رەت ،
سۆيەتتىم ئازاپ ۋە شادلىق ئىلكىدە .
2
سەن مېنىڭ شادلىقىم ،شادلىقىم ئىدىڭ ،
سۆيەتتىڭ مەڭزىمگە چىن ئىشقىڭ بىلەن.
ئىككىمىز بىر بولۇپ يۈرسەك كوچىدا ،
مۇڭلىنىپ قارايتتى بىزگە ھەممەيلەن .
سەن ماڭا ئۈگەتكەن قانداق ياشاشنى ،
ۋە يەنە ئۈگەتكەن ئۆلۈشنىمۇ ھەم .
سەن ماڭا ئۈگەتكەن ئەجداد ئىشقىنى ،
ۋە يەنە ئۈگەتكەن شادلىقنى ،بىلسەم .
سەن ماڭا ئۈگەتكەن باھادىرلىقنى،
ۋە يەنە ئۈگەتكەن ۋاپادارلىقنى .
سەن ماڭا ئۈگەتكەن چىن موھەببەتنى ،
ۋە يەنە ئۈگەتكەن ياشاش يولىنى .
3
قوياشتەك كۈلەتتىڭ ھەر كۈن قارىسام ،
نۇرانە تەپتىڭنى چېچىپ قەلبىمگە .
قىلاتتىڭ مەن ئۈچۈن جىنىڭنى پىدا ،
ۋە يەنە قىلاتتىڭ دۇئا بەختىمگە .
سەن بىلەن كۆكلىگەن ،ئېچىلغان ئىدىم ،
سەن بىلەن تاراتقان ئەتىراپقا نۇر .
سەن بىلەن يىغاتتىم گۈللەردىن ھەسەل ،
سەن بىلەن ئىرىشكەن بەخىتكە بالدۇر .
4
كەچۈرگىن ئەي شېئىر كەچۈرگىن مېنى ،
كەچۈرگىن سېنى مەن تاشلىدىم ئوتقا .
كەچۈرگىن بەختىڭنى قىلدىم مەن خازان ،
كەچۈرگىن تارقۇزۇپ قويدۇم نادانغا .
مىڭ جاپا ئىچىدە يازساممۇ سېنى ،
بىر نۆۋەت باسالماي قالدىم باغرىمغا .
ۋە لىكىن سەن ئەگەر بولساڭ يېنىمدا ،
سەن چوقۇم باساتتىڭ مېنى باغرىڭغا .
********
شېئىردىن ئايرىلدىم،ئايرىلدىم بۈگۈن ،
سۆيۈملۈك ئوغىرى نەدە سەن نەدە؟
مەن سەندىن ئۆتۈنەي ئەي كەڭرى دۇنيا ،
شېئىرنى خارلىما بولسا ئۇ نەدە ؟؟؟!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مىرئەھمەد مامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-7 20:01