تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 604 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 1

ئۈچ غەزەل قۇربانجان مۇھەممەدئىمىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  280
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 52
تۆھپە : 9
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 19:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ غەزەل  

قۇربانجان مۇھەممەدئىمىن(ھونساك)

1
كۆز نۇرۇم دەپ زىكرى قىلدىم،كۈتكىنىمدە كەلمىدىڭ،
تۈنلىرى نەزمەمدە داستان پۈتكىنىمدە كەلمىدىڭ.
نۇر بولۇپ جىسمىمغا شۇڭغۇپ ياشنىتىپ تۇرغان ئىدىڭ،
زەررە نۇرسىز جۇتتا سەرسان ئۆتكىنىمدە كەلمىدىڭ.
ئولتۇرۇپ ئايدىڭدا يانداش ئىزدىگەن كۆكتىن سىماھ،
تۈن ئارا زۇلمەتلىرىڭدە يۈتكىنىمدە كەلمىدىڭ.
ئوت بولۇپ يانغان ئىدىم تەپتىڭ مېنى قىلغاندا لال،
ياغدۇرۇپ قەھرىڭدە يامغۇر ئۆچكىنىمدە كەلمىدىڭ.
ئۆچتى دەپ يامغۇرلىرىڭدا ئۈزمىگىن مەندىن ئۈمۈد،
چوغ بولۇپ ھېجران كۈلىگە مۆككىنىمدە كەلمىدىڭ.
سەن تامان ئۇچقان شامالغا ئەگىشەرمەن ھەرقاچان،
تاغ-دالا ئورمانغا ھەسرەت تۆككىنىمدە كەلمىدىڭ.
"ھەر بېتى قامۇس ھاياتنىڭ"دەپ ياشاپ كەلگەن ئىدىم،
سېنى دەپ قامۇسنى يىرتىپ سۆككىنىمدە كەلمىدىڭ.
يۈرسىمۇ ھونساك سەپەردە دەشتى-چۆل دەريا كېچىپ ،
كېمىسىز يالغۇز دېڭىزغا چۆككىنىمدە كەلمىدىڭ.

2
نىگاھىڭدىن توتاشتى ئوت كۆيۈپ ئۇچقۇنغا ئايلاندىم،
تۈتۈنلەپ كۆيدى بۇ جىسمىم ئىگىز تۇرخۇنغا ئايلاندىم.
قارام كىرپىكلىرىڭ ھەر دەم ماڭا چەنلەپ ئاتار ئوقنى،
ئۆرۈم ساچىڭ ئارا مەھكۇم، غېرىپ تۇتقۇنغا ئايلاندىم.
قارا تۈنلەردە ئاي كۈلگەن كەبى نۇرلار تۆكەر مەڭزىڭ،
يېتىپ تۈنلەر ئارا نۇرسىز، سۇلۇپ سۇلغۇنغا ئايلاندىم.
ھېلال ئايغا مىسال  قاشىڭ، لېۋىڭ گۈللەرنى خار ئەيلەر،
لېۋىڭدىن بىر ئۈزەلمەي گۈل، جۇنۇن، پىرخۇنغا ئايلاندىم.
كۈلۈپلا ئەيلىسەڭ تەنناز، چېكەر بۇلبۇلمۇ مۇڭ-ھەسرەت،
كۆرۈپ باغىڭدا بۇلبۇلنى، سۈرۈپ قۇزغۇنغا ئايلاندىم.
جاھان ئەھلى ساڭا باقسا, ھەسەتلەردىن بولۇپ سەۋدا، ،
سېنىڭ ۋەسپىڭگە مەستانە  ساراڭ، مەجنۇنغا ئايلاندىم.
ئازاپنىڭ دەشتىدە ھونساك تىلەپ سەندىن تېمىم شەربەت،
قېقىر چۆلنى ماكان ئەتكەن قىزىل يۇلغۇنغا ئايلاندىم.

3
سېنىڭدىن ئۆزگە دۇنيادا ماڭا لايىق سەنەم بولماس،
تۈمەن گۈللەر ئېچىلدۇرسام سېنىڭسىز باغ-ئېرەم بولماس،
ئۆزۈم بىر يەككە-يەكتامەن بېغىمدا گۈللىرىم سۇلغۇن،
بېغىمغا باشلىسام دەريا سۈيىدە قىلچە نەم بولماس.
قارا ئاسمان قەھىر ئەيلەپ قۇياش، ئاينى يۇتۇپ كەتسە،
ئۆزۈڭ بولغاچ قۇياش، ئەختەر نۇرى ئۆچكەن كېچەم بولماس.
نۇرىڭدىن ياشنىدىم، كۈلدۈم،باھار باغىمغا رام بولدى،
نۇرىڭ ئۆچكەندە باغىمدىن ياشاشقا ھېچ دەرەم بولماس.
ھوقۇش گۈلگە قىزارتىپ كۆز سېنىڭچۈن جان سوراپ قالسا،
قىلىچ تەڭلەنسىمۇ باشقا ئۆلۈمدىن قىلچە غەم بولماس.
بېغىمنى باغ قىلىپ كەلدىڭ باھارمۇ سەن بىلەن بەرنا،
پۈتەر سەندىن جاھان-جانىم بىرەر نەرسەممۇ كەم بولماس.
سېنى باغىدا ئۆستۈردى پۇراقلىق گۈل بىلىپ ھونساك،
ھېدىڭنى ھېدلىماي يۈرسە ئاڭا تەڭداش ئەلەم بولماس.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇربانجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 19:57  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 32
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 01:06:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  غەزىلىڭىز داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتىدۇ... ئەجداتلار ئۇدۇمىدىكى ئىجتىھاتىڭىزغا ئاپىرىن ئاپىرىن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش