《ساراڭلار》دىن چاقچاقنامە
(‹‹ساراڭ›› تىلىدىن)
(مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى ئاپتور ئىجادىيەت قەدىمىنىڭ 50يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يىڭى يىللىق سوغا )
ۋارىسجان تۇردى سەۋدا
مۇقەددىمە
كۈلكە چاقچاق جاننىڭ ئوزۇقى ،
تىتىپ كۆرسەڭ ‹‹تۇزى-تەمى›› نى .
بىر چاقچاقتا مىڭ بىر ئەقىل بار ،
مەيلى ‹‹ساراڭ›› دىسەڭ-دە ، مىنى .
بۇ كۇلكىدىن كۈلۈپ يۈرگەيسىز ،
چۇۋۇپ توقۇپ ئوقۇپ كۆرگەيسىز .
تاتلىق ئۇنتۇلار ئاچچىق ئۇنتۇلماس ،
‹‹ئەقىل كۆزى›› دە كۆرۈپ كۈلگەيسىز .
‹‹قىرلىق ئىستاكان››① مودىدىن قالدى-دەپ ،
يۈرەمدۇق ‹‹مۇساپىر قاۋاق››② لىرىدا.
ئىچەمدۇق ئۆلگىدەك ‹‹ساراڭ››③ بولغىچە ،
‹‹قۇم باسقان شەھەر››④ نىڭ تاۋاقلىرىدا .
شۇ ‹‹ھاراق››⑤ ھەققىدە ئۇسلۇپ يارىتىپ ،
كۇلەمدۇق ‹‹داپ››⑥ چىلىپ ۋىجداننى سىتىپ .
‹‹تۇل خوتۇن›› لارغىمۇ يۈرەكتىن كۆيۈپ ،
ياقامدۇق مەيدىنى مۇزغا دۈم يىتىپ .
‹‹ئوت كەتكەن دەريا›› غا ‹‹ئايخان›› نى باشلاپ ،
‹‹بۇ چۈش ئەمەس›› دەپ ئۆلۈپ بىرەمدۇق .
‹‹ئالتۇن چىشلىق ئېت›› لار قىلىقلىرىغا ،
تەڭكەش قىلىپ ‹‹ناخشا›› ئوقۇپ بىرەمدۇق .
ھەي شۇ ‹‹ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر›› دەك ،
‹‹ ئۆلۈككە خەت ›› يىزىپ تىرىلدۈرەمدۇق ؟
‹‹چارخوراز›› لارغىمۇ ‹‹داپ››-دۇمباق چىلىپ ،
‹‹ چوشقىلارغا بايرام ›› قىلىپ بىرەمدۇق ؟
‹‹تەييا باي›› نىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلسە ،
مىراس بولۇپ ئالتۇنلىرى قالارمۇ ؟
‹‹قاش دەرياسى بويىدىكى ۋەقە›› لەر ،
يۈرەكلەرنى ئىسكەنجىگە ئالارمۇ ؟
‹‹بۆرە جىلغا›› سىدا بۆرە كۆپ ئىمىش
‹‹ياخشى چۈش كۆرۈڭ›› دەپ ‹‹قارا›› باسارمۇ ؟
قاپلىسا كۆڭۈلنى ئىس- تۈتەك ‹‹ تۇمان ›› ،
‹‹ئېت ئاتساق››شۇ ۋىجدان دارغا ئاسارمۇ ؟
‹‹قارانچۇق›› قا شاھلىق تونى پىچمامدۇق ،
‹‹بۇرۇت ماجراسى›› نى ئايرىۋەتسۇن دەپ .
‹‹قارا قوساق سەكە›› نى شۇ سەمرىتىپ ،
ھەي ئىسىت ، قۇربانلىق قىلالمىدۇق خەپ .
ھەي! توۋا ‹‹ئۆلۈككە خەت›› لەرنى يىزىپ ،
راسىت ‹‹ساراڭ›› بولغاننى تاپمىدۇق قېزىپ ؟
‹‹ئالتۇن چىشلىق ئېت›› لارنى قاتارغا تىزىپ ،
يۈرەمدۇق يەنىلا ئەقىلدىن ئېزىپ ؟
ھەي! ‹‹گۆركار›› نى ئىزدەپ گۆرگە قارامدۇق ؟
شۇ گۆرگە چىراق يىقىپ بارامدۇق ؟
شۇ كۈندۈز گۆردەك كۆرۈنسە كۆزگە ،
شۇ گۆردىن ‹‹ئىلھام››نى قىزىپ ئالامدۇق ؟
كۆچۈرۈپ يالغاننى توقۇپ يازامدۇق ؟
‹‹ئادەت›› دەپ كۈلكىدىن كۈلكە تاپامدۇق .
‹‹ھەقىقەت- سۇنماس›› دەپ ھىكمەت بار تۇرسا ،
ھەي كۈننى ئىتەكتە توسۇپ ياپاپدۇق ؟
‹‹بىر مەشھۇر كىشى›› نىڭ مەشھۇرلىقىنى ،
جاھانغا تونۇتۇپ داۋان ئاشامدۇق ؟
ئاقنى قارا قىلغان سېھىرلىرىنى ،
قايتۇرۇپ روھىنى دارغا ئاسامدۇق ؟
شۇ ‹‹شاھ ۋە قاغا›› لار ھىكايىسىنى ،
ئاڭلاپلا يۈرەمدۇق كۆڭۈلنى بەزلەپ .
‹‹ئاق مەسچىت›› ئاستىدا ئالتۇن بارمىش دەپ،
قازامدۇق كور بولۇپ رىۋايەت سۆزلەپ .
‹‹ھەم سەپەر›› دوسىتلارمىز ‹‹سالام ھىسامكا›› ،
شۇ ئاچچىق كۈلكىڭىز كۆڭۈلگە داۋا .
‹‹ساراڭ›› لار ساقىيىپ قىلارمۇ ناۋا ؟
قۇياش كۈلۈپ سەھەر ئىچىلسا ھاۋا .
ئارنۇمۇس ئىپپەتنىڭ قىممىتى بىلەن ،
مەردانە شۇ قىز ‹‹نۇزۇگۇم›› ئۆلمىدى .
ياشايدۇ ، تامەڭگۇ ئىنسان غورۇرى
‹‹ساۋاقداشلار›› نىچۇن بۇنى بىلمىدى ؟!
كۆڭۈللەر تۆرىدە سىزمۇ بىر ھىسام ،
كۈلدۈرۈپ كۆڭۈلدىن كۆڭۈل ئالمامسىز ؟
‹‹گۆركار›› ئىلھامىنى كۆمۇپ قويسىمۇ ،
شۇ يىڭى ‹‹ساراڭ›› لارغا نەزەر سالمامسىز ؟
‹‹ئاخىرقى سىناق›› تا ئۈمىتمۇ بار قۇت ،
شۇ ‹‹مىنىڭ ئانام›› دىن باشلانغان بىر ‹‹ئوت››
‹‹مەنمۇ قىزاردىم›› دەپ ئويلاپ ياتامسىز ؟
‹‹مۇز داۋان››نى ساقلاپ ، ئوراپ تۇرسا جۇت .
‹‹چار خوراز››لارنىڭمۇ ئۈنى ئۆچتىغۇ ؟
دەرتلەرنى قۇلاققا دەپ كەتكەنمىدۇ ؟
‹‹توخۇ باققۇچى›› نىڭ تۇخۇملىرىنى ،
‹‹ساراڭ››لار ئوغۇرلاپ يەپ كەتكەنمىدۇ ؟
ياز كىتىپ شۇ ‹‹كۈن يامغۇرى›› ياغقاندا ،
‹‹ئايخان›› بىلەن قايتا، مۇڭداشتىڭىزمۇ ؟
شۇ ‹‹ساراڭ››لار بىلەن دوست بولۇپ قالغاندا ،
‹‹بىر مەشھۇر كىشى›› بىلەن مۇڭداشتىڭىزمۇ ؟
‹‹ئالما›› بىلەن ئىلىپ سۇنۇق كۆڭۈلنى ،
ئىرىتكەنغۇ مۇزدەك شۇ ‹‹قىز قەلبى›› نى .
مۇھەببەتلىك يۈرەكلەرنى ئويغۇتۇپ ،
داڭ قالدۇرۇپ كەلگەنتىڭىز ھەممنى .
‹‹ئىلى ناخشىلىرى››غا جۆر بوپ كەتسىڭىز ،
‹‹ھاراق››تىن ئىلھاممۇ كەلگەنتى باشتا .
‹‹مۇز داۋان›› يۈرەكنى مۇزلاتسىمۇ گەر ،
بىلىڭكى، گەپ ياشتا، ئەمەس ياشاشتا .
داتلاپ شۇ ‹‹شەھەرگە كىرگەن بالا›› دەك ،
ئۆزلۈكتىن ياتلاشقان قانداق ‹‹پەدە›› بار ؟
تاش ‹‹ئالما›› تەڭلەپ شۇ جانان قىزلارغا ،
كۆڭۈلدىن كۆڭۈلنى ئالغان نەدە بار ؟
‹‹خاسىيەتلىك قار››دىن كۆڭۈل سۇ ئىچكەچ ،
سىغىندۇق، قانمىدۇق ‹‹نەي ئاۋازى›› غا .
شۇ ‹‹يىڭى كىسەل›› لەر يۇقتىمۇ قانداق ؟
جۆر بولدۇق ‹‹مۇقام››نىڭ تەتۈر سازىغا .
بۇ ئوتلۇق كۈلكىدىن تەڭلا كۈلەيلى ،
تەڭ كۈلۈپ تەڭ يىغلاپ تەڭلا ئۆلەيلى .
‹‹ساراڭ››غا سوت يوقتۇر دىگەن شۇ كىملەر ؟
‹‹ساراڭ››لار سىرىنى ، قىنى بىلەيلى .
نىمىشقا گۈلىمەس ‹‹ قۇم باسقان شەھەر ›› ،
نۇر قۇياش جان بىرىپ تۇرسا شۇ شەھەر .
‹‹ساراڭ›› ساقايماس قاقاقلاپ كۈلەر ،
بەردۇقمۇ ئۇلارغا ‹‹كۈلكە›› دىن زەھەر .
ئاھ ئۇرمايلى ‹‹يىللار شۇنداق ئۆتكەن›› دەپ ،
‹‹كونا-يىڭى ئىشلار›› دىن ھىكايە توقۇپ .
چاقچاقلار چىڭغا چىقسۇن ‹‹كۈلەيلى›› ،
ھەقىقى ‹‹كۈلكە››نىڭ ‹‹تەمى›› نى ئۇقۇپ .
خاتىمە
ساراڭلارنىڭ شۇنداق چاقچاقلىرى كۆپ ،
ئىيىتقانغا تۈگىمەس بۇ مىڭدىن بىرى .
قەلەم بىلەن ‹‹توي›› قىلىپ ياشاپ مىڭ يىلدا ،
كەلسىڭىز ئىچىلار ‹‹ساراڭ›› لار ‹‹سىرى›› .