تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 604 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 54|ئىنكاس: 1

كۈي تىلى (چاقچاقنامە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  483
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 17
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 18:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۈي تىلى

(چاقچاقنامە)


ۋارىسجان تۇردى سەۋدا



(ئەلسۆيەر كۈي ئەلچىسى-دۇتار شاھى ،ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ زامانىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىلى-‹‹ئابدۇرېھىم ھېيىت ھاجى ناخشا كىچىلىكى››گە قەشقەردىكى ئەل-دوستلارنىڭ كۆڭۈل گۈل دەستىسى)

كۈي-شۇنداق بىر سېھرى كۈچكە ئىگىكى:ئۇ ئىنسان  روھىنى سېھىرلەيدىغان تىلسىز-‹‹تىل››تاشقىىنى، تىلسىز -تىل تەلقىنىدۇر.

-‹‹سەۋدالىق››خاتىرەمدىن

مۇقەددىمە

‹‹مۇڭزار››(1)ىڭدىن مۇڭلاندۇرساڭ،مۇڭلۇنۇپ،

‹‹ئۇچراشقاندا››(2)‹‹قىزلار››(3)كەتتى تولغۇنۇپ.

‹‹پەرق ئەت››(4)سەك ئەشۇ ‹‹ۋىجدان سورىقى››(5)نى،

‹‹تۇتقۇن››(6)قىلىدى، چىقىپ، يۈرەك يۇلقۇنۇپ.

(1)

دەۋىرلەرنى ئۇلاپ يەنە بىر دەۋىرگە،

كىرىپ كەلدىڭ، قۇتلۇق يېڭى ئەسىرگە.

ئانا تىلنى شۇ‹‹ئۈمىد››(7)كە يار قىلىپ،

باشلاپ ماڭدىڭ،ئەلنى ئالتۇن قەسىرگە.

(2)

ئانا تىلنىڭ باركەن سۈلكەت-ھېكمىتى،

‹‹ئۈن››لىگەندە ئاشار كۈي-تىل ھۆرمىتى.

‹‹ئانا تىل››ىم(8)-زەر تىلىمدۇر-جان تىلىم،

كۈيلىگەندە چاقنار،كۈندەك شۆھرىتى،

(3)

دۇتتار تىلى-تىلغا كىرىپ تاشقاندا،

‹‹ئىز››(9)لىرىڭدىن‹‹ئىزچىلار››يول ئاچقاندا.

قەشقەردىكى ئەل-دوستلۇرۇڭ گۈل تۇتار،

ئارمان ئوتى‹‹ئۈمىد››(10)دىن نۇر چاچقاندا.

(4)

بۇ ھاياتلىق مەنزىلى-بىر‹‹ئۇزاق يول››(11)،

‹‹يول››تاپارمىز قورغان قۇرۇپ، چىدام-‹‹ئۇل››.

ئۆملەشكەندە چىن ھەقىقىي يۈرەكتىن،

تەڭ ‹‹ئۇچارمىز››،بولۇپ ھەممە قانات قول.

(5)

‹‹مەن ئاق بايراق ئەمەس››(12)دىگەن بىر چاغدا،

مەغرۇر تۇرۇپ‹‹ئاتىلار››(13)دەك تىك تاغدا.

تا-مەڭگۈگە ياشار ئىنسان غۇرۇرى،

كۈندە‹‹مەشرەپ››(14)قىلساق ئانا دىياردا.

(6)

‹‹سەن يوق››(15)دەپمۇ بەزى يىغلاپ يۈردۇقمۇ،

يۈرەكلەرنى داغلاپ تۇرۇپ كۈلدۇقمۇ.!؟

‹‹پەخىرلەن››(16)سەك‹‹ۋەتەن››(17)‹‹بىلىم ئىشقىدا››(18)،

سايرىماستىن،ئاچچىق قاپاق تۇردۇقمۇ؟!

خاتىمە

چىللا تاڭدا،‹‹ئۈن››لە-‹‹چىللا خورۇزۇم››(19)،

باش باھاردا ناۋا قىلسۇن،نورۇزۇم!

كۈي-تارىڭدىن قانسۇن،بارچە كۆڭۈللەر،

چاقناپ كەتسۇن،نۇرلۇق چولپان يۇلتۇزۇم!

2011-يىلى 4-ئاينىڭ25-كۇنى،قەشقەر

ئەسكەرتىلمە:

(1)           دىن(19)گىچە ئىلىنغانلىرى ئاتاقلىق كومپوزىتۇر،ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيىت ھاجى ئىشلىگەن نادىر ناخشا مۇزىكا-كۈي ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.

(11)ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ ‹‹ئۇزاق يول ››ناملىق ناخشىسىنى بىلدۇرىدۇ.

ئاپتۇر:

قەشقەرشەھەرلىك 7-ئوتتۇرامەكتەپ تىل-ئەدەبىيات مۇئەللىمى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 132
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 11:54:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ھاجىم ھېيت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش