شېڭ جازى[1] .پانۇس بايرىمى ئاخشىمى
ئوۋياڭ شىيۇ [سۇڭ سۇلالىسى]
پانۇس بايرىمى كېچىسىدە،ئۆتكەنكى يىلى
كوچىلار كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن ئىدى.
ئاي سۆگەت چىۋىقىدا چاقنار،گۇگۇم كەينىدە
ئاشىق-مەشۇق ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن ئىدى.
ئەپسۇس،بۇ يىلقى پانۇس بايرىمى ئاخشىمى،
،ئاي،چىراق بۇرۇنقىدەك،ئوخشار ئىلگىرىكىگە
گۈزەل نازىنىن كۆرۈنمەيدۇ،كەتتىكىن قاياق،
سىغىنىش يامغۇرى يەڭ-ئىتەكنى نەمدىمەكتە.
[1]ئەسلى سازەندىلە مەھكىمىسىنىڭ بىرخىل كۈيى بولۇپ،كېيىنچە شېئىرنىڭ بىر خىل ئۇسلۇبى بولغان.(ت)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-13 00:46