روزى سوپى ئۇچتېكىن 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيسى ئىماملىرىم يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلغىچە ئائىلە تەربىيىسدە بولغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى7-ئايغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1999-يىلى 9-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىدە ئۇقۇغان. 2002-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسى ئارال يېزىلىق ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچلۇق قىلغان. 2007-يىلى7-ئايدا ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلىگەن. 2008-يىلى 3-ئايدىن 2010-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېىرسىتىنىڭ خەنزۇتىلى فاكولتىدا ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنە ئىماملىرىم يېزىلىق مەركىزى مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيىتى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە «كېروران»، «تارىم»، «تەڭىرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»،« ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «ئاقسۇ گېزىتى»، «يېڭى قاشتېشى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»... قاتارلىق گېزىت ـ ژۇرناللاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئوبزور، نەسىر، ھېكايە ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئىلان قىلىنغان.
ئاپتۇر ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋة ئاقسۇ ۋېلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.