يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 591|ئىنكاس: 11

پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمچى قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پادىچى يىگىت ۋە توقۇمچى قىز

             (باللادا)



7-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئوماي ئانا
تەڭرىتاغنىڭ
باغرىغا
چۈشەرمىش
بوغدا
كۆلىدە
يۇيۇنارمىش
7-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئاي تولۇپ
يۇلتۇزلار كۆز قىسشقان
ئاشىق مەشۇقلار
ئۆز-ئارا
سېغنىشقان
پادىچى يىگىت
نېيىنى چالار
مۇھەببەت كۈيىگە
توقۇمچى قىز
شېرىن ئۇيقىدا
پادىچى يىگىت
كىرەر چۈشىگە
توقۇمچى قىز
چۆچۈپ ئويغىنار
پادىچى يىگىت
كېلىپ ئېسىگە
مەپتۇن بولار
پادىچى يىگىت
چالغان كۈيگە
يۇلتۇزلار
كۆز قىسشار
ئوتلۇق ھەۋەستە
توقۇمچى قىز
ئاڭلىغاچ
مۇھەببەت كۈيىنى
تاشلىدى
قولدىكى يىپنى
راۋان بولدى
جاڭگالدىكى
توغراق تۈۋىگە
يۇلتۇزلار
كۆز قىسشار
ھەۋەستە
باغرى ئۆرتىنەر
ھەسەتتە
ئاينىڭمۇ بولدى
دىلى خەستە
پادىچى يىگىت
توقۇمچى قىز
ئۇچىراشتى
ئوتلۇق نەپەستە
يىگىت چالار نەينى
مۇھەببەت كۈيىگە
قىز قويار زېھنىنى
مۇھەببەت كۈيىگە
يۇلتۇزلار
نالە قىلار
چىدىماي
ئايمۇ ھەسەتتە
تۇرۇلدى چىرايى
زىنىقىدا ئاچىچىق ھەسەت
ئالەم قاراڭغۇلاشتى
يۇلتۇزلار
كۆز يۇمۇپ

پاك مۇھەببەت
تاپالمىغاچ
ۋىسال
پادىچى يىگىت
توقۇمچى قىز
ۋىسالغا يەتكەنكەن
ئەرىشتە
يوقالدى
سامانيولى
يوقالدى
نۇر
شۇ  چاغ
پادىچى يىگىت
توقۇمچى قىزغا
-يىلدا مۇشۇ  كۇنى
كۆرۈشەيلى
دەپ ئەھدە قىلدى
توقۇمچى قىز
كۆزىنى ياشلاپ
يارىغا قاراپ
لىڭشتتى باش
ئاشىق كەتتى
ئۇچۇپ
مەشۇق قالدى
كۆزىنى ياشلاپ
شۇندىن بۇيان
توقۇمچى قىز
توقارمىش
ھېجىراندىن
ئالەمگە تور
پادىچى يىگىت
يۈرىكى
تىلغىنىپ
سۆيگۇ ئوتىدا
تارقىتاركەن
ئالەمگە نۇر
شۇنداق
بۇ رىۋايەت
ئاشىققا
يېڭى ھېكايەت
جەم بولارمىش
توغراق تۇۋىگە
يىلدا بىر رەت
شۇنداق
بۇ رىۋايەت
مەشۇققا
يېڭى ھېكايەت.



سۆيۈش ئارمان سۆيۈلۈش شىرىن


سەن مەنچۈن يېزىلغان لىرىكا،
باھارنىڭ تۇنجى ئەتىگىنى.
مەن ئاشىق پەرۋانە شۇنداق،
سۆيگۈ ئۇچۈن ئوتتا كۆيگىلى.

بىر سۆيۈشكە ئىنتزار ئەتتىڭ،
قەلبىمنى سەرسان ئەيلىدىڭ،
قاچان كېلەرسەن ئوماق يارىم،
يۈرىكىمىنى گۈلخان ئەيلىدىڭ.

سۆيۈش ئارمان سۆيۈلۈش شېرىن،
بارچە غەملەر ئۇنتۇلۇپ كېتەر،
سۆيگۈ قۇچاق ئاچقان دەملەردە،
قوش يۇرەكلەر ۋىسالغا يېتەر.


ئەۋەتىپسەن بىر تال گۈل


ئەۋەتىپسەن بىر تال گۈل،
سۆيۈشنى قىلىپ ئارمان.
مەيلىڭ بولسا كەل يارىم،
يۈرەكتە قالمىسۇن دەرمان.


گۈل ھېدى بەرگەن خىيال،
سۈرىمەن باغرىمغا تېڭىپ.
مەسىت بولىمەن گاھىدا،
سەن سۇنغان مەينى ئىچىپ.

ئارمىنىڭ ئۈندى گۈل بوپ،
سېنى سۆيگەن لېۋىمدە.
يۈرىكىم بولدى كۈنلۈكىڭ،
يەتتىم ئاخىرى ۋەسلىڭگە.

        قەلەندەر

ۋۇجۇدۇم بولدى ئاتەش،
تۇنجى كۆرۈشۇش بىلەنلا.
«ئوتنى سېلىپ يۈرەككە،
چوڭ يولچە قاچاي دەملا؟»

ئەگشىش بولدى كەسپىم،
ۋىسالىڭغا يېتەلمەي.
ساھىل ئەمەسمەن ئاشىق،
سۆيگۈ بەر جىمى ھاياتقا.

مەن شۇنداق ئاشىق قەلەندەر،
ۋىسال ئىزدەپ چۆل كىزىدىغان.
مەن شۇنداق بىچارە سائىل،
سۆيگۈ دەپ ئىشىك چېكىدىغان.

ئىشىك چەكتىم سۆيگۈ سوراپ،
ئىشكىڭنى ئاچالامسەن؟
ئۆلۇپ كەتسەم سېنى دەپ،
ئۆلەلەمسەن مېنى دەپ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 02:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-3 02:39:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۇپ كەتسەم سېنى دەپ،
ئۆلەلەمسەن مېنى دەپ؟


چىن يۈرەكتىن پەردازسىز چىققان بۇ ئىككى مىسرايىڭىزدىن بەكلا  سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2013-4-3 13:35:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىگىمدە «توقۇمچى قىز بىلەن پادىچى يىگىت» توغرىسىدىكى قونچاق فىلىمنى بەكلا قىزىقىپ كۆرەتتىم، ۋەھالەنكى بۈگۈن ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىگە قايتا باشتىن قىزىقىۋاتىمەن...

ۋاقتى: 2013-4-3 13:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز>> نى ياقتۇردۇم. ئاستىدىكى بىر نەچچە پارچە يازمىدا پىشمىغان، كېسەل مىسرالار خىلى بار، بوغۇملاردا ئىگىز-پەسلىك بولۇپلا قالماي، ۋەزىن،تۇراقلىرىمۇ ھە دېگەندە پىستان چېقىپ تۇرىدۇ. ئەمما، بەزى مىسرالاردا ئاپتۇر يۇرىگىنىڭ چۇڭقۇر قېتىدىكى  شېئىرىي تۇيغۇلارنى ئاددىي ۋە يەڭگىل  شېئىرىي تىل بىلەن تۇلىمۇ ئۆزگىچە ئىپادىلىگەن.. گۈزەل شېئرىي تۇيغۇلار سىزگە يار بولغاي. ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 13:46  


ۋاقتى: 2013-4-6 18:22:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىگىمدە «توقۇمچى قىز بىلەن پادىچى يىگىت» توغرىسىدىكى كارتون فىلىمنى بەكلا قىزىقىپ كۆرەتتىم، ۋەھالەنكى بۈگۈن ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى كۆرۇۋاتىمەن.يەنىمۇ تىرشىڭ!

ۋاقتى: 2013-4-17 20:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«توقۇمچى قىز بىلەن پادىچى يىگىت»دېگەن شىئىرىڭىز ياخشى يېزىلپتۇ. ئەركىن پىكىر،ساپ ھېسىيات،مول فانتازىيە شىئىرنى بەدىئى يۇكسەكلىككە،چوڭقۇر مەنىدارلىققا ئىگە قىلغان بولۇپ ئوقۇرمەننى ھاياجانغا سالىدۇ.بۇ شئىرنى ھەرقېتىم ئوقۇغىنىمدا ئۆزۇمچە بىر خىل چوڭقۇرلىققا چۆكۇپ ئويلىنىپ كىتىمەن.

ۋاقتى: 2013-4-17 23:30:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئەسەردىكى مىللىيلىك مەسىلىسىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ. بولمىسا ئەتە-ئۆگۈن «مىڭياڭ-خوگو» دەپ ئەسەر يازىدىغانلارمۇ چىقىدۇ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-18 01:19:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan_kux يوللىغان ۋاقتى  2013-4-17 23:30
بىر ئەسەردىكى مىللىيلىك مەسىلىسىنىمۇ ئويلاشماي بولما ...

سىز شۇنداق دەپ قارىسىڭىز چىقىدىغان ئوخشايدۇ.

ۋاقتى: 2013-4-18 21:16:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا سىز باشلاپ بىرىپسىز، بارىكاللا!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-19 23:35:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan_kux يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 21:16
مانا سىز باشلاپ بىرىپسىز، بارىكاللا!!!


ھاي-ھاي ئەپەندىم، سىز ئەسەردىكى مىلليىلىك مەسلىسنى تىلغا ئاپسىز.سىزچە قانداق بولسا مىلليلىك مەسىلىنى ئويلاشقان بولىدۇ. سىز ئوماي ئانا توغرىسىدىكى رىۋايەتنى ئاڭلىمىغانمۇ؟سامان يولى توغرىسىدىكى رىۋايەتنى ئاڭلىمىغانمۇ؟قارىغاندا سىزنىڭ ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى بىلىدىغانلىرىڭىز ئازىراق ئوخشايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ق.غەرىبى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 23:36  


ۋاقتى: 2013-4-19 23:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan_kux يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 21:16
مانا سىز باشلاپ بىرىپسىز، بارىكاللا!!!

سىز مىللىيلىك دېگىنىڭىز نىمىنى كۆدە تۇتتىڭىز؟ بۇ ئەسەر گەرچە رىۋايەتتەك تۇس بەرسىمۇ لىكىن موتىفلاردىن مىللىيلىك چىقىپ تۇرمامدۇ.سىز نوقۇل ھالدا مىللىيىلىك مەسلىسنى دەپلا بىر ئەسەرنى ئىكار قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ.

مەن م.ق.غەرىبى ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن.ئۇنىڭ  شىئىرىيەتتە «پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمچى قىز » ناملىق  ئەسىرى ياخشى چىققان دەپ  قاراشقا بولىدۇ. بۇ خېلى ئىزدەنمىسە بۇنداق مەزمۇندا ئەسەر يازالمىغان بولاتتى.بۇنى موئەييەنلەشتۇرشىمىز كىرەك.ياشلارغا ئىتىبار بىرشمىز كىرەك.
ئۇنىڭ پىروزا ساھەسىگە نەزەر سالساق، ئۇ ھازىرغىچە تورداشلارغا «سۆيگۇ رىشتى»ناملىق پوۋسىت،«ئاھ، قوشنام»،«ئىھ، ئاكا»،«بىرتال ئەتىرگۇل» قاتارلىق ھېكايىلەرنى سۇندى.
  بولۇپمۇ ئۇنىڭ «سۆيگۇ رىشتى»ناملىق پوۋسىتىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ كۇچلۇكلىكى،سىيۇژىت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەپچىلىكى،مول بولغان مىللىي پۇراق،تىل ئىشلىتش جەھەتتىكى ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.

ۋاقتى: 2013-4-20 00:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابابەكرى توختىنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ بار...
بىر قانچە يىل ئىلگىرى مەنمۇ «توقۇمىچى قىز »ۋە« پادىچى يىگىت »دەپ بىر داستان يېزىپ «تۇرپان»ژۇرنىلىغا بەرسەم قىسقارتىپ،ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىپتىكەن، شۇ قىسقارتىلغان شېئىردىنمۇ قىسقا، ئخىچام يازما ئىكەن...مۇشۇنداق يېزىۋەرسە قەلەم پىشىپ بارىدۇ. قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش