ـــ 7 ـــ
مەيگە تەڭ دەپ ئويلىسام، مەيدىنمۇ ئۇز ئىمكانلىرىڭ،
سۈرگىنىم جەننەت ھوزۇرى، ئازدۇرۇپ شەيتانلىرىڭ.
ئۇنچىلىك مەستلىك نېمە؟ مەست بولمىشىڭ بەكمۇ گۈزەل،
يېپىشار دەشتىمگە ھەردەم رەڭلىنىپ بوستانلىرىڭ.
سەن بىلەن ئۈلپەتلىشىپ كەزسەم ۋىسال ئاستانىنى،
تارتمىساڭ يەلكەننى گاھ دەر، ۋەيران ئىشق كارۋانلىرىڭ.
ئەلمىساقتىن قالدۇرۇپ ئالەمنى ھەيران ئۆرلىدى،
بۇ دولاننىڭ تاجىسەن-جانانىسى، جەۋلانلىرىڭ.
لال بولۇر باغرىڭغا چۆككەن سېغىنىش ئىستەكلىرى،
بەختى كۈلگەن ھەر يۈرەكنى كۆيدۈرەر گۈلخانلىرىڭ.
لالە-رەيھان باغلىرىڭدا لەۋلىرىڭدىن گۈل ئۈزەر،
چاچقۇسى ئالەمگە خۇشھىد، نۇرلىنىپ ئارمانلىرىڭ.
ئەل سېنىڭ ئىشقىڭدا ئاتەش ئەقلىنى چاقلار يەنا،
ئەجرىدىن شىرنە ياساپ سۇنغاچ سېخىي دېھقانلىرىڭ.
سالغىنىمدا كەڭ نەزەر ئاۋات دولان بوستانىغا،
بىر بۈيۈك تارىخنى سۆزلەپ تەۋرىنەر بارخانلىرىڭ.
2012-يىل9-ئۆكتەبىر،ئۇچتۇرپان
ــــــ*يۈسۈپجان ئىمىن جەۋلانىنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان «ئەبجەش كۈلكە» ناملىق پوۋېست-ھېكايىلەر توپلىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مەنبە: «دولان» ژۇرنىلى 2012-يىل 3-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 21:43