كۆرۈش: 1312|ئىنكاس: 0

مەھمۇتجان يانتاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                             مەھمۇتجان يانتاقنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

     مەھمۇتجان يانتاق ــــ 1979-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان. 2005-يىلىدىن باشلاپ ئۆز يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.
     ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى 1998-يىلى «كروران» (سابىق «بوستان») ژورنىلىنىڭ 3-سانىدا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان  ھازىرغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيتى»، «تەڭرىتاغ»، «تارىم»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «مىراس»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «تۇرپان»، «قەشقەر»، «يېڭى قاشتېشى»، «ئىلى دەرياسى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قىزىلسۇ»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»... قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر ، ماقالە ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «قانلىق قاداقلار» تېمىسىدىكى تەپەككۇر ھاسىلاتلىرى؛ «ئەدەبىي خاتىرىلەر»، «ھايات ھەقىقەتلىرى»، «دېھقانلار ئۆزىگە ئۆزى ۋەكىللىك قىلسۇن»، «ھېكمەتلىك ھېكايەتلەر»، «كېسەل كۆرسىتىش ۋە سالاھىيەت»، «دېموكىراتىيە ھاۋالىسى»...قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى؛ «دېھقان، شائىر، سۈكۈت»، «دەۋر، خىزمەت ۋە ئىشسىزلىق»، «ئائىلە ۋە مۇھەببەت مەسىلىسىدىكى كىرىزىس»، «ئىقتىساد ئېڭى ۋە نامراتلىق»...قاتارلىق ماقالىلىرى؛ «كۆك تېرىش»، «كېچىگە سۆزلەش»، «ھىجراننامە»... قاتارلىق شېئىرلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بىر قىسىم ماقالىلىرى «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.
     ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.يانتاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 11:56  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش