كۆرۈش: 1183|ئىنكاس: 10

ئەخمەتشاھ قاراقاش ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر سالامنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زامان ۋە تارىخ ئۆزىگە كىرەكلىك ئادەملەرنى ھەر قاچان ئۆزى يارىتىدۇ . ئادەملەرنىڭ ئىش - پائالىيەت ۋە ئىجادىيەتلىرى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقسىلا ، ئۇنى ئىنسانلار قەغەزگىلا ئەمەس ، ھەتتاكى يۈرەكلىرىگىمۇ كۆچۈرۈۋالىدۇ . شۇندىلا ئۇ جەمئىيەتنىڭ قەدىرلىك مەنىۋى مۇلكىگە ئايلىنىدۇ - دە ، ئەۋلاتلار بىلەن ئۇزۇن يىللار بىللە ياشايدۇ . ناۋادا ئىش ئۇنىڭ ئەكىسچە بولسا ، ئۇنداق « ئىجادىيەت» ئاپتۇرنىڭ كىم بولۇشى ياكى ئەسەر قانداق چوڭ ، قانداق دەبدەبىيلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خۇددى يالتىراپ تۇرغان ، ئەمما قول ئىسىتىشقىمۇ يارىماستىن ئۆچۈپ قالغان سامان چوغدەك ئۆچۈپ ۋە ئۇنتۇلۇپ قېلىۋېرىدۇ . يىغىپ ئىيىتقاندا ئەسەرنىڭ قەدرى - قىممىتى  ، كۈچ ۋە قۇدرىتىنى ئۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ياكى باشقا جەھەتلىرى ئەمەس ، پەقەت مەنىۋى مەزمۇنى بىلەن بەدئىي سەنئىتى بەلگىلەيدۇ .  قىسقىسى شائىر تەسۋىرلەيدۇ ، خەلىق تەستىقلايدۇ.

بۇ سالامنامە خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئەخمەتشاھ ئاخۇن تەرىپىدىن يىزىلغان بولۇپ تىكىسىت 25 كۇبلىت ئىكەنلىكى بىراق بىر قىسىم كۇبلىتلىرىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار. خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئەلنەغمىچىلەر  بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى يوللىدىم .

رىۋايەت قىلىنىشچە : خوتەن قاراقاشلىق ئەخمەتشاھ ئاخون تەلەبە«ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى » بولۇپ « قەشقەر خانلىق مەدىرىس»كە( يەنە بىر رىۋايەتتە بۇخاراغا)ئوقۇشقا بارىدىكەن . ئۇ يەردە ئاقسۇلۇق نەزەر ئاخۇن دىگەن تالىپ بىلەن ھۇجىرداش بولۇپ ئوقۇپ قايىتقانلىرىدىن كېيىن نەزەر ئاخۇن ئاقسۇغا مۇپتى ، ئەخمەتشاھ ئاخۇن خوتەنگە مۇدەررىس بولىدىكەن . ئۇ ئاتخۇمار ۋە ئاقسۇ ئېتىنىڭ داڭقىدىن خەۋەردار كىشى بولغىنى ئۈچۈن قەدىناس ساۋاقدىشى نەزەر مۇپتىغا 50 تەڭگە ھاۋالە قىلىدىكەن . مۇپتى ئاتنى ئەۋەتىپ بەرمىگىنى ئۈچۈن ئۇ نەزەر مۇپتىغا بىر خەت يازىدىكەن . شۇنىڭدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن : كارۋان ئارقىلىق ئات ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدە نەزەر مۇپتىدىن خەۋەر كىلىدىكەن . ئات قاراقاشقا كەلگەندە ئالدى بىلەن بىر كىشى«خۇش خەۋەر »ئېيتىپ سۆيۈنچە سوراپ كىلىدىكەن ۋە ئاندىن يەنە بىر كىشى ئاتنى سۆرەپ ، يەنە كالتەك تۇتقان ئىككى كىشى ئارقىسىدىن ھەيدەپ ھويلىغا كىرىپ كىلىدىكەن . قارىسا ئاجايىپ بىر ئات، كۈلكە پىچىڭلەر كۆپىيدىكەن . ئىزاغا قالغان ئەخمەتشاھ ئاخۇن بۇ ئات توغىرسىدا بىر نەزمە يىزىپ ئۇنى ئوقۇپ بىرىپ كېلىش ئۈچۈن ماھىر ئىككى شاگىرتىنى ئاقسۇغا ئەۋەتىدىكەن . نەزەر مۇپتى خوتەندىن كەلگەن مېھمانلار شەرپىگە باغ زىياپىتى ئۆتكۈزىدىكەن . شۇ سورۇندا شېئىر ئوقۇلىدىكەن. باشتا ئۈنلۈك ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان مۇپتى ، شېئىرنىڭ بىر يەرلىرىگە بارغاندا  «توختا ، ئوقۇما ، بەش سەر بىرەي ، خۇدا ھەققى ...... ئوقۇما ............ » دەپ توۋلايدىكەن ، ئاممىنىڭ تەلىۋى بويچە شېئىر تولۇق ئوقۇلىدىكەن . جامائەت قاقاقلاپ كۈلۈپ چاۋاك چالىدىكەن . بۇ چاغدا سەپراسى ئۆرلىگەن نەزەر مۇپتى جان ئاچچىغىدا ئۆزىنى كاچاتلاپ ، ساقىلنى يۇلۇپ ، قاتتىق بىر ۋاقىراپ جاق ئوڭدىسىغا چۈشىدىكەن . قارىغۇدەك بولسا ئۇ پانىي ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلغانىكەن . نەزەر مۇپتىمنى رەھمەتلىك قىلىۋەتكەن نەزمە تۆۋەندىكى ئىكەن .



سالامنامە



ئەخمەتشاھ قاراقاش



دۇئايى بىئەدەت غوجام نەزەر مۇپتىمغا ئەلۋەتتە ،

تەھەيياتۇ سالامىم ئانچىنان ئاھۇ - نادامەتتە ،

دۇئا بىر لەۋسىال ئولغاي سالىمىم ياخشى سائەتتە.

سېنى ياد ئەيلىگۈم ھەر كۈن سەھەر ۋاقتىدا تائەتتە ،

كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە .



ساڭا مەن نامە يازدىم ، نامۇ ناسىپ لەۋزىدىن ئەي يار ،

بىھەمدۇللا تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار،

بىلىشنى ئىستىسەڭ مۇندا شۈكۈركىم بىز ئەمەس بىمار ،

تېنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ ئاندا نەھالىڭ بار،

مۇشەققەتلىكتىمۇ ، يا ئوتتىمۇ ئۆمرۈڭ پاراغەتتە ؟!



قېرىلىق ھالىدىن سورىسام يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ ،

سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ .

ئايال، ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ جېمى قەۋمۇ - قېرىنداشىڭ،

سىڭەمدۇ ئىشتىھا قانداقكى ھەر ۋاقتى يىگەن ئاشىڭ ،

ئۆزەڭ ئوبدان ، چىرايىڭ تازىمۇ ھۆسىنى مالاھەتتە .



ئىشتىگىل ئەي رەپىقا سۆزنى ئەخمەتشاھ قارا قاشتىن ،

ساڭا ئەمدى بايان ئەيلەي بۇ ئەھۋالنى يېڭى باشتىن .

ئەقىدەم بار ئىدى سىزگە يېقىن تۇققان قېرىنداشتىن ،

نىتەي كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن ،

كۈلۈپسەن ، بىلگىنىم يوق مەن ئۇنى ئەينى زۇرۇرەتتە .



سېنى مەن دوسىت - يارىم دەپ ، كۆڭۈلدە ئېتقات ئەتكەچ ،

مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەر زامان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ

سۇپاتىڭنى قىلىپ دائىم خۆتەن ئەھلىگە يات ئەتكەچ.

ئەۋەتىپ سىزگە ئەللىك تەڭگە پۇلنى ئىتماد ئەتكەچ ،

كى ياخشى ئات يۇ بەرگەي دەپ ھامان ئۇشبۇ خىيالەتتە .



پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل ، ئەۋەتىپسىز ماڭا بىر ئاتئىشە،

كچە يوقتۇر رەپتارى ئەنىڭكى ھەر نە پەيلى يات.

كى يولدا توختىۋالدى قامچى بىرلەن ئۇرمىسام پات -پات

كۇلا، ئاغامچىنى ئۈزدى قوزۇقلاپ باغلىسام قات-قات

ئۇلاپ ئاغامچىنى ھەر كۈنلۈكى قالدىم ھىلاكەتتە .



بايان ئەيلەي ساڭا ئەمدى بۇ ئاتنىڭ ئەيىبنى ئاڭقا ،

قىڭا قۇيرۇق ، سىڭا سۆڭگەچ ، پۇتى مايماق ، بويى لاڭقا.

بىرى تەپكەك ، بىرى ھۆرككەك ، بۇ ئەيىپلەر ئۈسىتىگە ماڭقا .

ساماننى بەش كوشۇك يەپ ھەر قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا ،

بۇ ياڭلىغ ئات يەنە ھەرگىز تېپىلماس ھىچ ۋىلايەتتە .



مېنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى ، يىقىلدىم نەچچە كۈن ياتتىم ،

قويۇپ بەرسەم بۇزۇپ باغنى ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم ،

سۇغاغاندا قېچىپ سۆرەپ ئاران ھارغاندا توختاتتىم .

تېگىشتىم ئۇي بىلەن بەش ، ئالتە نۆۋەت ، ئون قېتىم ساتتىم .

قىلىپ دەئىۋا كېلىۋەردى ماڭا ياندى شەرىئەتتە .



زورۇرەتتىن مىنىپ ئېردىم ، يېرىم مەنزىل بېرىپ ھادى ،

كېيىن قالدى ئىشەكتىن ناگىھان ئۇي بىرلەتەڭ باردى.

سوۋۇتقاندا دەرەخكە كۆپ ئۇرۇپ كۆكسىنى ھەم ياردى

پېتىققا بىر يېتىپ ئالسا ، كۆتەرسەم قوپمىغاي زادى.

بۇ ئات بىرلەن قايان بارسام قېلىپتۇرمەن پالاكەتتە .



ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا ، ئۆتمىدى ئاتلاپ ،

ئەگەر يولغا كېرىپ بىر قاترىۋالسا ھارمىدى قاتراپ.

گاھى بوينىغا چۈشتۈم قاترىغاننىڭ زەپتىدىن چاچراپ ،

ئىچىم سانجىققا تولدى ھەر قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ ،

ساقايدىم ھەر قېتىم پارىپې يالاپ مەئجۇنى شەرۋەتتە .



ئەۋەتىپسىز بۇ ئاتنى ھىچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس ،

قەلەندەر بىرلە ھابدالدىن بۆلەكلەرگە غۇلى ياقماس.

كى ھەر قانچە بوغۇز يىسە خۇنۇك بەستىگە نەپ يۇقماس ،

كىشىنىڭ يامبېشىنى ئات بالاسى مۇنچىلىك چاقماس.

ئۆتەر بولدۇم بۇ ئات بىرلەن ھامانەم قايغۇ - ھەسرەتتە .



جاھان بازارىدا ھىچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر،

سوكۇلداش ئادىتى ، ئۇرساڭ چىچاڭلاپ زادى چاپماسلەر ،

يىقىلسا ناگىھان مۇدەرەپ تېخى تەپسەڭمۇ قوپماسلەر .

سالاملاشقان مەھەل توختاپ تاياقسىز زادى ماڭماسلەر،

ئوسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مېنى ئانچە خىجالەتتە .



ئۇرۇق، تۇققانلىرىم مەندىن قاچانكى ئات سوراپ كەلدى ،

بۇ ئاتنىڭ خۇلقى، خۇي -پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى

بېرەر بولسام نېدا ئەيلەپ، نىتەي ھالى خاراپ كەلدى ،

ئاياغى، يا ئېغىز، باشى ۋەيا بۇرنى قاناپ كەلدى

خەتەردىن ئۆزگە خىسلەت يوق بۇ ئات ياڭلىغ كاساپەتتە.



ئېغىلدا توختىماي ھەردەم، ئىشىكنى كۆپ قېتىم چاقتى ،

بوغۇپ خودەكنى ئۆلتۈردى ، موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى.

قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي ، تالاي تۈن باشقىلار باقتى ،

تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ ، ھايان ھەركىمگە خۇشياقى،

بۇ ئات بىرلەن قېلىپتۇرمەن ھەمىشە كۆپ مالامەتتە .



بوغۇز بەرسەم ئۇنى يىدى راسا ئىخلاس بىلەن چايناپ،

خورازدىن قىزغىنىپ پۇرقۇپ ، تېپىشلەپ پۇتلىرى ئويناپ ،

سوۋۇتقاندا تۇرار مۇگىدەپ كۆزىدىن كۆك چاپاق قايناپ .

كى باشى ساڭگىلاپ يەرگە چىۋىنلەر جىسمىنى قاپلاپ ،

قايۇ جانغا ياقار بۇ ئات سىياقى بۇ قىياپەتتە ،



چىقسا تالاغا توختىماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ ،

كىرەر بولسا چۈمەننى چەيلىبان بوستاننى چاڭلايدۇ .

كىشىنى كۆرسە كىشنەپ ، كەلسە چىشلەپ تېخى قوغلايدۇ ،

قاپاقۇ - كوزا كۆرسە سۇنى سەلپىپ ئۆرە قويمايدۇ،

خالايىق بۇ كاساپەت ئات بىلەن ھەر دەم ئاداۋەتتە .



قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خىرىدارنى ئاختاردىم،

بىدىكىنى ھەرقاچان كۆرسەم سۇچۇك تىل بىرلە يالۋەردىم ،

ئۆيگە تولە قاتراپ ، قېرىغان چاغدا مېڭىپ ھاردىم ،

يىيىشلىك ، كۈچى بار ..... دەپ ، تەرپىنى ئانچە تولتادىم ،

باھادا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھەتتە .



ساتاي دەپ ئانچىنان قىلدىم سېلىپ ھەر ھەپتە بازارى ،

بۇ ئاتنىڭ پەيلىدىن قورقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى.

يامانلىق شۆھرىتى بولدى خۆتەن بازارىدا جارى ،

كىشىكىم قاچتى كۆرگەندە ئېلىپ بارغىل دىبان نارى ،

قېلىپتۇرمەن بۇ ئات بىرلەن تېخى شۇنچە زالالەتتە .



بىزار بولدۇم بۇ ئاتتىن ھەر كۈنى بازارغا ئەپچىقتىم ،

تىلىگەنگە ساتاي دەپ مەن بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم.

يېپىپ جۇل ئۈستىگە ئوبدان ئىگەرنى تېخى سېپ  چىقتىم ،

ستىلماي قالمىسىدى ... دەپ تۈمەن مىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،

قاراپمۇ قويمىدىكى ئاتقا ھېچكىم بۇ سالاپەتتە .



كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچەنگە روزى شەپ باغلاپ ،

قوتۇر جىسمىنى كۈنجۈت يېغىدا ھەر كۈنلۈكى ياغلاپ.

بوغۇز بەرسەم قاچانكى قاينىتىپ ، يىدى ئۆزى چاغلاپ

بىدىكلەر ئولۇشۇپ يالغاننى ئېيتىپ ئانچىنچان داڭلاپ ،

ئەخىر تەرساغا ساتتىم ھەققىنى بەرمەككە مۆھلەتتە .



مەگەر ھەرقانچە قىممەت بولسا ، ئوتتۇز تەڭگە مىئادى،

مىنىپ چىقسام بولالماي ئاشۋاقتىلىق يەردىلا ھادى.

كېيىن قالدى كالانىڭ ھارۋىسىدىن كۈن پاتار بادى،

كۆرۈڭكى، ئۇشبۇ ئاتتۇر ھالى، شۇنچە نەرخىمۇ زادى ؟!

ئېلىپتۇرسىز يىگىرمە تەڭگىگە ، يا بولسا ئون يەتتە .



چۈشۈپتۇر ئاسماندىن ئون تولۇمدا لاپ بىلەن يالغان .

بىرى ئالەمگە تارقاپ ، توققۇزى مۇپتۇمغىلا قالغان ،

دەرىخ .... يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئەللىك تەڭگىگە ئالغان

كىكىردەككە ئاشۇنچە تەڭگىنى يالغانمىكىن سالغان،

بېرەرسىز پۇلنى تەخسىر بىر كۈنى ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە .



شىكايەتكە ئېغىز ئاچسام ئارام ئالماي قىلارمەن دات ،

قۇتۇلدۇم ئۇشبۇ ئاتتىن بولدى كۆڭلۈم قايغۇدىن ئازات.

سۇنۇپ پۇت قولنى ياتقۇم ئەمدى راسىت روھى راۋانىم شات ،

نەزەرلەردىن ھەزەرلەر ئەيلىمەككە مىڭ قەسەملەر يات ،

كى ئۆمرۈم ئۆتكۈسىدۇر دوسىت - يارەنگە ساداقەتتە .



ئۆزەڭ موللا بۇرادەر بىھايەت نەپسىڭىز غالىپ

،سىياقىڭ خوپ سالاپەتلىك، بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىپ،

بولۇپتۇرسەن بېرىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىغە تالىپ.

ئوبدانمىدۇر ئەي يار مېنىڭ ھەققىمنى ئېلىپ قالىپ،

كۆچۈرۈپ روزى غارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ پاراغەتتە .



نۇمۇس قىل خەلقى ئالەمدىن كى سالمىسەن ئېمەس بىمار،

خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە خىجىللىك ئەيلىمەك دەركار،

مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن ، ئۆزگىنىڭ ھەققىنى يىمە زىنھار ،

كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ ، مىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭ بىكار ،

كى كۈن ، تۈن ئۇخلىماستىن سەئىلە تۇرساڭمۇ تائەتتە .



ماڭا ئول ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مالامەتتۇر ،

يېقىنلاشقاچ قىيامەت ، بەددىيانەتلىك ئالامەتتۇر .

يىمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگىنى قانداق خىيانەتتۇر .

مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سىزدە ئامانەتتۇر .

بېرۇرسىز پۇلنى تاڭلا ۋاقتىدا روزى قىيامەتتە .



   دىمەككى، يارالغاندىن ھازىرغىچە ھېچقانداق بىرەر مەتبۇئات يۈزى كۆرمىگەن بۇ « سالامنامە » يۈز يىللار مابەينىدە ئەل ئارىلاپ ، ئىغىزدىن - ئىغىزغا قولدىن - قولغا كۆچۈپ ۋە كۆچۈرلۈپ ھەم  ئۆچۈرلۈپ نۇرغۇن مەرىكە ، مەشرەپلەرنى ۋە شىددەتلىك بوران - چاپقۇن ، ئىچىنىشلىق ئاقىۋەت ، ئېغىر ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كۆچۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ ، يەنىلا قەدرى - قىممىتىنى يوقاتماي ئەل ئارىسىغا خۇددى گۈزەل پولكۇردەك سىڭىپ ، بىزنىڭ مەرىپەت سۆيەر خەلىقىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ئىلمى مۈلكى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-7 20:31:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن !....

ۋاقتى: 2012-4-7 23:20:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  تولۇقسىز 3- يىللىقلارنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىگىگە كىرگۈزۈلگەندە ‹سالامنامە›نىڭ بەزى جايلىرىغا ئارۇزغا ئۇيغۇن بولمىغان ئۆزگۈرۈشلەر كىرىپ قالغان... ئۇنىڭ مۇكەممەل قىسمى ئېيتاۋۇر ‹بۇلاق› ژورنىلىنىڭ 80-يىللىقمۇ ياكى 82- يىللىق سانىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. ئەشۇ نۇسخىسى بەكلا تولۇق، ئەينەن ھالەتتە بولۇپ، مەن بۇ ئەسەرنى 80- يىللاردىل يادغا ئېلىۋالغان...

ئەسلى نۇسخىسى:

سالامنامە (ئات ھەققىدە قىسسە، نەزەرمۇفتىغا خەت)

دۇئايى ئىبادەت خوجام نەزەر مۇپتىغا ئەلۋەتتە،
تەھەيياتۇ سالامىم ئانچىنان ئاھۇ نادامەتتە،
دۇئا بىر لەۋ ۋىسال ئۇلغاي سالامىم ياخشى سائەتتە،
سېنى ياد ئەيلىگۈم ھەركۈن سەھەر ۋاختى تائەتتە،
كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

ساڭا مەن نامى يازدىم نامۇناسىپ لەۋزىدىن ئەييار،
بىھەمدىللا تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار،
بىلىشنى ئىستىسەڭ بۇندا شۈكرىكىم بىز ئەمەس بىمار،
تىنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ ئاندا نە ھالىڭ بار،
مۇشەققەتلىكتىمۇ ياكى ئۆزتتى ئۆمرۈڭ پاراغەتتە.

قېرىلىق ھالىدىن سورسام يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،
سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،
ئايال ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ جىمى قەۋمى قېرىنداشىڭ،
سىڭەمدۇ ھەرقانداق ھەرۋاختى يىگەن ئاشىڭ،
ئۆزەڭ ئوبدان چىرايىڭ تازىمۇ ھۆسنى مالامەتتە.

ئىشتكىل ئەي رەپىقا سۆزنى ئەخمەتشاھ قاراقاشتىن،
ساڭا ئەمدى بايان ئەيلەي، بۇ ئىشنى ئەمدى يېڭى باشتىن،
ئەقىدەم بار ئىدى سىزگە يېقىن تۇققان قېرىنداشتىن،
نىتەي ماڭا كۆڭلۈڭ قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن،
كۈلۈپسەن بىلگىنىم يوق مەن ئۇنى ئەينى زۆرۈرەتتە.

سېنى مەن دوست-يار دەپ كۆڭلۈمدىن ئىتىقات ئەتكەچ،
مۇھەببەت رىشتىسىدىن كۆڭلۈمنى ھەرزامان شات ئەتكەچ،
سۇپاتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە يات ئەتكەچ،
ئەۋەتىپ سىزگە ئەللىك تەڭگە پۇلنى ئىتىمات ئەتكەچ،
كى ياخشى ئات، يۇ بەرگەي دەپ ھامان ئۇشبۇ خىيالەتتە.

پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل ئەۋەتىپسىز ماڭا بىر ئات،
ئىشەكچە يوقتۇ رەپتارى ئەنىڭكى ھەرنە پەيلى يات،
كى يودا توختىۋالدى قامچا بىرلەن ئورسام پات-پات،
كۇلا ئاغامچىنى ئۈزدى قوزۇقلاپ باغلىسام قات-قات،
ئۇلاپ ئارغاچىنى ھەركۈنلىگى قالدىم ھالاكەتتە.

ساڭا ئەمدى بايان ئەيلەي بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى ئاڭقا،
قىڭا قۇيرۇق، سىڭا سۆڭگەچ، پۇتى مايماق، بويى لاققا،
بىرى تەپكەك، بىرى ھۈرۈككەك، بۇ ئەيىپلەر ئۈستىگە ماڭقا،
ساماننى بەش كۆشۈك يەپ ھەر قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
بۇ يەڭلىغ ئات يەنە ھەرگىز تاپىلماس ھىچ ۋىلايەتتە.

مىنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى يىقىلدىم نەچچە كۈن ياتتىم،
قويۇپ بەرسەم بۇزۇپ باغنى ھەمىشە ئەلنى قاخشاتتىم،
سۇغاغاندا قېچىپ سۆرەپ ئاران ھارغاندا توختاتتىم،
تىگىشتىم ئۆي بىلەن بەش،ئالتە نۆۋەت ئون قېتىم ساتتىم،
قىلىپ دەۋا كېلىۋەردى ماڭا ياندى شەرىئەتتە.

زۆرۈرەتىن مىنىپ ئېردىم يېرىم مەنزىل بېرىپ ھاردى،
كېيىن قالدى ئىشەكتىن ناگاھان ئۆي بىرلەتەڭ باردى،
سوۋۇتقاندا دەرەخكە كۆكسىنى كۆپ ئۇرۇپ ھەم ياردى،
پېتىقتا بىر يېتىپ ئالسا كۆتەرسەم قوپمىغاي زادى،
بۇ ئات بىرلەن قايان بارسام قېلىپ تۇرمەن پالاكەتتە.

ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا ئۆتمىدى ئاتلاپ،
ئەگەر يولغا كىرىپۋالسا سوكىلداپ ھارمىدى قاتراپ،
گاھى بوينىغا چۈشتۈم قاترىغاننىڭ زەپتىدىن چاچراپ،
ئىچىم سانچىققا تولدى ھەر قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ،
ساقايدىم ھەرقېتىم پاراپى يالاپ مەئەجۈنى شەربەتتە،

ئەۋەتىپسىز ھېچ كىشى بۇ ئاتقا بىر يول قاراپ باقماس،
قەلەندەر بىرلە ھابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس،
كى ھەرقانچە بوغۇز يىسە خۇنۇك بەستىگە نەپ ياقماس،
كىشىنىڭ يانپىشىنى ئات بالاسى بۇنچىلىق چاقماس،
ئۆتەر بولدۇم بۇ ئات بىرلەن ھامانەم قايغۇ ھەسرەتتە.

جاھان بازارىدا ھېچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر،
سوكۈلداش ئادىتى ئۇرساڭ چىچاڭلاپ زادى چاپماس،
يىقىسا ناگاھان تېخى يەنە تەپسەڭمۇ قوپماسلەر،
سالاملاشقان مەھەل توختاپ تاياقسىز زادى ماڭماسلەر،
ئوسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مېنى ئانچىنان خىجالەتتە.

ئۇرۇق- تۇققانلىرىم مەندىن قاچانى ئات سوراپ كەلدى،
بۇ ئاتنىڭ خۇلقى-خۇي پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى،
بېرەر بولسام نىدا ئەيلەپ نىتەي ھالى خاراپ كەلدى؛
ئاياغى يا ئېغىز، باشى ۋەيا بۇرنى قاناپ كەلدى،
خەتەردىن ئۆزگە خىسلەت يوق بۇ ئات ياڭلىغ كاساپەتتە.

ئېغىلدا توختىماي ھەردەم ئىشىكنى كۆپ قېتىم چاقتى،
بوغۇپ خودەكنى ئۆلتۈردى ھەم موزاينىڭ خۇنى ئاقتى،
قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي تالاي كۈن باشقىلار باقتى،
تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ ھايان ھەركىمگە خوش ياقتى،
قېلىپتۇرمەن بۇ ئات بىرلەن تېخى شۇنچە مالامەتتە.

بوغۇز بەرسەم ئۇنى يىدى راسا ئىخلاس بىلەن چايناپ،
خورازدىن قىزغىنىپ پۇرقۇپ تىپىشلەپ پۇتلىرى ئويناپ،
سۇۋۇتقاندا تۇرار مۈگدەپ كۆزىدىن كۆك چاپاق قايناپ،
كى باشى ساڭگىلاپ يەرگە چىۋىنلەر جىسىمىنى قاپلاپ،
قايۇ جانغا ياقار بۇ ئات سىياقى بۇ قىياپەتتە.

بوشاپ چىقسا تالاغا توختىماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ،
كىرەر بولسا چىمەننى چەيلىبان بوستاننى چاڭلايدۇ،
كىشىنى كۆرسە كىشنەپ، كەلسە چىشلەپ تېخى قوغلايدۇ،
قاپاقۇ، سۇنى كوزا كۆرسە سۇنى سەلپىپ ئۆرە قويمايدۇ،
خالايىق بۇ كاساپەت ئات بىلەن ھەردەم ئاداۋەتتە.

قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خېرىدارىنى ئاختادىم،
بىدىكنى ھەرقاچان كۆرسەم سۈچۈك تىل بىرلە يالۋەدىم،
ئۆيىگە تولا قاتراپ قېرىغان چاغدا مېڭىپ ھاردىم،
يىيىشلىك كۆچى بار دەپ تەرىپىنى ئانچىنان تولدادىم،
باھادا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھىيەتتە.

ساتايدەپ ئانچىنان قىلدىم سېلىپ ھەر ھەپتە بازارى،
بۇ ئاتنىڭ پەيلىدىن قورقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى،
كى يامانلىق شۆھرىتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى،
كىشىكىم قاچتى كۆرگەندە ئېلىپ بارغىل دىبان نارى،
قېلىپتۇرمەن بۇ ئات بىرلەن تېخى شۇنچە زالالەتتە.

بىزار بولدۇم بۇ ئاتتىن ھەر كۈنى بازارغا ئەپچىقتىم،
تىلىگەنگە ساتاي دەپمەن بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم،
يېپىپ جۇل ئۈستىگە ئوبدان ئىگەرنى تېخى سەپ چىقتىم،
سېتىلماي قالمىسىدى دەپ تۈمەنمىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،
قاراپمۇ قويمىدى ئاتقا كى ھېچكىم بۇ سالاپەتتە.

كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچەنگە روزى شەپ باغلاپ،
قوتۇر جىسىمىنى كۈنجۈت يېغىدا ھەركۈنلىگى مايلاپ،
بوغۇز بەرسەم قاچانكى قاينىتىپ يىدى ئۆزى چاغلاپ،
بېدىكلەر ئولۇشۇپ يالغاننى ئېيتىپ ئانچىنان داڭلاپ،
ئەخىر تەرساغا ساتتىم ھەققىنى بەرمەككە مۆھلەتتە.

مەگەر ھەرقانچە قىممەت بولسا ئوتتۇز تەڭگە مىئادى،
مىنىپ چىقسام بولالماي ئاشۋاقتىلىك يەردىلا ھادى،
كىيىن قالدى كالانىڭ ھارۋىسدىن كۈن پاتار باردى،
كۆرۈككى ئۇشبۇ ئاتتۇر ھالى شۇنچە نەرخىمۇ زادى،
ئېلىپتۇرسىز يىگىرمە تەڭگە يا بولسا ئون يەتتە.

چۈشۈپتۇر ئاسماندا ئون تۇلۇمدا لاپ بىلەن يالغان،
بىرى ئالەمگە تارقاپ توققۇزى مۇپتىلاغا قالغان،
دەرىخ يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئەللىك تەڭگىگە ئالغان،
كىكىرتەككە ئاشىنچى تەڭگىنى يالغانمىكىن سالغان،
بىرۇرسىز پۇلنى تەخسىر بىر كۈنى ئەلۋەتتە- ئەلۋەتتە.

شىكايەتكە ئېغىز ئاچسام ئارام ئالماي قىلارمەن دات،
قۇتۇلدۇم ئۇشبۇ ئاتتىن بولدى كۆڭلۈم قايغۇدىن ئازات،
سۇنۇپ پۇت-قولۇم ياتقۇم، ئەمدى راست روھى راۋانىم شات،
نەزەرلەردىن ھەزەرلەر ئەيلىمەككە مىڭ قەسەملەريات.
كى ئۆمرۈم ئۆتكىسىدۇر دوست-يارەنگە ساداقەتتە.

ئۆزەڭ موللا بۇرادەر بىنايەت نەپسىڭىز غالىپ،
سىياقىڭ خوپ سالاپەتلىك بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىپ،
بولۇپتۇرسەن بېرىپ ئانداغ كىشىنىڭ ھەققىگە تالىپ،
كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر ئاييار مېنىڭ ھەققىمنى ئېلىپ قالىپ،
كۆچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ پاراغەتتە.

نۇمۇسقىل خەلقى-ئالەمدىن كى سالماسەن ئەمەس بىمار،
خيانەتلىك قىلىپ شۇنچە خىجىللىك ئەيلىمەك داركار،
كىشىنىڭ ھەققىنى يەپسەن، ئۆزگىنىڭ ھەققىنى يىمە زىنھار،
كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ مىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭ بىكار،
كى كۈن-تۈن ئۇخلىماستىن سەئىلە تۇرساڭمۇ تائەتتە.

ماڭا ئول ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مالامەتتۇر،
يېقىنلاشقاچ قىيامەتكى بەتنىيەتلىك ئالامەتتۇر،
يىمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگىنى قانداق خىيانەتتۇر،
مېنىڭ بەرگەن پۇلۇم سىزدە بىرنەچچە كۈن ئامانەتتۇر،
بىرۇرسىز پۇلنى تاڭلا ۋاختىدا روزى قىيامەتتە.

ۋاقتى: 2012-5-11 16:36:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 90-يىللىرى كۆرگەن «بۇلاق» (1982-يىلدىكى سانلىرى)  ژورنىلىدا «ھېلى تەپكەك،ھېلى مەڭگەك ،بۇ ئەيىپى ئۈستىگە ماڭقا» دېگەندەك كۆرگەن.يۇقۇرقى ئىككى نۇسخىدا «بىرى تەپكەك،بىرى مەڭگەك....» دەپ ئەسلى نۇسخىسىغا ئوخشىماي قالغان .ئۇنىڭ ئۈستىگە « سالامنامە» ئىككى ئات ئەمەس بىر ھەققىدە يېزىلغان.مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندىمۇ «بىرى تەپككەك،بىرى مەڭگەك.....» نى « ھېلى تەپكەك ،ھېلى مەڭگەك ......» دەپ ئېلىش ئەخمەتشا قارىقاشنىڭ ئۆز قول يازمىسىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ئېنىق.

ۋاقتى: 2012-5-11 16:51:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە تولۇقسىز ئەدەبىيات دەرىسىدە «نەزەر مۇفتىغا خەت» ماۋزۇسىدا ئۆتۈلگەن ئىدى.

ۋاقتى: 2013-11-13 13:55:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتشاھ قارقاشىنىڭ بۇ شېئرىنى  ھەر قېتىم ئوقۇسام شۇنداق زوقلىنمەن.شەكىل بىلەن مەنە شۇنداق ياخشى جىپىسلاشقان.

ۋاقتى: 2013-11-26 16:45:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سالامنامە  شۇنداق ياخشى بىر ئىبرەتكى  بۇنداق  دوستىغا قارا سانايدىغانلار ھازىرمۇ  جەمىتىمىزدە ھىلى ھەم نۇرغۇن بار  ،بۇ بولسا ئەنە شۇنداق خىيانەتچى دوسلارغا بىر ياخشى قامچا بولغۇسى.

ۋاقتى: 2013-11-26 16:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۆزەمنى چاغلىماي ئەھمەد شا قارىقاشقا يازغان خېتىم ئىدى.
http://bbs.misranim.com/thread-67966-1-1.html

ۋاقتى: 2014-12-3 19:52:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوبداب يوللاپسىز. رەھئمەت سىزگە.

ۋاقتى: 2016-4-7 18:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسىز، ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!...

ۋاقتى: 2016-4-7 19:04:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانالىز ئاكا  سىزنىڭ ئەسىرىڭىزمۇ نەك ياخشى چىقىپتۇ، رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش