يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1247|ئىنكاس: 18

تورداشلىرىم: ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تورداشلىرىم

بارمۇ سىز ئامان-ئېسەن تورداشلىرىم،
ھەر تۈرلۈك تەلقىنلەردە خورداشلىرىم.
قاسقانغا مانتا  كەبى تىزىلىشىپ ،
بىر ئوتتا تەڭ پىشىشقان ھورداشلىرىم.

كۆپ بولدى بىز مۇنبەردە سۆزلەشكىلى،
ياتلىقتىن تۇققان بولۇپ ئۆزلەشكىلى.
بىلگەچكە چىققىنىنى  بىر كىمىگە ،
كۆپىنىڭ بىر بوپ كەلدى كۆزلەشكىنى.

بىر لىرى تۈزەپ قويار مەدەت بېرىپ،
ھەتتاكى خاتا يازغان يازماڭنىمۇ.
ئىشتىنىڭ چۈشۈپ كەتسە تىزىڭغىچە،
كۆتۈرۈپ،باغلاپ قويار تاسماڭنىمۇ.

بىرلىرى تورغا چىقتى تۈنلەشكىنى،
باشقىچە بىر ئاھاڭدا ئۈنلەشكىنى.
پاكىتتىن پىتنە تولا ئىنكاسلاردا،
تاس قالدى ئەرنى ئەردىن كۈنلەشكىنى.

پاكىت دەپ تۇتۇپ تۇرار ھاقارەتنى،
سۇندۇرۇپ سائىتىگە تاھارەتنى.
ئاغزىدا ئىت ئوينۇتۇپ سېھىرگەردەك،
كۆرسەتسە تاڭ قالىسەن ماھارەتنى.

بىرىنىڭ تامايى بار قازىلىقتىن،
ئۈزمەيدۇ ئۈمۈدىنى غازىلىقتىن.
ئانىسى تۇققىنىدا بۇ قازىنى،
ئاتىسى تاپقانمىكىن لازىلىقتىن؟

بىرلىرى كىرىپ،چىقىپ كېتىدىكەن،
ھارغىچە تىللاپ تېخى بىرلىرىنى.
ئۇنداقلار كىرەمدىكىن بۇ مۇنبەرگە،
ئاشكارە قىلىش ئۈچۈن سىرلىرىنى.

بەزىلەر تىرتەك تېخى مىجەزى چۇس،
ئالىدۇ ئېسىلغانچە ياقاڭدىنمۇ.
ئېلىشقا ئۈگەنگەندىن نەزەر ئەيلە،
كېيىنچە ئېپ يۈرمىسۇن پاتاڭدىنمۇ.

مۇھەرىر،باشقۇرغۇچى قاقشاپ كەلدى،
ياخشى ۋە يامىنىنى تاسقاپ كەلدى.
بىرلىكنىڭ بەھىرلىرى بۇزۇلغاچقا،
ئېتىمىز بەيگەلەردىن ئاقساپ كەلدى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇخېلىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-29 20:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-26 22:50:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلىرى كىرەر ئىكەن ئىلىم توپلاشقىنى ،
يەنى بىرى كىرەر ئىكەن .ئوۋ ئوۋلاشقىنى .
بىرلىرى باردۇر ئالتۇن ساپتا ناملىرى ،
قازسا چىقماس دىلىدىن ئادەملىق خىسلەتلىرى .

تۇرداش ھەي تورداش ! ياخشى يىزىپسىز!

ۋاقتى: 2013-3-26 23:03:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ بولدى بىز مۇنبەردە سۆزلەشكىنى،
ياتلىقتىن تۇققان بولۇپ ئۆزلەشكىنى.
بىلگەچكە چىققىنىنى  بىر كىمىگە ،
كۆپىنىڭ بىر بوپ كەلدى كۆزلەشكىنى.


مۇشۇ ‹‹نى›› نەدىن كېلىۋالدى ئابدۇخېلىل ئاكا؟!

ۋاقتى: 2013-3-26 23:21:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلىرى تورغا چىقتى تۈنلەشكىنى،
باشقىچە بىر ئاھاڭدا ئۈنلەشكىنى.
پاكىتتىن پىتنە تولا ئىنكاسلاردا،
تاس قالدى ئەرنى ئەردىن كۈنلەشكىنى

ماۋۇ مىسرالار شۇنداق ياقتى،بەرىكەتلىك بولۇڭ .

ۋاقتى: 2013-3-27 01:21:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىر توغرسدا مەنمۇ مۇلاھىزە يۇرگۇزۇپ باقاي؛
بۇ ئەسەردە 1-دىن، ئەلتۇغ ئەپەندىم دىگەندەك
كۆپ بولدى بىز مۇنبەردە سۆزلەشكىنى،
ياتلىقتىن تۇققان بولۇپ ئۆزلەشكىنى.
بىلگەچكە چىققىنىنى  بىر كىمىگە ،
كۆپىنىڭ بىر بوپ كەلدى كۆزلەشكىنى.

بۇنىڭدا سۆزلەر بۇزۇلغان. يەنى يازغوچى تىلىمزنى بۇزغان. ئەسلى «سۆزلەشكىلى، ئۆزلەشكىلى» دەپ يېزلشى لازىم. بۇ جەھەتتە بۇ يازغۇچى يازغۇچى تىل نامراتلقىدىن قۇتۇلماپتۇ.
2-دىن، مۇھەرىر،باشقۇرغۇچى قاقشاپ كەلدى،
ياخشى ۋە يامىنىنى تاسقاپ كەلدى.
بىرلىكنىڭ بەھىرلىرى بۇزۇلغاچقا،
ئېتىمىز بەيگەلەردىن ئاقساپ كەلدى.

بۇ كوپلىت ماۋزۇدىن بىراقلا چېتنەپ، مۇنبەرگە كەتكەن.

3-دىن، «بەزىلەر تىرتەك تېخى مىجەزى چۇس،»
دىگەن مىسرادىكى «تىرتەك» بىلەن «چۇس» ئوخشاش گەپ. شۇڭا مىسرانى توشقۇزۇش ئۇچۇن ئىشلەتكەن.

4-دىن،  «بىرلىرى كىرىپ،چىقىپ كېتىدىكەن،
ھارغىچە تىللاپ تېخى بىرلىرى.»

دىگەن مىسرادا بىر بوغوم كام، يەنى « نى» كام.

5-دىن،
بىرىنىڭ تامايى بار قازىلىقتىن،
ئۈزمەيدۇ ئۈمۈدىنى غازىلىقتىن.
بۇنىڭىدا غازىلىقنى تالاشقىلى بولمايدۇ
6-دىن،
بىر لىرى تۈزەپ قويار مەدەت بېرىپ،
ھەتتاكى خاتا يازغان يازماڭنىمۇ.
ئىشتىنىڭ چۈشۈپ كەتسە تىزىڭغىچە،
كۆتۈرۈپ،باغلاپ قويار تاسماڭنىمۇ.
دا زىتلىق بار، يەنى باشتىكى ئىككى مىسرا بىلەن ئاخىرقى ئىككى مىسرا زىت

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-27 11:02:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھزۇننىڭ مۇلاھىزىسى دەل بىز ئىزدەۋەتقان مۇلاھىزە بوپتۇ.يازمىلارغا مەھزۇندەك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئەمىلى پاكىت بىلەن ئىنكاس قايتۇرغاندىلا ھەممە ئادەمنى قايىل قىلىپ، ئىلمىي ئىلگىرىلەشنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ساھەدە يېتىلىپ كەتكەن ھىچكىم يوق. ھەممىمىز تەنبىھكە، توغرا تەنقىتكە مۇختاج. مەن تورغا ئەسەر يوللىغاندىن بېرى مېنىڭ ھاردۇقىمنى چىقارغان ئەڭ مۇۋاپىق ئىنكاس مۇشۇ بولدى دەپ قارايمەن. بۇ ئىنكاس ماڭا كارامەت يېزىپسىز، ئالامەت بوپتۇ، ھارمىغايسىز، تۇيغۇ سۈزۈكلىكىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن دېگەن ھېلىقىدەك گەپلەردىن تولىمۇ شېرىن تولىمۇ لەزىز تېتىدى . سىزگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت. مەن بۇ ئىنكاسنىڭ ماڭا پايدىلىق تەرەپلىرىدىن چوقۇم ساۋاق ئالىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇخېلىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 11:09  


ۋاقتى: 2013-3-27 11:19:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ قاملاشقان شىئېر بوپتىكەن.
بىرلىرى تورغا چىقتى تۈنلەشكىنى،
باشقىچە بىر ئاھاڭدا ئۈنلەشكىنى.
پاكىتتىن پىتنە تولا ئىنكاسلاردا،
تاس قالدى ئەرنى ئەردىن كۈنلەشكىنى.

بۇ كوپلىتنى كۆرۈپ كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ قالدى.!. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاشيولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 11:21  


ۋاقتى: 2013-3-27 11:22:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخىلل ئەپەندىمگمۇ رەخمەت. تەنقىتنى قۇبۇل قىلىش ئىنسانى پەزىلەتنىڭ جۇملسىدىندۇر.
ياخشى ئەسەرلەرنى ماختاش، ئىلخاملاندۇرۇش، پىشمىغان خام ، تاۋلانمىغان ئەسەرلەرنى قامچلاشمۇ مۇشۇ پەزلەتنىڭ ئىچىدىدۇر.
ئىجادىيتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-3-27 12:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلىرى تورغا چىقتى تۈنلەشكىنى،
باشقىچە بىر ئاھاڭدا ئۈنلەشكىنى.
پاكىتتىن پىتنە تولا ئىنكاسلاردا،
تاس قالدى ئەرنى ئەردىن كۈنلەشكىنى.

پاكىت دەپ تۇتۇپ تۇرار ھاقارەتنى،
سۇندۇرۇپ سائىتىگە تاھارەتنى.
ئاغزىدا ئىت ئوينۇتۇپ سېھىرگەردەك،
كۆرسەتسە تاڭ قالىسەن ماھارەتنى.

بىرىنىڭ تامايى بار قازىلىقتىن،
ئۈزمەيدۇ ئۈمۈدىنى غازىلىقتىن.
ئانىسى تۇققىنىدا بۇ قازىنى،
ئاتىسى تاپقانمىكىن لازىلىقتىن؟


تور مەدەنيىتى ئەلۋەتتە ئىنكاس مەدەنيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شىنجاڭدىكى نوپۇزلۇق مۇنبەر بولغان بۇ مەدەنيەت بوستانىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقى قابىليىتى بىلەن كىشىلەرنى يىتەكلەۋاتقانلارمۇ ياكى چاكىنا ئىنكاسلىرى بىلەن كىشىنى بېزار قىلۋاتقانلارمۇ كۆپ .
بۇ شئېردا ھازىرقى رىيال مەسىلىلەر دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلغان.
مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە ھازىرقى ئىنكاسچىلىق ئەمەليىتىمىزدىن ئىنكاسچىلىق مەدەنيىتىمىزنىڭ پۈچەك ھالىتىنى كۆرىشكە بولىدۇ .
(1) ئەسەرگە ئەمەس يازغان شەخىسكە مەدھىيە ئوقۇش .ئەسەرنىڭ قىممىتى ھەقىدە ئىلمى مۇلاھىزە قىلىپ ئادەمنى قايىل قىلىدىغان تېتىملىق ئىنكاس يازماي خوشامەتكە تويۇنغان ئىبارىلەر بىلەن شۇ ئەسەر ئېگىسىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بۇنىڭ بىلەن شۇ يازغۇچىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىشىنى بوغۇپ قويۇش ئەھۋالى.
(2)  تەنقىدىي بېرىلگەن يوللۇق پىكىرلەرنى توغرا قوبۇل قىلماي شايكا توپلاپ  ئۆز پىكرىنى مۇئايەنلەشتۈرۈشكە ئارتۇقچە ئۇرۇنۇپ كېتىپ ئۆز ئىناۋىتىنى خىرەلەشتۈرۋىلىش .
(3) مەدھىيەنى قوبۇل كۆرۈپ تەنقىتكە ھۇمۇيۇش .
(4)   بىر ئەسەرگە چۈشكەن ئىنكاسنىڭ كۆپ بولىشىدىن گومانلىنىپ ( ئەر ئايالغا ياكى ئايال ئەرگە ئىنكاس يازسا)  تىرناقتىن كىر ئىزدەپ  ئىنكاس بەرگۈچىلەر ئۈستىدىن غەيۋەت قىلىپ  ، تۆھمەت پاتقىغىغا ئىتىرىش.
(5)  سۆيگۈ تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەرگە نىسبەتەن  ‹‹ يانداشقان›› قىياپەتكە كىرۋىلىپ ئىشرەت بەزمىسگە ئايلاندۇرۋىلىش ( ئەر- ئايال ياكى قىز- ئوغۇل) ئوتتۇرسىدىكى شەرمى ھايا  پەردىسىنى ئېچۋىتىش.
(6) چوڭلارنىڭ ئىككى ئېغىز ئاچچىق پىكرىگە يەڭگىلتەكلىك بىلەن پەشۋا ئېتىش .
( 7) ئەسەر ئۈستىدە ئىلمى مۇنازىرە قىلىشماي كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىنى  تاتلاپ ئالىقاچان ساقايغان يارا بولسا يېڭى باشتىن قانىتىش .
(8) يۇرتۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ ئىنكاس يېزىش ئەھۋاللىرى مەۋجۈت .
بۇ خىل ئىللەتلەرنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ئىنكاسچىلىق مەدەنيىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 12:05  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-27 12:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆتكەندە مەزكۇر مۇنبەرگە يوللانغان ئەسەرلەرگە يىزىلغان ئىنكاسلار مۇكەممەل بىر ئابزاستىن كەم بولسا، يەنى ئەسەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى ئوقۇرمەننىڭ ھىس قىلىغىنى بويىچە ئەمىلى تەھلىل قىلىنىپ كۆرسۈتۈلمىگەن قۇرۇق داۋراڭ بوپ قالسا بىردەك ئۆچۈرۈلسە دېگەن تەكلىپنى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا بەرگەن ئىدىم. ئۇلارمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ ھېلىقىدەك داۋراڭ گەپلەرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىماي، ئەمىلى ئەسەر ئۈستىدە ھىس قىلغىنى بويىچە مۇلاھىزىسىنى يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ۋاقتى: 2013-3-27 12:52:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسچىمەن
ئەكرەم ئابدۇمىجىت
تارتىشىپ دۇست  يەڭ ئىچىدە  يايرىغان  ئىنكاسچىمەن،
خۇددى توتى قۇش مىسالەن سايرىغان ئىنكاسچىمەن،
ئۆز ئۆزۈمدىن ماختىنىپ بەك ھارمىغان ئىنكاسچىمەن،
ھەرقاچان مازغاپ مىسالەن پارلىغان ئىنكاسچىمەن،
پۇۋ، دېسە ئالقان  ئارا ھېچ قالمىغان  ئىنكاسچىمەن.

جۇددى شەيتاندەك گۇيا كىرمەك بولۇپ دوست  پوستىغا،
قىلىمەن شۇئان ئۇچۇر «يازمامسە» دەپ «چ،چ» سىغا،
باشلىنۇر ئىنكاس شۇئان كۈلكە بىلەن «ھى...ھى» سىغا،
ئۇستا باغۋەنلەرسىمان قىلدىم ئۇلاق« پى- پى »سىغا،
بىرلىرىنىڭ   شۇڭلىرىدا   ئاينىغان    ئىنكاسچىمەن.

كۆزلىرىم  قانداق ئەسەر يازدى كىشى كۆرمەيدۇ  ھەم،
شۇندىمۇ يازماي قولۇم ئىنكاسنى جىم تۇرمايدۇ ھەم،
يازمىسام ئىنكاس شۇئان بۇندا قۇساق تويمايدۇ ھەم،
چۈنكى «دوستۈم» تەلمۇرۈپ ھېچبىر تىنىچ قويمايدۇ ھەم،
كىملا داپ چالسا شۇئان «ناي- ناي»لىغان ئىنكاسچىمەن.

دوستلىرىمنىڭ نەزمىسىنى «ھەر قاچان  مۇنبەردە»  دەپ،
ئۇچىمەن ئىنكاس يېزىپ دەل «بولمىسۇن شەرمەندە»  دەپ،
«پىشكا چاغلىق باشقىلار دوستۇم پەقەت شاھ، گەردە» دەپ،
«ئۆزگىلەر ئەسكەر گۇيا ھەم ئۇ ئۆزى سەركەردە» دەپ
رەڭمۇ-رەڭ  دۇقمۇشتا  مايمۇن  ئوينىغان  ئىنكاسچىمەن.

بىر خۇيۇم باركى تېخى  ئىنكاستا  پوق سۈركەيدىغان،
كىمكى قارشى گەپ قىلىپ قويسا زەھەر پۈركەيدىغان،
تۇرسا نەچچە يۆلۈكۈم «قوقما ئۆزۈم بار» دەيدىغان،
خۇدىكىم بولسۇن نېچۈن تۇرسام يەنە ئۆرلەيدىغان،
نە ئامال  يېرىم چېلەك سۇ چايقىغان ئىنكاسچىمەن.

كۆرمىگەن ھېچكىم دېمەك مەندەك سىلىق دەيدەيچىنى،
ۋۇيت، دېسە ھايت، دەيدىغان  «ئارچىنى،لەببەي»چىنى،
ياخشى كۆرمەس كىممۇ مەندەك يۈگرىگەك «ۋاللەيچى»نى،
كونا  ماللار  ئىچرە ھەم  يۈرگەن  پىقىردەك  خەيچىنى،
قانچە  رەت تۇزسىز  قازاندا  قاينىغان  ئىنكاسچىمەن.

«ياخشىلارغا ياخشى گەپ قىلماق ھامان ۋىجدان ئىشى،
ھەم يىراق بولماقمۇ تەس نۇقسان-ئەيىپلەردىن كىشى،
چىن نىيەت، پاكلىق بىلەن بولسا كىشىنىڭ سىردىشى،
مەيلى كىم بولسا شۇئان بولمامدۇ دوستى، دىلكىشى»
دەپ نەسىھەت قىلسىمۇ تىل چاينىغان ئىنكاسچىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 12:54  


ۋاقتى: 2013-3-27 15:05:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسچىمەن


ئەكرەم ئابدۇمىجىت

تارتىشىپ دۇست (دوست) يەڭ ئىچىدە  يايرىغان  ئىنكاسچىمەن،
خۇددى توتى(تۇتى) قۇش مىسالەن سايرىغان ئىنكاسچىمەن،
ئۆز ئۆزۈمدىن ماختىنىپ بەك ھارمىغان ئىنكاسچىمەن،
ھەرقاچان مازغاپ مىسالەن پارلىغان ئىنكاسچىمەن،(مىسالەن تەكرارلىنىپ قاپتۇ)
پۇۋ(پۈۋ)، دېسە ئالقان  ئارا ھېچ قالمىغان  ئىنكاسچىمەن.


جۇددى(خۇددى) شەيتاندەك گۇيا(گويا) كىرمەك بولۇپ دوست  پوستىغا،
قىلىمەن شۇئان ئۇچۇر «يازمامسە» دەپ «چ،چ» سىغا،
باشلىنۇر ئىنكاس شۇئان كۈلكە بىلەن «ھى...ھى» سىغا،
ئۇستا باغۋەنلەرسىمان قىلدىم ئۇلاق« پى- پى »سىغا،
بىرلىرىنىڭ   شۇڭلىرىدا   ئاينىغان    ئىنكاسچىمەن.


كۆزلىرىم  قانداق ئەسەر يازدى كىشى كۆرمەيدۇ  ھەم،
شۇندىمۇ يازماي قولۇم ئىنكاسنى جىم تۇرمايدۇ ھەم،
يازمىسام ئىنكاس شۇئان بۇندا قۇساق (قورساق)تويمايدۇ ھەم،
چۈنكى «دوستۈم»(دوستۇم) تەلمۇرۈپ(تەلمۈرۈپ) ھېچبىر تىنىچ(تىنچ) قويمايدۇ ھەم،
كىملا داپ چالسا شۇئان «ناي- ناي»لىغان ئىنكاسچىمەن.


دوستلىرىمنىڭ نەزمىسىنى «ھەر قاچان  مۇنبەردە»  دەپ،
ئۇچىمەن ئىنكاس يېزىپ دەل «بولمىسۇن شەرمەندە»  دەپ،
«پىشكا چاغلىق باشقىلار دوستۇم پەقەت شاھ، گەردە» دەپ،
«ئۆزگىلەر ئەسكەر گۇيا(گويا) ھەم ئۇ ئۆزى سەركەردە» دەپ
رەڭمۇ-رەڭ  دۇقمۇشتا  مايمۇن  ئوينىغان  ئىنكاسچىمەن.


بىر خۇيۇم باركى تېخى  ئىنكاستا  پوق سۈركەيدىغان،
كىمكى قارشى گەپ قىلىپ قويسا زەھەر پۈركەيدىغان،
تۇرسا نەچچە يۆلۈكۈم «قوقما(قورقما) ئۆزۈم بار» دەيدىغان،
خۇدىكىم بولسۇن نېچۈن تۇرسام يەنە ئۆرلەيدىغان،
نە ئامال  يېرىم چېلەك سۇ چايقىغان ئىنكاسچىمەن.


كۆرمىگەن ھېچكىم دېمەك مەندەك سىلىق دەيدەيچىنى،
ۋۇيت، دېسە ھايت، دەيدىغان  «ئارچىنى،لەببەي»چىنى،
ياخشى كۆرمەس كىممۇ مەندەك يۈگرىگەك «ۋاللەيچى»نى،
كونا  ماللار  ئىچرە ھەم  يۈرگەن  پىقىردەك (پېقىردەك) خەيچىنى،
قانچە  رەت تۇزسىز  قازاندا  قاينىغان  ئىنكاسچىمەن.


«ياخشىلارغا ياخشى گەپ قىلماق ھامان ۋىجدان ئىشى،
ھەم يىراق بولماقمۇ تەس نۇقسان-ئەيىپلەردىن (ئەيىبلەردىن )كىشى،
چىن نىيەت، پاكلىق بىلەن بولسا كىشىنىڭ سىردىشى،
مەيلى كىم بولسا شۇئان بولمامدۇ دوستى، دىلكىشى»
دەپ نەسىھەت قىلسىمۇ تىل چاينىغان ئىنكاسچىمەن.

ئەسەر تولىمۇ كاتتا يېزىلىپتىكەن. بىراق، «كۆزى چاپاق، ئىشتىنى شالتاق» دېگەندەك ئازراق سەۋەنلىك كۆرۈلۈپتۇ. لېكىن كېرەك يوق، «ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار » ئەمەسمۇ؟ (چاقچاق).
ئاخىرىدا ئىستېداتلىق شائىر ئەكرەم ئاكامنىڭ بۇندىن كېيىن مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن.
بولسا كاللىسىنى يەنە بىر قاتۇرۇپ، مۇشۇ ئىملانى خاتا يېزىۋاتقانلارغىمۇ بىر ساتىرىك مۇخەممەس يېزىپ بەرسە دەپ قارايمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 15:08  


ۋاقتى: 2013-3-28 12:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              مەھزۇن ئىسىملىك تورداشنىڭ  « تورداشلىرىم » سەرلەۋھىلىك شېئىر ئۈستىدىكى ئىنكاسى ھەم بۇ ھەقتىكى قىسقىچە مۇلاھىزىسىنى كۆرۈپ بىر ئاز غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىم. گەرچە  مۇلاھىزىنىڭ سەمىمىلىك بىلەن يېزىلغانلىقىغا شەك كەتمىسىمۇ، ئۇنىڭدىكى قارمۇ - قارشى پىكىرلەر ئاپتورنىڭ ئەسلى نىيىتىنى چالغىتىپ قويغان. مەھزۇن ئىسىملىك بۇ ياخشى  نىيەتلىك تورداش ھە دېگەندە  « بۇنىڭدا يازغۇچى ( ئەسلى شائىر ياكى قەلەم ساھىبى دەپ ئالغان بولسا مۇۋاپىق بولاتتى ) تىلىمىزنى بۇزغان... بۇ ھەقتە يازغۇچى ( شائىر ) يەنىلا تىل نامراتلىقىدىن قۇتۇلالماپتۇ » دەپ داتلاپتۇيۇ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئەشەددى نامراتلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇپتۇ. ئابدۇخېلىل مىرخېلىل ئەپەندىنىڭ « تورداشلىرىم » ناملىق شېئىرى تور مەدەنيىتىدىكى ساغلام بولمىغان بىر تەرەپلىمىلىك خاھىشلارغا قارىتا يېزىلغان ھەجۋى تۈرىىدىكى شېئىر بولۇپ، مەھزۇن ئەپەندى شېئىرنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىنى تولۇق ھەزىم قىلماي تۇرۇپلا « شېئىرنىڭ ئاخىرقى كوبلىتى ماۋزۇدىن بىراقلا چەتنەپ، مۇنبەرگە كېتىپ قالغان » دېگەندەك  گەپلەر بىلەن ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن. ئەسلى شېئىردىكى پىكىرنىڭ تور ۋە مۇنبەر ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقى ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئوخشايدۇ.
           مەھزۇن ئەپەندىنىڭ 3- پىكرىگە قاراپ باقايلى : « تىرتەك بىلەن  چۇس »  ئەسلى بىر گەپ، بۇ يەردە پەقەت مىسرالارنى توشقۇزۇش ئۈچۈنلا ئىشلەتكەن » دەپ، بەكلا چوڭ سەۋەنلىككە يول قويۇۋەتكەن. مەن بۇ يەردە  تىلىمىزدىكى « تىرتەك »نىڭ « تەتۈرلۈك » كە، « چۇس » نىڭ مىجەزدىكى « كەسكىنلىك » كە ياتىدىغان مەنالىرىنىڭ بارلىقىنى مەھزۇن ئەپەندىنىڭ سەمىگە ئالاھىدە سېلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. بۇ پەقەت ۋە پەقەتلا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئۇقۇم.
             شېئىرنىڭ 2- كوبلىتى    كۆپ بولدى بىز مۇنبەردە سۆزلەشكىلى،
                                             ياتلىقتىن تۇغقان بولۇپ ئۆزلەشكىلى.
                                             بىلگەچكە چىققىنىنى بىر كېمىگە،
                                             كۆپىنىڭ بىر بوپ كەلدى كۆزلەشكىنى.  دېگەن مىسرالاردىن تۈزۈلگەن. بۇ يەردە شېئىر ئاپتۇرى شىمالىي شىنجاڭ جۈملىدىن ئىلى يېزىلىرىدىكى تىل شىۋە ئادىتى بويىچە « سۆزلەشكىلى »، « ئۆزلەشكىلى » دەپ ئالغان بولسىمۇ، ئەسلى ئۇقۇمغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەن. توغرىسى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇ بويىچە « نى » قوشۇمچىسى بويىچە ئالغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. بۇ ھەقتە ئەلتۇغ ئەپەندىنىڭ بەرگەن سەمىمى تەكلىپىنى توغرا تېپىپ قالدىم. ئەپسۇس، مەھزۇن ئىسىملىك تورداش شېئىر ئاپتورىنىڭ ( يەنە يەزغۇچى دەپ ئالغان ) « تىلىمىزنى بۇزغان » تەرەپلىرىدىن ئاغرىنىپتىيۇ، ئەلتۇغ ئەپەندىنىڭ پىكرىنى قوللايمان دەپ ئەكسىچە ئىش قىلىپ قويغان. ئۇنىڭ باش - ئاخىرى يوق ئىنكاسلىرىدىن زادى نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇققىنى بولمايدۇ.
                                   بىرلىرى تۈزەپ قويار مەدەت بېرىپ،
                                   ھەتتاكى خاتا يازغان يازماڭنىمۇ.
                                   ئىشتىنىڭ چۈشۈپ كەتسە تىزىڭغىچە،
                                   كۆتۈرۈپ باغلاپ قويار تاسماڭنىمۇ.      مانا بۇ شېئىرنىڭ 3- كوبلىتى. 2- مىسرانىڭ باشلىنىشىدىكى « ھەتتاكى » دېگەن سۆز شېئىر تىلىغا نوقسان يەتكۈزگەن. ئەسلى ئۇ سۆزنى ئىشلەتمىسە بوپتىكەن. بۇ كوبلىتتا ئاساسى پىكىر تور، مۇنبەر ھەم ئۇنىڭدىكى ناچار خاھىشلار ئۈستىدە كېتىۋاتقان بولسىمۇ مەھزۇن ئەپەندى « بۇ مىسرالار دا ئېغىر زىتلىق باريەنى باشتىكى ئىككى مىسرا بىلەن كېيىنكى ئىككى مىسرا ئوتتۇرسىدا زىتلىق بار » دېگەندەك گەپلەر بىلەن يەنە قاخشاپتۇ. ئۇ دەۋدتقان « زىت »لىقنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى راستىنلا چۈشۈنۈپ بولالمىدۇق.
             تور مەدەنيىتى ۋە تور ئىنكاس مەدەنيىتى توغۇرسىدا قەلبىنۇر ئىلياس خانىمنىڭ بەرگەن چۈشەنچىلىرى كىشىنى بەكلا قايىل قىلىدۇ. تور - شايكا توپلاپ غوۋغا كۆتۈرىدىغان سەھنە ئەمەس. بىز ئۇنىڭ ساغلام ۋە گۈللەنگەن كېلەچىكىنى كۆرۈمىز دېسەك سەمىمى پىكىرلىرىمىزنى ئايىمايلى. ئېغىزىمىزدىن چىققان ھەر ئىغىز گەپكە ئىگە بولۇشنى ئۈگەنسەك ئۇ چاغدا تور ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىن ئۈمىد تېخىمۇ زور بولىدۇ. ئەكرەم ئابدۇمىجىتنىڭ ئۆتكۈر تىل، ئاچچىق پىكىر بىلەن يېزىلغان بۇ ھەقتىكى مۇخەممىسى بىزگە ساۋاق بولسۇن.

ۋاقتى: 2013-3-28 15:45:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا  ماۋۇ ساتىرانى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغۇم كەلدى.


قازىمەن


ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت

(تور دۇنياسىدىكى بىر بىلەرمەن«ئىنكاسچى»تىلىدىن)



«قازى»لىققا ئارمان كۆپ، دەرمانى يوق قازىمەن،
ھەق-ناھەققە زەررىچە گۇمانى يوق قازىمەن،
ياخشىلارغا ياخشى گەپ-زۇۋانى يوق قازىمەن،
يامانلارغا لىللا گەپ، پەرمانى يوق قازىمەن،
چىقىۋالسام «مۇنبەر»گە ئىمكانى يوق قازىمەن.

ساختا ئاتاق-نام بىلەن پەرداز قىلىپ يۈزۈمگە،
مۇرىت توپلاپ«مۇنبەر»دە ئالا-جوقا سۆزۈمگە،
«قازى»بولۇپ ئاۋامنى قارىتىمەن ئۆزۈمگە،
نىجاسەتنى تىقساڭمۇ لەنەتكەردى كۆزۈمگە،
جاھانكەزدى-سەرگەردان، ماكانى يوق قازىمەن.

پەرق ئەتمەيمەن ئەقلىم كور، پاختا بىلەن مازنىمۇ،
ئۆردەك دېسە، ئۆردەك دەپ كەلدىم ھەتتا غازنىمۇ،
نۇمۇس قىلماي سۇمبۇل چاچ دەيمەن تېخى تازنىمۇ،
«ئاياز»دەيمەن خالىسام«ئا»نى قوشۇپ«ياز»نىمۇ،
ھەقىقەتنىڭ سورىقى-زىندانى يوق قازىمەن.

«داستان»دەيمەن ئۆزۈمچە داڭقان پۇتى گەپنىمۇ،
«قوشاق»دەيمەن داستاننى تېپىپ پەيتنى-ئەپنىمۇ،
«قازى»لىقنى قىلىمەن كۆزلەپ تۇرۇپ نەپنىمۇ،
سېسىتىمەن ئاقىۋەت«مۇنبەر»دىكى سەپنىمۇ،
«قازى»لىقتىن ئەلگە نەپ-ئېھسانى يوق قازىمەن.

يېقىنىمنى ماختايمەن كۆزنى يۇمۇپ كۆپتۈرۈپ،
ئەۋرىزىنى ئېرىغداپ، يۇندىسىنى تۆكتۈرۈپ،
ناتونۇشنى سۆكۈمەن قۇسۇر ئىزدەپ چۆكتۈرۈپ،
چامىم يەتمەي بەزىدە دەللاللارغا سۆكتۈرۈپ،
ئەنە شۇنداق شەرمەندە، مەيدانى يوق قازىمەن!

پەتىۋايىم كۆپ، شۇنداق، خەۋىرىم يوق ئىلىپتىن،
ئەييۇھانناس، گەپ ئاچسام «قېرىپ»بىلەن«قىرىپ»تىن،
«ئىنكاس»يېزىپ ھارمايمەن تەپسىر قىلىپ«قېلىپ»تىن،
بىزار قىلىپ «مۇنبەر»نى«ئۇلۇغ كالام شىرىپ»تىن،
بېشىم كىچىك، سەللەم چوڭ، ئىمانى يوق قازىمەن.

تۈزەلمەيمەن بىرجۈملە، لېكىن مېنىڭ گېپىم چوڭ،
تەخەللۇسۇم ئاجايىپ، ئۆزۈمدىنمۇ ئېتىم چوڭ،
ياراتمايمەن يازغاننى، يازسام مېنىڭ دىتىم چوڭ،
تىڭشىمايمەن ناغراڭنى، ئۈنى چىقماس دېپىم چوڭ،
يەنە دېسەم يەنە شۇ، ۋىجدانى يوق قازىمەن!



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 15:50  


ۋاقتى: 2013-3-28 16:26:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەت يېزىقچىلىق ھەۋەسكارى. مەنمۇ سۆزلەپ قوياي، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.
ئابدۇخېلىل ئاكىمىزنىڭ شېئىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم‹‹ قۇسۇر›› ئىزلەپ.ئىملا خاتالىقلىرى بولغاندىن باشقا چوڭ نۇقساننى بايقىيالمىدىم.
‹‹...لى›› كېلىدىغان يەرگە ‹‹ ...نى›› ئىشلىتىلگىنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىدىم.ئەدەبىياتتا ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنغاچقا، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرسەك دەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش