تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 8

كىتاپ خەۋىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 07:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتى پىلانلاپ، تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى نۇقتىلىق يار – يۆلەك بولغان، ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ«يىگانە دۇنيا»، تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ «جەزىرە» ناملىق رومانلىرى ۋە ئېرىسبەگ ئوۋقاننىڭ «قىرتاق ھەسەل» ناملىق ھېكايە توپلاملىرىنىڭ خەنزۇچىسى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرياتى تەرىپىدىن رەسمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

IMG_2683-2011128144838695.jpg

تۇرسۇنجان مۇھەممەت:«جەزىرە»، سۇ دېشىن تەرجىمىسى


ئالىمجان ئىسمايىل:«يىگانە دۇنيا»، تىلەك تەرجىمىسى


ئېرىسبەگ ئوۋقان: «قىرتاق ھەسەل»، سەينا ئېرىسبەك تەرجىمىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 08:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كاتتا خۇش خەۋەركەن، خەنزۇچە كىتابلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىۋەرمەي مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرمۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت كۈچەيتىلىشى كېرەك. جۈمىلىدىن مەن بەكلا خوش بولدۇم، بۇ قېتىم مىنىڭمۇ بىر پارچە ھېكايەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «ئاقسۇ ئەدەبىيەت سەنئىتى»ژورنىلىغا خەنزۇچە بېسىلىپتۇ

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 11:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان ئاكا ۋە ئالىمجان ئاكىنى ۋە جاپاكەش تەرجىمانلارنى تەبرىكلەيمەن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 13:02:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ياغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يەنە بىر تىلدا يۇرۇق كۆرگەنلىكىنى مۇبارەكلەيمەن. تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە رەخمەت ئېيتىمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 13:36:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى دۆلەت تىلىدا نەشىر قىلنىپ بەك ياىشى بوپتۇ.ئاپتۇرنى تەبرىكلەيمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 17:56:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى بىر خەۋەركەن. مىللىتىمىز ئەدىپلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى باشقا مىللەتلەرمۇ كۆرۈپ باقسۇن. بولسا باشقا ئەللەردىكى كىشىلەرمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرالىسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى. تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن. بۇ خەۋەرنى يوللىغان ئەيبۇ ياقۇپ ئەپەندىگىمۇ قۇت بولسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسەرلىرىمىزنى  قىرىنداش مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ  ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرغاندىلا ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۆلەت ۋە خەلقئاراغا يۈزلەندۈرگىلى ،مەمىلىكەت ۋە خەلقئاراغا  تونۇتقىلى بولىدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!  
مۇشۇنداق خۇش خەۋەرلەرنى ھەقىقەتەن مۇبارەكلەشكە ئەرزىيدۇ، تۇرسۇنجان مۇھەممەدنىڭ ‹جەزىرە›سى ھەقىقەتەن ياخشى چىققان رومان ئىدى،  بۇ ئىشنى مەن تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغاندىلا ئاڭلىغان ئىدىم، ئاخىرى روياپقا چىقىپتۇ،  باشقا ئاپتورلارغىمۇ مۇبارەك بولسۇن.
بۇ يەردە رومانلارنى ئۆز تىلىغا ئۆرۈگەن جاپاكەش تەرجىمانلارغا سەلام يوللايمەن ۋە ئۇلارغا تەشەككۇر  ئېيتىمەن.

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان ئىسمايىل ئاكا بىلەن تۇرسۇنجان مۇھەممەتكە مۇبارەك بولسۇن . بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ‹‹تەڭرىتاغ ئەدەبىي - ئەسەر مۇكاپاتى›› غا نايىل بولغان ئىدى . بۇ قىتىم خەنزۇچە نەشىرىمۇ دۇنياغا كەپتۇ ، بۇ خوشاللىنارلىق ئىش ئەلۋەتتە . اللا بۇ ئىككى يازغۇچىمىزغا ساغلاملىق ، زىھنى قۇۋەت ئاتا قىلغاي . قەلىمىڭلار تېخىمۇ چاپچىپ تۇرسۇن ئەزىزلەر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 03:32 , Processed in 0.086659 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش