يەر
مۇھەممەدروزى ئابدۇقادىر
يەر تىللىمايدۇ، ئازار بەرمەيدۇ،
قەلبىڭدىكى گۈلنى خىللايدۇ.
قايغۇلىرىڭ ئۇچۇپلا كېتەر،
ئايىغىڭدا شەبنەم ئوينايدۇ.
قۇشلار چاقىرىدۇ باغرىغا قىرنىڭ،
بۇلۇت سىلكەر قولياغلىقىنى.
كېزىش قىيىن كۆرمىسەڭ سۇنى،
سېمونتلارنىڭ ئورمانلىقىنى.
چىرايلارنى ئۆتكۈچە سۆيۈپ،
سۆيسەڭ يەرنى ياشىرار يۈرەك.
ھېس قىلىسەن كېپىنەكلەرنى،
بالىلىقىڭ يايغاندا پىلەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-25 22:04