يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2402|ئىنكاس: 9

شېئىرغا كىرىش ـ ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ قەلئەسى(13)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

hazratali-201111212127856.jpg


ھەزرەتئەلى ئەلى 1985-يىلى قەشقەر شەھرى بەشكېرەمدە يېزىسىدا تۇغۇلغان. بالىلىقى باغ-ۋارانلىق، خىلۋەت مەھەللىسىدە ئۆتكەن.باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ،2005-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرېتېتىنىڭ ئەدەبىيات ئېنىستېتوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.2010-يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ بىر مەزگىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ ، شېئىر يېزىش بىلەن ئەدەبىياتقا كىرگەن .بالىلىق ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولمىغان.بىر خىل جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆتكەن بالىلىقى ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن .ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ ھاياتىدا رەسمىي بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ ،ئەدەبىياتقا بولغان چەكسىز سەۋدايىلىق،ئاڭسىز مۇھەببىتىنىڭ ئورنىنى ھەقىقى مەنىدىكى سەنئەت قارىشى ئىگىلەشكە باشلىغان .ئۇ يەردىكى ئىلىم كەيپىياتى ۋە كۈتۈپخانا،قىرائەتخانىدىكى ئاجايىپ مول كىتابلار ئۇنىڭ روھى چاڭقاقلىقىغا ئوزۇق بولغان.ئۇ بۇ يەردىكى كىتابلارنىڭ مەڭگۈ ئۆزىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بالدۇرلا تونۇپ يېتىدۇ ھەم پۇرسەتنى ناھايتى چىڭ تۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە فرېئۇد، ماسلوم، ئادلېر قاتارلىق مەشھۇر پىسخۇلۇگلارنىڭ نەزەرىيەلىرىنى ئۈگۈنىشكە باشلايدۇ.ئۇ ئەدەبىياتنى جۇملىدىن سەنئەتنى پىسخولۇگىيلىك ھادىسە دەپ قارىغانلىقتىن سەنئەتنى پىسخولۇگىيە نوقتىسىدىن چۇشۇنىشكە ئۇرۇنغان.كىيىن سەنئەتنىڭ نوقۇل پىسخولۇگىيەلىك ھادىسە بولماستىن موھىمى بىر خىل ئېستېتىكىلىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گېگىل، ماركىس. نېتزى، جۇگۇاڭچىيەن، پىڭ جىشىياڭ قاتارلىق پەيلاسوپ ۋە ئېستىتىكاشۇناسلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان.ئۇ ئەدەبىياتقا ھەقىقى مۇھەببەت باغلىغان بۇ مەزگىللەردە يەنە دوستىيوۋىيسكى ،كافكا ،پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇغان.شائىرلاردىن فىرانسىيە سىموۋلىزىمچىلارنىڭ شېئىرلىرىغاچوقۇنغان.لىكىن كىيىنكى مەزگىللەردە بىردىنلا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ ،بايرون، يېسنىن، پۇشكىن ، بىلوك قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىغا ئۆزىنى ئۇرغان .ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى گۈپۈلدەپ تۇرغان سەمىمىي، قىزغىن ھېسيات ئۇنىڭ مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان قەلبىگە مەنىۋىي ئەرمەك بولغان.
ئۇنىڭ ئىجادىيتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە باشلانغان بولسىمۇ،2007-يىلى «تارىم»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مۇھەببەت لىرىكىلىرى»ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن رەسمىي ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن . مامبەت تۇردى،ئىقبال تۇرسۇن قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەسىرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدىن باشلاپ رەسمىي پىلانلىقھالدا شېئىر ۋە شېئىر تەتقىقاتىغا كىرىشكەن ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا بىر تۈ*ركۈم ئوبزور ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدۇرۇپ ،ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن ھەم ئوقۇرمەنلەردىن بىر قىسىم خەت تاپشۇرۇپ ئالغان. 2010-يىلى مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىنمۇ نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئىنەزەر شېئىر ۋە شېئىرىيەت توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى توختىتىپ قويمىدى،بەلكى تېخىمۇ چوڭقۇر ،پىلانلىق ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارماقتا .ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم»،«تەڭرىتاغ»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«قەشقەر»،«تۇرپان»،«خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم ئىلمىي ژورنىلى»،«مۇزات دولقۇنلىرى» قاتارلىق ژورناللاردا 40 پارچىغا يېقىن شېئىرى ۋە «‹يىلان يىللىق قىز›پوۋېستى ھەققىدە»، «شېئىر- شائىرنىڭ قەلب تارىخى»،«شېئىرنىڭ كۈچى»، «شائىرنىڭ مەنزىلى»، «ئەدەبىيات :ئۆزلۈك ۋە تەقدىر»، «شېئىرغا كىرىش »قاتالىق8 پارچە ئوبزور ۋە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان.بىر تۈ*ركۈم شېئىر ۋە ماقالىلىرى كوللىتىپ توپلاملارغا تاللانغان.يەنە بىر تۈ*ركۈم شېئىر ۋە ماقالىلىرى« سۇمرۇغ»،«ئەنقا»قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ تاقىلىشى بىلەن يوقالغان .ئاز بىر قىسىم شېئىر ، ماقالىلىرى «يازغۇچىلار تورى»ئېلان قىلىندى.ھازىرغىچە جەمئىي 200 پارچىغا يېقىن شېئىر،25 پارچىغا يېقىن ئوبزور ۋە تەتقىقات ماقالىسىنى روياپقا چىقارغان.
ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت يۆنىلىشى شېئىر ۋە شېئىرىيەت تەتقىقاتى بولۇپ ، ماقالىلىرىدا شېئىرنىڭ ئۆزىنى تۇتقا قىلغان ئاساستا، نەزەريىۋى تەھلىلنى ئاساسىي ئاساسىي ئورۇنغا قويىدۇ.ماقالىلەرنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتكە،ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ ماقالىلىرى نەزەريىۋىلىككە باي بولسىمۇ ،ئوقۇغان كېشىگە قىلچە زىرىكىشلىك تۇيغۇ بەرمەيدۇ،بەلكى ناھايتى تەسىرچان ،لىرىك كەيپىيات ئىچىگە باشلايدۇ.
ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ ئەسەرلىرى تېخى ئوقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئالدىدا .ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن نىشانى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە.
بىز بۇ كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەپ ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ـــ مەسئۇل مۇھەررىردىن ئاپتورنىڭ بايانى: ئەقلىمگە كەلسەم بەش ياشقا كىرىپتىمەن.ئۇندىن ئىلگىرىكى ھاياتىم نەلەرگىدۇر كۆمۈلۈپ كەتكەن. ھېچ ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيمەن.بۇنىڭغا قاراپ خاتىرە ئىقتىدارىمدىن گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن. لاي سۇداك ئۆتكەن بالىلىقىمنى تۈگىتىپ، ئالىي مەكتەپكە كېرىپ ،فرېئۇدنىڭ نەزەرىيەلىرى بىلەن چالا-بۇلا تونۇشۇپلا ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم بولغان ئاشۇ ھاياتىمنى ، كەچۇرمىشلىرىمنى خاتىرەمگە ياندۇرۇپ كېلىش ئۇچۇن مەقسەتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ باقتىم .بۇنداق ئۇرۇنۇشنىڭ،بۇ خىل ئۆز-ئۆزىنى قېزىشنىڭ ئورۇنسىز بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرمىدىم .ئەدەبىياتقا كېرىپ قېلىشىم ئىرسىيەتتىن ئەمەس. گاھىدا كىچىككىنە سەۋەبلەر ھاياتقا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن.ئاشۇ كىچىككىنە تەسىر بىلەن مۇشۇ كوچىدا كېتىۋاتىمەن. تۇغۇلغىنىمغا تەرتىپ سان ھېسابىدا بىر ئەسەر ۋاقىت ئۆتتى .قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئەسىرگە تەۋە ئادەممەن. لىكىن يېڭى بىر ئەسىردە تۇرمۇشقا ماسلىشىپ ياشاشنىڭ قىيىنلىقىنى، ئون مىليونغا يېقىن نوپۇشقا ئىگە ،ئۇنىڭ سەككىز مىليۇندىن ئارتۇقى دېھقان بولغان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، قەلەم بىلەن ھەپىلىشىپ، تۇرمۇشنى پاك-پاكىز، رەتلىك، كەلگۈسى ئائىلىنى خاتىرجەم قىلىپ ياشاشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈللىكىنى ھېس قىلغىنىمدا بۇ كوچىغا كېرىپ قالغىنىمدىن پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن. بىراق، تاللاش ئالدىدا ھامان مۇھەببەت كۈچلۈك كېلىپ قالىدىكەن. شېئىر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىم ۋە مۇھەببىتىم كۆپ. شۇڭا شېئىر چەمبىرىكىدىن چىقىپ ياشاش مېنى مۇھەببەتسىز ياشاشتەك ئېغىر بىر قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ.
دۇنيادا قاچانغىچە ياشاش جۈزئى بىر نەرسە .لىكىن ھاياتتا بىرلا نەرسە بىزگە مەڭگۈ كىرەك.ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت .ئۇ نېمىگە ئاتالغان بولسا مەيلى. شېئىر بولمىسىمۇ بولىۋىردۇ .چوقۇم بىر نەرسىگە مۇھەببەت بولۇش كىرەك.«ھايات مەنىسىز»دېگۈچىلەر ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەر .چۇنكى ئۇلارنىڭ مۇھەببەت بېغىشلىغۇدەك ،قوغلاشقۇدەك ھېچنىمىسى يوق. ئەلۋەتتە ،ئۇ دۇنيالىق بىزنىڭ ئىلكىمىزدە ئەمەس.شۇنىڭغىچە چوقۇم ھەر نەپەس ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىمىز كىرەك .

  شېئىرغا كېرىش ھەزرەتئەلى  ئەلى            تالاي بۈيۈك شائىرلاردەك پەۋقۇلاددە مۇشاقەتلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەنمەن .ئاجايىپ سىرلىق ۋە ئەگرى توقاي ھايات كارتىنىلىرىممۇ يوق. ئاقسۆڭەك باللىرىدەك ھەشەمەتلىك ۋە رومانتىكىغا چىلاشقان كىشىلىك سەرگۈزەشتىلىرىم تېخىمۇ يوق.پەقەت جىمجىت ۋە شاۋقۇنسىز ھالدا تەبىئەتكە ھەمنەپەس بولمىش نەپەسلىرىمنى بوشلۇققا ئۈنسىز قويۇۋەردىم .ئاھ ،نە قىلاي ! خۇددى ئۆز-ئۆزىگە سىڭىپ كېتىدىغان ئىچكى دەريا ئېقىنىدەك بىر خىل لەيلىمە ۋە پەرۋاسىز ھايات مۇھەببەتسىز لەۋلىرى بىلەن پىشانەمگە سۆيۈۋەردى .
مۇھەببەتكە ئىرىشىش كىشىگە ھۇزۇر ،ئازادىلىك ،شادلىق ،مەغرۇرلۇق بەخىش ئېتىدۇ . ئېرىشكىنىڭ مۇھەببەتسىزلىك بولسىچۇ ؟ بۇ سېنىڭ يوقاتقىنىڭ بولىدۇ، ئەلۋەتتە .ئۇ سەندە كەمتۈتلۈك شەكىللەندۈرىدۇ .سېنى غېرىبلىققا ،تەنھالىققا باشلايدۇ .ئۇنى تولدۇرۇشقا تىرىشىسەن .كۈچ قۇدرىتىڭ يەتمەي قالىدۇ .بۇنىڭ ئامالى پەقەت بىرلا.ئىستەكلىرىڭنى يوشۇرۇن ئىپادىلەيسەن .ئەڭ گۈزەل تىللار بىلەن شېئىر قىلىپ ئىپادىلەيسەن ،ئەڭ مۇڭلۇق كۈيلەر بىلەن ئىپادىلەيسەن ، سېھىرلىك بوياقلار ئارقىلىق ئىپادىلەيسەن .... قەلبىڭدىكى ئىستەكلەرنى ئىپادىلەشنىڭ يوللىرى چەكسىز ،بىر خىلىنى تاللايسەن .مۇشۇ جەرياندا سەندىكى يوشۇرۇن نەرسىلەر قېزىلىپ چىقىدۇ .يېڭى نەرسنى بەرپا قىلغۇچىغا ئايلىنىسەن ،ئىجاتكار بولىسەن .ئۇ سېنى ئاز-تولا شۆھرەتكە ئىگە قىلىدۇ .بۇ خىل مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى كەمتۈكلىكىڭنى تولۇقلايدۇ .ئەمما ئۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سەرپ قىلغان بولىسەن ..يەنە يېڭى نەرسىلەرگە ئىېتىياجلىق بولىسەن .سەندىكى كەمتۈكلۈك مەڭگۈلۈك بولىدۇ .مەڭگۈ ئېھتىياج ،قانائەتسىزلىك ئىچىدە ياشايسەن .گىرمانىينىڭ مەشھۇر نېمىس پەيلاسوپى نىتزى «ئىنساننىڭ ئىمكانىيەت بولسىا، ئەۋلىيا بولغىسىمۇ كېلىدۇ»دېگەنىكەن.بەلكىم ئۇ ئىنساننىڭ شۇخىل قانائەتسىزلىكى ،مەڭگۈ ئېھتىياج ئىچىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كىرەك .
سېنىڭ ھەقىقى ئىجادكارغا ئايلىنىشىڭ ئۆزۈڭدىكى ئىقتىدارنىڭ قېزىپ چىقىلىشىغا باغلىق ،ئەمما بۇنداق قېزىپ چىقىلىش ئۆز-ئۆزىدىن بولمايدۇ.سەزگۈر رىئاللىقىنىڭ يىرىك ئۈستىخېنى ئۆزىگە يېپىشىپ تۇرغان سېنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ تۇرىدۇ .بۇ غىدىقلاشلار سەندىكى بارلىق ئىقتىدارنىڭ قېزىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ .ئەمما موھىم سەۋەب يەنىلا «ئۆزلۈك»تە .غىدىقلاشلارغا قارىتا توغرا ئىنكاس قايتۇرۇش –قايتۇرالماسلىق كىشىلىك تەقدىرىڭگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەن ئاز-تولا شېئىر يازىمەن ،شېئىرلىرىم ئۆز مەۋجۇدىيتىمنىڭ سەنئەتكە ئايلانغان ماددى فورمىسى .ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە مەندىكى مەۋجۇتلۇق .ئەمەلىيەتتە شېئىر يېزىشتىن ئىبارەت بۇ ئىقتىدار ھەممە كىشىدا ئوخشىمىغان دەرجىدە بولىدۇ .شېئىرى تىل ،شېئىرى تۇيغۇ ،شېئىرى ھېسيات قاتارلىق شېئىر ماتىرىياللىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇل بولىدىغان ،سەنئەتنىڭ جۈملىدىن شېئىرنىڭ مەنبىئىي بولغان ئىستىتىك كەچۈرمىش ئورتاق مەۋجۇت.لىكىن نۇرغۇن ئادەم يەنىلا شائىر ئەمەس .بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى بايقاش ،قېزىش بىلەن بىرگە ئۈزلۈكسىز مەشىق ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك .مېنىڭ شېئىر يېزىپ قېلىشىم ،ئەدەبىيات بىلەن ھەپىلىشىپ قېلىشىممۇ ئۇلۇغ ئەمما ئاددى بولغان بىر سەۋەبكە باغلانغان .تالاي بۈيۈك شائىرلار ،يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىشىنى تۇغما تالانتقا باغلىشىدۇ ياكى بولمىسا كىچىك ۋاقتىدا ئاتا –بوۋىلىرىدىن ،مومىلىرىدىن نۇرغۇن چۆچەكلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ .ئەمما مېنىڭ ھاياتىمدا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بولۇپ باقمىغان . خېلى سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئەجدادلىرىمىز ئىچىدە ئەدەبىيات –سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلمىدىم .ئاجايىپ چۆچەكلەرنى تېخىمۇ ئاڭلاپ چوڭ بولمىغان .مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك ،مېھرىبان ، جاپاكەش ئاتا-ئانام بىلىشىمچە ئانچە كۆپ چۆچەكلەرنى بىلمەيتى ،ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ مۇشاقەتلىرى تۈپەيلىدىن مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالمىغان ئىكەن ،شۇنداق بولغاچقىمىكىن ھەممىمىزنى قانچىلىك جاپا تارتىشىدىن قەتئىنەزەر ئوقۇتۇپ چققان ئىدى . بالىلىقىمدا ئۇلاردىن چۆچەك ئاڭلىغانلىقىم ئانچە يادىمدا يوق ،ئەمما بىز ئۈچۈن يۈرىكىنى سەرپ قىلاتتى ،بارلىقىنى بېغىشلايتى .
نۇرغۇن مەشھۇرلار ئاجايىپ رەڭگارەڭ،سىرلىق بالىلىقىنى ئەسلىشىدۇ.بەلكىم مېنىڭمۇ بولغان بولىشى مۇمكىن ،ئەمما بالىلىقىمدىن ھېچقانچىلىك ئىش يادىمدا يوق.پەقەت بىرلا كۆرۈنۈش چوڭقۇر ئېسىمدە .مەڭگۈ خاتىرەمدە ساقلىنىپ تۇرىدۇ .يۇرتۇم بەشكېرەم ھەققىدە ئاجايىپ گۈزەل ۋە سىرلىق ئەپسەنە–رىۋايەتلەر يېتىپ كەلگەنىكەن . ئۇنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل،كۆركەم قىياپىتىمۇ ئۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ  پۈتۈنلەي ئاساسسىز  ئەمەسلىكىنى دەلىللىسە كىرەك . كېچىكىمدە ،ياز كۈنلىرى چىڭقى چۈش پەيتلىرىدە، كوچىلاردا ئادەم كۆرۈنمەيتى . ئۇنداق چاغدا ھېچقانداق ئىش ئەمگەك قىلغىلى بولمايتى .چوڭلار چۈشلۈك ئاراملىق ئۇيقۇغا غەرق بولىشاتتى .ناھايتى ئېچىنارلىقى ئۇلار مېنىڭ دوستلىرىمنى ،تەڭتۇشلىرىمنى ئۆزىگە زورلاپ ئۇخلاتقۇزاتتى .(لىكىن  ماڭا ئۇلار خۇددى كۆزىنى يوغان ئېچىپ تالاغا قاراپ ياتقاندەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى ) مەن بولسام ئۆزۈم يالغۇز ،يەككە –يىگانە ھالدا باغلارنى ،كوچىلارنى ئايلىنىپ يۈرىۋىرەتتىم .ئاتا-ئانام مېنى ئىختىيارىمغا تاپشۇراتتى .بۇ جەھەتتىن ئۇلارغا قارىغاندا پادىشاھ ئىدىم ..بالىلىقتىكى بۇ خىل يالغۇزلۇق ،غېرىبلىق ،يەككە –يىگانىلىق بەلكىم سەنئەتكە كىرەكلىك ئىچكى كەچۈرمىشلەر بىلەن تەمىن ئەتكەن بولىشى مومكىن .
تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققۇچە دەرسلىك كىتاپتىن باشقا تۈزۈك كىتاپ ئوقۇمىغانلىقىم يادىمدا .بۇرۇنقى ئەسەرلەرنى ئەسلەشكە توغرا كەلسە باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كەلگۈسىىنىڭ شائىرى»دېگەن تېكىستنى چوڭقۇر سېغىنىش ھېسياتى بىلەن ئەسلەيمەن .ئۇنىڭدىكى بالىلارغا خاس تۇرمۇش قەلبىمگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئىدى .ئۇنىڭدىن كىيىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قان رەڭ جىلغا»دېگەن كىتابى بولۇشى مومكىن .ئۇ كىتاپ يېڭى چىققاندا ئاكام سېتىۋىلىپ ئەكەپتىكەن .ئۇنىڭدىكى «ئۇيقۇلۇق سەھەر »،«لەنجۇ كوچىسىدىكى بىر ئۇيغۇر » دېگەن ھېكايىلەرنىڭ ئوتلۇق تەمى ھېلىغىچە يادىمدا .بولۇپمۇ «ئۇيقۇلۇق سەھەر»دىكى لەرزان ،شېئىرى كەيپىيات مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى .تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنىڭ بىر بۇرۇلۇق نوقتىسى بولۇپ قالدى .سىنىپ مۇدىرىمىز بەختىيار مۇئەللىم چىقىشقاق ،بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ماھىر شەھەرلىك مۇئەللىم ئىدى ،بوش ۋاقىتلاردا شاھمات ئوينىشاتتۇق .ياش پەرىقىمىزدىكى ئانچە چوڭ بولمىغان ئارىلىق بىزنى بىر قەدەر ئەركىن ،ئىختىيارى ،مۇستەقىل يىتىلدۈرگەن ئىدى .شۇڭا ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بولسۇن ،ئوقۇمىغان بولىسۇن ھازىر ئۆز يولىنى تېپىپ بولغان ئىدى .ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز مۇھەممەتئىمىن  قۇربان مۇئەللىم  ئۆزىگە خاس خاراكتىرگە ئىگە ،ئەدەبىياتنى –شېئىرنى سۆيىدىغان ،ئوقۇغۇچىلارغا ئەستايىدىل ئەمما قاتتىقراق تەلەپ قويىدىغان مۇئەللىم ئىدى .يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بىرەتتى  .بولۇپمۇ كىلاسسىك شېئىرلارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى .شېئىرغا مۇھەببەت باغلاپ قېلىشىمنى مۇشۇ مۇئەللىمدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتى .
تولۇق ئىككىنجى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ،مۇئەللىم ئۆزى مەسئۇل بولغان سىنىپتا بىر قېتىملىق «ئىجادىيەت كۆرىكى »ئۆتكۈزدى .بىزنىڭ سىنىپتىن بىر قانچەيلەن تەكلىپ بىىلەن قاتناشتۇق .كۆرەك باشلىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرلەپ مۇنبەرگە چىقىپ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى .ئارىدا ئىلگىرى مەن بىلەن ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىممۇ بار بولۇپ،ئۇلار ئىلگىرى ھېچنىمە يېزىپ باقمىغلاردىن ئىدى .شۇ چاغدا ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدىغان قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىمغا چىقىپ ماھارەت كۆرسىتىشلىرى مەندە شۇنداق بىر سىلكىنىش پەيدا قىلغان ئىدى .بەلكىم شۇ ھادىسە مەندىكى يوشۇرۇن ئىنىرگىينى قوزغاتقان بولىشى مومكىن .شۇنىڭدىن كىيىن نۇرغۇن كىتابلارنى سېتىۋالدىم، كۆپىنچىسى شېئىر توپلاملىرى ئىدى .بارا-بارا شېئىرغا  مەجنۇنلارچە ئاشىق بولدۇم .يۈز كىتابنى ئالدىمغا ئەكەلسە شېئىرنى تاللايتىم .ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغلاردىكى ساددا سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن كېلىپ چىققان روھى ئازابلار شېئىرغا ئوزۇق بولاتتى .نۇرغۇن مەشھۇر شائىرلارنىڭ تەرجىمھال-ئارخىپلىرىنى ۋاراقلاپ باقتىم.كۆپىنچىسى مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلار ئىگەن .غايىۋانە سۆيگۈ ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئوڭۇشسىزلىق ،روھى ئازاپ، غەم-قايغۇ قاتارلىق مەنىۋىي بېسىملار ئىچكى ئىنىرگىيەنى ئاشۇرۇپ، قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ پارتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغاندەك ئىدى ،ئۇ چاغدىكى مەنىۋىيتىم گوياكى يامغۇردا قالغان ئاپتاپپەرەستەك سۇلغۇن ئەمما نازۇك ئىدى .كونىلار «ئاشىقلىقتىن ئىككى ئىككى ئادەم يىتىشىپ چىقىدۇ ،بىرى شائىر ،بىرى ساراڭ»دېيشىدىكەن ،ساراڭغۇ بولۇپ قالمىدىم ،ئەمما شېئىرنىڭ ئوتىدا ساراڭلارچە كۆيەتتىم ...كۆپ شېئىر توپلاملىرىنى ئوقۇدۇم ،شېئىرلارنى يېزىپ باقتىم ، شۇنداق قىلىپ شېئىرغا بارا-بارا كېرىپ كەتتىم .شېئىر يازىدىغان باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ بار ئىدى ،ھەر خىل پائالىيەتلەردە شېئىر دېكلىماتسىيە قىلاتتۇق ،شۇنداق كۆڭۈللۈك ئىدى .شۇ چاغلاردا مۇختەر مەخسۇت تەرجىمە قىلغان دۇنيا ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان نادىر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «ئىلاھە چوققىسى »ناملىق توپلام مەن ياقتۇرۇپ سۆيۈپ  ئوقۇغان كىتابلارنىڭ بىرى ئىدى.
ئالىي مەكتەپكە تەبىئىي پەندىن ئىمتىھان بەردىم ،ئويلاپ باقسام ئۇ چاغدا ئەدەبىياتنى كەسىپ قىلىپ ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدىكەنمەن .بۇ قاراشنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن.ئەپسۇسكى ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم . قايتا ئوقۇدۇم  «شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىغا ئۆتكۈچە ئوقۇيمەن »دېگەن ۋەدەم بار ئىدى .چۈنكى ياخشى كۆرىدىغان ساۋاقداشلىرىم ،دوستلىرىم شۇ مەكتەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى ،مەندە ئۇ مەكتەپكە نىسبەتەن غەيىۋانە ئىنتىلىش بار بولۇپ،باشقىنى ئويلىمىغان ئىدىم .كىيىن ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ بىر مۇنچە كۆرسەتمىسى بىلەن ئىجتىمائى پەنگە يۆتكىلىپ ئوقۇدۇم ھەم ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ،ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كەسىپكە قوبۇل قىلىندىم .
ئالىي مەكتەپ تولىمۇ رەڭگارەڭ ھەم جەلىپكار ئىدى .ئەمما ئۇنىڭدا روھى بېسىم .ئازاب ،سىقىلىش ، گاڭگىراش دېگەنلەرمۇ كەم بولمايتى .ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئۆزۈم غايىۋانە قارايدىغان ،توم-توم كىتابلىرىنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئوقۇغان پروفسسورلارنىڭ ،دوكتۇرلارنىڭ دەرسلىرىنى ،لىكسىيلىرىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەمما شۇ نەرسە ئايدىڭ بولدىكى ئۇلار بىزگە روھى مەدەت ۋە يول كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، ئۆزىمىز تىرىشمىساق بەرىبىر بولىدىغانلىقىنى،ئۇلاردىكى چوڭقۇر بىلىمنى بۇلاپ ئېلىۋالغىلى ،ئۇلارمۇ كاللىسىدىكى بىلىمنى مىڭىمىزگە قاچىلاپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى  ھېس قىلدىم .شېئىرنى يەنىلا ياخشى كۆرەتتىم .لىكىن بىر مەزگىل ئانچە قولۇم بارماي قالدى .پىروفسسورلارنىڭ نەزىرىدە شېئىر يېزىش ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس ئىدى .ئۇلار بىلىمى كەمتۈك شائىر-يازغۇچىلارنى چوڭ بىلمەيتى،شېئىر يازىدىغانلارغىمۇ ئانچە ئىتىبار بىلەن قاراپ كەتمەيتى .ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئالى مەكتەپ شائىر –يازشۇچى تەربىيلەيدىغان جاي ئەمەستى .لىكىن ھەۋەس قىلغۇچىلار ئۆز يولىدا ئېلىپ مېڭىۋەرسە بولىۋىرەتتى .تەتقىقاتچى ياكى بىلىملىك ئىجادىيەتچى بولۇش تەشەببۇس قىلاتتى ،قانداقلا بولمىسۇن ئالدى بىلان ئاساسى نەزىريىۋى بىلىمنى ئىگەللەش زۆرۈرئىدى .بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتى ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى مۇئەييەن نەزىريىۋى سېستىما ئارقىلىق شەرھىلەپ بىرەلمەيدىغان شائىر –يازغۇچىلارنى چوڭ بىلمەيدۇ.بىر شېئىرىيەتنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن چوڭقۇر نەزىرىيۋى ئاساس كىرەك بولاتتى.ئەمما بىزدىكى ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ،يازىدىغانلار چالا ساۋات ،بىلىمى بارلارنىڭ قەلەم قۇۋىتى بوش،تەڭ يىتىلگەنلەر ئىنتايىن  ئاز ئىدى .بۇ خىل ئەھۋالنى چۈشۈنۈپ يىتىش مەندە شېئىرىيەت ھەققىدە يېڭى تونۇشلارنى پەيدا قىلدى .بۇ چاغدا يەنە تەكلىپ بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېڭىدىن يىتىشىپ چىققان دوكتۇرلارنىڭ ،تالانتلىقلارنىڭ تۈرلۈك لىكسىيلىرىنى ئاڭلاپ «ئۆمۈرلۈك ئۈگىنىش »ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدىم .بوش ۋاقىت بولسىلا كىتاپ ئوقۇش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى .
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىمەن. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كىشلەردىن ئىدى .مەكتەپ مۇدېرىمىز ئازاد سۇلتان مۇئەللىم ،ئابدۇبەسىر شۈكۈرى مۇئەللىم ،مامبەت تۇردى مۇئەللىم ،ئىقبال تۇرسۇن مۇئەللىم ،كىيىنرەك يۆتكىلىپ كەلگەن ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىم،نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن مۇئەللىم  قاتارلىق مۇئەللىملەرئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زۆرۈر كىشىلەر ئىدى .ئۇلارنىڭ يازغان كىتابلىرى ،دەرسخانىدىكى لىكسىيلىرى ،ئىشلىگەن تەتقىقات تىمىلىرى بىزگە ھەر قاچان مەدەت ،ئېلھام ،پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىرەتتى .مانا مۇشۇنداق بىر موھىت كىشىنى مۇئەييەن ئىلغار دۇنيا قاراشقا ،ئەدەبىياتىمىزدىكى بوشلۇق ھەققىدە ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلاتتى .
ئۈگىنىش ياۋروپالىقلارغا ،ئامرىكىلىقلارغا ئادەتكە ئايلانغاندەك مەڭگۈلۈك بولىدۇ . بۇ بارلىق ئۈگۈنۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئەمەلىيەتتە ئەدەبىياتتىن ئىبارەت مەنىۋىيەتكە تەئەللۇق بولغان بىر پەننى ئۈگىنىشنىڭ ئۆزىلا مەڭگۈلۈكتۈر .ئالى مەكتەپ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتى ،ئۈگەنگەنسىرى ئۈگەنگىنىڭنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلىسەن ، ئىرىشكەنسىرى ئىرىشمىگىنىڭنىڭ كۆپلىكىنى بىلىسەن ،مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن نەرسىلەر ئايدىڭ بولىۋاتاتتى .جاھاننىڭ ،كائىناتنىڭ ،قەلبنىڭ بىپايانلىقى ،مەڭگۈ چېكىگە يەتكىلى بولمايدىغانلىقى ،ئىنساننىڭ بۇ ئالەمدە ئۆتكۈنچى بولىدىغانلىقى ،بىزگە ھېچنىمىنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقى.پەقەت ئۆزىمىزگە يۈكلەنگەن قەرزلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەند بولىدىغانلىقىمىز  ئايان بولۇۋاتاتتى
دۇنيا مەنىسىز ،بۇ نېگىز .ئەمما بىز ئۇنىڭغا مەنە بېغىشلاپ ياشايمىز . بىز ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقى  مەنە ئىچىدە داۋاملىشىدۇ.ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش ، قېرىنداشلار ئارا كۆيۈنۈش ،كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ،ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى سۆيۈش ،ساياھەتكە چىقىش ،تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ،پۇتبۇل مۇسابىقىسى كۆرۈش ،شاھمات ئويناش ،كىتاپ كۆرۈش ،شېئىر يېزىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەنىسىز دۇنياغا مەنە بېغىشلاشنىڭ يوللىرى ئىدى.ناۋادا يۇقارقى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ھايات سەھنىسىدىن بىراقلا ئۆچۈرلۈپ تاشلانسا، بۇ دۇنيانىڭ مەنىسىزلىكى شۇ چاغدا ئايان بولغان بولاتتى .دۇنيانىڭ ماھىيتى مەنىسىزلىك بولسىمۇ ،ئەمما بىز ئۇنى مەنە بىلەن بىزەپ ياشايمىز.بۇ بىزنىڭ ھاياتلىق ئىرادىمىز .ئۆزىمىزمۇ كونتىرول قىلالمايدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.ھاياتلىق ئىرادىمىز ئۆزىنى مەڭگۈلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قاتلاملىق ئېھتىياجلارنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەم بىزنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتكە يۈزلەندۈرىدۇ. مۇشۇ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ھاياتلىقىمىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.ھەم مۇشۇ جەرياندا ھاياتلىقتىكى مەنەگە ئىرىشىمىز.مەنە ھاياتلىق ئىرادىمىزنىڭ قېنىشىدۇر.ھالبۇكى بۇ قېنىش تېخىمۇ ۋاقىتلىق ،تېخىمۇ ئۆتكۈنچى .شۇڭا بىزنىڭ ھاياتىمىز مەڭگۈ مەنىسىزلىككە يۈزلىنىپ تۇرىدۇ .بىز ھاياتىمىزغا تەھدىت بولۇپ تۇرغان بۇ مەنىسىزلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھاياتلىق ئىرادىمىزنىڭ قېنىشى ئارقىلىق ئىرىشىلگەن مەنىنى ئۈزلۈكسىز بېيتىپ ،ھاياتقا چېچىپ تۇرىشىمىز ،ھاياتىنى بىزەپ تۇرىشىمىز كىرەك .شېئىر ئەنە شۇ  ھاياتنى  بىزەشنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بىر يولىدۇر.
غازاڭلار تۆكۈلەمدۇ ،تۆكۈلگەنمىدۇ،
دەرەخلەر مېنىڭدەك يالغۇز قالدمدۇ ،
ھاياتنىڭ مەن سالغان چىغىر يولىدا ،
مەن ئۆزۈم ماڭمىسام ئادەم ماڭامدۇ .
،شۇنداق، شېئىر ھاياتقا مەنە ۋە سۆيگۈ بېغىشلىغۇچى پەرىشتە .


شېئىرلار


ھەزرەتئەلى ئەلى
ھاياتنىڭ مەنىسى
−بىر قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بېغىشلايمەن

بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز
ۋەھىمىلىك ۋە ئازابلىق ھايات ئېقىنىدا
ئېقىپ كېتىۋاتقان يەڭگىل بىر پەي .
قەلبىمىزنىڭ بىپايان ئاسمىنىدا
نۇ چېچىۋاتقان ئاجىز يورۇقلۇق .
دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۆتكۈنچى .
كىشىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدىغىنى پەقەت
ئاسماندەك ئېغىر ئازاب .
دېڭىز ئاستىدەك چوڭقۇر قاراڭغۇلۇق .
دەريا بويلاپ كېتىۋاتقىنىمىزدا ،
خىيالىمىزدا
ئاشۇ خىيالدەك يەڭگىل پەينى
ئاشۇ ئاجىز يورۇقلۇقنى
ئىزدەۋاتقان بولىمىز
كۆڭلىمىز سۇنۇق .

دۇنياغا كۆڭلىمىزنى بەرمەيمىز ،
ئازابلارغا يولۇقىمىز .
تەسەللى بەرگۈدەك ھېچكىم يوق ،
تەسەللىگە سەۋەب بولغىدەك ھېچنىمە يوق .
توغۇلۇپ سالغىنىمىز بىزگە بىر سەۋەب ،
مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر ئازاب بولسىمۇ
بىز كۈن خۇشاللىق ئىزدەيمىز .
ئەمما ،ئازابقا چۈمۈلۈپ تۇرۇپ ،
قەلبىمىزدىكى دەريانى سۈمۈرۈپ تۇرۇپ .
شېئىر يازىمىز .

ئازابلارنى ئۇنتۇپ كەتمەيمىز ،
ئۇنتۇپ كېتەلمەيمىز .
دۇنيانىڭ قاراڭغۇلىقى ئىچىدە
مەنزىلىمىزگە يىتەلمەيمىز .

كەلگۈسى نىكاھ
نىكاھ بىر مەيداق قورقۇنچلۇق ئويۇن ،
مەن تېخى پەردە كەينىدە ،
ھايات زورلىماقتا ،
مەن رول ئېلىشنى بىلمەيمەن .

مەن شېئىرنى ياخشى كۆرىمەن ،
بىر شىماللىق قىزنى ياخشى كۆرىمەن .
ئۇ ماڭا تەگمەيدۇ ،
دادام چوقۇم باشقا بىرى بىلەن تويۇمنى قىلىۋىتىدۇ ،
مەندىكى ئىنىرگىيە تۈگەيدۇ .
ھەي... بىر خەنزۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسام بوپتىكەن .
ئۇلار چوقۇم قارشى تۇراتتى ،
مېنىڭ بۇ ساراڭ كۆڭلۈم ئۈچۈن تەستىكمگە بىر ئۇراتتى ،
ھەممە ئىختىيارىمغا ئۆتەتتى .

فرېئۇد قورقۇنچلۇق مەخلۇق
ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش روھى بېسىم .
ھايات ، ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسەڭنى قايتۇرۇپ كەت .
مەن ساڭا قەرزدار ئەمەس ،
مېنى ھېچ ئىشقا زورلىما ،
قولۇمدىكى تاماكىنى تىتىپ تاشلىدىم .

سەندىن جىمجىت يىراقلىشىمەن

بەلكىم، سەن بار يەردە
ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈۋاتقاندۇ ،
ھەممە جىمجىت پىىتى
قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى يەڭگىل نەپەس ئېلىشلىرىڭنى جىمجىت تىڭشاۋاتقاندۇ .
جاھان گويا سىرلىق قەلئە
قەلبىڭ قاراڭغۇ ئورماندەك ۋەھىمىلىك خىياللارنى سۈرىۋاتقاندۇ .

سەندىن تولىمۇ يىراقمەن ،
لىكىن تەقەززامەن سۆيۈشلىرىڭگە .
تەلپۈنۈش ئىستەكلىرىمنىڭ تەھدىتىدە يانجىلىمەن .
خاتا سەزگۈمدىكى پىچىرلاشلىرىنىڭنىمۇ ئاڭلايمەن سۇس ،
ھېسياتىم سەن ۋە مەن ئارىسىدا مەھبۇس .
كېچىلەرنى قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكۈزىمەن .
قەلبىمدىكى سىمايىڭغا ئۈمىدسىز يېقىنلىشىمەن .
ئارىمىزدا ھامان بىر ئارىلىق
سەندىن جىمجىت يىراقلىشىمەن .

قايتىپ كەلگىنىڭدە

... يولغا چىقىپ كەتتىم
ئىچىمدىكى لەزىزى ئىستەكلىرىم قانىماقتا ،
كوچا چىرىغى قايغۇرماقتا .
بارمىقىم كۆيدى پىژىلداپ ،
قولۇمدىكى تاماكنىڭ ئاخىرقى چوغىمۇ ئازابلانماقتا .

تۈن قاراڭغۇسىدا ،
ئەسلىمە چوڭقۇرلىقىدا
پەسىل قۇشلىرىدەك ھارغىن پەرۋازىڭ
يۈرىكىمگە قادىلىپ ئۆتمەكتە .
يول پايانىدا
ئىچىمدىكى نەملەشكەن سۆزلەر
قىينىماقتا ئەلەم قۇشلىرىدەك .
مەندىكى شادلىنىش تۇيغۇسى ئۆلۈپ كەتمەكتە .

قەلبىمدىكى ئازاب دەرياسى تاشماقتا .
ھەممە ئىچىمگە ئاقماقتا .

سوغۇق لىرىكا

قىشنىڭ مۇزدەك ئالقىنىدا
مۇھەببەتنىڭ چەكسىز سوزۇلغان سان ئوقىدا
مۇزلىماقتىمەن كاچكۇلدىكى مۇز پارچىسىدەك .
ئۈششۈمەكتىمەن
چىغىر يولدىكى چېچىلىپ ياتقان غازاڭدەك .

قاراڭغۇنىڭ سۈرىنى ھېس قىلالمايمەن .
غۇر -غۇر شامال سۆيۈپ ئۆتەر يارامنى .
سۆيگۈ ئامالسىزلىقىدا بوغۇزلىنىمەن ،
ئىيوندىكى چاچلىرىڭنى ھىدلىغان دەرەخ يېنىدا
سەن ئۈچۈن جىمجىت قايغۇرىمەن.

بىر سائەتلىك كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسى
قوڭغۇراق ئۈنى
ئەينەك ۋە بىتون تاملار بىلەن قورشالغان دەرىسخانىنىڭ
كىرىش مومكىنچىلىكى بارلىكى تۆشۈكىدىن سىرغىپ كىرىدۇ ، مۇئەللىمنى يىتىلەپ .
مۇئەللىمنىڭ كىچىلىك تەتقىقاتتىن چارچىغان نۇرسىز كۆزلىرى
دەرىسخانىدىكى شەرەنداز قىزلاردىن كېلىۋاتقان ئەتىر ھىدلىرى بىلەن خۇمارلىشىدۇ .
بۇ دەرىستە
ئادەتكە ئايلانغان قىسقىغىنە سالام ئاخىرلاشمايدۇ .
ئاخىرقى رەتتىكى قىزلار ئەر مۇئەللىملەرنىڭ قوپاللىقىنى سېغىنىپ تۇرىدۇ .
ئۇلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇش مەجبۇرىيتى يوق .

مۇئەللىم ، ئېھتىمال تاماكىنى بەك كۆپ چىكىدۇ ،
دەرس ئارلىقىدا پاكار بوينىنى سوزۇپ گېلىنى قىرىپ قويىدۇ .
بىر خىللا سۆزلەۋاتقان زىرىكەرلىك لىكسىيە
ئادەمنى گىپنوز قىلىۋاتقانغا ئوخشايدۇ .

دەرىسخانىدىكى ۋاقىت-
ئورمانلىقتىكى سۇنغان نۇردەك .
شىرىن خىيال ئىلكىدەقىزلار ئورۇندۇقتا قىيسىيىپ قالىدۇ ،
مىنۇتلار قىزلارنىڭ قەلبىنى ئىللىق تېشىپ ئۆتىدۇ ،
تېلفۇنلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت سايراپ كېتىشى ھەممنى چېچىۋىتىدۇ .
مۇئەللىمنىڭ تاتارغان چىرايى
يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ مىدىرلىشى
ئامالسىزلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ .

تەنھالىق قەلئەسى

ھاياتىمنىڭ چۈشكۈن ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاپ
ئۇنىڭدىن كىچىككىنە قەلئە ياسىدىم .
مۇدھىش رىئاللىق مېنى ئۇنىڭ ئىچىگە تىپىپ كىرگۈزىۋەتتى .
ئۇ يەردە مەندىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى ،
قەلئەيىمنىڭ دەرۋازىسىنى ھېچكىم قاقمايتى ،
پەقەت ،ئاي نۇرى رۇجەكلەردىن سوزۇلۇپ كىرەتتى ،
يۇلتۇزلارنىڭ چىرايى تاتىرىپ كىتەتتى ،
بىز يوشۇرۇن بىر -بىرىمىزنىڭ يۈزىنى سىيلىشاتتۇق ،

ئۆز ئىچىگە سىغدالغان تەنھالىق ھامان پارتىلاپ كېتىدۇ ،
مونولۇگ جىمجىتلىققا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .
ئۆز -ئۆزۈمگە سۆزلەيمەن ؛
بىزمۇ ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزىمىز ،
ئەي ،خام خىيالىمنىڭ باش قەھرىمانى شىماللىق قىز .

باغدىكى گۈللەر قۇرۇپ قالمىسۇن ،
گۈلخانىدىكى قىزلار گۈلدىن يېقىملىق .
سەن تېخى قەلئەيىمگە كىرىش بىلەن كىرمەسلىك ئارىسىدا ،
بۇ يەردە ھەممە نەرسە ئېھتىماللىق

ئەي گۈزەل سەھرانىڭ تەنھا گۈزىلى

ئۆتمەكتە ئىلگىرىكى شاۋقۇنلۇق ھايات،
سەھرانىڭ ئۈن-تىنسىز باغرىغا چۆكۈپ.
سۆگۈتلەر ئىگىلگەن ئېقىنلار گۈزەل ،
رىۋايەت ئېيتىدۇ شىلدىرلاپ كۈلۈپ .
نەقەدەر سۆيۈملۈك ئۇندىكى قىزلار ،
غۇبارسىز قەلبىنىڭ ئۆزى بىر ھايات .
ئەي،گۈزەل سەھرانىڭ تەنھا گۈزىلى ،
مەن ساڭا بىقارار ،بول ماڭا ھىمات.
مەن ئەمدى بۇ يەرگە ياشايمەن سىڭىپ،
شەھەرمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتەر بىۋاقىت .
تەسەللى بىرەلمەس ياشلىق كۆزلەرگە،
ئۇندىكى ئادەملەر بولۇپ ئىسكىلىت.
جاپالىق كۈنلەرگە قويارمىز قەدەم ،
بۇ يۇمران قوللىرىم تۈگىشەر قاناپ ،
بىز ھەتتا ئەڭ ئېغىر چاغنى كۈتەرمىز .
شۇندىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلغاي ئازاب.
ئامرىقىم قانچىلىك تارتايلى كۈلپەت ،
بىز چوقۇم بەختلىك ياشايمىز كۈلۈپ.
مەيلى سەن تاشلاپ كەت ئاداققى دەمدە ،
مەن سېنى يەنىلا قالارمەن سۆيۈپ.

مۇھەببەت گاھى ئۇ مەغلۇپ قوزغىلاڭ

مەن سېنى پەرىشتە چاغلايتىم جانان ،
قەلبىمنى لەرزىگە سالاتتىڭ ھەيھات .
دەريانىڭ قىرىغا ئۇرۇلغان سۇدەك ،
تېنىمنى پەيدىنپەي قىلاتتىڭ بەربات.
ئۆزۈمنى جازالاپ كەلدىم بۈگۈنگە ،
بېغىشلاپ بىر ساڭا ئىچ ۋە تېشىمنى .
يۈرەككە ئىستىھكام قۇرۇش قىيىنكەن،
ئاھ دەردىڭ ئاققۇزدى دەريا يېشىمنى .
غەم قايغۇ ئىلكىدە يىتىلگەن باغرىم ،
ئىشقىڭدا ئۈن-تىنسىز تالان-تاراجدۇر.
ئېتىمال ئادەمنىڭ ئازاب تارتىشى ،
سۆيگۈگە تۆلەنگەن خەرج-خىراجدۇر .
مۇھەببەت گاھى ئۇ مەخلۇپ قوزغىلاڭ ،
قالىدۇ ئالغىنى ئىسسىق قېنىڭنى .
سۆيگۈ دەپ قۇچاقلاپ ئەمدى نە قىلاي،
ئاھ سېنىڭ چەيلەنگەن يۇمران تېنىڭنى .

مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى

كېچىنىڭ مەن بىلەن بار تونۇشلۇقى ،
ئۆيۈمگە سوزۇلۇپ كىرىدۇ يورۇق .
ھىلالنىڭ مەڭزىنى سىيلىغۇم كېلەر ،
تەنھالىق ئىچىدە تۇرمۇش قۇپقۇرۇق .
تۆت تامنىڭ ئىچىدە كۆيىدۇ بەدەن ،
چاڭقىغان يۈرەككە غەمخورلۇق كىرەك.
مۇھەببەت ھەققىدە سۆزلىمە بۈگۈن ،
تەلمۈرۈپ ئەي ئايغا تەقەززا رۇجەك.
تامدىكى ئېسىلغان ئەينەك بىر سىموۋل،
كۆرۈنەر دائىما بىر ئەرنىڭ ئەكسى .
ھاياتقا مۇھەببەت بېرىپ تۇرىدۇ،
مەن سۆيگەن دىلبەرنىڭ غۇۋا كۈلكىسى.

كۈتۈش
سەن يالغۇز يۆلەكسىز مۇڭلۇق قەبرىدەك ،
بەس،بولدى يىگانە ياشاۋەرمىگىن .
يىللارنىڭ ئۆتمىكى شۇنچە رەھىمسىز ،
گۈللەردەك ئۈن-تىسىز توزۇۋەرمىگىن .
يىتەكلەپ ماڭماقتا تەڭتۇشلار مانا ،
سۇمۇرغدەك سۆيۈملۈك ئوغۇل قىزلارنى .
ئاھ،چۈچۈك تىللىرى توۋلار دەپ «دادا»،
ئەگدۈرۈپ ئەگمىگەن شاھقا تىزلارنى .
ئېقىندەك ئۆتمەكتە قىران پەيتىمىز ،
ھاياتنىڭ بېسىمى يۈرىكىمىزنى يەپ .
بىز تېخى ئۇنىڭغا تەييارلىقسىزمىز ،
شۇندىمۇ تۇرىمەن پەقەت سېنى دەپ .
رىئاللىق خىيالدەك سۆيۈملۈك ئەمەس ،
ھېس قىلدىڭ بۇرۇنلا ،مېنىڭدىن ئاۋال .
سەن ئەمدى ئويپەرەس گۆدەك قىز ئەمەس ،
ھاياتنى چۈشەنگەن پشىقان بىر ئايال .
ئادەملەر مىغىلداپ يۈرۈشكەن بىلەن ،
ناتونۇش يۇلتۇزدەك بىزگە ھەممىسى .
مەن ساڭا بىر ئۆمۈر بىر سۆز ئېيتىمەن ،
جاكارلاش بىھاجەت ،كۈتىمەن سېنى .

ئۈرۈمچىنى ئەسلەش

1
قېپ قالدى پەرىشان گۈزەل كەچمىشلەر،
سەھەردەك كۆزىنى ياشلاپ غېرىبان.
قېپ قالدى يوللاردا تالاي كۈتۈشلەر،
ئاداققى خەيرلىشىش بولۇپ نامايان.

قېپ قالدى بىز تالاي ئۆتكەن سىردىشىپ،
كۈتۈشلەر ئەۋجىدە يانغان بىكەتلەر.
قېپ قالدى ئۈزلۈكسىز يىلىنجاپ مەيۈس،
يامغۇرلۇق ئاستىدا پۈتكەن تىلەكلەر.

قېپ قالدى گاھ سوغۇق ،گاھ قىزغىن ھايات،
يىراقتىن ئاھ مەيۇس قول پۇلاڭلىتىپ.
قېپ قالدى ھەسرەتلىك تەلمۈرۈش بىلەن،
بىر شەھەر كۆڭۈلسىز دەردكە ئايلىنىپ.

قېپ قالدى ۋاقىتتەك سۆيۈملۈك بىر قىز،
گۇناھكار ياپراقتەك تۆكۈلۈپ ئېغىر .
قېپ قالدى ياپيىشىل خىلۋەتلەر ئارا،
كۆز ياشتەك تەپچىرەپ سۆيۈملۈك تەقدىر.
2
دىلدىكى بىر پارچە جاراھەت كەبى ،
يىلىنجاپ تۇرىدۇ ھەر بىر ئەسلىمە.
سۈزۈلۈپ بارماقتا خىياللىرىمدا ،
گۈزەللىك،رەزەللىك ،ئەركىنلىك ھەممە.

توسقۇنسىز بىر پارچە سېھىرلىك دۇنيا،
مەپتۇنكار قىزلارنىڭ خۇلقىدا ھايات.
ئۇرۈمچى بەرسىمۇ بىر تالاي ئازاب،
كۆكلىتەر ئادەمدە يېڭىچە قانات.

تۈتۈنلەپ تۇرسىمۇ ئۇندا ھۆل يۈرەك،
يەنىلا تەلپۈنۈپ تۇرار يۇلقۇنۇپ.
ئون بەش يىل بولمىدى ،كۈن بولدى پەقەت.
ئېھ ھايات جەنۇبتا چۆككەن دۇغ بولۇپ.
سىزىلدى ئازابنىڭ ئۇلۇغۋارلىقى ،
مېھىرلىك كىشىلەر شۇنچە بىچارە.
شەر*ققە ھەسرەتلىك سوزۇلغان پويىز،
قارايمەن ئالدىمدىن ئۆتسە ھەر بارە.
3
ئادەملەر ھەممىسى ئايلانغان چوغقا ،
تۈگەيمىز بىر-بىرلەپ كۆيۈپ ئېھتىمال.
ئۈرۈمچى بىر ئوتسەن،پەرۋانىدۇرمىز ،
بەرباتلىق يولىنى تۇتقان بىمالال.
قانائەت تۈتۈنگە ئايلانغان ئۆتمۈش،
يامغۇرغا چىلىشىپ ئىرىيمىز ئاستا .
پەرىدە ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قەلبى ،
قېپقالغان شۇ يەردە ھەسرەتلىك ياشتا.
ئۇنتۇغۇم كەلمىدى ئازابلىرىمنى ،
ئايلانغۇم يوق ئەسلا جىمجىت بىر تاشقا .
بىر ئۇلۇغ خىيالنى قىلىپ ئولتۇرۇپ ،
بىھۇدە سوقۇلغۇم كەلدى بىر تاغقا .
چىكىنىپ چىقمىدىم خىياللىرىمدىن ،
ۋە لىكىن ئىلگىرلەش تېخى نۆل پىتى.
ئۈرۈمچى قوينۇڭغا سىغدالدىم يەنە ،
دەپ چوقان سالغانچە كىرىمەن تېخى .
4
يارىدار بوپ قايتمىدىم سەندىن ئەي شەھەر،
سېغىنىش ئىلكىدە چانالدىم قات-قات .
قەلبىمنىڭ پارچىسى قالدى سېنىڭدە ،
ھەي سېنى تەۋەرۈك ئۇنۇتاي قانداق ؟
چۈشلىرىم ئۈن-تىسىز ئۆكسىسە ئۇزاق ،
خوش دېمەي قايتقىنىم كەلدى ئېسىمگە .
ھەممىڭلار شاد-خۇرام يۈرسەڭلار ئۇندا،
مەن قانداق ياش تۆكەي ئېسىلىپ كىمگە .
قول سوزۇپ تۇرىمەن،توپىلىك يوللار-
قەلبىمگە مېھرىنى تۇرسىمۇ چېچىپ .
ئاسىيلىق كۆركىدە كۆرەڭ ئازغۇنمەن،
قېپ قالغان سېنىڭدە يۈرىكىم يېنىپ .
تەلمۈرۈپ تۇرغاندۇ بەلكىم شۇ تاپتا ،
مەن تېخى سۆيۈشكە ئۈلگۈرمىگەن قول .
رەھىمسىز باغرىڭدا تاۋلىناي مەيلى ،
ماڭغىنىم داغدام بول ياكى تۇيۇق يول.

خوشلىشىش

بىز ئەمدى خەيرلىشىپ كېتەيلى جېنىم ،
بۇ غەمكىن يۈرەككە ئېيتىپ تەسەللى .
ئىشەنچسز تەقدىردىن كۈتمەيلى شەپقەت،
بىز ئەمدى قانداقچە ياشايلى مەيلى .

خوش دېگىن قولۇڭنى كۆتۈرۈپ ئىگىز ،
چەكىمىگىن دەرد-ھەسرەت ياش تۆكۈپ لىكىن.
بىز ئەمدى قەيەردە بولايلى ئوخشاش،
بەرىبىر ئايرىلىش پەيتىمىز يېقىن.
پەرىشان بولمىغىن كۈنلەرنى ئەسلەپ .
تۇرنىلار ئۈستىڭدىن ئۆتكەندە رەت-رەت.
بىز پەسىل قۇشلىرى بوپ قالالمايمىز .
بۇ قىيىن دەملەردە چەكسەكمۇ ھەسرەت.

ئاھ،باھار

بىز تېخى ئۆز-ئارا خەيرلەشمىگەن ،
ئاداققى ئارزۇلار ھەقتە سۆز ئېچىپ .
بېكەتنىڭ ھەسرەتلىك پەيتلىرىنى ھەم ،
ئۇزۇتۇپ قويمىغان ئاھ قۇچاقلىشىپ .
مەن ئۈنسىز يوقالدىم بۇ يەردىن بۈگۈن ،
بىر ئېغىز خەير-خوش دېمەيلا ساڭا .
ھەممىدىن ئايرىلىپ ياشىغۇم كەلدى ،
يېنىڭدا بىرسىنى سەزگەن چېغىمدا .
شاۋقۇنلۇق باغرىغا سۈمۈرۈپ مېنى ،
ناتونۇش بىر شەھەر ئالدىمدا مانا .
ئاھ،باھار سەن نەدە سېغىندىم سېنى ،
ھېكايە ئېيتىپ بەر ،تۈگىمەس ماڭا .

تەقدىر

مەن ئەمدى سېنىڭدىن كۈتمەيمەن سۆيگۈ ،
ئىزلەپ ھەم يۈرمەيمەن داۋانلار ئاتلاپ .
قەدرىمگە يەتسەڭمۇ زامانلار ئۆتۈپ ،
ئاھ مېنى بىھۇدە يۈرمىگىن ساقلاپ .
كېچىلەر ئېسىڭگە كەلسەم تۇيۇقسىز ،
سېغىنىش ئىلكىدە يازما سالام خەت .
بىز گويا ئادرېسى يۈتكەن ئادەملەر ،
شۇ كەبى ياشايلى ناتونۇش ئەبەت.
تەقدىرگە قارشىلىق قىلمايلى قايتا ،
بىھۇدە دەرد يۇتۇپ تۆتمەيلى كۆز ياش ،
ياشىماق بىزلەرگە مەنسۇپ ئەمەستۇر،
بىر ئىللىق ماكاندا بولۇپ ياستۇقداش .

ئىلاھىي ئايال

ئەي مىسكىن غۇبارسىز ئىلاھىي ئايال،
مەن ئۆلۈپ كېتىمەن بۈگۈن ئەتىلا .
ئەلۋىدا ئېيتىشقا مەندە يوق ماجال ،
قايغۇرۇپ ئۈن-تىنسىز ئۇزايمەن پاتلا.
كۆز يۇمۇش نەقەدەر ھەسرەتلىك دۇستلار ،
خەير-خوش دېيىشكە چىدالماس يۈرەك .
كەلگىنە ئەي قوڭۇر ،ئەي بۈدۈر چاچلار ،
مەن ھىدلاپ قېنىۋالاپ بولۇپ چىڭگىلەك .
كېلىش يوق جاھانغا يەنە بىر نۆۋەت ،
مەن ئۈنسىز ياتارمەن ئاشۇ زۇلمەتتە .
ياش تۆكۈپ قەبرەمگە كەلمىگىن پەقەت ،
قويۇپ قوي ئەتىرگۈل لىق بىر سېۋەتتە .

گۈزەل ئەپسانە

خىيالىم ئوردىسى كەڭرى بىر زىمىن ،
بىپايان ئاسماندەك سۈزۈك ۋە تىمتاس.
توختىماي ئايلىنىپ چىقىسەن لىكىن ،
بىر ئۆمۈر كەزسەڭمۇ ئىدىڭ چارچىماس.
ئادەمسىز ئارالغا چۈشكەن ئېزىقىپ ،
ئۆزىسەن ھۈرلەردىن پەرىشتە سىياق .
قەدىمىي ئەپسانە ئىچىدىن يېنىپ ،
چىققان بىر گۈزەلسەن مىنىپ ئارغىماق .
كۆزلىرىڭ سېھىرلىك پايانسىز دېڭىز ،
كۆكۈش نۇر روھلاردەك لەيلەر بىر قەۋەت.
مەن قامال ئەيلەندىم بىر ساڭا تەگسىز ،
بۇ دۇنيا بىر گۈزەل تەسەۋۋۇر پەقەت .

ئارمان

بىز ئەمدى دەريادەك قوشۇلايلى جىم ،
قىرانلىق دەملەرگە ئۈمىدلەر چېچىپ .
قاراڭغۇ ئىشكلەرنى قۇلۇپلايلى ھىم ،
يۇلتۇزلۇق تۈنلەرگە باغرىمىز ئېچىپ .
ئېھ ئىللىق ھۇجرىغا سولىنايلى بىز ،
غەۋغالىق جاھاننىڭ بارىنى ئۇنتۇپ .
بەختىيار كۈنلەرگە چۈمسۇن ئىلكىمىز ،
قەلبىمىز غەملەردىن كەتسۇن يۇلقۇنۇپ .
يۈرمەيلى بىز ئەمدى قايتا قېيدىشىپ ،
يۇلتۇزلۇق تۈنلەردىن تىلەيلى تىلەك .
رۇجەكتىن ھىلالنىڭ نۇرلىرى ئېقىپ ،
قۇت بەرسۇن بىزلەرگە بىر جۈپ ئوت يۈرەك.

Gغا

سوزۇلۇپ ياتىدۇ تىنىق كۆزلىرىڭ ،
تۇمانغا باغرىنى يايغان دەريادەك .
يۈرىكىم توساتتىن توختايدۇ بىر پەس ،
سىزىمەن ئىچىمدە يۈرىكىڭ باردەك .
ھەر كېچە مەن ساڭا بېغىشلىنىمەن ،
تۇيغۇمدا سىيلايدۇ يۈزۈمنى قولۇڭ .
نەپەسنىڭ رولىنى ھېس قىلالمايمەن ،
قۇچىقىم ئىلكىگە ئۆتكەندە ئورنۇڭ .
ئەينەكتەك بىر نازۇك سېغىنىشتا مەن ،
يېنىمدا قۇشلاردەك يۈرسەڭمۇ ئەگىپ .
ئۆزۈمنى دەرياغا تاشلايمەن چوقۇم ،
قورقۇنچاق سۆيگۈمنى تېنىمگە قېتىپ .
ئازابلىق ياشاشقا مەجبۇر قىلمىغىن ،
مەن ئۈچۈن بىر قېتىم خۇشاللىق ئەۋەت .
لىۋىڭنى لىۋىمگە ئاستا تەگكۈز-دە ،
باغرىمغا پىچاق سال ،مېنى ئۆلتۈرۋەت

باغرى يارا
كۆزلىرىڭ خىيالدەك يۇمۇلغان يىنىك ،
سەن چوقۇم ئويلىدىڭ مېنىڭ سۆيگۈمنى .
تىپتىنچ دېڭىزدەك چوڭقۇر جىمجىتلىق ،
ئاھ نىتەي كۆيۈۋاتقان چۇچۇل يۈرىكىمنى .
ئەسلىمەڭ ئىچىگە كىرگىن ئاۋايلاپ ،
سېھىرلىك كۆزلىرىڭ كۆرسۇن بىر مېنى .
كۆزۈڭگە ئايلانسۇن كۆڭلۈڭ شۇ پەيت .
بىر مېنى ئويلىغىن ئۇنتۇپ ھەممىنى .
ئەسلىمەڭ قېتىدىن مېنى ئىزدىگىن ،
بىر قېتىم مۇھەببەت كۆزىدە قارا .
ئاجىز بىر يۈرەكنى كۆرىسەن چوقۇم ،
ئۇ سەنچۈن ياشىغان مەن باغرى يارا .

يۈرىكىڭنى ئاس
تولدۇرۇپ ئىچىڭگە ئاچچىق دەردلەرنى ،
يىغلايسەن دەرەخنىڭ ئاستىدا يالغۇز ،
ئاھ سېنىڭ سېھىرلىك ئاشۇ كۆزلىرىڭ ،
ئەيلەيدۇ قەلبىمنى چۆللەردەك ئۇسسۇز .
تۇرمىغىن ياش تۆكۈپ ،ئاۋۇ يەردىكى ،
دەرەخكە ئېسىلغان مېنىڭ يۈرىكىم .
سەنمۇ ئاھ ،ئېچىشقان يۈرىكىڭنى ئاس ،
ساقىيار باغرىمىز شۇ يەردە بەلكىم .

سەنسىز كېچە

قاراڭغۇ كېچىلەر ،ھۇشسىز دەرەخلەر ،
كېلىدۇ ىۇجراڭدىن ئىسسىق تىنىقىڭ .
ھۇشلىنىپ دەرەخلەر ئىرغاڭلار يەڭگىل،
پىلتىڭلار قاچىدا ئالتۇن بىلىقىڭ .

ئېسىمگە يامىشار جىمجىت سۈرىتىڭ ،
سېغىنىش قىلىچى باغرىمنى يېرىپ .
قۇچاقلاپ قويىمەن تۇيغۇمدا ئىللىق ،
سىمايىڭ دولقۇندەك كېتەر چېچىلىپ .

ئازابتۇر ئۆتكۈزۈش كېچىنى سەنسىز ،
گۇناھتۇر ئاھ بىللە ئۆتكۈزۈشمۇ ھەم .
قىسىلىپ بارىدۇ روھىمىز چوڭقۇر ،
ئازاب ۋە گۇناھقا يېپىشىپ مەھكەم .

سۆيگۈ يامغۇرى

دېرىزە سىرتىدا ياغماقتا يامغۇر
ئامرىقىم يامغۇرلۇق ئەكەلدىم ساڭا .
شەھەرنىڭ سىرتىدا ئۆسكەن يالپۇزلار ،
ياشاردى بىر ئۈچۈن ماڭايلى ئاڭا .

ئېلىۋال سەن ھېلىقى يوللۇق شارپاڭنى ،
بىر كىچىك دەرەخكە ئارتىپ قۇيايلى .
ياپيىشىل مۇخ باسقان چىغىر يوللارغا ،
ئېھ گۈزەل چاغلارنى يېزىپ قۇيايلى .

دالىنىڭ ئەركىسى ياۋا گۈللەرگە ،
بىز مۇڭلۇق ناخشىلار ئېيتىپ بىرەيلى .
يامغۇردا دالدىسىز قالغان قۇشلارغا ،
ئېھ ئىللىق ئۇۋىلار ياساپ بىرەيلى .

پايانسىز كەڭلىككە سىڭىشىپ بىر كۈن ،
دەل-دەرەخ ۋە قۇشلار بىلەن ياشايلى .
يامغۇرلۇق ئاستىدىن چىقىپ كەچقۇرۇن ،
سۇ بولۇپ دەريادا ئېقىيپ يۈرەيلى .

بىر جۈپ ئوت يۈرەك

قوللىرىڭ يەلكىگە چۈشكەندە يىنىڭ ،
قۇشلارنىڭ پەرۋازى ئۇنتۇلار لېۋەن .
كىشىگە بەھۇزۇر سالىسەن كىشەن ،
تىنىقتەك كۆزلىرىڭ ھۇزۇرى بىلەن.

چاچلىرىم مەيلىچە تۇرار ساڭگىلاپ ،
قىلىچتەك بارمىقىڭ تارايدۇ تەبىئىي .
كۆزۈڭنى يۇمساڭلا زىبا تەنلىرىڭ ،
تاشلىنار باغرىمغا قۇلۇلە كەبىي .

بىر شىرىن خىيالغا كىتەرسەن ئېنىق ،
كۆكسۈمگە بېشىنىڭ قويغىنىڭ پىتى .
ياستۇقنىڭ يېنىدا بىر پارچە لىپاپ ،
ئېھتىمال كەپتەرنىڭ توشۇغان خېتى .

يىراقتىن ئىسقىرتىپ كېلەر بىر چوپان،
قويلىرى ئۇسسۇزلۇق دەردىدە ئاران .
ئىشىكتىن كىرسىلا ياغار ئاھانەت ،
باي قىزى ياش تۆكۈپ سۇغۇرار ھامان .

نەملەنگەن كۆزىدە يوشۇرۇن ئىشق ،
بويسۇنماس زاماننىڭ كونا قەپسىگە .
تارايدۇ كوچىدا شۇنداق بىر پاراڭ ،
باي قىزى چۈشۈپتۇ چوپان قەستىگە .

بۇلۇتتەك سوزۇلۇپ چاپماقتا شۇ پەيت ،
ئەرشكە ئۈن تىنسىز بىر جۈپ كىپىنەك
بىپايان دالىنىڭ باغرىنى يېرىپ ،
ئاق بوز ئات ئۈستىدەبىر جۈپ ئوت يۈرەك .

ئاھ شىرىن خىيالدىن ئويغىنىپ چىقىپ ،
ئەتراپقا گۇمانلىق قارايسەن ئېغىر .
چۆچىكىك دۇنياسى بولسىمۇ گۈزەل ،
بەرىبىر ئەمەستۇر بىزلەردەك ئاخىر .

ئاداققى بىر رەت

چۈش بولۇپ كىرگەنمەن ئېسىڭگە بەلكىم ،
تۇيۇقسىز ئويلىدىڭ سۆيۈلۈشنى يار .
سەندىكى كىيىكتەك ياۋايى خۇلق ،
سور مېنى تەشۋىشكە سالدى ئون باھار .

جاھاننىڭ چېتىدە ئۇنتۇلغان ئۇزاق،
توغراقتەك ياشىغان تەنھا بىر غېرىپ .
سۆيۈلسە بىھۇدە كەتمەيتى ئۆلۈپ ،
بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردىن رىسقىنى ئېلىپ

بولسىمۇ بۈگۈنگە كەلگەن بۇ گۈزەل ،
سۆيۈلۈش ۋە سۆيۈش بەرىبىر ئازاب .
قوزغىتار يۈرەكتە كونا دەردلەرنى ،
ئاھ زىدە كۆڭلۈڭنى تاشلىغىن چاناپ .

كەلگىنە يىپيىڭى ھالىتىڭ بىلەن ،
سۆيۈشۈپ قانايلى ئاخىرقى بىر رەت .
جاھانغا قايتىلاپ كەلمايمىز جېنىم
يوقتۇر ھەم ئۆز ئارا سۆيۈشكە پۇرسەت.

رىشتە

ھەممىنى ئۇنتۇيمەن خوشلىشىپ سەندىن ،
دېگەنتىم ئۆزۈمگە قانچە رەت ئۈنسىز .
دەز كەتكەن باغرىمىنى قاماللاپ تۇتۇپ ،
تېخىچە سېغىنىپ يۇرىمەن ئەي قىز .

ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان گۇناھكار كەبى،
سايەڭگە تەلمۈرۈپ قالغانتىم شۇ چاغ .
تۇيۇقسىز بولسىمۇ يازمىدىڭ بىر خەت ،
قەلبىمدە قالدۇرۇپ تۈگىمەس دەرد-داغ.

بىكاردۇر دەرد يۇتۇپ يۈرىشىم بۇندا ،
ئېھتىمال بۇرۇنلا بولغانسەن ياتلىق .
ناتونۇش بىرسىنىڭ قوينىغا ئاھ سەن ،
ھودۇقۇپ كىرگەنسەن جېنىم ھاياتلىق .

بەلكىم مەن ئۆزۈمگە ئىزدەپ تەسەللى ،
بارارمەن ئىشىڭگە دىرەكلەپ سېنى .
شۇ چاغدا ئۈزۈلەر مەندىكى ئۈمىد
ئالدىمغا يىتىلەپ چىقساڭ بالاڭنى .

كېلىدۇ

سۆيگۈڭدە قۇرىغان قاخشال ئوتۇنمەن،
تاشلانغۇم كېلىدۇ ئوچاقلىرىڭغا.
لىۋىڭدە مەي باغلاپ پىشقان مېۋە مەن،
تۆكۈلگۈم كېلىدۇ قۇچاقلىرىڭغا.

تۈنلەردە ھىجرانكار پەرۋانە بولۇپ،
ئېتىلغۇم كېلىدۇ چىراغلىرىڭغا،
بېغىڭدا ئىشقىۋارز كاككۇكتەك چاك-چاك
سايرىغۇم كېلىدۇ پىراقلىرىڭغا.

سەن ئامراق خۇش پۇراق ئەتىرگۈل كەبى
ئوخشىغۇم كېلىدۇ زىناقلىرىڭغا.
تەييار قىل گېلىمغا سۆيگۈ شەمشىرى،
سۈركەلگۈم كېلىدۇ پىچاقلىرىڭغا .

كۆزلىرىڭ دولقۇنلۇق بىر ئەزىم دەريا،
تاشلانغۇم كېلىدۇ قاراقلىرىڭغا،
تۈرىمەن سۆيگۈڭدە ئۆزۈمدىن تېشىپ ،
ئېتىلغۇم كېلىدۇ ياراقلىرىڭغا.

قەلبىمدە دۇنيانىڭ گۈلىسەن يەكتا ،
قېتىلغۇم كېلىدۇ يالغۇزلۇقىڭغا .
سۆيگۈڭنىڭ باغلىرى خۇشبۇي پۇرايدۇ،
مەست بولغۇم كېلىدۇ يالپۇزلۇقۇڭغا.

چۈش كۆرۈپ ولتۇرغان ياپيىشىل بۇندا،
تاشلانغۇم كېلىدۇ ياپراقلىرىڭغا،
مەن ساڭا بىر ئۆمۈر بېغىشلىنىمەن ،
يۆگەشكۈم كېلىدۇ قاسراقلىرىڭغا.

مۈزلىدىم سېنىڭسىز ئەكەل لىۋىڭنى ،
ئۇرۇلغۇم كېلىدۇ تىنىقلىرىڭغا.
ئالساڭمۇ جېنىمنى نازلىرىڭ بىلەن،
تىرىلگۈم كېلىدۇ قىلىقلىرىڭغا.

P.A غا

سەن گويا يورۇماس سىرلىق بىر كېچە ،
مەڭگۈلۈك گۈزەللىك شۇ پىنھان جىسمىڭ .
سەن گويا تۈگىمەس ئۇزاق بىر مەنزىل ،
مەڭگۈلۈك ئارماندۇر شۇ ياڭراق ئىسمىڭ .

سەن گويا پىنھاندا ئېچىلغان بىر گۈل ،
مەن ئۈنسىز،غايىۋى ئىنتىلىپ كەلگەن.
سەن گويا ئەپسانە،سىزلىق تەبەسسۇم،
بىر دەريا سۆيگۈنى ئېلىپ تۆرەلگەن.

سەن گويا بىخ سۈرگەن يۇمران بىر گىياھ،
دىللارغا تۇتاشقان پىنھان چىغىر يول.
سەن گويا ئۇنتۇلماس شىرىن ئەسلىمە،
چۈشلەردە قىيغىتىپ ئوينىغان دۇلدۇل .

سەن گويا جىمىرلاپ تۇرغان بىر دېڭىز،
بىپايان قاقاسلىق تەلمۈرگەن يامغۇر.
سەن گويا تۈگىمەس بىر تەگسىز خىيال،
مىڭ يىللىق قايغۇنى جەملىگەن يالغۇز.

سەن گويا بىر پارچە ئازابلىق شېئىر ،
يۈرەكتىن سىرغىغان پىغانلىق كۆز ياش .
سەن گويا ئالبۇمدا كونا بىر سۈرەت ،
ئەڭ گۈزەل ئۆتمۈشكە قويۇلغان يانداش.

سەن گويا ئۇپۇقسەن قىزىرىپ تۇرغان،
ئەبەدىي يەتكىلى بولماس بىر ئارمان .
سەن گويا كۈزدىكى ئۈمىدسىز دەرەخ،
ياپراقلار سارغىيىپ بولغان باغرى قان .

ھېلىمۇ قەلبىمدە بىر گۈلسەن مەسۇم

ھېلىمۇ قەلبىمدە بىر گۈلسەن مەسۇم
بىر سېنى سېغىنىپ كېلىمەن تەنھا .
يۈرىكىم دەردىڭدە لەختە -لەختە قان ،
ئاھ، مېنى يادىڭغا ئالغىن ئەي دۇنيا .

كېزىدۇ باغرىمنى ھەر بىر تۈن-كېچە،
يېقىملىق سىمايىڭ شۇ مەغرۇر سۆيگۈڭ .
كۆزلىرىڭ شۇنچىلىك پىغانلىق،مۇڭلۇق،
ۋە لىكىن سەزمەيدۇ سۆيگۈمنى سەزگۈڭ .

مۇھەببەت ئازابلىق جەرياندۇر بەلكىم ،
مەن مەڭگۈ دەردىڭدە قايغۇۇرۇپ ئۆتەي .
سەن ئاشۇ سېھىرلىك كزلىرىڭ بىلەن ،.
داۋام ئەت قىيناشنى ،مەن ئۆلۈپ كېتەي .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-11 16:33:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىيەت قەلئەسىدىكى قوزغىلاڭلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن !ھەزرەت ئەلى

ۋاقتى: 2012-4-11 20:36:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمرۈمدە بىر كۆرگەن ئۇنى...

ۋاقتى: 2012-4-16 17:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئېرلارنى يوللاپسىز،بولۇپمۇ كېيىنكى بارماق ۋەزىنلىك شىئېرلىرىڭز ماڭا يېڭىچە زوق بېغىشلاپ گۈزەل ياشلىق دەۋرىمنى قايتا ئېسىمگە سالدى. بۇ شەخسەن ماڭا  تەسىر قىلغان تەرىپى. شىئېردا ھىسسىيات ئىپادىلىنىدۇ،ئەمما ھىسسىيات ئادەمنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارسا بۇ كىشىنىڭ ئەقىدىسىگە تاقىلىدۇ، توغرىسى ئازغۇنلۇق بولىدۇ.ئايالنى پەقەت ئەڭ گۈزەل مەخلۇقاتلارنىڭ ھەرقاندىقىغا ئوخشىتىش مۇمكىن، ئەمما سىز دېگەندەك ئوخشىتىشنى قۇبۇل قىلىدىغانلارنى... بۇيەردە ئارتۇق گەپ بىھاجەت. قالدىسى مۇشۇ شىئېرىڭىزغا -مەۋزۇسىغا ھەم مۇشۇنداق يېزىلغان مىسرالىرىڭىزغا قايتىدىن بىر قېتىم ئەستايىدىل قاراپ باقسىڭىز!

ۋاقتى: 2012-5-30 13:06:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەت ئەلىنىڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنى  دەپ  شئېىرىي ئىجادىيەتنى توختاتقانلىقى بىر ئاقىللانە تاللاشتۇر.شئېىرىي ئىجادىيەتنى قوشۇمچە قىلغاندۇ.
     ھەممەيلەننىڭ بىرلا يولغا -شئېىرغا كىرىۋىلىشى يەككە ئادەمنىڭ ئارزۇسى نوقتىسىدىن توغرا  بولسىمۇ  ئەدەبىياتنىڭ ئومۇمىيلىقى نوقتىسىدىن ئالغاندا مۇۋاپىق ئەمەس.ھامان بىر قىسىم ئادەملەر قۇربان بېرىپ ئەدەبىي مۇلاھىزە يولىنى تاللاش كېرەك.ھەزرەت ئەلى ئۆز  تەڭتۈشلىرى ئارىسىدا ئۇلاردىن ئاۋال يىراقنى كۆرۈپ بۇ يولنى تاللىغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-30 22:47  


ۋاقتى: 2012-5-30 13:11:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن ھەزرەت ئەلى بۇ يولنى توغرا تاللىغان بولسىمۇ نەزىريەنى ئەمىليەت بىلەن باغلاش جەھەتتە بىر تەرەپمىلىكتىن خالى بولالمايۋاتىدۇ.ئەسلىدە مىكرۇ  ئوبزورچىلىقنىمۇ بىر يول قىلىپ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ئەركىن قويىۋېتىپ چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەن ماقالىلەرنى يېزىشقىمۇ كىرىشسە ياخشى بولاتى.

ۋاقتى: 2012-5-30 13:20:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
  ھەزرەت ئەلىنىڭ چەت ئەلى ئەدەبىياتى تەھلىل ئۇسۇلىنى ئەسەر تەھلىل قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلغىنى بىر جەھەتتە توغرا.
ئەدەبىياتنىڭ مىللىلىك نوقتىسىدىن ئالغاندا ئۇنى تەقلىدى ئۇسۇل دېيىش مۇۋاپىق.
     شۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»(ناۋايىنىڭ) دەك ئەسەرلەردىكى تەھلىل ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ،ھەم يېڭىلىق ھەم ئەنئەنىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى بولغان «ھەزرەت ئەلى »چە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئويلىشىپ باقسا بولاتى.

    چۈنكى خەقنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۆز ئەسەرلىرىمىزنى ئۆلچىسەك ھەممە ئەسەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-30 22:45  


ۋاقتى: 2012-5-30 21:16:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەت ئەلى سىزگە ئەزىزلىك ،سالامەتلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-6-3 17:00:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۇندۇم.تېخى ياش تۇرۇپلا تالانتىڭىز مانا مەن دەپلا تۇرۇپتۇ.ئەزىز ھېيىت(كۇن) ئاكا دىگەندەك نەزىريىۋىلىك بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرش كىرەك دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2013-1-22 22:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4_قەۋەتتىكى قوشنام توغرا دەيدۇ.....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش