كۆرۈش: 2925|ئىنكاس: 19

ئىزدىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش ـ پاسئان(4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

IMG_怕.jpg

تالانتلىق قەلەم ئىگىسى  ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان 1981 - يىلى 5-  ئاينىڭ 16 - كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇجى يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 1998 - يىلى 9 - ئايدا خوتەن پىداگوگېكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 2002 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1997 - يىللىق 12 - سانىدا تۇنجى شېئىرى ئىلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،  «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «يېڭى قاشتېشى»، «تۇرپان»، «قىزىلسۇ»، «كروران»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتوق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئىلان قىلىنغان.
ئۇ سېنارىيىسىنى يېزىپ چىققان ۋە ئىشلەشكە بىۋاسىتە قاتناشقان «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان كارتون ئېلىپبەسى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق VCD دەرسلىك، 2005 - يىلى «لياۋنىڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۈن - سىن نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2006 - يىلى يۇقىرىقى نەشرىياتتىن «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاۋازلىق ئېلىپبەسى» ناملىق CD پىلاستىنكىسى سەپلەنگەن رەڭلىك ئېلىپبە كىتابى نەشر قىلىنغان.
ئۇ ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

بىز ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ ئىجادىيەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئۈزلۈكسىزلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە توختاۋسىز قاسراق تاشلاش روھىغا ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ يېقىندا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق
  ____ مەسئۇل مۇھەررىردىن
❀ ئەگەر تەرجىمىھال يېزىشنىڭ كونكېرت پرىنسىپى بولسا، ئۇنى ھېلىغىچە ئۆزلەشتۈرۈۋالغان بولاتتىم. ھەتتا بار دەپ ھېس قىلىپ ئانچە-مۇنچە ئۆزلەشتۈرۈپمۇ باقتىم. بىراق، ئۇنىڭ بىر خىل قېلىپ ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر ئۆزگىچىلىك ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ئاكتىپلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى سەزگەندە، قولۇم يېزىققا بارمايدىغان بولۇۋالدى. شۇنداقتىمۇ، تەرجىمىھالنى ئۆزۈم ئۈچۈنلا يازمايدىغانلىقىمنى ئەستىن چىقارمىدىم.
❀ ئۆزۈمگە بولغان قىزىقىش ھەددىدىن ئاشقانسىرى ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق، تەڭرى بىلەن شەيتان مېنىڭ يۇقارقى قىزىقىشىمنى تالىشىشقا باشلىدى. ئاقىۋەتتە ئۇلار بارلىق ھەۋىسىمنى تىتما-تالاڭ قىلىپ، مېنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز مىسكىنلىككە، تېڭىرقاشقا دۇچار قىلدى. بۇنىڭ بەدىلىگە شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى «ھېچنېمىزىم»دەك، پىشمىغان سېمۋوللار ئارقىلىق غىدىقلاپ باقتىم.
❀ مەن شېئىرنى تاللىمىغان، بەلكى ئۇنىڭغا دۇچار بولغان.
❀ مەن ئۆزۈمنىڭ مۇنبەردە تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىمنى بىلگەندىلا ئاندىن خېلىلا قېرىپ كەتكەنلىكىمنى، ئۆتكەن 29 يىللىق ئۆمرۈمدە پۈتۈن ھاياتىمنىڭ يېغىنى ئىچىپ بولغانلىقىنى تۇيۇپ، تونۇشتۇرۇلۇشقا قىزغىنلىق بىلەن ماقول بولدۇم. بۇ مېنىڭ ئۆزۈمچىللىكىملا ئەمەس، يەنە ئىنسانپەرۋەرلىكتە ئاداققىچە چىڭ تۇرىدىغانلىقىمنى چۈشەندۈرىدۇ.
❀ مەن تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە شېئىرىي جاراھەتتىن ساقايمىسام دەپ ئويلايمەن. ھەمدە بۇ ئالىيجاناپ خىيالىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازساممۇ ئازلىق قىلىدۇ...

يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان

يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان
بۇ قوزغىلىش پەيتىنى
ئىچمەكتىمەن.
تېنىچلىق بوتۇلكىسى ئىچرە
كۆبجىگەن نۇردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن
كېپىنەك ئىزىدىن سىقماقتىمەن.
ئەي، مۇقەددەس ئولىمپىيا،
ئەي، باستۇرۇلغان گۈڭگۈرت قىزى،
ئەي، كۆكسۈڭلارنى تۇتاشتۇرغان
مېنىڭ مەن بولمىغان پۇرۇخلىرىم،
ئەمدىلىكتە
ئۆلۈم قاراڭغۇسىنى
ئاق يەلكەنلىرىم بىلەن قۇچماقتىمەن
خۇددى
يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان
بۇ قوزغىلىش پەيتىنى
ئاۋۇ قاراڭغۇلۇقتىن يىغىۋاتقاندەك.

ئىدىيە

سالام، ئەي كەپتەرلەر،
كۆرۈنمەس تۇزاقلىرىم بىلەن.
سالام، ئەي زېمىن،
بىشەم يوللىرىم بىلەن.
سالام، ئەي ئاسمان،
چەكلىگۈچى بۇلۇتلىرىم بىلەن.
سالام، ئەي يېڭى پىلانتلار،
چېگرالارنى قوغدىغۇچى رەڭگارەڭ بايراقلىرىم بىلەن.
سالام، ئەي كېچە،
سېنى ئېلىپ چىققۇچى چۈشلىرىم بىلەن...


ئەستايىدىل ئوقۇرمەن

يىقىنلىق چاشقىنى بىلەن سۆز چاشقىنى
بىر تەسەۋۇر يالقۇنىنى پاچاقلاپ،
ئاندىن
ئۇنى
تەرەپلەرگە چېچىۋېتىپ،
ئۈستىگە
كېچىدىن قوپۇرۇلغان چۇۋۇق ئاسماننىڭ
ئىشتىھا چوققىسىنى ئەكەلسە،
چۈشلەرنىڭ ئىسسىق بالىياتقۇسى
يىقىنلىق چاشقىنى بىلەن سۆز چاشقىنىدىن
كۆزلىرى
ئەلمىساقتىن بۇرۇنلا يۇمۇلۇپ كەتكەن
بىر ئۆلۈكنى كېيىندۇرۇشنى تالاشسا،
ئىككى چاشقان ئارىسىدىكى ئورمان قاراۋۇلى
كۆزۈمنى سەۋەبسىزلا يۇمۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلسا،
ياكى بەدىنىم
ئاستا - ئاستا
قاتتىق مايسىلارنى قوغلىسا،
سۆز چاشقىنىنى يىقىنلىق چاشقىنىغا ئەستايىدىل يېگۈزۈپ
قويۇۋېتىمەن...
ئۇ بىر چاشقان
شارقىراتمىلاردەك
چېگرالارنىڭ ئۈستىدىن
ئاستىدىكىلىرىنى يۇمشاتقانچە
كىتاب ۋاقتىمدىكى ئوقۇرمەنلىك چىملىقىغا بىرنەچچە ئاي چۈشكەن.

كەيپ

بىر دوستۇم
كەيپتىن ئېغىز ئېچىپ
ماڭا خوشنا ھاراقلارنى ئىچتى
ئاندىن
مېنى «ئاسمان» دەپ تۇتتى
دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدىم
ئۇنىڭ ئەڭ ئىنچىكە قان تومۇرلىرى ۋە ھاۋادىن قىيپاچ چۈشۈۋاتقان
بوشلۇق رەڭگىدىكى دەۋرداش پەرشتىلىرىنىڭ ئۈستىدە.

يۈكسەك جانان

ماشىنا بىلەن ئادەمنى
ئايرىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر پارچە بۇلۇتتا،
ئەسنىڭ
ماگىزىن ئىشىكلىرىدىكى چۆل بىلەن
يولۇچىلىق كېچىسىنىڭ قارمىقىدىكى مەن دېمەتلىك تەشۋىش بېلىقىنى
قوشۇپ يېزىش مۇمكىن بولمايدىغان بىرئاز يامغۇردا،
قەدىمىڭنىڭ تىۋىشى – سۈكۈت
تېنىڭنىڭ ئايلانمىسى - كېچە.

مۈكچىيىۋاتقان

مۈكچىيىپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان
قىپقىزىل گىلەمدىن ئۆرلەۋاتقان ئېھتىماللىقتا
ماۋۇ تۆمۈر ئىشكاپنىڭ ئولتۇرۇشىدىنمۇ مۇقەددەم
مەن مۈكچىيىۋاتقان تۇزان تەختىدە
قەغەز تۇپراقنىڭ
بۇلۇت تاملارنىڭ
سىياھ تۇرۇبىلارنىڭ
شۇنداقلا
بارلىق ئومۇملاشتۇرۇشلارنىڭ پارچىلىنىشى
ئۇزۇن بىر ئۆچرەتنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە بىربىرلەپ مۇستەقىللىقى ئىلان قىلىنىدۇ
ئاندىن
مۈكچىيىش خادىمى
ئۇلارنى بىربىرلەپ سۈمۈرىدۇ...

لەگلەك

باش - ئاخىرى تۇمان بىلەن كېسىۋىلىنغان
بۇ بىر پارچە تۈزلەڭلىكتە
پەقەت كېچە مۇلازىمىلا مېنى ئېلىپ كەتمەك بولار
بۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئاۋاز تۈزلەڭلىكى
مەنمۇ ئۇنىڭ ئامبۇردەك ئاۋازى
پەقەت كېچە مۇلازىمىنىڭ لەگلىكىلا ئۇنڭ ئاپتىپى
ئۇنى
چۈش ئورمانلىقىنىڭ يىل بويى كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان
گۇمانلىق  ھەم ئېچىنارلىق تەرىپىدىن ئىزلەيمەن
ئۇ بەلكى زۇلمەتنىڭ گۆدەك مىراسخورى
ھەم مېنى ئۇپۇق زىدىيىتىدىن ئالاھىدە ئايرىپ چىققان تەۋەلىك ئىشچىسى
بېشىم
بەرباتلىق ۋە قايغۇ ئوت – چۆپلىرىنىڭ
چوڭقۇر ھەم سېرىق قورقۇنچىغا قەدەر ساڭگىلىغان
ئوت - چۆپلەرنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان سىرلىق قەسىرلەر
ئۇنتۇلغان بۇلاقلىرىمدا قوچىۋېتىلگەن
چىڭ يۇمۇلغان ھاڭلار بىلەن تېنىم ئارىسىدىكى تۇيۇق يول
بىرمۇنچە قۇشلارنى ياساپ چىققان
بىرمۇنچە قۇشلار...
ئۇلارنىڭ ئەگىشىۋاتقىنى لەگلەك
چوقۇلاۋاتقىنى ھەم لەگلەك
كېچىگە ھەق تۆلەپ ئاسمان سېتىۋالىدىغان ۋاسىتىچى ھەم مەناچى لەگلەك!

پوزىتسىيە

ئەگەر سەن چىڭقى چۈشنى ئىگىلىسەڭ
مەن يېرىم كېچىنى ئەكىلىپ سېنى ئويغىتىمەن
ئەگەر ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ماڭا تاقاپ
كېچىگە ئىشەنچ ئەۋەتسەڭ،
ئازابخور بۇلۇتلىرىم بىلەن يورۇتقۇچى ئەينەكلەرنى ياپىمەن
ئەگەر ماڭا بىرنەچچە ئاسمان ئىسسىقلىقىڭ بىلەن گۈلدەستە تەييارلىساڭ
مۇز تەڭرىلىرىنى ئۈستۈڭگە قويۇۋېتىمەن
ئەگەر مېنى سەھەرگە تاپشۇرساڭ
سېنى كىچىك زۇلمەت قىلىپ كېچىدىن چىقىرىمەن

مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم

چىشلارنىڭ ئەڭ قاتتىقى –
ئۆلۈم قۇتىسىدىكى بوشلۇق،
لامپۇچكىلارنىڭ ئەڭ سەرخىلى –
كۈتۈنۈش سىزىقىدىكى قاڭالتىر ئېزىتقۇ،
شوراشلارنىڭ ئەڭ كۆيۈكى –
ئۇيقۇغا ئوخشىتىلغان ئاۋۇ ئىشىككە تىكىلىپ قاراش،
مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم –
ئۇ ئىشىكنى
مۇقەددەس بەدىنىڭنىڭ تولۇق تولدۇرۇشىدىن كېيىنكى
كۆپەيتىلگەن ھەۋەس جەدۋىلىگە
مەڭگۈلۈك ئىڭشىش!

چۈشۈم كېلىش يولىنىڭ تۇمان لايىھىسى

ئارقىمۇ ئارقا ئۆتۈپ كەتكۈچى
خاتىرىلەش قاراڭغۇلۇقىنى،
ئۆتۈپ كېتىش ئارىلىقىدا جەملىنىۋاتقان
خاتىرىلىنىش تەڭرىسىنىڭ چاقمىقىنى،
ئاشۇ چاقماقتا
دەرەخنىڭ
دېڭىز كۆپۈكى بولىدىغانلىقىنى،
ئىستەك قورام تېشىنىڭ
ئەس ئالمىسى بولىدىغانلىقىنى،
تەسۋىرىلەش بۇلۇتىنىڭ
ھۆكۈم پەلەمپىيى بولىدىغانلىقىنى،
گىئومېتىرىيە پارچىسىنىڭ
ئىستېتېكا تامچىسى بولىدىغانلىقىنى،
ئاشۇ چاقماقتا
ئاشۇ چاقماق بولۇۋېتىپ ئۆزۈمنى كۆرسىتىدىغانلىقىمنى،
كۆرسىتىلمىگەن ۋە كۆرۈنمىگەن
كېچە تۇزىنىڭ
شاۋقۇن تەڭرىسىگە سۈكۈتتەك ئۇيىدىغانلىقىنى،
ئالدىنئالا
كېلىش تاڭلىيىدىن ئۆرلىگەن سايە قۇشلىرىنىڭ
ئارقىمۇ ئارقا ئۆتۈپ بولالمىغۇچى چۈشۈمدىن بىر دۇنيا كېيىن
شەپقەت بىلەن كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى،
ھەتتا
رېتى بىلەن كۆچۈرۈلۈپ بولالماي
كەلگۈسىدىن كېيىننى
ئۆتمۈشتىكى بۇرغىسىغا پاراللېللاشتۇرغانلىقىنى،
بىر قېتىملىق كېلىش بىلەن
باغلاۋاتقاننى،
بىلەلمىدىم؛
بىلەلمىدىم زادى ئۇنىڭ كىم تەرەپتىن كېلىدىغىنىنى!؟

بۇ يىقىن ئەتراپتا

مەن
ھەركۈنى
چۈشۈمنىڭ رەڭگىنى
ئاۋۇ رەسىم بىلەن مېنىڭ ئارامدىكىدەك بولسا دەپ ئويلايمەن
چۈنكى
رېئاللىقتىكىلەر
رەسىمدىكى دۇنياغا بېرىش ئۈچۈن
مەن بىلەن رەسىم ئوتتۇرسىدا شەكىللەنگەن بۇ ئورمانلىقتىن ئۆتۈشىدۇ
رەسىمدىكىلەرمۇ
ماۋۇ رېئاللىققا كىرىپ بېقىش ئۈچۈن
قارشى تەرەپتىكى
ئۆزلىرىگە كېلىۋاتقان يوچۇن كىشىلەر بىلەن
بۇ ئورماندا غىل - پال ئۇچرىشىدۇ
بىراق
بۇ تېخى سىزىلمىغان بىر پارچە رەسىم
شۇنداقلا
بۇ يىقىن ئەتراپتا
مېنىڭ چۈشۈمدىن باشقا بىرمۇ رەسسام يوق.

ھېچكىم

روھىم بىلەن تېنىم
ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ھالدا
ئۈستىلىمدىكى كىتابلارنى رەتلەۋاتقاندا
ئۇلارنىڭ
مېنى كۆرمىگەن ئۆمرىدىن پايدىلىنىپ
ھەممىنى قالايمىقانلاشتۇرىمەن...
روھىم بىلەن تېنىم
تاكى ئۆلگىچە ماڭا ئىشلەپ بېرىدۇ.

بۈركۈت

دېرىزىسى
قېرى دەرەخكە ۋە توختاملىق كۈزگە ئايلانغان
بىرنەچچە ئۆيدىن
تەخت ۋارىسىدەك ئۆتتۈم
قۇرۇق ئاسمىنىنى كېڭەيتىۋاتقان ئۆلۈم تەڭرىسىنىڭ
نۇرغۇن جەڭ مەيدانىدىن
چاقماقلىق ئۆتتۈم
بىر مېيىپ بالا بىلەن
بەھۇزۇر سۈكۈت قىلىشىۋاتقان چىركاۋ مۇنارىدىن
قىسمەن ئولجىلىرىم بىلەن ئۆتتۈم
ئۆز چېچىغا ئېسىلىپ
كۆكسىنى
مەسچىت قۇببىسى بىلەن بىللە چوڭ قىلىۋاتقان
بىر مۇسۇلمان قىزنىڭ
مەسۇم شەيتىنىدىن
تولۇن ئېيىم بىلەن ئۆتتۈم
ئاندىن
دېڭىزنىڭ رەڭلىك شاۋقۇنلىرىنى
كېچىگە بىربىرلەپ ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن
چۈشلىرىمنى ئوت – چۆپلەرگە
شاماللىرىمنى قارىغا ئالماشتۇرۇپ
ھېلىقى دېرىزىگە قاراپ
پەسلىدىم...

ئەما

بىر پاھىشە
ياكى بىر ئەسكەر
ئاۋۇ قارلارنى دەسسەپ
قۇش ئەينەكلىرىنى سۇندۇرار.
ياكى
كوچىلارنى
بۇلۇتقا قالدۇرۇپ
ماۋۇ ئېگىزلىككە يامىشار.

چوققا

سېنى
چىقىدۇ دەپ
سۈكۈتۈمنىڭ
چېچىلاڭغۇ لېۋىدىن
بۇ چوققىنى جەملىدىم
قېنى
چىققىن،جانان!
سېنىڭ ھەربىر يۈكسىلىشىڭ بىلەن
چوققىلارنىڭ دەرەخلىرى كۆيىدۇ
سەن بېسىپ ئۆتكەن نۇرلار
پەرىشانلىقتىن تۇرۇشقىنىچە
يىراق
جەنۇپقا قايتىدۇ...

ئۆلۈمىم

كۆزۈمنىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇق
كۆزۈمنىڭ سىرتىدىكى قاراڭغۇلۇققا
قۇيۇلۇۋاتقاندا
مەن
بۇ يەردە بولالمايمەن
بولالمايمەن...

ھەمراھ

بۇ ئېگىزلىككە
سۆزنى تاشلايمەن
سۈكۈتنى
ئاۋۇ ھاڭغا تۇتاشتۇرىمەن
ھەمدە
كەچكۈزنىڭ ئەتراپىغا قارىتا ئاپئاق توزۇۋاتقان
سۇس ئەمچەك ئاۋازىدىن
يولۇچى يۇلتۇزلارنى تەرتىپ بىلەن ماڭغۇزغاندىن كېيىن
ئۇشتۇمتۇت
ساڭا ئىچكىرىلەپ كىرىپ
قاراڭغۇ يىلتىزىڭ چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان
ئاستىنقى يول ئېغىزىدا
سېنى ساقلاپ تۇرىمەن!

كېچە مېنى مۇزىكا دەپ قارايدۇ

كۈندۈزنى چىقارسام
ئۇيقۇ مېنى بىر ئايالغا تەقدىم قىلىدۇ
ئويغاقلىقىمنى ئەڭ ئۇزۇن چۈشكە ئايلاندۇرسام
كېچە مېنى مۇزىكا دەپ قارايدۇ
ئەي ئايال
مەن
ياخشى كۆرىدىغانلىرىمنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن
مۇقەددەس تېنىڭدىن
يېڭى چۈشلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىرمۇنچە پەسىللەرنى
ئاۋايلاپ كۆتۈرىمەن

پەيلەردىن توقۇلغان ئاسمان

قۇشلارنىڭ ئېغىزىدىن شەكىللەنگەن
بۇنداق چېگرىلارنىڭ
ئارىمىزنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان بىرنەچچە دېڭىزىنى
يورۇمايدىغان بېلىقتەك
قۇرۇتۇشۇم كېرەك ئىدى
بىربىرلەپ ئىچىشىم كېرەك ئىدى
زېرەكلىك ۋە قىلچە ھىيىقماسلىقتەك تېرەنلىكىم بىلەن
ئۇلارنى
قولۇمنىڭ ئاستا دۆۋىسىدىن چىقىرىدىغان
يارامغا چاقىرىدىغان
بوشلۇقتا كۆپىيىدىغىنى ئىدىم
تېرەمنىڭ ئاستى – جاراھەت
تېرەم - قۇشلارنىڭ ئەڭ ئېگىز ئۇچىدىغىنى
تېرەمنىڭ ئۈستى - چېگرىلارنىڭ بىرنەچچە دېڭىزى
ھەم
قاراڭغۇ بېلىق
ياكى
پەيلەردىن توقۇلغان ئاسمان...

ئورمانغا ياكى  دېڭىزغا

رەڭگىڭ ھەرىكەتتىن ئېشىپ چۈشكەندە
ئارىمىزدا پارچىلىنىدىغان يۇلتۇزلار بار
بىز ئۇلارنى كۈز ئورمانلىقىغا ئېلىپ بارىمىز
ئاندىن ئارىمىز بولمايدۇ
قوڭۇر رەڭلىك بۇلاقلار
كۆكسۈڭدىكى قەھرلىك ئۆلۈكلەردىن بالقىغاندا
بارماقلىرىڭنى تازىلاۋاتقان ياخشىلىق شەيتىنى
بىزنى ئورماندىن قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ
ئاندىن ئارىمىز بولمايدۇ
لېۋىڭدىن كىرىپ
يەنە بىر دۇنيادىن چىقىدىغان تەم قۇياشىنىڭ
ئاۋازىڭنىڭ يېشىمى چۆمۈلىدىغان ئاق دېڭىزىدا
سۇنىڭ ئۇيقۇسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىمەن
يىراقلىق پەيغەمبىرى سېنىمۇ ئۇيقۇغا يېتەكلىگەندە
ئاندىن ئارىمىز بولمايدۇ
كۆزۈمدىن ئويغانساڭ
قۇشلارنىڭ سۈكۈتى سېنى ساقلاۋاتقان بولىدۇ
ئۇندا
ئىشقىمنى ساڭا توشۇيدىغان ئىشلەمچىلەر بىلەن
ئىشقىڭنى ماڭا توشۇيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپلىكىدە
قۇرۇق قول ھالدا
ئورمانغا ياكى دېڭىزغا قايتىمىز
ئاندىن
ئارىمىز بولمايدۇ...

يورىمايدىغان جانان

جاناننىڭ شامىلىدا
ئوتنى كېچىكتۈرگۈچى دۆڭلەر
ھەمدە سۇ يۈزى.
ئاستىمدا ئاسمان
ئۈستۈمدە قوڭغۇراق
ئاۋازىمنىڭ تېغى
ئۇچلىنار...
كېچە ــ چەمبەر
غۇلىچىڭ ــ كېچە
سەنكى
جاناننىڭ قولى!
بىراق
جانان يورۇماس
ھەمدە
تارىيار.

سۆز چېچىكى

مېنى قەيەردە قويۇپ قويدۇڭ
بۇ، يولدىكى كۈزمۇ ياكى سۆز چېچىكىمۇ؟
بېشىمدىن ئەما چىراغلار تۆكۈلىدۇ
روشەنلىك چىملارنىڭ ئەينىكىدىن كۆبجىگەندەك
سېنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارىمەن.
بىلمەيمەن، سەن كىمنىڭ ئاياغ ئىزى؟!
مەن سېنى تۇتامسىز ھاۋانىڭ خوشنىسى دەپ قارايمەن
بەلكىم، ۋاقىت پەيدا بولغاندا
سەن ئاشۇ ئالاھىدە نۇقتىدا قالغان تۇنجى ئەبلەخ!
ھەمدە مىدىرلىماس قاراڭغۇلۇق...
قىلچە ھېيىقمىغان ھالدا
ئەپسانىلەرنى قايتۇردۇڭ
تەسەۋۋۇرۇم ئۆيۈڭگە يېتىپ بارغاندا
ئاللىقاچان كۆچۈپ كەتكەن بولىسەن
شۇنداقتىمۇ
سېنى ئىزدەشتىن توختاپ قالغىنىم يوق.
سېنى ياشاپ باقامدىكىن دەپ
بوشلۇقنى چىقاردىم
مېنى چاقىرامدىكىن دەپ
تىلىڭنى تىلىم بىلەن سۇغاردىم
ئۇچرىشىشنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بېرىشى ئۈچۈن
پۇتۇمنى پۇتۇڭغا ئالماشتۇردۇم
ھەتتا
ئۆزۈمنى ساڭا ئورۇنلاشتۇردۇم
بىراق
سەن ناھايتى بېشەم
مېنى زادى قەيەردە قويۇپ قويدۇڭ؟!
ئۈستۈمدىن قىيپاش ھاڭلار ئۆتەر
كۆزلىرىم نەم چۆللەرنى تۇغار
ئۇندا توپ-توپ كارىۋانلار
تېنىنى خازان قۇشلىرىمغا تەييار قىلار
تولىمۇ بىئامال ھالدا
سەندىن سىرغىپ چۈشىدىغان ئۇلۇغ ئالۋاستىلارنىڭ
پاكلىقىنى ۋە گۈزەللىكىنى
سىرتتىن كۈزەتكۈچىگە ئايلاندىم
شۇنداقلا
تۇرمۇشنىڭ بۇ تەرىپىدە
ساڭا ئەما چىراغلارنى قايتۇرۇش ئۈچۈن
مېنى مەن دەپ ئويلايدىغان يەنە بىرى مېنى ئىزدەشكە باشلىدى...

ھېچكىمنىڭ كارىۋىتى

يېرىمى گۇگۇمنى سۆزلەيدۇ
يېرىمى سۈكۈتكە تىل كىرگۈزىدۇ
شۇنداق قىلىپ
ئۇنىڭ پۈتۈنى بولمايدۇ

مەلۇم بىر ئۆلۈكنىڭ مۇنكىر-نېكىرغا ئاتىغان قەسىدىسى

ھازىردىن
ئىسمىڭنىڭ توپانى يېتىپ كېلىدۇ
ئالقىش بېسىلغان كېمەم ئۇندا لەيلەيدۇ
ھېدىڭنىڭ قۇشلىرى ئۆلمەس شاخلىرىمنى ئەگىپ ئۆتۈپ
ساڭا دەرەخ ئەمەسلىكىمنى ئېلىپ بارىدۇ
بۇلۇتلار چېگرالاردىن ئۆرلىگەندە
مېنى ئورمان دەپ قارايسەن
جاناننى قۇچۇۋاتقان بېلىق
ھەمدە دېڭىز دەپ ئويلايسەن
بۈگۈنكى ئاخشاملارنىڭ بىرىدە
بىزنىڭ ئىلاھىي پورتلاردىن ئۆتكىنىمىزدىن
شەھەرلەرنى تاشلىغان ھالەتتە تەنھا ئۆتىسەن
باغچىلارنى تېرىلدۈرۈپ
سۇلارنى ئېلىپ كېتىسەن
تاكى
ئىسمىڭنىڭ توپانى ساڭا
ھازىر ماڭا قايتقانغا قەدەر
ئىككىمىز
بارنى يوق قىلىدىغان كېچە ئاستىدا
مۆكۈشمەك ئوينايمىز

لېۋىڭدە

لېۋىڭدە
قېتىپ قالغان تاغلار ئۈچۈن
يەلكەنلىرىمنى
يىرتىمەن
چۈنكى ئۇ
قىيپاچ قۇملار ئۇچۇرما بولۇۋاتقاننىڭ ئىسيانچىسى...
ئۈستۈم تۇپراقتىن ئېشىپ كەتكەندە
كۆكسۈڭنى
چوقۇم ئاچتۇرىمەن
ئۇندا ئاھاڭلار
بۈيۈك ئورمانلارنى تۇخۇمدىن چىقىرىدۇ
ھەمدە
ماڭا بىر توپ بۆرىلەرنى ئەۋەتىدۇ
شۇندىمۇ، تەشنالىقىم تىنجىمايدۇ،
غېرىپ تۈكلەر قورشاپ تۇرغان ئۆيۈمنىڭ پاچاقلىرىدىن ئوخچۇۋاتقان
قەدىمىي تەشنالىق...
لېۋىڭ ئۈچۈن
كوچىلار كوچا بولۇشتىن توختىدى
ئاڭا ئەگىشىپلا
مەنمۇ مەن بولۇشتىن باشقىغا يارىماسلىقتىن قاچتىم
قارىغاينىڭ ئاچچىق پۇرىقى بارماقلىرىمىزنى سۆيۈشۈشكە زورلاۋاتقاندا،
ئاۋۇ ئاياللىق ئۆڭكۈرىدە چۈشلەرنى ئېچىتتىم...
ئىشىنىشكە بولمايدىغان يوپۇرماقلارنى
جان يېرىڭدىن ئېلىۋەت!
ھەمدە ماڭا ياردەم قىل:
تاكى قىزغىن نېرىپلار دوزاخنى پۈتتۈرگۈچە تىكلەن!
مەردانە ۋە چوڭقۇر بىر ھەرىكەت بىلەن يوللارنى يەۋەتكىن!
بىلەكلىرىمنى كېمەڭگە ئېلىپ چىق ـ دە،
لېۋىڭدە
كېچىنىڭ يەلكىنى يېيىلسۇن!

ئىدىيە ۋاقتى

مېنىڭ
قارا كۆچەتلەرنى
چەيلەۋاتقان ۋاقتىم،
سېنىڭ
يېرىمىڭ
ئالەمدىن ساڭگىلىغان ھالەتتە
يۇيۇنۇۋاتقان دەملىرىڭدۇر، بەلكىم!
ئۇ قانداق ئالەمكى
قارىغۇلۇقۇم بىلەن ئۆزىنى نەملەيدىغان
ھەمدە
ئارىمىزدىكى تاغلارنى
ئىستىخىيىلىك بالىياتقۇغا ئايلاندۇرىدىغان؟!
ھەر بىر بوتۇلكىنىڭ چېقىلىشىدا
بىر قېتىمدىن يېشىنىمەن
كۆچەتلەردە
مىتال بالىلارنىڭ
مۇز رەڭلىك ئاۋازى
ئۇندا، قاغىلارنىڭ چۆچۈشلىرىنى ساڭا قالدۇردۇم
قالغانلىرىنى
قىزىل شاماللار ئېلىپ كەتتى...
باھارنى مامكاپ بىلەن ھۇزۇرلاندۇرىدىغان يېزىقلارنى
كۆيدۈرگىنىمدە
كۈزدە تۇرۇۋاتقان بولغىيمىدىم؟!
ماڭا شاھىت بىرنەچچە بوۋاينى
ئورمانلار بىلەن قوغدىغىنىمدا
سەن دولقۇنلار بىلەن
كارىۋاتتىمىدىڭ؟!
ھايۋانلار
سۆزدىن قوزغىلىشقا باشلىدى
ئۇلار مۇستەھكەم پولات شادىلارنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ
چۈنكى، تارىختا
ئۇلارنىڭ
دادىسى بولۇپ باقمىغان
ئېگىز – ئېگىز تاملارنى
پەلەمپەي قىلدىم
كۆزۈمنىڭ قۇياشىنى
دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتىم
قۇيۇق ئەتىر ھېدى
يايلاقنى
ھۇجراڭ تامان ئۇچۇرماقتا...
ئۇلۇغ پادىلار ئەينەك ھالقىلاردىن تۈزۈلگۈسى!
ياش قۇشلار كېمىلەرنى قايتۇرغۇسى!
ئەنئەنىچى ئۇرۇقلار نەم يەرنى كەلگۈسى تېنىڭگە تېگىشكۈسى!
قاپقارا كۆچەتلەر ئۆسۈۋاتقان
بارماقلىرىم كۆكنى يەيدىغان
يۇيۇنۇش مالىمانچىلىقى
بارلىق كىتابلارنى قۇرۇتۇۋېتىدىغان ئىدىيىۋىي كۆرۈنۈشلەردە
ئاخىرقى چىراغ
سېنى
ياندۇرغۇسى...

سېمۋول

بىر قۇچىقىڭدىن يەنە بىر قۇچىقىڭغا چۈشتۈم.
يامغۇر ھالرەڭ لىباسقا ئايلاندى
مېنىڭ قەيەردىن كېلىشىم قانداق كېلىشىمدىن مۇھىم بولمىغاندەك
سېنى لەۋلىرىم بىلەن قوغدىشىممۇ
خۇشپۇراق جەسىتىڭنىڭ ئارىسىغا گۈل قىستۇرۇشتىن مۇھىم ئەمەس!
ماياكتەك كۆتۈرۈلگەن سېمۋوللار يىقىلىشقا باشلىدى
تېنىڭدىكى نۇرانە ئۆڭكۈرلەر كۆرۈنەرلىك ئازايدى
نىگاھىڭدا پالاق ئۇرۇۋاتقان كېمىچىلەر ئەركەكتۇر
بىراق، ئوقۇبەتتىن ئىگىلگەن دېڭىز يۈزى
كېچىلىك كېيىمىڭنى بۇلغاش ئالدىدا تۇرىدۇ
سەن قىيادىن تۆۋەنگە نۆۋەت بىلەن قارايسەن
نۆۋەتچىڭ كىم؟
بىر نەرسە قانىغانچىلىك ئاغرىق...
كارىۋات دۈم كۆمتۈرۈلگەنچىلىك قىزغىنلىق...
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتىرلەر قوزغىلىدۇ
ھەمدە يەرلەر بۇلۇتلىنىدۇ
يىراق تارىختىن يىقىنلاپ كېلىۋاتقان يولۇچى چاقماقلار
كۆكسۈمنى سىيپاپ ئۆتۈۋاتقاندا
بىردىنلا
ئاچ بۈركۈتكە ئايلىنىمەن
بارماقلىرىم چېگرا، پۇتۇم دېڭىز قولتۇقىدىن قېلىشمىغۇدەك ھالدا
تاڭغا ئۇرۇلىدۇ
نىھايەت، ئۇ ــ جەملىنىۋاتقان دولقۇنلىرىڭنىڭ داۋامى...

ئارتۇق كۈن نۇرى

كەچقۇرۇندىكى ئۆلۈكلەرنىڭ
ئولتۇرۇشى ئارقىلىق
سېنى باشلايمەن...
سۈپەتلىرىڭنى
بارلىق بېزەكلەردىن ئاجرىتىپ
ئۇنىڭ قاقشال ياغىچىغا قارانچۇق بېكىتىمەن
بۇ سېنىڭ مول-ھوسۇللۇق ئېتىزىڭ، ھەمدە
يېشىل ئۇرۇقلارنىڭ ھېسسىياتتىن قۇرۇقدىنىش مەزگىلى
خوشنا ئاسمانلاردىن بۇلۇتلىنىۋاتقان ئورمىنىڭ
سەندە
مېنى كۆرمەيدۇ...
ئاتلارنىڭ پۇتى قورسىقىڭنى قىزدۇرىدۇ
ئاۋۇ دېرىزىدىن ئۈستۈڭگە قارىتىپ
كۆۋرۈك سىزىمەن
ئۇندا بىر قوي
ۋاقىت قانىلىغا قارىتىپ مەرەيدۇ
قوينىڭ يېنىدا
دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن سارغۇچ بۆرە يىنىك چايقالماقتا...
تاڭ يولۋىسى چىغىر يولنى كەينىمىزگە قايتۇردى...
بالىلارنىڭ چوڭقۇر ئاۋازلىرى ئۆتۈپ كەتتى
ئاجىز كەپىلەر بوراننى تىنجىتماقتا
چاچلىرىڭ ئالەمنى ئورىۋالدى
قاراڭغۇلۇقتىن سېنى ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلاقلىرىمنى قاناتتىم
ھەممىسى
كونا ئىشىكنىڭ بىزنى تەسۋىرىلىشىدىن قالغان ئەخلەت
ھەمدە
ئارتۇق كۈن نۇرى
سېنى
سەن دەپ ئويلىدىم...
ئايىغىمنى
بېغىڭدىكى ساسلىقلاردىن كولاپ چىقاردىم
سېنىڭ بېغىڭ ــ بىر تال قىيا تاش!

دېرىزە

سۈكۈتكە دېرىزە ئورنىتىلغاندىن بۇيان
سىرتتىن
ئۇھ تارتقان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن
ئورنۇمنى يەنىمۇ چوڭقۇرلۇققا مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك ئىدى
لېكىن، ئۇنى ئەسلىدىكى تۆپىلىكتە
سېغىنىشنى تاللىۋالدىم
مەن ــ تۆپىلىكتىن ئارتۇق تۆپىلىك
شۇنداقتىمۇ
چۈش كېنىزەكلىرى ئېلىپ كېلىدىغان كەچلىك تامىقىمنى
خاتىرجەم يېيەلمەيمەن
بوراننىڭ ئېغىر جۈملىلىرى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان مەنىلەر
بىر شەھەر بەرپا قىلغاندا، ئۇنىڭ كىملىكىنى
ئېيتىپ بېرىشىممۇ مۇمكىن...
ئۇ كىم؟
ئۇ ــ دېڭىز سومكىسى!
ياكى ئۈستۈمدىن تېپىۋىلىنغان ئاقۇش يايلاق
تارىخقا ئانچە يېراق بولمىغان بىر نۇقتىدىن
ئۇنىڭدىكى گۈل-گىياھلارنى توغرا سانىۋېلىش مۇمكىن...
ئۇ ــ شېئىرغا ئايلىنىۋاتقان لوگېكا!
بەلكى كىشىلەر ئۆز تۇيغۇسىغا تايىنىپ
ئۇنى يېڭى كېلىنگە ياكى توقالغا سېمۋول قىلار
لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن
ئۇنىڭ قارلىق چوققىسىدىن تارتىپ
كۈزدە ئولتۇرغان شېرىن مېۋىلىرىگىچە سۈكۈت قىلىمەن
بىر كۈنى
ئاڭا غايىپ دېرىزە پەيدا بولىدۇ
ئاندىن ئاشۇ دېرىزىدىن كېلىۋاتقان
تاۋۇشلارنى...
سۆزلەرنى...
باغرىمغا تىزغىنىمچە
سېغىنىش ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى
ساڭا كۆمۈشكە باشلايمەن...

بىر ئۆلۈكنىڭ يېرىم كچىسى

يار ھەققىدىكى گۇگۇمنى يارغا ئېلىپ بارمىغۇچە
پەردىلەر يېپىلمايدۇ
بېشىمدىن مېڭىپ ئۆتىدىغانلارنىڭ
تاپىنىدىن كۆكلەيمەن
مەن تۇرۇۋاتقان بۇ قۇدۇقنىڭ
ئېغىزى بولۇپ باقمىغان
شۇندىمۇ، ئەھدىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان چۆمۈلىلەر توپىنى
كۆزلىرىم بىلەن باقىمەن
تېنىم ــ تېرىسى ئاقارغان تۇپراق
يەنە، قىسىلغان ۋە ئۇنتۇلغان بوشلۇق...
ئاي قاراڭغۇسى
چارۋىلىرىنى سۇغارغىلى ھوزۇرۇمغا كېلىۋاتقاندا
سېنىڭ چۈشۈڭ توختاپ قالىدۇ
يېرتقۇچلار
تەشنالىقىنى قۇدۇقتىن ئەمەس، بەلكى مەندىن ئىزدىمەكچى بولىدۇ – دە
بىرنەچچە قۇش بالىسىنى
قۇدۇققا قارىتىپ بوغۇزلايدۇ
مەن دەيمەن:
بۇ قۇدۇقنىڭ زېمىنغا قارايدىغان ئېغىزى يوق...
ھەرپ بىلەن ئۇچرىشىدىغان شامالنىڭ
سەنسىز ئويغىنىشلىرى
ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟!
ئۇۋىلىرىنى تۆمۈردەك مۆرىلىرىدە كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن
سەرگەردان قۇشلارنىڭ ئىسىملىرى
سەن يۇيۇنىدىغان كۆل يۈزىگە نەقىشلەنگەن
نەقىشلەر سېنى دائىم بىھۇدە تىتىرەككە مۇپتىلا قىلىۋاتىدۇ
مەن سارغۇچ ئوت-چۆپكە ۋە
ئازراق لېچىنكىغا ئايلانغان پارچە-پارچە كۆزلىرىم بىلەن
قورسىقىڭنى داۋاملاشتۇرىمەن...
قورام تاشلار ئارىمىزغا ئاسماننى تىزماقتا
تولىمۇ يىراقتىن ئاڭلىنىدىغان ئۆلۈشلەر
گويا قىزغۇچ گىتارغا ئېسىلغان پولات تاردۇر
ئۆزئارا قارشى يۆلىنىشتە كېلىۋاتقان
ئىككى ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ناتۇنۇش يولۇچى
ئەسلىدە ھاياتىمدىن چىقارغان خۇلاسەم ئىدى
بىراق، ئۇلار بەڭۋاش خىيالىدا
يەنە بىرقانچە ئاپتۇبۇس ۋە مەيۇس يولۇچىلارنى يارىتىدۇ
ئاندىن
خۇددى كونا غايىلەردەك غايىپ بولغىنىچە
سېنىڭ ئىچ كېيىملىرىڭگە سىڭىپ كېتىدۇ
مېنىڭ ھەر بىر چاڭقىشىم بىر قۇدۇق
بىراق
ئۇلارنىڭ
زېمىنغا قارايدىغان ئېغىزى
ياسالمىغان...

زىددىيەت مېتافىزىكىسى

ئۇيقۇلۇق
كۈندۈزنى
سۇغا غەرق قىلدىم
قەدىمىڭدىن مىراس قالىدىغان
دەرەخلەرنى
ئائىلەڭگىچە باشلاپ باردىم
سېنىڭ بىر دانە مىس قوڭغۇرىقىڭدىن باشقا
يەنە بىر تال كىتابىڭمۇ بار ئىدى
مىس قوڭغۇراق ــ كۈندۈز
ھېلىقى كىتابىڭ ــ مەن...

جەۋھەر

تەشتەكلىرىڭگە
ئىخلاس قىلىدىغان يېرىم گۈللەر
كەتتى...
چوققىلارغا ئېلىپ چىقىدىغان چۈشۈم
قۇرىدى
ئىبادەت بارخانلىرى بىلەن
سۆز ساسلىقلىرى
نېچۈن كۆكسۈمنى تالىشىدۇ؟!
كېپىنەكلەر
تەڭرىنى يېشىدىغان لۇغەتلەرنى
ئوغىرلىماقتا
ئىشكابىمدىكى بېسىق جەسەتلەرنى
يوشۇرۇۋاتقىنىمغا
بارلىق ۋاقىت بولدى
زېمىندا ئولتۇرىمەن
بېشىمدا
ئولجىلىرىمنى يىغىمەن
قۇلاقلىرىم
ئاڭلايدىغان قۇلاق ئەمەس
شۇنداقتىمۇ
ھۈرپەيگەن پاراللېل سىزىقلار
ساڭا مېنى جىنسىي ئىستىكى قۇترىغان قىلىپ كۆرسىتىدۇ...
قوۋرغا ئاۋازى بىلەن كاۋاپ پۇرىقى
ئىدىيەمنى تازىلىماقتا
بىلەكلىرىم ھاياتىڭنى قاشالىماقتا
لېكىن، ئارىمىزدا بىرمۇنچە ئاسمان ۋە يېزىقلار بار
ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىرىمىز كۆپەيگەنچە
شۇنچە غۇۋالاشماقتىمىز...
تەشتەكلىرىڭنى قايتا ياسايدىغان پەيت
يېتىپ كەلدى...
تېنىمىزنى
ئىلاجسىز
بىر-بىرىگە سۈركەيدىغان جىددىي ۋەزىپە
ئايدىڭلاشتى...

كۆزلەر

كۆزلىرىمىز
تېخى
بارلىققا كەلمىگەن
پۇتلىرىمىزمۇ
ئايرىلمىغان...
مەن
سېنىڭ تىلىڭدا سۆزلىسەم
سەن
مېنىڭ قۇلىقىمنى ئىشلىتىسەن
بىراق
سايىمىزنىڭ كۆزى بار
ھەمدە
يىراقتا...
كېتىۋاتقان پۇتلىرى بار
ئۇنى
كۆزلەر كۆرمەيدۇ
كۆزلەر...

مۆجىزە

ھەركۈنى
سەھەردە
يوچۇن بىرى كېلىپ
بېشىمنى ئېلىپ كېتىدۇ
كەچقۇرۇن
ئۇ
شارابقا چىلاشقان ھالەتتە
قايتىپ كېلىدۇ
بېشىم
ئەتە ئەتىگەنگىچە
كۆرگەنلىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىدۇ
مەنمۇ
كۈندۈزى
باشسىز ھالدا قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمنى
ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىمەن
بىز بىر ھازا كۈلىمىز
ئاندىن
تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلايدۇ
بىز
بىراۋنىڭ
ئىككىمىزنى
يەنە ئايرىۋېتىشىنى ساقلاپ
سۈكۈتتە تۇرىمىز...

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-7 13:31:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمانجاننىڭ كۈنسىرى يېڭىلىنىۋاتقان ئىجادىيەت سەپىرىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2012-4-7 16:00:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان ئاكىنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-14 22:54:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ پاسئاننى  ھېلقى تاققا-تۇققۇ سۆزلەيدىغان ئەبەيگە 10يىل شاگىرىت بولغانمىكىن دەيمەن .  

ئەبەي ؛  مىېنىڭ ئىككى بالام بار ، چوڭى قىز ، كىچكى چوڭدىن كىچىكرەك قىز ........
پاسئان؛يېقىنلىق چاشقىنى بىلەن سۆز چاشقىنى، بىرتەسەۋۇر يالقۇنىنى پاچاقلاپ ........

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق قۇرۇق گەپلەر ، پاسئاننى شائىر دىيىشكە توغرا كەلسە ئەبەينى نىمە دىسەك بۇلار  ئەمدى.ئەبەينىڭ ئالدىغا نەچچە ھەسسە ئۇتىدىكەنغۇ تاققا - تۇققۇلىرى .

تۇرۇپلا پاسئانغا ئىچىم ئاغرىپ قالدۇ، خۇتون بالىلىرى قانداقمۇ بىللە تۇردىغاندۇ قوروقماي ...

ئوڭشىلىپ كىتەرسىز پاسئان .... خۇدايىم شىپاتلىق بىرەر سىز گە . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sadakat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 22:56  


ۋاقتى: 2012-4-15 01:03:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساداكات خانىم سەل ئىلمىي بولۇڭ. بىرۋانىڭ ئائىلىسنى تىلغا ئېلىپ ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلىش، بىر ئايال كىشىگە پەقەت ياراشمايدىكەن...
بەزىلەرگە ئوخشاش كۆزى ئۇچۇق قارغۇلار بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ يارىتالمايدىغان نەتىجىنى ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان ئاللىقاچان يارىتىپ بولدى. ئىشەنمىسىڭىز، شېئىر دېگەن ئوقۇمدىن ئازىراقلا خەۋىرى بار بىرەرىنىڭ قېىشىغا بېرىپ «بۇقا گۆشى» دېگەن بىر شېئىر بار دەيدۇ، شائىرى كىمدۇر دەپ سورىڭىسىز، ئەينى چاغدا غۇلغۇلا قوزغاپ، ئوقۇرمەن قەلبىدىن ئۇرۇن ئېلىپ بولغان مۇشۇ شائىرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

پاسئاننىڭ يۇقارقى ئىزدىنىشلىرى ئىچىدە ماڭا "ھېچكىم" ناملىق شېئىرى ئەڭ يارايدۇ. ئۇ شېئىرنى جۆيلۈش دېگۈچىلەر بولسا، قېنى قايسى مىسرا جۆيلۈش ئىكەن؟ (چاي ئىچكەچ پاراڭلاشساقمۇ بولىدۇ)

ۋاقتى: 2012-4-15 15:32:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساداكات خانىم سەل ئىلمىي بۇلۇڭ . بىراۋنىڭ ئائىلسىنى تىلغا ئېلىپ  ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلىش ، بىر ئايال كىشىگە ياراشمايدىكەن ............
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم  سۈيۈملۇك خەلقىمزنىڭ  بولمىش شائىرى  ئۇمەرجان  تىچلىقتۇ ....؟؟  قارىغاندا كۆزىڭىزنۇرمال كۆرۇش ئىقتىدارى يوق ئوخشىمامدۇ ؟؟؟  مەن سىز ئېيىتقاندەك خانىم ئەمەس ‹يەتتە يېشىمدا خەتنىسىنى قىلغان ئۇغۇل بالا ›  تەپسىلى ئارخىپى دىگەن ئىستونغا قارسىڭىز جىنسى‹ ئەر › دەپ كۆرنىدۇ . سىز  سەل ئۆپكىڭىزنى بېسۋېلىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم بولدى ئۆتكەندە پاسئان ‹‹غەزەل›› لىرىگە ئىنكاس يازسام ،  سىز ؛ قارا قوساق ئىنكاس بوپتۇ . دەپ باھا بىرىپتىكەنسىز  پىسەنىت قىلمىغانتىم ، بۇ قېتىم يەنە  ئايال كىشى دەپسىز ،  ھەقىقەتەن ئاچىچقىم كەلدى . ئەجىبا بۇ ھاقارەت ئەمەسما ....؟؟
ئىلمىيلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇپ بەك تەكىتلەيدىكەنسىز ، ئەمما شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قۇيايكى  ئالدى بىلەن ‹ئەر›بىلەن ‹ئايال› دىگەن ئىككى جىنىسنى پەرىقلەندۇردىغان خەتنى ئۈگۈنىپ كىلپ ئاندىن ئىلمىيلكىنى تەكىتلەپ ماڭا ئىنكاس يېزىڭ .  سىزگە دىسەمچۇ  بىزنىڭ مەھەلىدە ‹ئەر›بىلەن‹ئايال،نى .‹كات›بىلەن‹قەت›نى پەرىقلەندۇرەلمەيدىغان ئادەملەرنى ‹قار قۇساق› دەيمىز....................
سىز ئۆزىڭىزنى بۇگۈنكى زامان يېڭىچە شىئېىريىتىدە تۆتنىڭ بىرى سانايسىز ، شۇنداق بولغاندىكىن ئۆزڭىزنىڭ ئوبرازىغا سەل دىققەت قېلىپراق ئىنكاس يېزىڭ .  بەك ھاياجانلىنىپ كەتسىڭىز ‹ئەر›بىلەن‹ ئايال›نى پەرىقلەندۇرەلمەيدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقدۇ . قارىغاندا  بىر ئىككى قېتىم يول قويسام  نىمە دىسەم ‹ھەق- راست › دەيدىغان موللا پوك-پوك كۆرۇپ قالغان ئوخشمامسىز . يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قۇياي سىز ئۇقىغان ئالى مەكتەپتە مەنمۇ ئۇقۇغان ھەم ئۇقۇۋاتمەن ، سىز يازغان شىئېىرنى مەنمۇ يازغان ھەم يېزۋاتمەن .  سىزنىڭ يازغۇچىلار تورىدا تۇنۇشتۇرۇلغانلىقىڭىز  ، قىلغان ھەر بىرگىپىڭىزنىڭ  توغرا بولشىنى كۆرسەتمەيدۇ . شۇڭا بۇندىن كىيىن ئويىلىنىپراق  گەپ قىلڭ . بۇ قېتىم مۇشۇنچىلىك سۆزلەي .......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sadakat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 15:35  


ۋاقتى: 2012-4-15 15:48:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىئاننىڭ گېپى چىققان تېمىلاردا ھەممە نەرسە قىزىيدىكەن ، خۇددى دوڭكۆۋرۈكتىكى كەچلىك بازاردەك

ۋاقتى: 2012-4-15 15:59:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسئان ئاكا كىتاپخانىڭىزىغا بىكىنۋالماي يۇقۇرقىدەك ساز شېئىرلىرىڭىزنى مۇنبەرگە يوللاپ مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرۇڭ!

ۋاقتى: 2012-4-15 16:17:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سېنى چىن قەلبىمدىن قۇتلۇقلايمەن بۇرادەر! كۆرۈشكىچە ئامان بول!

ۋاقتى: 2012-4-15 17:49:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىئاننىڭ شېئىرلىرىنى چۈشىنىپ كەتمەيمەن، بەلكىم سەۋىيەم يەتمىسە كېرەك. لېكىن ئۆز-كۆزقارشىدا چىڭ تۇرىدىغان، ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھىدىن مەمنۇن مەن. كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىنىڭ ھوسۇللۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2012-4-15 18:02:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەقىل:
مەن سىز ئېيىتقاندەك خانىم ئەمەس ‹يەتتە يېشىمدا خەتنىسىنى قىلغان ئۇغۇل بالا ›  تەپسىلى ئارخىپى دىگەن ئىستونغا قارسىڭىز جىنسى‹ ئەر › دەپ كۆرنىدۇ .

ئاۋۇ چوڭ خەتلىك s ھەرىپىنىڭ ئۈستىدىكى تور نامىڭىزنى ساداقەت ئەمەس، ساداكات دەپ ئوقۇيدىكەن ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا، شوڭا ئۇ مەندىكى سەۋەنلىك ئەمەس. بىزنىڭ يۇرۇتلاردا ئاياللارنىڭ ئىسمنى شۇ نامنىڭ توغرا يېزىلىشى بويىچە ساداقەت دەپ قويىدىغان بولغاچقا، ئايال ئوخشايدۇ دەپ تونۇپ قاپتىمەن.  ئارخىپىڭىزنى قانداق كۆرۈشنى مەن بىلمەيمەن(ئەزالارنىڭ باشقىلارنىڭ ئارخىپىنى كۆرۈش ھوقۇقى بولامدۇ يوق بۇنىسىمۇ نائېنىق). «خانىم» بىلەن «ئەپەندىم» ھەر ئىككىلىىسى ھۆرمەت سۆزى، خاتا ئاتىلىپ قالغان بولسا ئىزاھات بەرسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ يەردە سىزنى ئاللىقانداق مەسىخىرە قىلغان ئىش يوق.
مەن  قىلغان ھەربىر گېپىمنى ھېچقاچان توغرا دېمىدىم. مۇشۇ تورنىڭ بىر ئەزاسى سۈپتىدە ئويلىغانلىرىمنى دەۋاتىمەن. ئۆزگىچە يول  تۇتۇپ ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادەمنى ساراڭغا چىقىرىپ، ئائىلىسنى چىشلەپ تارتىسىڭىز، پىنتە پاسات تارقاتقانلىق، غەيۋەت قىلغانلىق بولىدۇ، شوڭا غەيۋەتخور بولماي، ئىلمىي بولۇڭ دېدىم.

ۋاقتى: 2012-4-16 17:16:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-5-1 23:04:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېچلىقمۇ پاسئان؟ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ ،سەن بىلگەننى بىلمەيدۇ.

ۋاقتى: 2012-5-2 01:48:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كاللىدا ھەر خىيال، بەزىلەر ئۇنداق دىگىنى بىلەن جۆيلۈگۈچىلەرمۇ نىمە دەپ، نمە ھەققىدە جۆيلىۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرى بىلىدۇ. ئۇندىن ئېشىپ تۇرۇپ بىر ئاماللار بىلەن باشقىلارغا بىلدۈرىدۇ. گەپ قىلىش تەس ئەمەس، لىكىن جايىدا ھەم ئىلمى گەپ قىلىش شۇنداقلا قىلغان گىپىگە قارىتا چۈشەنچە بىرىش تەس. شۇڭا ئويناپ سۆزلىسەكمۇ ئويلاپ سۆزلەيلى.  بۇ يەردە بىركىم ئەبەينىڭ شاگىرتى بىلەن خەقنىڭ ئائىلىسىنى سورىمىغاندىكىن ئالاقىسى يوق گەپلەرنى قىلىپ خەقنىڭ ئىززىتىگە تاجاۋۇز قىلمايلى. بىركىمنىڭ ئائىلىسى، خوتۇن-بالىسىنى چىشلەپ تارتمايمۇ مۇنازىرە قىلغىلى بولىدۇ. ( بەلكىم ئېغىر كىتىشى مۇمكىن، ئەمما، گېزى كىلىپ قالدى، شۇڭا دەۋالاي، بىراق دەسلىپىدە ئۆزرەمنى سورىۋالاي، ئەدەپسىزلىكىمنى كەچۈرۈڭلار! قىلغان غەيۋەتلەرگە قاراپلا مەنمۇ بۇ كىشىنى ئايال كىشىمىكىن  دەپ قالغان ئىدىم باشتا...)

ۋاقتى: 2012-5-10 20:03:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشمدىن  ئارىيەنى  بىرىڭلا  يوللاپ قۇيۇڭلارچۇ ،،يەنە  كۆپ  گىپى بۇلۇنغان  بۇقا گۆشىنىمۇ ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش