يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 5

دېرىزە بويلاپ ئۇچۇپ چۈشكەن ياش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دېرىزە بويلاپ ئۇچۇپ چۈشكەن ياش   
ئاكادىن ئاۋچىنىك(سوۋىت ئىتتىپاقى)

بۇ ئېچىنىشلىق ھېكايە مۇنداق باشلانغان :
    مەلۇم بىر ئولتۇراق رايۇن بىناسىنىڭ ئالتىنچى قەۋىتىدە، ئۈچ ئادەم كەسكىن جىدەللىشىۋاتاتتى.
    ئايال تولغان بىلەكلىرى بىلەن كىرلىك يېپىنچاقلىغان ، دۇدۇقلىغان ھالدا :«  جېنىم يوھان! مەن قەسەم قىلاي ،مەن ھېچنىمە قىلمىدىم. ئۇ مېنى ئازدۇردى، سىزگە قەسەم قىلاي، ئۇ مېنى مەجبۇرلىدى، مەن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم ــــــ» دەۋاتاتتى.
ئارىدىكى ئۇچىسىغا پەلتو كىيىۋالغان بىر ئەر قوللىرىنى شىلتىپ، ئۇ يەردىكى ئۈچىنچى بىر كىشىنى ئەيىبلەۋاتاتتى:«لۈكچەك! سەن ئىتتىن خار ھالەتتە ئۆلىسەن،ھەم بۇ ئاجىز ئايال ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسەن !»
ھۇجرىدىكى ئۈچىنچى كىشى بولسا ياش بىر يىگىت ئىدى. گەرچە ئۇمۇ تولۇق كىيىنىپ بولالمىغان بولسىمۇ، « مېنى ؟ نېمە قىلىسەن، مەن يا بىر ئىش قىلمىسام! مەن ـــ» ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتاتتى، چىرايىدا يالغۇز قالغانلىقى چىقىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئىلگىرىكى مەغرۇرلۇقىنى يوقاتمىغان ئىدى. ھۇجرىنىڭ بوش قالغان بىر بۇلۇڭىغا تىكىلىپ تۇراتتى.
پەلتو كىيگەن ئۇ ئادەم كوچا تەرەپكە قارايدىغان دېرىزىنى ئېچىپ ، ھېلقى تولۇق كىيىنىپ بولالمىغان يىگىتنى قولتۇقىغا قىسقىنىچە ئاپىرىپ ،دېرىزىدىن تاشلىۋەتتى.

ياش يىگىت ئۆزىنىڭ ھاۋادا ئۇچىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، تېزلىكتە كىيىملىرىنىڭ تۈگمىسىنى ئەتتى ۋە پىچىرلىغىنىچە ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بەردى:«ھېچقىسى يوق! مەغلۇبىيەت بەلكى بىزنى تېخىمۇ چىداملىق قىلىدۇ.»

بەشىنچى قەۋەتكە چۈشمەي تۇرۇپ ،ياش يىگىت ئېغىر ئۇھسىندى. « ئاھ تەڭرىم!» ئويلىدى يىگىت؛« مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن، ئەكسىچە ئۇنىڭ يولدىشىغا مۇھەببىتىمىزنى ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتقىدەك جۈرئىتىمۇ يوقكەن!ئەمدى ئويلىسام ،ئۇ نېمە دېگەن يىراقتا ھە، مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك »
ئۈمىدسىزلەنگەن يىگىت بۇلارنى ئويلىغان ۋاقىتتا ، 5-قەۋەتكە چۈشكەن ئىدى.دېرىزە بويلاپ پەسكە ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقاندا ،ئۇ قىزىقىش بىلەن ئىچىگە كۆز يۈگۈرۈتتى.
بىر ئوقۇغۇچى قىيپاش قويۇلغان ئۈستەل ئالدىدا،ئېڭىكىنى يۆلىگەن ھالدا كىتاپ كۆرۈۋاتاتتى.
ئۇ بۇندىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۆرۈپ –ئادەتكە يات ھالدا كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەنلىكلىرىنى،ئوقۇشىنى تاشلاپ قويغانلىرىنى ئېسىگە ئالدى. ھازىر بولسا ئىلىمنىڭ نۇرى ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئىدى. « قەدىرلىك ئىلمخۇمار قېرىندىشىم» ئۇنىڭ  ھېلىقى كىتاپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىغا قاراپ ۋارقىرىغۇسى كەلدى، « سەن مېنىڭ قەلبىمدىكى ئۇخلىغان ئارزۇ –ئارمانلىرىمنى ئويغاتتىڭ،خىيالىي دۇنياغا بولغان لەززەتسىز مەجنۇنلۇقۇمدىن قۇتۇلدۇردۇڭ. دەل مۇشۇ خىل مەجنۇنلۇق ئالتىنچى قەۋەتتىكى پۇشايمان قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ــــــ»

شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ،ئاۋازىنى چىقارمىدى. ئەكسىچە، ئۇ تۆتىنچى قەۋەتكە قاراپ ئۇچتى.تۆتىنچى قەۋەت دېرىزە تۈۋىدە ياش بىر قىز ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قۇڭغۇراقۋاشتەك كۆپكۆك جۈپ كۆزلىرى يىراقلارغا تىكىلگەن، تولىمۇ پەرىشان كۆرىنەتتى.
     
     يىگىت قىزدىن پەقەتلا كۆزىنى ئۈزمىدى. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇ ئىلگىرىكى ئاياللار بىلەن بولغان تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشلارنىڭ پەقەتلا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.  پەقەت مۇشۇ قېتىملا ، ئۇ ئاشۇ ــ مۇھەببەتىن ئىبارەت سىرلىق ھەم ئۆزگىچە سۆزنىڭ ھەقىقىي تېگىگە يەتتى.

ئۇ  بۇ خىل تىنىچ ئائىلە تۇرمۇشىنى ياقتۇرۇپ قېلىشقا باشلىدى، بۇ خىل تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان سۆيۈلۈشنى، شاد-خورام ياشاش ئۇسۇلىنى ياقتۇرۇپ قالدى.
كېيىنكى ئۇچۇش سەپىرىدە ئۇ كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئوي-خىيالىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
ئۈچىنچى قەۋەت دېرىزە تۈۋىدە، ئۇ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن بىر
ئانىنىڭ  غىڭشىپ ناخشا ئوقۇغاچ، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بۇدرۇققىنا قىزىنى تەۋرىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئانىلىق ئىپتىخار تۇيغۇلىرى يوشۇرۇنغان ئىدى.
« مېنىڭمۇ تۆتىنچى قەۋەتتىكى قىزنى ئەمرىمگە ئالغۇم  ، ئۈچىنچى قەۋتتىكى يۈزلىرى ئاناردەك قىزىل بالىلىق بولغۇم  بار »  ياش يىگىتنىڭ كۆڭلىدە شۇنداق خىيال يوشۇرۇنغان ئىدى، « ئائىلەمدىكىلەر ئۈچۈن ، مەن بارلىقىمنى قۇربان قىلىمەن، ھەم بۇ خىل قۇربان بېرىشتىن بەختكە ئېرىشىمەن.»
ئارقىدىنلا ئىككىنچى قەۋەتكە كەلدى. بۇ يەردىكى مەنزىرە ياش يىگىتنىڭ يۈرىگىنى ئاچچىقتىن ئېزىۋەتتى.
ناھايىتىمۇ ئېسىل بىر يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ، بىر ئەر ئولتۇراتتى،چاچلىرى قالايمىقان ، كۆزلىرى بىر نۇقتىدا قېتىپ قالغان. ئۇ ئالدىدىكى رەسىم رامكىسىدىكى سۈرەتكە قادالغىنىچە ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇ ئوڭ قولىدا بىر نېمىلەرنى يازغاچ، سول قولىدا تاپانچىنى كۆتۈرۈپ ، تاپانچا ئېغىزىنى چېكىسىگە توغىرلىدى.
«قولۇڭنى تارت، ۋۇ ساراڭ. » ياش يىگىتنىڭ ئاۋازىنى قويىۋېتىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغۇسى كېلەتتى،«ھاياتلىق نېمە دېگەن گۈزەل ھە ؟» لېكىن قانداقتۇر بىر ھېسيات تەسىىرىدە ئۇ ۋارقىرىمىدى.
ئۇ ئۆيدىكى سەرەمجانلار ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىدى.  بۇ باي-باياشاتلىقنى كۆرۈپ ، ياش يىگىت دۇنيادا يەنە شۇنداق بارلىق ھوزۇر ۋە قانائەتنى ،ھەتتا ئائىلىنى ۋەيران قىلىدىغان نەرسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئويلىدى.« ئۇ نېمىدۇ ؟ ئۇ ئويلىدى، سالماقلىق بىلەن . ھازىر ئۇ ئۇچۇپ بىرىنچى قەۋەتكە كەلدى. تەقدىر خۇددىي ئۇنىڭغا رەھىمسىزلىك بىلەن كىنايە تۈسىنى ئالغان جاۋاپنى بېرىشكە نىيەت قىلغاندەك تۇراتتى. بىرىنچى قەۋەت دېرىزە تۈۋىدە ئۇ ھەممىنى كۆردى.
دېرىزە تۈۋىدە  ئولتۇرغان بىر ياش ئانىدىن تۇغما ھالاتتە چىمىلدىققا يوشۇرۇنغان ئىدى. ئۇنىڭ تىزىدا يېرىم يالىڭاچ بىر ئايال ئولتۇراتتى. پەسكە چۈشۈۋاتقان ياش يىگىت ئىلگىرى بۇ ئايالنى ئۇچراتقانلىقىنى ئەسلىدى،ئۇ چاغدا بۇ ئايال پۇزۇر كىيىنگەن ھالدا ئېرىگە ھەمراھ بولۇپ  سەيلە قىلىۋاتاتتى ـــ لېكىن ھازىرقى بۇ ئەر ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس ئىدى.
بۇ چاغدا ، ياش يىگىت ئىلگىرى تۈزگەن پىلانلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى: ھېلقى ياش ئىلىمخۇمار ئوقۇغۇچىدەك ياخشى ئۆگىنىش؛ تۆتىنچى قەۋەتتىكى قىزنى ئەمرىگە ئېلىش؛ ئۈچىنچى قەۋتتىكىدەك تىنىچ-خاتىرجەم ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرۈش ـــ ئۇ يېڭىۋاتشتىن سالماقلىشىشقا باشلىدى.

ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خۇددىي كۆز ئالدىدىن شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن بۇلۇتتەك ، ئارزۇ قىلغان بەختنىڭ تۇقۇلمىسدەك ھېس قىلدى ـــ ئۇ ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتى.
« نېمىلا دېمىگەن بىلەن ، مەن بۇ ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم!  ھايات ياشاشنىڭ ئۆزى ئەخمەقلىق ھەم ئازاپلىق.»ياش يىگىت ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، يۈزلىرىدە تاتىرىشقا باشلىغان ،مەسخىرلىك كۈلكە جىلۋىلەندى.ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ قەتئىي نىيەت بىلەن بۇ قېتىملىق ئۇچۇش سەپىرىنى مۇشۇ پىيادىلەر يولىدا ئاياغلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
كىشىلەر ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭ مىدىرلىماي جىم تۇرغان تىنىنى ئورىۋېلىشقان چاغدا، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ نەچچە مىنۇت ئىلگىرى قانداق چىگىش ۋە مۇرەككەپ بىر قىزىقارلىق ئۇيۇننى كۆرگەنلىكىنى خيالىغا كەلتۈرمىدى.

مەنبە: خۇنەن ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى2011-3-ئايدا تۇنجى نەشىر قىلغان «يۈز يىللىق كىلاسسىك مىكرو ھېكايىلەر»(چەتئەل تومى) دېگەن كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. 1 -،2-بەت.
تەرجىمان : ئاقسۇ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات
تېلفۇن:13657567811

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاكزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-24 14:42  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-24 18:27:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىدىكى يىگىتنىڭ  خىيالى كىشىنى باشقىچە ئويغا سېلىپ قويىدىكەن.  بىراق ئەمىلىيەتتە ئالتە قەۋەتلىك بىنادىن چۈشۈپ كىتىۋاتقان بىر ئادەم ھايات قېلىش ياكى ئۆلۈپ كىتىشتىن باشقىچە خىيالنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. قولىدا پاراشوت بولسا ئۇ باشقا گەپ. شۇنداقتىمۇ بۇ ھىكايە ماڭا يېقىپ قالدى. تەرجىماننىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-3-24 19:42:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ نەشىرىياتقا تەييارلىغانمىدۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-24 20:36:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Xukran qerindishim deginingizmimu oyliship beqishqa bolidiken ,yahshi teklip, rehmet بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاكزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-24 20:48  


ۋاقتى: 2013-3-25 00:18:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يېزىلغان  ھېكايە ئىكەن، تەرجىمانمۇ قالتىس يۇقۇر ماھرەت بىلەن تەرجىمە قىپتۇ،رەخمەت ،مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرستىگە ئىرشتۇرگىنىڭىزگە ھەم داۋاملىق مۇشۇنداق تىملارنى يوللاپ تۇرغايسىز.

ۋاقتى: 2013-3-26 00:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق ...پۇشايمان بىلەن ئۆزىنى تۇنۇش  بىر گەۋدىلەشتۇرۇلگەن ..تولىمۇ قىسقا ئەمما چۇڭقۇر مەنالار بىلەن يۇغۇرۇلغان ھىكايە ئىكەن ..بۇ ھىكايىنى ئۇقۇش ئارقىلىق ھايات يۇلىنى ئويلۇنۇپ  بېسىش كېرەكلىگىنى چۇشەندۇرمەكچى بوپتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش