ھايات ئۆز مەنىلىرىغا نۇرغۇنلىغان سىرلارنى يوشۇرغان بولىدۇ ،ھاياتنىڭ ھەر بىر ئەسلىمىسىدە جىمجىت تاڭ پەيتىنىڭ نۇرلۇق سىماسى كىشىلەر قەلبىگە يارقىن ئىزلارنى سىلىپ ئۆتىدۇ ،ئاسماندا سالقىن نۇرلارغا چۆمۈلگەن ئاي كىچە رۈجەكلىرىگە باش قويغىنىدا ئىلللىق ھوجرا ئىللىق تەبەسسۇملارغا تولىدۇ ئوغلىنى سېغىنغان ئانا يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ئوغلىنىڭ يىقىملىق سىماسىنى توختىماي ئىزدەيدۇ ،ئەگەر دۇنيادا ھەققىقى بۈيۈك شەخسىيەتسىز مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى خالاس .مەن بارلىق مۇھەببىتىنى بەختىنى ئارزۇ ئارمىنى ئوغلنىڭ ئىستىقپالى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان بىر سۆيۈملۈك ئانىنىڭ كەچۈرمىشىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم ،
قارىماققا كەمسۈز ئىچكى مىجەز ئەقىىلىق ۋە ئىغىر بىسىق كۆرىنىدىغان بۇ يىگىتنىڭ مەيلى تۇرمۇش ،ئوقۇش ئجادىيەت ،
ۋە كامالەتتە يىتىشكەن خىلمۇ خىل ئىچكى مۇرەككەپ ھىسياتتا بۈيۈك ئارمانلارغا مۇشەررەپ بولغۇچى تالانتىغا ئاپىرىن ئىيىتماي تۇرالمىدىم .
مەن بۇ ئىنىم بىلەن بىلەن تونۇشقان قىسقىغىنە بىر يىل جەريانىدا ئۇنى تولۇق چۈشەندىم دەپ ئويلىغان ئىدىم ، بىراق بۇ يىگىتنىڭ ئاددى بىر ئىستۇدىنىت ئىنىم بولۇپلا قالماستىن ،تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىنى بىشىدىن كەچۈرگەن ،ئىجادىيەت جەھەتتە يىشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا نۇرغۇنلىغان ئىسىل ئەسەرلىرىنى يىزىپ قالدۇرغان بىر ئىستىداتلىق ئوغلان ئىكەنلىگىنى مۇشۇ زىيارەتتىن تولۇق بىلدىم ، يانغىن ئىنىم سىزنىڭ ئانىڭىز دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئانائكەن
بۇنىڭدىن كىيىن تىخىندىنمۇ ئىسىل نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى بىزگە داۋاملىق سۇنغايسىز ئىشىنىمەنكى ئىستىقپالىڭىز چوقۇم پارلاق بولغۇسى ،،سىزگە ھەم سۈيۈملۈك ئاپىڭىزغا چەكسىز خاتىرجەمنلىك تىلەپ ھەدىڭىزدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىرىنگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-11 08:48