ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى كىم؟
[ئاپتوردىن] 23 يېشىمنى ياشاپ بولغىنىمنى ئويلىسام ، بەزەن مېنى قاتتىق قىينايدىغان ئىچىمدىكى قۇرۇتلارنى يەنە ئويغىتىپ قويىمەن . قانداق قىلاي ، قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ئۆلۈش ئىلكىمىزدىكى ئىش ئەمەسكەنغۇ ئاخىر . گاھى چاغلاردا تۇغۇلغان يىلىمنى تولدۇرۇش توغرا كەلگەندە 1987-يىل دەپ يازغۇچە قولۇم تىترەپ كېتىدۇ . راست، ئالدىنقى ئەسىردىن كەلگەن ئادەملەر قاتارىدا يەنە تىرىك يۈرگىنىمگە ھەيرانمەن . تالاي كىشىلەرگە نېسىپ بولمىدىغۇ بۇنچە ئۇزاق ياشاش !؟ لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن خېلىلا كېيىن تۇغۇلغان بىرەيلەن ماڭا شۇنداق دېگەنىدى .
ـــ ئۇكىمىز لۇتپۇللا بىلەن دېمەتلىككەنسىز ... ـــ قورقۇپ كەتتىم . نېمىسىنى دەي ، ئاللىقاچان رەھمىتى بولۇپ كەتكەن «تەڭتۇشۇم» بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۇرۇپ قالغىنىمنىمۇ ؟ياكى ... ئىشقىلىپ ياشاپ كەلگىنىمگە ئىقرارمەن . شېئىرغا قاچانلاردا ھېرىس بولۇپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمىسەم كېرەك . كىچىكىمدە شائىرنى كۆزىنى يۇمىۋالسىمۇ كۆرەلەيدىغان ئادەملەر بولسا كېرەك دەپ ئويلايىتتىم . ھازىرغىچە شېئىر ئوتىدا كۆيۈپ ، شېئىر كويىدا يۈرۈپ بىلگىنىم ، ئۆزۈمنىڭ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئەمەس، بەزىدە كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپمۇ ئەتراپىمنى كۆرەلمەي قالىدىغانلىقىم بولدى . كىچىكىمدە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇش ئەڭ شېرىن كەچۈرمىشىم ئىدى . بالىلىقىمدىكى ئەنە شۇ خىيالى دۇنيانىڭ بىرەرىنىمۇ ياساپ چىقالمىغانلىمدىن ئۆكۈنۈشىم كېرەكمۇ ؟! ئاپامنىڭ ئەللەي ناخىشىسىدىن مۇڭلۇقراق ناخشىنى ئاڭلاپ باقمىدىم . دادام بىلەن ئېتىز قىرىدا تاۋۇز يەپ ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاندىكىدەك ھۇزۇرنى سۈرۈپ باقمىدىم . بۇلار مېنىڭ قانائەتسىزلىكىممۇ ياكى ؟!... كىچىكىمدە قۇشلارغا قەۋەتلا ئامراق ئىدىم . ئامراقلىقىمدىن ھە دېسە قۇش بالىلىرىنى تۇتىۋېلىپ ، ئانىسىنىڭ بېقىشىغا قويماي ئۆزۈم باقماقچى بولاتتىم . نەتىجىسى ئوخشاشلا ، ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەيىتتى . ئۇلارغا قىلىپ بېرەلەيدىغىنىم ئۆيۈمنىڭ كەينىگە چىرايلىق كارىز كولاپ كۆمۈپ قويۇش ئىدى . كېيىن بۇ ئامراقلىقىم شېئىرغا كۆچتى . ئەنە شۇ ئامراقلىقىم بىلەن قانچىلىغان شېئىرلارنى ئۆلتۈرۈپ بولدۇم بۇنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن . بەلكىم قەبرىسى قەلبىمدىنلا ئورۇن ئالغان شېئىرلارمۇ ساناقسىز بولسا كېرەك .
باشقىلارغا ئۆزىنى سۆزلەشنىڭ يوللىرى چەكسىز . شېئىر ئارقىلىق سۆزلەش تولىمۇ ئاز كىشىلەرگە نېسىپ بولىدىغان نېسىۋە . شائىرغا مەدداھنىڭ تىلى ، ئاشىقنىڭ كۆزى ، قەلەندەرنىڭ ساپايىسى بىھاجەت . مەندە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق . ئەمما سۆزلەۋاتقىنىم شېئىرمۇ ئەمەسمۇ بۇنى بىلمەيمەن .
ـــ قېرىپ كەتتىم . ـــ دېدىم بىرىگە .
ـــ قېرىش ئاسان ئەمەس ! ـــ ئۈنسىز قالدىم . ياشاشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى . دادامنىڭ پېشىغا ئېسىلىپ سەھرانىڭ توپىلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئېتىزنىڭ نەمخۇش شاماللىرىغا قاقلىنىپ چوڭ بولغانىدىم . ئەينى چاغدا ھايات مەن ئۈچۈن سەھرانىڭ قوينىدەك مېھىرلىك ئىدى . ناخشامنى بۇلبۇللار ئېيتىپ بېرەتتى . خىيالىم ئۆگزىگە بېسىلغان ساماننىڭ كۈنگەي تەرەپلىرىگە ھەمراھ بولاتتى . تۇيۇقسىز «قاچاندىن بېرى قېرىپ كەتكەندىمەن» دەپ ئويلاپ قالدىم .
ھاياتىمدا نۇرغۇن سومكىلارغا ئېرىشتىم . ئۆزۈم سېتىۋالدىم ، باشقىلار سوۋغىمۇ قىلدى . ئەمما دادام شۇ ئاخشىمى ئۆيگە كۆتۈرۈپ كىرىپ ماڭا بەرگەن كۆك سومكا ئاتا قىلغان ھاياجان ھېلىھەم دىلىمدا تۇرۇپتۇ . مەن ئېرىشكەن خېلى-خېلى چىرايلىق سومكىلارمۇ ئەنە شۇ كۆك سومكىچىلىك خوشاللىق ھەم بەختىيارلىق ئاتا قىلالىغان ئەمەس. ئىنسان ھاياتىدا ھەر نەرسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشى پەقەت بىرلا قېتىم بولىدىكەن . 1994-يىلى ئەنە شۇ كۆك سومكامنى ئېسىپ مەكتەپ ھاياتىمنى باشلىدىم .ھازىرغىچە 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىم مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىندى . ئەمما مەن مەكتەپكە كىرىپ ئون يىلدىن كېيىن تۇنجى شېئىرىم ئېلان قىلىنغان چاغدىكى ھاياجان ھېچقاچان تەكرارلىنىپ باقمىدى .
ھاياتىمدىكى نۇرغۇن ئىشلار چۈشتەك تۇيۇلىدۇ . ئەنە شۇ چۈش بالىلىقىم بىلەن بۈگۈنۈمنى تۇتاشتۇرغان . تالاي چۈشلىرىم ئۇيغانساملا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . ئەمما بالىلىقتىكى گۈزەل ھەم شېرىن چۈشلىرىم تىلىمنىڭ ئۇچىدا ھېلىلا يېگەن مەززىلىك تاماقنىڭ تەمىدەك ساقلىنىپ قالدى . ئۆزۈم ھەققىدە ئويلانغىنىمدا تىلىمنى تەكرار-تەكرار چاكىلدىتىش ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى . راست ، ئۆزۈمنى بالىلىقمدىلا ھەقىقىي ياشىيالىغاندەك ، كېيىن كۆرگەن چۈشلىرىمنىڭ ھەممىسى مەززىسىز ھەم مەنىسىزدەك تۇيۇلىدۇ .
ـــ نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىسىز ؟ ـــ دېدى بىرى . بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشىم ھاجەتمۇ ؟! ئەگەر يازغانلىرىمنى شېئىر دېيىش توغرا كەلسە ، ئۆزۈمگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن يازىدىغاندىمەن . ئەمما شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە بۇ سوئالنى جاۋاپسىز قويدۇم . سەۋەبى شۇكى ، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقماپتىمەن .
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش گۈزەل ئارزۇلىرىمنىڭ بىرى بولسىمۇ ھەقىقەت بۇ ئارزۇيۇمدىن چەتتە تۇردى . 2003- يىلى پۈتتۈرگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ، مەكتەپ ھاياتىمنىڭ پەللىسى بولۇپ قالدى . تەغدىرنىڭ ئىنسان قولىدا ئەمەسلىكىگە ئىشەنگۈچىلەر قاتارىدا قالدىم . ئۆكسىدىم ، ئەمما ئۆكۈنۈپ باقمىدىم . سەھرانىڭ توپىلىق يوللىرى بىلەن ئېتىزنىڭ ئازادە قوينى مەن ئۈچۈن يەنە بىر مەكتەپ بولۇپ قالدى . بۇ يەردە نېمىنىلا ئۆگەنسەم بولىۋېرەتتى . ماڭا ھېچكىم نومۇر قويمايىتى ، ھېچكىم دېپلۇم بەرمەيىتتى . قولۇمدىكى قەلىمىم شېئىر يېزىش ئۈچۈن ، ئىلكىمدىكى ۋاقىت كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈن كەڭتاشا قالغانىدى .
شۇنداق ، 23 يىل ۋاقىتنى غەجلەپ بولدۇم . يەنە ئازىراق ياشاش نېسىپ بولسا لۇتپۇلانىڭ «ئاكىسى» بولۇپ قالىدىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان . قانداق قىلاي ، ئەھمىيەتسىز خەجلەپ تۈگەتكەن ۋاقىتلىرىم ئۈچۈن ئاھ ئۇرايمۇ ؟! مېنى قىيناۋاتقان غېرىپلىقىمغا ئوت قويىۋېتىپ قېچىپ كېتەيمۇ ؟! ياكى ... مەن ھېچنىمە قىلالمايمەن . ۋاقىت ئۆز ئىلكىمىزدە تۇرغاندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بىزگە بىر تىنىق ، بىر تىنىقتىن تەقسىم قىلىنىدۇ . چوڭقۇر بىر تىنىقنىڭ كەينىدە ئەجەل مۆكۈپ ياتامدۇ ، بۇنى بەندە بىلىپ بولمايدۇ . خەير ، ئىچىمنى تىڭشاپ باقاي ، ئەزەلدىن ئۆزىدىن قانائەت تاپالمىغان سەيياھنىڭ ئەتىسىدە نېمىلەر باركىن ؟!
بىز بۇ ياش قەلەم ئىگىسىگە يەنىمۇ يۈكسەك پەللىلەرنى تىلەپ ئۇنىڭ يېڭىدىن يازغان بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرىنى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئىككى پارچە تەقرىزنى كەڭ ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. [مەسئۇل مۇھەررىردىن]
يېقىنلاش
گۇگۇمدەك ئاۋازىڭغا يېقىنلاپ باردىم ،
ـــ بالام ، سېنى بىر كۆرسەم !
ئارىمىزدا سوزۇلۇپ ياتقىنى يول ئەمەس، ۋاقىت .
ئىچىمىزدە گۇڭراۋاتقىنى مەسۈم بىر ئىستەك .
تاشلاردۇر دومىلاۋاتقان كۆزلىرىمىزدىن
بوغۇق ئاۋازىمىزنىڭ پەس تەرىپىگە ...
مەن يولدا دادا ،
ئېسىم يىراقتا .
ـــ باغرىڭ ئېتىزدەك كەڭ بولسۇن!ـــ دېگىنىڭ
كەتمەن تۇتۇشنى ئۆگەتكىنىڭدەك ئېسىمدە .
ئاغرىناتتىم ،
يىرىك ئالقانلىرىڭ چېچىمنى بۇزسا .
سۆيۈنەتتىم ،
چۆچەكلىرىڭ باشلىنىپ قالسا .
ئېسىمدە دادا،
پانا ياساۋاتقان ھالىتىمگە قاراپ تۇرغىنىڭ ،
مەن ياسىغان پانىلارنى
سۆيۈنۈشتە سىلاپ كەتكىنىڭ ،
كېسىۋالغان قوللىرىمنى
پېشىڭ بىلەن تېڭىپ قويغىنىڭ .
ئېسىمدە دادا ،
ـــ سېنى مېھنەت ئەر قىلار ئوغلۇم ،
قان چىقمىسا مەيلى تومۇردىن ،
چېكەڭدىن ھەمىشە تەر چىقىپ تۇرسۇن !
...
دادا ،
ئەجرىڭ بىلەن بىللە ھېكمىتىڭ ،
يۈرىكىمدە ھەربىر تاۋۇشۇڭ .
ۋاقىت بىزنى ئېپقاچتى دادا ،
چۆچەكلىرىڭ ئەگەشتى ماڭا .
تاڭلار يېتىرقاپ تۇرسىمۇ بىزدىن
كېچىنىڭ باغرىغا سىڭىشتۇق ئاستا .
چوڭ بولدۇم يېنىڭدىكى يىراقلىقتا
ئىككىمىز سۇ تۇتقان ئېتىزلار ئارا .
چوڭ بولدۇم ئاشىقلىق كوچىسى بىلەن
مېھىرلىك تىكىلىپ ھەر-بىر توزانغا .
ئەر بولدۇم ، تەرلىرىڭ كۆكلەر ، چېچەكلەر
باغرىمدىكى بىر تۈپ دەرەختە ...
ئاياغ تاۋۇشۇمنى ئاڭلىدىڭ بەلكىم ،
ئىشىكنى چەككىنى قول ئەمەس يۈرەك .
ئىشىكنى ئاچقىنى سەن ئەمەس دادا ،
سېغىنىش ، سېغىنىش ، سېغىنىش ... پەقەت .
كارۋاتتا ياتقىنى سەن ئەمەس دادا ،
يۈرىكىم ياتىدۇ زارىقىپ ماڭا .
ساڭا ئېقىۋاتقان ئوكۇل ئەمەس سۇ ،
بەش مو ئېتىزنىڭ تومۇرلىرىغا ...
تۇنجى رەت ئۆكسىدىڭ ، بوغۇلدۇڭ تىمتاس ،
ئاسمىنىم يېپىلدى ئايغا ، يۇلتۇزغا .
تىنماقتا يۈرىكىم ھارارىتىڭدە ،
بىر ئەسىر يېقىنلاپ كەلدىم تۈۋىڭگە .
قۇشلىرىم
قۇشلار سىلەرگە سۆزلىگۈم كەلدى
دەرەخ شاخلىرىدا ئولتۇرۇپ غەمكىن .
سۆزلىگۈم كەلدى شۇنداق تۇيۇقسىز
ئۈستۈڭلاردىكى كۈز ھەققىدە،
تۆكۈلىۋاتقان غازانلارنىڭ
شىرىقلىغان سۆزى ھەققىدە .
سۆزلىگۈم كەلدى قۇشلار سىلەرگە
ئىچىمدىكى بىرتۈپ دەرەخنىڭ
قۇش قونمىغان شېخى ھەققىدە .
مەن ئۇچۇشنى ئارمان قىلاتتىم
بىر توپ سۆزلەر پايانى بىلەن
بىر قىزچاقنىڭ يۈركىدە .
شۇنچە تاتلىق خىيال سۈرەتتىم
دادام ئېيىتقان چۆچەك ئىچىدە .
بۇلۇتلاردا ئۆيۈم بارئىدى،
كېچىدىكى سانسىز يۇلتۇزلار
كەپتىرىمگە چاچقان دان ئىدى
باللىقىم
مەن مىنىپ ئوينىغان موزاي ئىدى
ئالدىمدىن ئۆتكەندە ۋاقىت شامىلى
بىردىن ئۈستىدىن غۇلىتىپ مېنى
ئەسىلىمەم قىرىدا ئوتلىشىپ قالدى .
جىمجىتلىققا يېقىن يارالدىم
بىر تامچە سۇغا ھەم ئاشىق ئىدىم ،
بىر خىرە نۇرغا ئىنتىلەتتىم ،
تەكچەمدىكى گۈللىرىم بىلەن
كېچە ھەققىدە شىۋىرلىشاتتىم .
تاملىرىم مېنى ئۇزاق قىينىدى
سەھەردىكى نەمخۇش شامالدىن
گۈزەل چۈشلىرىمنى تېرىۋالدىم .
ئاشۇ پەيىتتە
مېنىڭ ئىستەكلىرىم چېچىلدى ،
ئاندىن
مېنىڭ تىرىكلىكىم بىلىندى .
ئىشىكنى ئېچىپ تالاغا چىقسام
بىر سوغۇق نۇر ئىچىمگە ئاقتى .
شۇندىن بېرى ياشاۋاتىمەن ،
جىجىت تاڭلارنى ساناۋاتىمەن .
قۇشلار سىلەرگە سۆزلەپ ئولتۇرۇپ
يۈرىكىمدىن قاناۋاتىمەن ...
كېچە ھەققىدە سۆزلىگۈم يوق ،
ھەممە ئاشۇ كېچىدىن باشلانغان .
ئاي ھەققىدە خىيال سۈرگۈم يوق
ئۇنىڭ ئىسمى ئايدىن باشلانغان .
ھېچنىمە دېگۈم يوق ، ھېچنىمە دېگۈم يوق
ھەممە بىر ئېغىز سۆزدە ئاخىرلاشقان .
لېۋىمدىكى سۆيۈش غەليىنى
بىر يۇتۇم سۇ بىلەن ئىچىمگە ئاققان .
شۇندىن بېرى يالغۇزمەن پەقەت
ئايسىز ، جىمجىت كوچىلار ئارا .
ئېيتىلمىغان ناخشىلىرىم كۆپ
تىلىمدىكى ئۇۋىلىرىمدا ...
قۇشلار سىلەرگە سۆزلىگۈم كەلدى
ئىچىمدىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ
قۇرۇپ تۇرغان شېخى ھەققىدە .
پىياز ئاقلاش
1
ئىچىمدە نېمە بارلىقىنى بىلمەيمەن ،
تېشىمدىكى كىيىملەردىن ھەم ھەيرانمەن .
يوچۇقلاردىن قىسىلىپ كىرىۋاتقان نۇرلارغا
ئىچىمدىكى قاراڭغۇلۇقنى كۆرسەتمەكچى بولغانمەن .
كۆنۈش ئۈچۈن رىئاللىقنىڭ ئازابىغا
ئاچچىق ئاۋازلارغا تىكىلگەنمەن .
ئۇنتۇش ئۈچۈن كەينىمدىكى سۈرەتلەرنى
چوڭقۇر پەلەمپەيگە شۇڭغۇغانمەن .
2
خوشنامنىڭ كېچىدىكى جېدەللىرىگە
ئۇيقۇسىزلىقىم بىلەن جاۋاپ بېرىمەن .
ئۇلار مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ ،
ئۇلار بىر بىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەمەس
يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۇرىشىدۇ .
سەھەردىكى چېقىلغان ئەينەك ئاۋازىدىن چىقىپ
10-يول ئاپتوبۇس بېكىتىگە كېتىۋېتىپ
قىزىم ئانارگۈلنى ئەسلەپ قالىمەن .
قىزىم دەل مۇشۇ پەيىتتە
توپىلىق يوللاردىن كېسىپ ئۆتۈپ
مەكتەپكە ماڭىدۇ يىراق بىر جايدا ،
مېنى سېغىنىدۇ پەرىشان ھالدا .
...
بۇ يەردىكى ئادەملەر ماشىنىغا يول بەرمەيدۇ ،
قىزىل چىراق ئۆلۈمدەك قورقۇنۇچلۇق كۆرىنىدۇ .
ئىشقا ئالدىراۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆزىلىرىدىن
باشلىقنىڭ غەزەپلىك ھالىتى ۋە
مۇئاشتىن تۇتىلىدىغان پۇلنىڭ سايىسى ئېقىپ ئۆتىدۇ .
مەنمۇ شۇ سەپتە
چوڭقۇرلاپ بارىمەن پەلەمپەيگە
ئىككى خالتا ئوخشىغان پىياز
مېنىڭ ئاقلىشىمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ .
ئەسلىمەمدىكى بىر توپ قىزلار
مېنىڭ ياش تۆككىنىمنى كۆرەلمەيدۇ .
ئېتىزدىكى ياۋا گىياھلار
مېنى كۈتۈپ ھېرىپ قالىدۇ .
3
سويماقتىمەن قات قېتىمنى
تارام-تارام ياش ئارىسىدا .
ئۇزاتقۇچى
توختا !
بىر سۆزۈم بار ساڭا دەيدىغان
ئىچىمدىكى چوڭقۇر دەريانىڭ
قىرغىقىدا لەڭ ئۇرۇپ تۇرغان .
ئاڭلا !
لېۋىمدىكى ئەتىرگۈللەرنى
تىڭشا !
قەلبىمدىكى سوغۇق تۈنلەرنى
سەن ئۈچۈن مەست بولدۇم بۈگۈن قانغۇچە
مۇڭدىشايلى يەنە بىر قېتىم
بىر جۈپ كۆزۈڭ ماڭا پاتقۇچە .
توختا !
مېنى ئېلىپ چىق يىراقلىقىڭغا
كۆزۈمدىكى ئاخىرقى نۇرلار
چىرماشماقتا سۇمبۇل چېچىڭغا .
توختا!
كەلدىم سېنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن
يېنىڭدىكى چەكسىز تالاغا .
سىنتەبىردىن ئۆتتۈم پەرىشان
تىنجىۋاتقان ئىچىمدىن چىقىپ
يامغۇردا قېلىشنى ئويلىدىم بىر پەس .
قەيەردە
كەچكۈزدىكى غېرىپلىقىمنى
ماڭا ئۈنسىز تاشلىماق بولغان
ئېگىز-ئېگىز غەمكىن تېرەكلەر .
قەيەردە
ئەڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن
ئىچىمدىكى قاغجىراشلارغا
ئېقىپ كىرگەن ، ئېقىپ تۇرغان
ماڭا سىرداش ئېرىقتىكى سۇ .
قەيەردە
تېرەكلەرنىڭ ئۆكسۈشلىرىگە ،
ئېرىقلارنىڭ شىلدىرلىشىغا
تېنىمدىكى چىغىر يوللاردا
ماڭا ھەمراھ بولۇپ بىر مەھەل
يۈرىكىمگە ئىچكىرلىگەن قىز .
يامغۇر
ئاسماندىن ئەمەس سەندىن ياغاتتى ،
چىلىشاتتىم تومۇزدا
ئەس ياپراقلىرىمدا يالتىراپ تۇرغان
بىر تامچىلا شېرىن سۆزۈڭ ھەم
بىر لەھزىلا قاراقلىرىڭغا .
سېنى كۈتۈشتىن ھۇزۇر ئالاتتىم
چىلاشقانچە سىم-سىم يامغۇرغا
تېرەكلەرنىڭ قات-قېتىدا .
سېغىنىش
كېسىپ ئۆتەر ئىچىمنى تەكرار ،
سىنتەبىر كوچىسىدىن ئۆتتۈم پەرىشان
بىر تامچە يامغۇرغا بولغىنىمچە زار .
لېۋىڭدىكى گۈللەر
ساڭا جىمجىتلىقىمنى ئېيتىپ قويدۇم
ئاندىن
سېنى كۆيۈنۈش ئىستەكلىرىدە ئورىۋالدىم .
تەلپۈنۈشكە تولغان تېنىڭنى
باھار پەيلىرىگە ياتقۇزدۇم .
جىمىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىڭدە ئۆزۈمنى كۆرۈپ ،
چەكسىز ئېسەدىگۈچى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم .
شۇندىمۇ
لېۋىڭدىكى تەشنالىققا
ھاياجان گۈللىرىنى قىستۇردۇم .
كەچۈر !
مەڭزىڭدىكى شەپەققە
بۇ كېچىنى يوشۇرۇپ قويدۇم .