كۆرۈش: 3464|ئىنكاس: 26

كۆپ قىرلىق ھەۋەسكار ئاينۇر دولقۇن(11)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

[img]file:///C:/Documents%20and%20Settings/Administrator/Local%20Settings/Temporary%20Internet%20Files/Content.IE5/EPGV2Z47/56384329201102021833594309856779541_000_640[1].gif[/img]


ئاينۇر دولقۇن، 1986-يىلى 12-ئايدا قەشقەر كوناشەھەر ئوپالدا تۇغۇلغان. 1992-يىلدىن 2001-يىلغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئوپالدا تاماملاپ، 2001-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 6-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپى تەبىئي پەن (3+2)  سىنىپىدا، 2004-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى ماتىماتىكا كەسپىدە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغان. مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بىر تەرەپتىن پەننى بىلىملەرنى ئۆگەنسە يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇتىلى ۋە ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن. ئۆز فاكۇلتىتىدىكى دەرسلەرنى ئاڭلىغاندىن باشقا ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ كەسپى دەرسلىرىگە ياندىن قاتناشقان. ئۇندىن باشقا ئىزچىل سىنىپ باشلىقى، ئۆگىنىش ھەيئەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ تەشكىلى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەن . ئىزچىل «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئىلغار سىنىپ كادىرى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا، ھەر خىل ئوقۇش مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئېلىنغان «ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئېمتىھانى»دا تولۇقسىز ئوتتۇرا ماتېماتىكا تۈرى بويىچە ۋىلايەت بويىچە 3-بولۇپ ئۆتۈپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە سايباغ ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنغان. 2007يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان دەرسلەرنى ئەستايىدىل، ياخشى ئۆتۈپلا قالماي، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپتە ھەقسىز ئىنگىلىز تىلى كۇرسى، خەنزۇچە ئېغىز تىلى كۈچەيتىش سېنىپى، ئەدەبىي ئىجادىيەت كۇرژۇكلىرىنى تەشكىللىگەن. يەنە شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۇنۋېرسال خاراكتىردىكى، مەكتەپ ئىچىدە تارقىتىلىدىغان 60بەتلىك «مەشئەل» ژورنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى بېسىپ تارقاتقان. ھەر خىل كۇرژۇكلارنىڭ خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، دوكلات سۈپىتىدە بىر قېتىملىق چوڭ تېپتىكى زېھىن سىناش، ماھارەت كۆرسىتىش، سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. 2007-يىلى 7-ئايدىن 2008-يىلى 9-ئايغىچە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ تەشۋىقى تەربىيە بۆلۈم ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا مەكتەپلەرنىڭ «مەكتەپ دەرسى» تۈزۈشكە يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە «كوناشەھەر مائارىپى» ژورنىلىنىڭ تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۆزىنىڭ ئوتتەك قىزىقىشى ۋە تېنىمسىز تېرىشچانلىقى بىلەن 2008-يىلى 1-ئايدا مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى فىلولوگىيە ئېنىستىتوتى ئۇيغۇر ھازىرقى، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ھازىرغىچە شۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.
ئاينۇر دولقۇن كىچىكىدىنلا ئەدەبىيات ۋە ئىجادىيەتكە زور ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپلا ئەسەر يېزىشقا كېرىشكەن. تۇنجى ئەسىرى 2005-يىلى «قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى گېزىتى»دە ئىلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە «چۈش ۋە ئامانەت» (ھىكايە،شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2007-يىلى 2-سان)، «ۋانكاغا يېزىلغان خەت» (ھىكايە، تەڭرىتاغ ژورنىلى 2008-يىلى 2-سان)، «مەن ساراڭ بولۇپ قالدىم» (ھىكايە، تەڭرىتاغ ژورنىلى 2008-يىلى 5-سان)، «قىز، ئايال، ئانا» (نەسىر، جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى، 2008-يىلى 6-سان)، «يەسلى مائارىپىمىزدا نېمىلەر كەم؟» (ماقالە، كروران ژورنىلى 2009-يىلى 1-سان)، «ئېرپاننىڭ خاتىرىسى»(پوۋسىت، مىللەتلەر ئەدەبىياتى 2010-يىللىق 6-سان خەنزۇچە، 2010-يىللىق 4-سان)، «ئانىلارغا قاچان خەت يازىمىز» (قەشقەر ئەدەبىياتى، 2010-يىللىق 5-سان) قاتارلىق20دىن ئارتۇق ھىكايە، شېئىر، نەسىر، پوۋسىت، ماقالە-ئوبزۇرلىرى ئىلان قىلىنغان.
2007 -يىلى «سۇمرۇغ مۇنبىرى»دە «ئاينۇرې» نامى بىلەن «سۇسىز شارقىراتما»، «ئۈجمە پەسلى»، ، «مېنىڭ بەرگىم قىزىل»، «ئۇنتۇي دەيسەن»،قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق نەسىرلىرى؛ «يوللۇق بەرسەڭ يۈرىگىڭنى بەر»، «قىز دېگەن» قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئاھ، مۇھەببەت»، «كۈلگە ئايلانغان خاتىرە» قاتارلىق پوۋسىتلىرى، «كۆك ئۆستەڭدىن نېمە ئىزدەيمىز» قاتارلىق مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان. 2010-يىلى 5-ئايدا ئىچكى موڭغۇلدا ئېچىلغان «مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ياش يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەر تۈزىتىش كۇرسى»غا قاتناشقان. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئۇيغۇر، زاڭزۇ، موڭغۇل ياش يازغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىغا قاتناشقان.

___ مەسئۇل مۇھەررىردىن

[ئاپتورنىڭ بايانى] تۈ*ركىيەلىك ئۇستازىم مۇستافا كاجالىن مەندىن «سىز نەدىن» دەپ سورىغىنىدا، جۇڭگۇ، شىنجاڭ، قەشقەر، كوناشەھەر دېگەنلەرنى ئەسكەرتمەستىنلا «ئوپالدىن، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ يۇرتىدىن» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم. ئۇستازىمنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ھاياجان، پەخىرلىنىش ۋە ھەۋەسلىنىش نۇرلىرى چاقنىغان، قولۇمنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشكەن ئىدى. مەن ھەر ۋاقىت  ئۆزۈمنىڭ ئوپالدا تۇغۇلۇپ ئۆسكىنىمدىن، ئەشۇنداق مەرىپەتلىك، جەننەتتەك ماكاندا يېتىلگىنىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.
بالىلىقىمنى ئەسلىسەم ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ بەختىيار چاغلىرىمدەك بىلىنىدۇ. مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىمىدا مەھەللىدىكى «قابىل تەشكىلاتچى» ئىدىم. تۆت كوچا دوقمۇشىدىكى چوڭ سۆگەت سايىسى پۈركەپ تۇرىدىغان ئىشىك ئالدىمىز ۋە گۈللۈك ھويلىمىز مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ «مەكتىپى»، «باغچىسى» ئىدى. مەن بۇ مەكتەپنىڭ «مۇدىرى»، «ئوقۇتقۇچى»، «ئامانلىق قوغدىغۇچىسى» ئىدىم. ئۇ چاغلاردا مەھەللىدىكى ھەممە بالىلار ئىشىك ئالدىمىزغا يىغىلاتتى. ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى قۇملۇقتىن تىپىپ كەلگەن سېغىزلارنى بور، كۆپكۆك سىرلانغان چوڭ دەرۋازىمىزنى دوسكا قىلىپ ئۇلارغا دەرس ئۆتۈشكە باشلايتىم. مەن ئۈزلۈكسىز «يېڭىلىق يارىتىش»قا ئىنتىلىدىغان، بۈگۈن بالىلارغا «ئۆتۈپ بولغان دەرس»لەرنى ئەتىسى يەنە ئۆتۈپ يۈرمەيدىغان، « ئوقۇتقۇچى»ئىدىم. شۇڭا ھەر كۈنى كەچتە بوۋامدىن يېڭى خەتلەرنى ئۆگىنەتتىم، يېڭى-يېڭى ھىكايىلەرنى ئاڭلايتىم. 1992-يىل ئوما مەزگىللىرىدە مەكتەپكە بالا تىزىملايمىز، دەپ ئوقۇتقۇچىلار كەلدى. ئۇلار كۆزۈمگە ھەممىدىن بۈيۈك ئىنسانلار بولۇپ كۆرۈنگەن، ھېچنېمىدىن ھېيىقمايدىغان تايچاقتەك مەن ئۇ مۇئەللىملەرنى يىراقتىن كۆرۈپلا، كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ، يۈزلىرىمنى يۇيۇپ بىراقلا يوۋاشلاپ دەرەخ كەينىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا قىزىقسىنىپ قارىغان ئىدىم. سۆيۈملۈك چوڭ ئانام ھاپلا-شاپىلا نوپۇس دەپتىرىنى كۆتۈرۈپ ئىلىپ چىققاندا ھېلىقى ئاق كۆينەكلىك ئاپپاققىز خانىم مېنى تىزىملىغىلى ئۇنىمىدى.
-ئالتىگىمۇ كىرمەپتۇ. 86-يىل 9-ئايدىن بۇرۇن بولسىمۇ مەيلى، 12-ئايدا تۇغۇلغانكەن. 5 ياش ھېسابى بولۇپ كىتىدۇ. بەك كىچىككەن.
ئۇ چاغلاردا يىل ئاي كۈنلەرنىمۇ بىلمەيتىم. بىر كۈنى بازارغا كىتىۋاتساق بىر ئايال «نەۋرىڭىز ھەجەپ ئوماقكەن، نەچچىگە كىردى» دىسە، چوڭ ئانامنىڭ «خۇدايىم بۇيرۇسا بەشكە كىرىپ، ئالتىگە قاراپ كىتىۋاتىدۇ» دېگىنى ئېنىق يادىمدا. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن مەن 6 ياشنى بازار تەرەپتە دەپ ئويلايتىم. مېنى مەكتەپكە تىزىملىغىلى ئۇنىمىغاندىن كىيىن، بازارغا بارساقلا 6 گە كىرىمەن، دەپ ئويلاپ توختىماي بازارغا بارىمىز دەپ تۇرۇۋالىدىغان بولدۇم.
قوناق پىشىپ كۆكۋاش پۇشۇرۇپ يەپ ئوينايدىغان چاغلار ئىدى. بىر كۈنى كەچ «ئوقۇغۇچىلىرىم»دىن ئىككىسى سومكىلىرىنى ئالدىمدا كۆز-كۆز قىلىپ، ئەتىسى مەكتەپتە بارىدىغانلىقىدىن ماختىنىشتى. مەن بۇ ئەلەمگە چىدىماي، ئۆيگە كىرىپلا بازارغا بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالدىم. چىرايلىق گەپلەرمۇ، پىستە-باداملارمۇ كار قىلمىدى.  بازارغا ئەمەس مەكتەپكە ئامراق نەۋرىسىنىڭ بۇنچە كەچتە بازارغا بارىمەن، دەپ تۇرۇۋىلىشىدىن  ھەيران قالغان بوۋام سورىدى.
-بازارغا بارسام 6گە كىرىمەن. ئاندىن مەكتەپكە ئالىدۇ.
-كىم شۇنداق دەيدۇ؟
-ئانام بازارغا كېتىۋاتساق، بىر ئايالغا «بەشكە كىرىپ، ئالتىگە قاراپ كىتىۋاتىدۇ»دېگەن. بازارغا بارساممۇ 6گە كىرمەپتىمەن. كۆپرەك بارسام بالدۇرراق كىرىمەن. ئاندىن مەكتەپكە بارىمەن.
بوۋام بەك كۈلۈپ كىتىپ، باغرىغا چىڭ باسقان. كىيىنكى ھەپتىسىلا تەڭگە گۈللۈك ئوماققىنە كۆينەك بىلەن، چىرايلىق سومكامغا لىي فىڭنىڭ رەسىمىي چۈشۈرۈلگەن دەپتەرلەرنى سىلىپ مەكتەپكە بارغان ئىدىم. ئۆزۈم بەك بودەك، بويۇم كىچىك بولغاچقا ئالدىنقى ئورۇندا ئولتۇردۇم. بىر مەزگىللىك «ساندىن تاشقىرى»لىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، نوپۇسۇمدىكى تۇغۇلغان ۋاقتىم 1986-يىل 12-ئايدىن 1985-يىل 12-ئايغا ئۆزگەرتىلىپ، ئاندىن «رەسمىي»لەشتىم. مەكتەپكە كىرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ، ھاياتىم ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئىچىگە كىرىپ كەتتى. باشقا بالىلار ھەرپلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇغاندا مەن «قىسسەسۇل ئەنبىيا»لارنى ئوقۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۈچىنجى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتسام، ئۆيىمىزدىكى ئامراق مۈشۈكۈمنىڭ بىر پۇتى يارىلىنىپتۇ. مەھەللىمىزدىكى كەپتەر باقىدىغان بىر ئادەم بېغىغا قاپقان قويۇپتىكەن، بىچارە مۈشۈكۈمنىڭ پۇتى قاپقانغا چۈشۈپ قاپتۇ. شۇ كۈنى ھاياتىمدىكى تۇنجى ئەسىرىمنى-«مۈشۈكۈم» ناملىق شېئىرنى يازغان ۋە بوۋام تۈزىتىپ بەرگەن ئىدى.
ئۇسۇل ئوينار قۇيرۇقى،
ئالا-بۇلماچ مۈشۈكۈم.
كۆزلىرىغۇ قاپقارا
ئاق بۇرۇتلۇق مۈشۈكۈم.
شۇندىن ئېتىبارەن توختىماي «ئەسەر» يېزىپ كەتتىم. شېئىر-نەسىرلەرنى يازىمەن، ئاۋال بوۋامغا كۆرسىتىمەن. بوۋام تۈزىتىپ بەرگەندىن كىيىن، ئاندىن ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئوقۇيمەن. باشلانغۇچنى پۈتتۈرمەيلا «2 توم ئىجاىيەت خاتىرىسى» پۈتكەن ئىدى. شېئىر، ھىكايە، ئىتوت، نەسىردەك ھەممە ژانىر بار ئىدى. بۇ خاتىرەمنىڭ يۈتۈپ كېتىشى ۋە مەلۇم بىر قېتىملىق زەربىدىن كېيىن ئىجادىيەتنى تاشلىۋەتتىم.
ئۇزۇن كۈنلەر ئۆتتى. قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىگە بارغاندىن كېيىن 2006-يىل بىر قانچە پارچە شېئىرىم ۋە نەسىرىم «قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى گېزىتى»دە ئىلان قىلىندى. تۇنجى قېتىم 15يۈەن قەلەم ھەققىگە ئېرىشتىم. خۇشاللىقىمدا «ئۆمۈر مەنزىللىرى»دىن بىرنى سېتىۋىلىپ ئۆمۈرلۈك خاتىرە قىلدىم. شۇندىن ئېتىبارەن بىر قىسىم شېئىر، ھېكايىلىرىم ئىلان قىلىندى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان «چۈش ۋە ئامانەت» ناملىق ھكايەم ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن باھالار ناھايىتى ياخشى بولدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلدى. داڭلىق دىكتور ئابدۇقادىر ھاشىمنىڭ ئاۋازى بىلەن ھېكايەم ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولغاندەك ھېس قىلدىم. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ پەرۋىشكارى ۋە باغۋىنى قۇربان مامۇت ئاكا ماڭا يۇقىرى باھا  ۋە نۇرغۇن ئىلھام-مەدەتلەرنى بەردى. شۇندىن كېيىن ئەسەرلىرىم«تەڭرىتاغ»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى»، «كىروران»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «مائارىپ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئىلان قىلىندى.
2007-يىل يانۋاردىن باشلاپ، 2008-يىل 9-ئايغىچە كوناشەھەر ناھىيىلىك سايباغ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىدا بىر يىل ئىشلىدىم. بىغۇبار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىم قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل سۈرەتلەرنى سىزغۇچى، ئۆمۈرلۈك نىشانىمغا ھارارەت بېغىشلىغۇچى  قەدىردانلىرىمغا ئايلاندى. ئىنسانىي تاكامۇللۇق ۋە غايىلىرىم ئۈچۈن، مىھرىبان ئاتا-ئانىلىرىمنىڭ ۋە جانجىگەر قېرىنداشلىرىمنىڭ زور قوللىشى ئاستىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىغا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا كەلدىم. بۇمۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ زور بۇرۇلۇش بولدى. زامانىمىزنىڭ ئالىم-ئۆلىمالىرى، قەدىردان ئۇستازلار بىلەن دىدارلىشىش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەقىل-دۇردانىلىرىدىن بەھىرلىنىش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇم. مەن ئۈچۈن ئەينەك ۋە ئەڭ زور مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، زامانىمىزنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىك زىيالىيلىرى بىلەن ھەمساۋاق، ئۆمۈرلۈك دوستلاردىن بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتىم. بۇلار ئۈچۈن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىىلدىم.  
2010-يىل ھاياتىمدىكى يەنە بىر زور بۇرۇلۇش ياسىغان بىر يىل بولدى. ماي ئايلىرىدا ئىچكى موڭغۇلنىڭ خوخوت شەھرىدە ئىلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياش يازغۇچىلىرى بىلەن يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىر قېتىملىق ئىلمى ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش، ئىكىسكۇرسىيە يېغىنى قاتناشتىم ۋە باشقا ئەل ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىدىن يۈزە خەۋەردار بولدۇم. 2010-يىل 11-ئايدا بيجىڭدا ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ياش يازغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى»غا قاتناشتىم. بۇ مەيداندا «دونار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىدىيەمدە زور سىلكىنىش ۋە زور زىلزىلە قوزغىدى. مەن ئىجادىيەتچىدىن تەتقىقاتچى قىرغىقىغا بەكرەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمنى سەزگىنىمىدە، قاتمۇ-قات ئۆتكەل ۋە ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر مەخسۇس بەتلەر بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىندىم. خىزمەتكە قاتناشقان 3 ئايدىن بۇيان شۇنى ھېس قىلدىمكى بۇمۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ بىر بۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ.
قولۇمدىكى قەلەمنىڭ ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىم بىلەن كۈنسىرى بەرىكەت تېپىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

ۋانكاغا يېزىلغان خەت
(ھېكايە)

    مانا ئۇ كىچىك تۇرۇپلا ئەللەي ناخشىسىنى شۇنداق يېقىملىق ئېيتالايدىغان بولۇپ كەتتى.بالنىمۇ شۇنداق ياخشى باقالايدۇ.چۈنكى ئۇ ئۇكىسى ۋە سىڭلىسىنى بېقىش جەريانىدا بالا بېقىشنى ،ئەللەي ناخشىىسىنى ئېيتىشنى ،بالىنى قانداق ئەركىلتىشنى سۇتنى قانداق بىرىش ،زاكىسىنى قانداق ئالماشتۇرۇشتىن تاماق ئىتىشكىچە كۆپ ئىشلارنى ئانىسىدىن ئۈگىنىۋالغان ئىدى.راست،يېقىندىن بىرى ئانىسىدىن شۇنداق پەخىرلىنىدىغان ،رەخمەت ئېيتىدىغان،ھەم بەكلا ئىچ ئاغرىتىدىغان بولۇپ قالدى.دادىسى ئۈستىدە ئويلايدۇ-يۇ،خىياللاردىن ئۆزىنى سىلكىپ ئويغىتىدۇ،يېنىدا يىنىك تىنىپ ئۇخلاۋاتقان ئۇكىسغاقاراپ ،ئۇنىڭغىمۇ ئىچى ئاغرىپ قالىدۇ.
«ئۇ نىمە دىگەن بىچارە ،ئەمدىلا 6ئايلىق بولغان بالا ئانىسىنى ئەمەس ،نەيفىڭ (سۈت تالقىنى ).ئەمسە قانداق بولىدۇ؟!ئىشتىن كەلسىمۇ ،قولىغا ئېلىپ ئەركىلتىپ قويمايدىكەن،بالىسىنىڭ قانداق قىلقىلارنى چقىرۋاتقىننى،ئوماق ھەركەتلىرىنىمۇ كۆرمەيدىكەن .ئىشتىن كىلىپلا يەنە نەلەرگىدۇ مىھماندارچىلىق ،ئولتۇرۇشلارغا كىتىپ قالىدىكەن.بالىسىدىنمۇ مۇھىم يەنە نىمە ئىشى باردۇ ؟!توۋا ...ئانام نېمىدىگەن ئۇلۇغ » دىگەنلەرنى ئويلايدۇ.
ھەجەپ ئىش ،ئۇ خېلى چوڭ بولغۇچە ئانىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ يېتىۋالاتتى. كىچىدە ئۇخلاپ ،قالغاندىن كىيىن ئۆز ئورنىغا قانداق كىلىپ قالغىننىمۇ بىلمەيتتى.بىراق بۇ ئۆيگە كەلگەن 3ئايدىن بىرى، بالا ئىزچىل ئۇنىڭ يېنىدا يېتىپ كەلدى.بەزى چاغلاردا «ئاچاش»نىڭ قانداق چاغلاردا قايتىپ كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ؟«ئۇكاش»نىڭ دادىسى يىراق يەردە ڭشلەيدىغان ئوخشايدۇ .ئۇپەقەت بىر قانچە قىتىملا كۆ ردى.
بالىنڭ يىغىسى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى.ئۇ بالىنىڭ ئىمىزگۈسىنى سېلىپ،يىنىك ئۇرۇپ ئەللەيلىتىپ ئۇخلىتىپ قويدى.تۇيۇقسىز ئۇ ئاخشام ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەن ھىكايە ئىسىگە كەلدى-دە،ئىزدەشكە كىرىشتى.-«ھەي،نەگە تىقىپ قويغاندۇ؟»ئۇ ئۇزاق ئىستەپ كىتاپنى ھاجەتخانىدىن تاپتى.
-ئۇھ ،خۇداغا شۈكىرى ،ھېلقى ھىكايە بار يېرى يىرتىلىپ كەتمەپتۇ،ھەجەپكىنا بۇلار كىتاپتىمۇ...- .ئۇ كىتاپنى شۇنچىلىك بىرىلىپ ئوقۇدىكى ،ئۆزىنىڭ قەيەردە تۇرغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى.ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقىنى 5-يىللىقلارنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «ۋانكا »دىگەن ھىكايە ئىدى.ئۇ ھەتتا كۆنۈكمە سۇئاللىرىنمۇ بىر-بىرلەپ ئوقۇپ جاۋاپ بىرىپ چىقتى.كىتىاپقا تىكىلگەن كۆزلىرى تۇيۇقسىز چاقناپ كەتتى-دە ،قەيەرلەردىندۇ قەلەم قەغەز تېپىپ چىقتى.ئۇ قەلەمنى چىشلەپ خىلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى.ئەمدى گوياجەڭگە تەييارلانغان جەڭچىلەردەك جۇشقۇن كەيپىياتتا ،خەت يېزىشقا باشلىدى.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
قەدىرلىك ۋانكا ،ياخشىمۇ سىز ،ئاۋۋال سىزگە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. -ئسمىم.....»
ئۇ تۇيۇقسىز ۋانكانىڭ ئىسمى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدى.«راست ،ئۇنىڭ ئىسمىدىن چەتئەللىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.ئۇيغۇرچە گەپلىرىمنى چۈشنەلمىسىمۇ ،بىراق دوستۇم بولۇشقا يارايدىكەن .مەكتەپكە باراالىغان بولسام خانىم نۇرغۇن سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بىرەر ئىدى.ياق،بەلكىم ئىسمىنى چەتئەللىكتەك قويۇپ قويغان ئۇيغۇر بولىشى مۇمكىن پەس قەۋەتتىكى قوشنىمىزنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى ئاشۇنداق غەلىتە ،نىمىدى،ئىلاھىم،ئىشقىلىپ ئۇ دىيەلمىگەن، فىرو بىر نىمە دىگەندەك قىلغان ،ئسمىغا قاراپمۇ مىللىتىنى بىلەلمەيۋاتىمەن،مەن دۆت بولۇپ قالدىممۇ ياكى كىشلەر گە ئاشۇنداق ئىسىملارنى قويۇش مودىمىدۇ؟!بولدىلا.»مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئۇ ئەمدى ئىسمىنى يازماسلىقنى ئويلىدى-دە ،«ئىسمىم »دىگەن خەتنى ئۆچۈرۋىتىپ ،يېزىشقا باشلىدى.ئۇ يەنىلا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتى.
«ۋانكا ،مەن- جۇڭگۇلۇق،جۇڭگۇنىڭ شنجاڭ قەشقەر دىگەن يىرىدىن ،مىللىتىم -ئۇيغۇر ،بۇ يىل 11ياشقا كىرگەن قىزمەن .نىمىشقىكىن سىزگە شۇنداق خەت يازغۇم كەلدى.بىلىمەن،خىتىمنى سىزگە بىرەلمەيمەن،ھەم كۆرۆپ چۇشىنەلمەيسىز؟ بىراق بۇمۇ سىردىشىشنىڭ ياخشى يولى .سىز ئوقۇمايدىكەنسىز ،سىزگە ئوقۇشنى ،يېزىشنى خوجاينىڭىزنڭ قىزى ئولگا ئىگىنا تېۋىنا ئۈگىتىپ قويۇپتىكەن ،يېقىندىن بىرى ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختسىز ھىس قىلۋاتىمەن.مەن بۇ يىل ئەسلى 5-يىللىققا كۆچكەن ئىدىم ،ئوقۇش باشلاشقا ھەپتە قالغاندا گويا قارا باسقاندەكلا ھەممىدىن مەھرۇم قالدىم.
ھەراست ،سىزگە ئوقۇتقۇچىمنى تونۇشتۇرۇپ قوياي.ئىسمى-تۇنساگۇل
40 ياشلاردىكى بۇغداي ئۆڭ ،ئوتتورا بويلۇق ئايال.ئۇ تولىمۇ مىھرىبان .
يىڭى مەكتەپكە كىرگەن چاغلار ئىدى.قىشتا ئۇنىڭ ھەممىمىزدىن بۇرۇن كىلىپ، مەشكە ئوت ياققىنى كۆرەتتۇق.بىر كۈنى مەن مەكتەپكە سەھەر كىلىپ ئوت يېقىشنى قارار قىلدىم .بارسام مەكتەپ دەرۋازىسمۇ ئېچىلماپتۇ .مەن خوشلۇقىمدا دەرۋازىنى قېقىپ ئاچقۇزدۇم ۋە سىنىپقا كىرىپ ئوت يېقىشقا كىرىشتىم .ئوت شۇنچە قىلساممۇ تۇتاشمىدى،مەن‹ كانايغا ئىس تولىۋالغان ئوخشايدۇ›دەپ يىنىك ئۇرغاندەك قىلدىم ،چاتاق يېرى كاناي ئۆرۇلۇپ كىتىپ ،سىنىپ ئىچى ئىسقا تولۇپ كەتتى .دەل شۇ چاغدا تۇنساگۇل خانىم كىلىپ ،مىڭبىر جاپادا كاناينى قايتىدىن ئورنىتىپ ئوت ياقتى.ئىش تۈگىگەندە ،.تۇنساگۇل خانىم ‹خانىم نىمە دەر ›دەپ قورقۇنۇچتا تۇرغان مىنى چىڭ قۇچاقلاپ ‹بەك ئەقىللىق قىز جۇمۇ سىز ،بۇندىن كىيىن ئۆزۈم قىلاي ،سىز ھازىر سەل كىچىك ،رەھمەت ،قانداق دىدىم؟›دەپ سۆيۈپ قويدى. ئاھ ئۇ چاغدىكى ئىللىقلىق .... ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى،مەنمۇ ئۇنىڭ بۇرنى ۋە پىشانىسىدىكى قارىلارغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم.ئەسلى ھەر ئىككىمىزنىڭ يۈزىدە قارا بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟...
نەتىجىمىز ياخشى بولسا قېرىنداش ،دەپتەرلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ .بەش يۇلتۇز بىرىدۇ ھەم بىزنى چىڭ قۇچاقلاپ ،قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ قويىدۇ ،بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ قۇچاقلىشىشىنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرىمىز.
ۋانكا ،ئۈلۈشكۈن‹ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ ›دىگەن كىنۇنى كۆرگەن ئىدىم .تۇيۇقسىز تۇنساگۇل خانىم ئىسىمگە كەلدى .ئۇ مىنى ئىزدەپ نەلەردە يۈرۈيدىغاندۇ ،بەلكىم ھېلقى قاپىقى يامان ،سىمىز ،سۆرۈن تەلەت مەكتەپ مۇدىرى ‹بىر بالىڭىز مەكتەپكە كەلمەپتۇ ،جەرىمانە تۆلەڭ ›دەپ باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا تەنقىدلەپ ،تىللاپ كەتكەندۇ .ئاھ ،كەچۈرۈڭ .مەنمۇ ئامالسىز خانىم .
‹ۋانكا سىز ئوقۇيالماپتىكەنسىز ،بۇ قىز نىمىشقا ئوقۇشتىن توختاپ قالغاندۇ؟!›دەپ سوراۋاتامسىز .بىزنىڭ يۇرتىمىزدا مەكتەپ ،ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆپ ،شارائىتىمىزمۇ سىزنىڭكىدىن كۆپ ياخشى. .ئۆتكەن يىلدىن باشلاوپ بىز ھېچقانداق پۇل تۆلىمەي ئوقۇدۇق،كىتاپلىرىمىزمۇ ھەقسىز تارقىتىلدى .
ئوقۇشتىن قېلىشتىكى سەۋەەپنى سىزگە ئېيتىپ بىرەي .دەردىمنى تۆكەي دىسەممۇ بولىدۇ.
بىزنىڭ ئۆيدە دادام ،ئانام ،بىر ئىنىم ،بىر سىڭلىم ۋە مەن بەشىمىز بولۇپ ،ھەر ھالدا كۈنلىرىمىزمۇ ياخشى ئىدى .ئەقلىمنى بىلسەم بىزنىڭ ئۆي بەك ئۆزگىرىشچان ،ھېلى ھەممە ئۆيلەر قۇپقۇرۇق بولۇپ بىكارلىنىپ قالسا،ھىلى خىلى سەرەمجانلىنىپ قالاتتى .بەزى چاغلاردا بىز چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىدە قورساق توقلاپ يۈرەتتۇق. چوڭ ئانام بەك ياخشى .مەن ئۇنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى ،بولۇپمۇ قىزىقارلىق چۆچەكلىرىنى ئاڭلاشنى بەك ياقتۇرىمەن.يەنەتېخى ئالا ئاسلان ۋە نۇرغۇن چۆجىلەر بىلەن«قارا قوزا »مۇ بار تېخى،مەن بىلەن بىللە ئوينايدۇ..
ۋانكا ،كىيىن مەن دادامنىڭ قىمار ئوينايدىغننى بىلدىم.دادام باشتا قىمار ئوينايتتى،كىيىن ھاراق ئىچىدىغان،تاماكىمۇ چىكىدىغان بولىۋالدى .ئانامنىڭ ئۆپكە كىسىلى بار ،تاماكا ئىسى بەك زىيان قىلىدۇ.بىراق دادام ئانامنى پەقەت ئايىماي،ھەممىمىزنىڭ ئالدىدىلا چىكىۋىرىدىغان ،مەست كىلىپ ،ئانامنى ئۇرىىدىغان بولىۋالدى.بىراق دادام مىنى چوڭ دەمدىكىن ياكى بەك ئامراقمىكىن گاھى ئانامنى ئۇرىۋاتقاندا ،تازا پۇرقىرتىپ چىكىۋاتقاندا ئاچچىق ئارىلاش تىكلگەن كۆزلىرىمگە قاراپ ئۈن -تۈنسىز باغقا چىقىپ كىتەتتى. بىر كۈنى ئەمدىلا 6ياشقا كىرگەن ئىنىمىنىڭ كىشلەر تاشلىۋەتكەن يول ياقىسىدىكى تاماكىنى تىرىپ ،تاپالمىسا ئېشەك تىزىكىنى ئۇۋااپ چىكىدىغىننى بىلىپ قېلىپ دادامغا بۇ ئىشنى ئېيتتىم ۋە قەتئىي چەكمەسلىكنى دىدىم .بۇنى بىلسە دادامنى چەكمەسمىكىن دەپتىمەن،كىم بىلسۇن دادام ئىنىمنى ‹نىمىشقا چەكتىڭ › دەپ قاتتىق ئۇردى.شۇنىڭدىن كىيىن ئالدىمىزدا چەكمىدى-يۇ،چىكىشنى تاشلىمىدى .
8-ئاينىڭ ئوتتورسىدىكى بىر بازار كۈنى (بىزنىڭ يىزىدا پەيشەنبە كۈنىدە بازار بولاتتى)دادام بىر كىشىنى باشلاپ كەپتۇ.ئۇ ئۆيدىكى بارلىق قوي -كالا ،ئات-ئىشەكلەرنى سېتىۋەتتى.چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن ھېلقى قارا قوزىنىمۇ سېتىۋەتمەكچى بولدىيۇ،
‹ئۇ-مىنىڭ ،دادا›دىگەن گىپىىمنى ئاڭلاپ ساتمىدى.ئۇقسام ،دادام ئالدىنقى كۈنى كەچتە خېلى كۆپ ئۇتتۇرىۋىتىپتىكەن ،بەك قىززىپ كەتتىمۇ،ئۇتتۇرۋەتكەنلىرىنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن ،تېخىمۇ چوڭ قەرز بولۇپ قاپتۇ .شۇ ئىش بولۇپ ئۈچ كۈندىن كىيىن ،تۈن كىچىدە ،مەن ۋە ئۇكىلىرىمنى ئانام سىلكىپ ئويغاتتى.
-تۇرۇڭلار ،تىز كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار .
بىزمۇ نىمە ئىش بولغىننى تازا ئاڭقىرالمىدۇق.ئىشىك ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان تىراكتۇرغا چىقتۇق.خېلى ئۇزۇن مېڭىپ تاڭ سۈزۈلەي دىگەندە ،دادام ئالدىن ئىجارە ئېلىپ قويغان ئۆيگە يىتىپ كەلدۇق ۋە نەرسىلەرنى چۈشۈردۇق.‹تامنىڭ ئۇلى بىر مېتىر يەرگىچە چۈشۈپ كەتكەن ،بىر تۈڭلۈكتىن باشقا يورۇق چۈشكۈدەك بىرەر جاي يوق قاراڭغۇ، تار بۇ ئۆيگە قانداقمۇ بەشىمىز
پاتىمىز ؟› دىگەنلەرنى ئويلاپ شۇنداق يىغا تۇتتى.بىر قولىدا كۆزلىرىدىن چىقىۋاتقان ياشنى ئىرتىپ تۇرۇپ ،بىر قولىدا ئۆي يىغىشتۇرىۋاتقان ئانامغا قاراپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ھەر ھالدا بىز بۇ ئۆيگە ئورۇنلىشىۋالغانمۇ بولدۇق .شۇ كۈنى كىچىنى شۇنچىلىك تەستە تاڭ ئاتقۇزدۇم.ئەتىسى مەن قەتئىي كىتىمەن دەپ تۇرۇۋالدىم .ئانام بىلەن دادام مەسلىھەتلىشىپ مىنى چوڭ ئاپامنىڭ قېشىغا ،ئۇكامنى يەنە بىر ناھىيدىكى تاغامنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويماقچى،سىڭلىم ئەمدىلا 2گە كىرگەچكە ئانام يېنىدا ئېلىپ قالماقچى بولۇشتى.
ئەتىسى كىچىدە دادام مىنى ئەكىلىپ قويۇپلا غىمىسسىدە كىتىپ قالدى. بىراق مومامنىڭ چۆچەكلىرى ئازلاپ ، يۆتىلى كۆپىيىپ قېلىۋاتاتتى.مىنىڭمۇ كۆڭلۈم غەش ،ئوقۇش باشلىنىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتتۈم.ئوقۇش باشلىغان تۇنجى كۈنى ساۋا قداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ ،بەك خۇشھال بولدۇم.مەكتەپتىن قايتاشىمدا مومامنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ئىسىمدىن چىىقرىپ ،ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قاپتىمەن.ئىشىكنىڭ قۇلۇپى چىقىۋىتىلگەن بولۇپ ،ئىشىك ئالدىغا خېلى كۆپ كىشىلەر يىغلۋىلىشىپتۇ .ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئانچە -مۇنچە بىزنىڭ ئۆيگە كىلىدىغان ،دادامنىڭ ھېلقى «جانجىگەر» ئاغىنىلىرى ئىدى.ئۆيدىكى بۇغداي ،تېلۋىزۇر ،ئۈنئالغۇ ،ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ئەسكى كىگىز ..... ھەممىسى بىر -بىرلەپ ماشىنىغا سېلىندى.ئۇلا ر 3 يىل بۇرۇن دادام تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئېلىپ بەرگەن كىچىك ۋېلسىپىتىمنىمۇ ئېلىپ چىقتى. -«ئۇ ۋېلسىپىت مىنىڭ » دىدىممەن .ئۇلار گويا گىپىمنى ئاڭلىمىغاندەك ۋېلسىپىتىمنى ماشىنىسىغا بېسىشقا تەمشىلۋىدى،ۋېلسىپىتقا چىڭ ئېسلىۋالدىم.
-نەدىن كەلدى ماۋۇ شۇمتەك ،ئۆتە بىر يانغا .
- بۇ مىنڭ ۋېلسىپىتىم .
ئۆتە ،ھۇ قانجۇق ،جالاپ ،خۇمسىنىڭ باللىرى.
ئاھ ،بۇ ھاقارەت ... .ئەرلەر بەك ئىپلاسكەن،ئۇ ئەبلەخنىڭ مەنچىلىك قىزى بولسا خەق شۇنداق دىسە قاراپ تۇرارمىدى؟.شۇ چاغدا دادامغىمۇ بەك نەپرەتلىنىپ كەتتىم .بۇ گەپنىئېغىزىمدىن چىقىرىپ سالسام ئانام چوقۇم بەك رەنجىيدۇ.ئۇنىڭ نەزىرىدە دادىلار بەك ئۇلۇغ.بەلكىم بوۋام شۇنداق ئۇلۇغ كىشى بولغىيتى.ۋانكا ،ئەسلى ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىدى،بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى بارغانسىرى بۇ سالاھىيەتتىن يىراقلاپ كەتتى.نىمىشقا يەنىلا ئۇلۇغ دەۋىرىمىز.دادا ،سەن ئەسلى نەزىرىمدە بەك ئۇلۇغ ئىدىڭ ،يەنە شۇ ئۇلۇغلۇققا قايتسىاڭ كاشكى...
مەن بار كۈچۈم بىلەن ھېلقى ھاكىمدىگەن ئاغىنىسنىڭ قولىنى چىشلىۋالدىم،پەقەت كۈچۈم شۇنىڭغىلا يىتەتتى.ئۇنى قىيما- چىيما قىۋەتكۈم كەلدى .قاتتق تەگكەن بىر تەستەك بىلەن ئوڭدامغىلا چۈشتۈم، مومام ئىتىك ھويلىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى-دە،مىنى يۆلىدى ۋە ھەسرەتلىك يىغلاپ كەتتى.بۇرنۇمدىن چىققان قان خېلى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى،ئۇلار ئالدىغىنىنى ئېلىپ كىتىپ قېلىشتى.ئىككى كۈندىن كىيىن ئانام خىلى كەچ بولغان ۋاقتىدا كىلىپ ، مىنى ئېلىپ شەھەرگە ماڭدى .
ھەش -پەش دىگۈچە بىر ئاي توشۇپ ،ئۆي ئىگىسى ئۆي ئىجارىسىنى سۈيلەپتۇ.ئۆي ئىگىسى ئايالىنىڭ سىڭلىسى بالا باققۇچى تاپالماي يۈرۈپتىكەن،‹قىزىڭىز بالا بېقىپ بەرسە ئۆي ئىجارىسى ئالمايتتۇق،بالىڭىزنىمۇ كىيىن ياخشىراق يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ،سىڭلىمنىڭ ئىرىنىڭ بەك يولى بار ›دەپتۇ .شۇنىڭدىن بۇيان مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بالا بېقىۋاتىمەن.
ۋانكا ،مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئانامغا خەت يېزىپ تۇردۇم ۋە ئۇنى ئەڭ مەخپىي جايدا ساقلىدىم .سىزگە ئوقۇپ بەرسەم ئاڭلاشنى خالامسىز .
★ ★ ★ ★
جېنىم ئانا،ياخشى تۇرۇۋاتامسەن.ئېھتىمال ،تېخىچە كۆمۈر ئالالمىدىڭلار،شۇنداقمۇ؟سىڭلىمچۇ ؟سەن بىر تەرەپتىن ئاشخانىدا ئىشلەپ ،ئۇنىڭغا قانداق قاراۋاتقانسەن؟دادامچۇ؟نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيد ۇ؟ ئانا،دىگىنىڭنى ئېسىمدە چىڭ تۇتتۇم.ئەتىگەندە سائەتنى جىرىڭلايدىغان قىلىپ توغۇرلاپ قويۇپ ،ئۇلاردىن بۇرۇن تۇرۇۋاتىمەن.بەزىدە شۇنداق ئۇخلىۋالغۇم كىلىدۇ،بىراق نىمىلەردىندۇر قورقۇپ ئۇخلىيالمايمەن،شۇڭىمۇ كۆزۈمدىكى ياشلىرىمنى سۈرتۈ پ ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۈگمەس ئۆي ئىشلىرىغا كىرىشىمەن.سىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىدىغانلىقىڭنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلىۋاتمەن. سەن تېخى ئېتىز ئىشلىرىنىمۇ ئۆزۈڭ قىلاتتىڭ ئەمەسمۇ،جىنىم ئانا !؟
ئانا ،سىنى شۇنداق سېغىندىم،بىراق ئۆيگە بېرىشتىن قورقىمەن.يەنە بىر تەرەپتىن «ئۇكاش»قا قارايدىغان ئادەم يوق.ئانىسىنىڭ پەقەت كارى يوق.ئاجايىپ ئايالكەن ئۇ...توؤا .!
10كۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ،ھازىرلا ئۆرۈلۈپ كىتىدىغاندەك ،مەش قويۇلمىغان ،كونا كۈيە يەپ كەتكەن كىگىز ،ئىككى قۇراق تەكىي ،پاختىسى قالمىغان كونا يوتقان-كۆرپە ،ئازراق قاچا -قۇمۇشتىن باشقا بىساتى بولمىغان،ھېلقى بىر ئېغىز ئۆينى ،قاپىقى يامان ئۆي ئىگسىنى ،ئۇكىلىرىمنىڭ قارا قىشتىكى يالىڭاياغ ،كۆرپىگە يۆگىنىۋالغان پۇتلىرىنى ،سىنىڭ توڭاپ تىترەپ كەتكەن ھالىتىڭنى ،دادامنىڭ ئەشۇ ھالىنى كۆرۈشنى خالىمىدىم دىسەممۇ بولىدۇ.
بۈگۈن 21- دىكابىر .تېخىچە مەش قويماپسىلەر ،بىر خام كىسەك بىلەن سېلىۋالغان ئوچاققا 2تال كاناينى قىستۇرۇپ ،كىشىلەر ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن ئەسكى ئاياغلارنى قالاپ يۈرۈپسىلەر.ئەشۇ ئاچچىق تۈتۈن ئارىسىدىكى قېقىلىپ يۆتىلىۋاتقان ھالىتىڭنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا،يىغا تۇتىدۇ.
سەن بۈگۈن يەنە قايسى ئەخلەت دۆۋىلىرىدە كىشىلەر تاشلىۋەتكەن ئەسكى ئاياغ ،كىيىملەرنى تىرىپ يۈرۋاتقانسەن؟
ئىلگىركىدەك قېتىق ساتاي دىسەڭ كالىمىز يوق ،100تاغار بۇغداي،8مو يەردىكى كىۋەز ،4مو يەردىكى قوناق كۆكىدىلا خەقنىڭ بولۇپ كىتىپتۇ.ھەممىنى دادام ئۇتتۇرۋىتىپتۇ.
چوڭ ئانام« تەۋەرۈك بولسۇن قىزىم ،ماڭىمۇ ئانام بەرگەن »دەپ بەرگەن ،ھېلقى ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ھالقىنى 4ئاي ئىلگىركى قەرىزدارلار سۈيلەپ كەلگەندە ،ھېلقى ۋىجدانسىز ،نامەرتلەر«پۇلنى تاپشۇرمىساڭ ،خوتۇنۇڭنى ئاچىقىپ بەر »دىگەندە ، يۈزىگە ئېتىپ تۇرۇپ ،«يولدىشىمنى ،خوتۇننى ئۇتتۇرىۋىتىدىغان ئۆزۈڭگە ئوخشۇتۇپ قېلىشتىڭما،ھۇ پەسلەر » دەپ ،دادامنىڭ غۇرۇرىنى قوغدىغىنىڭدا ،ئۇ پىشايۋان ئاستىدا تاماكىسىنى پۇرقىرتىپ ،بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ،ئۈنسىز ئولتۇرغان ئىدى.سەن ئۆزۈڭنى ،دادامنىڭ ھۆرمىتىنى قوغدىدىڭ ،بىراق دادامچۇ؟! تىخى سىنى ئۇرىدۇ؟سەن ئەزەلدىن بىزنىڭ ئالدىمىزدا دادامنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ باقمىغان .ھەممە ئىشنى «تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ» دەپ ئۆتكۈزۋىتەتتىڭ. كەچۈرگىن ئاپا،بۇلارنىڭ ھەممىىسى دادامنىڭ خاتالىقىغۇ،شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئۆزىنى كونتىرول قىلىشنى بىلمەيدىكەن .....نىمىلەرنى دەپ كەتتىم، ھىلقى خوتۇن قىزىڭىز بىلەن 15 كۈندە بىر قىتىم كۆرىشىسىز دىسە ماقۇل دەپ ................؟
خەيىر كۆپرەك تىلفون قىلىپ تۇرغىن.
سىنى سېغىنىپ قىزىڭ.
2006-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
ۋانكا ، سىزگە دىسەم ،خېتىڭىز بوۋىڭىزغا تەگمەيدۇ. چۈنكى ،سىز ئادرىسنى تولۇق ، ئىنىق يازماپسىز ئەمەسمۇ؟ بايا ئانامغا يازغان خېتىمنىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا كۆرسەتمەيمەن.پەقەت شۇلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈم بىلەن سىردىشىپ تەسەللى تاپىمەن.......
بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ئۇنىڭ خېتىنى توختىتىپ قويدى.ئۇ بالىنىڭ ئايىغنى قۇرۇغداپ سائتكە قارىدى.چۈشلۈك تاماققا ۋاقىت ئاز قالغان ئىدى .ئۇ ئىتتىك تاماققا تۇتۇش قىلدى .ئۇ بۈگۈن شۇنداق يىنىكلەپ قالغاندەك ، ئەتكىچىمۇ ،يىگۈچىمۇ تاكى ئۆيدة « ئذكعسع»دìä باشقا ئادەم قالمىغانغا قەدەرخىيالىدا ۋانكا بىلەن مۇڭدىشىپ چىقتى.
چۈشتىن كىيىن ئۇيەنە خېتىنى داۋاملاشتۇردى.
ۋانكا ،شەھەرلىكلەرگە تولىمۇ ھەيرانمەن .ئۆي بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى شۇنچىلىك يېقىن ،ئەمما تام قوشنىلارمۇ ئاي-يىل ئۆتۈپ بىر -بىرىنڭ ئۆيىگە ئاياغ باسمايدۇ، ئۇچىرىشىپ قالسا بېشىنى سۇس ئىگىپلا قويىدىكەن .بىراق ئۆيىدە ئولتۇرماي دوست ،ئولتۇرۇش دەپ كىچە- كىچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىكەن.يىنىدىكىسى بىلەن تونۇشمىغىلى تاس قالىدۇ ،يىراقتا توختىماي ئادەمگەرچىلىك ئۈچۈن چاپىدۇ.تولىمۇ قىززىق ،ئۇلارنىڭ باللىرى بىلەن كارى يوق ئوخشايدۇ.مەن ھىكايە -چۆچەك توقۇشقا ،ئېيتىشقا خېلى ئۇستا ،تاماقنىمۇ ھەر ھالدا ئىتەلەيمەن .بىراق بۇ يەردىكى باللار كارتۇن فىلىملەرنىلا كۆرىدىكەن،چۆچەك ئىيتىپ بىرىدىغان مومىسى يوقتە؟بىچارە مومام نىمە قىلۋاتقاندۇ؟،بۇ يەردىكى بالىلار كومپىيۇتىردا نىمىلەرنىدۇ قىلىدىكەن .سىنىپتا ۋە مەھەللىدە ھەممە باللار ماڭا ئامراق ئىدى.«بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ...»دەپ باشلىسام «يېرىلىڭ تاشىم»،«مەختۇمسۇلا »،«قىزىل بۆك»،«ئېيىق باتۇر»،«خېمىر باتۇر» ...ۋاي-ۋۇي ،بەك كۆپ ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بىرەتتىم.بۇ يەردە ئاڭلايدىغانلار يوق ئوخشايدۇ.راستىمنى دىسەم ،مەن ئۇلارغا ئىيتىپ بىرەي دىسەممۇ «سەھرالىق»دەپ ئارىغا ئالمايدۇ.شۇڭا ئۇلار بىلەن خوشۇم يوق.
ھازىر پەقەت مۇشۇ 6ئايلىق «ئۇكام»غىلا ئېيتىپ بىرىمەن .ئۇ چوقۇم ئاڭلاپ ،بىرەر نەرسە ھېس قىلالىشى مومكىن،شۇنداقمۇ؟ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق، ھەممىمىز بىر يەرگە يىغىلىپ شۇنچىلىك كۆڭۈللىك ئۆتەتتۇق.شەھەردىكى بالىلار ئۆزى يالغۇز ماشىنا ،كومپىيۇتىر بىلەنلا ئوينايدىكەن ،زىرىكمەمدىغاندۇ؟
ۋانكا ،يەنە بىر ئىشنى دىسەم بۇ ئۆيدىكىلەر كىتاپ ماتىرىيالنى پەقەت ئاسىرىمايدۇ ،بۇنداق كىشىلەرنى مەن پەقەت ياقتۇرمايمەن. ئانام ئالدىغا بىر تال قەغەز ئۇچىرىسىمۇ «بالام ،بۇ ئىشلىتىغان قەغەزمۇ »دەپ مەندىن سوراپ تۇرىدۇ. ھەي ...مىنىڭ ھەيرانلىقىم بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ .تۆكۈلىۋاتقان يىمەكلىكلەرگە قاراپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ ،نىمىدىگەن ئىسراپچىلىق -ھە! دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغىنىنى ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىزغۇ؟ھەم «يەيدىغان نەرسىنى بۇزسا يامان بولىدۇ »دەيدۇ مومام،بۇ يەردىكىلەر يامان بولۇشتىن قورقمىسا كىرەك.
مەن بۇ ئۆيگە كىلىپ بىر ئايدىن كىيىن رىستۇراندا «تۇغۇت چېيى» ئۆتكۈزگەن ئىدى.پۈتۈن رېستۇراننى كۆتۈرە ئېلىۋالغان ئوخشايدۇ .راستىمنى دىسەم مەن ئىلگىرى شەھەرگە كىرىپ باقمىغان ،بۇنداق جايلارنى كۆرۈپمۇ باقمىغان .ئۆيۈمدىكى چاغدا تېلۋىزۇرنىمۇ كۆپ كۆرمەي ،«يىشىيۇ»، «سىمبا» ،«ماركۇ»لارنىلا كۆرەتتىم.باشقا چاغدا ئأي ئىشلىرىنى قىلىپ ،ئۇكامنى بېقىپ ،دەرسىمنى ئۈگۈنۈشكە ئاران ۋاقت چىقاتتى.رېستۇراندىكى ئىشلارنى كۆرۈپ بەك ئەپسۇسلىنىپ كەتتىم،تاماقنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي ،ئۇسۇلنىمۇ غەلىتە ئوينايدىكەن.سەت چىرقىراشلىرىچۇ؟!ئاياللىرى باشقا ئەرلەر بىلەن تانسا ئوينىسا ھېچنىمە خىيالىغا كەلمەيدىكەن . ئاچاشمۇ نۇرغۇن ئەرلەر بىلەن تانسا ئوينىدى.بىزنىڭ يۇرتتا «تۇغۇت تويى»غا ئاياللارلا كىلىدۇ .بۇ يەردە بەك غەلىتىكەن،مەن ئاچاشنىڭ ئاپىسىدىن سورىسام «چاي »مۇ بار دەيدۇ ،بۇ گىپىنى تازا چۈشۈنەلمىدىم.ئىشقىلىپ دىسەم گەپ تولا .ئىلگىرى شەھەرلىك باللارغا شۇنداق ھەۋىسىم كىلەتتى ،ئەمدى ئىچىم ئاغرىپ قالدۇ،بەزىدە. ئۇلار نۇرغۇن باللار ئويۇنلىرىنى ئوينىيالمايدىكەن. ئەڭ چاتاق يېرى ئاتا -ئانىلار بەك ئالدىراشلا يۈرۈپ ، ئۇلار بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ.ئىليارمۇ (مەن بېقىۋاتقان ئۇكاشنىڭ ئاكىسى ) مەن بىلەن ئوخشاش 5-يىللىقتا ئوقۇيدۇ .ئۇ دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ قايسى كۈنى كەچ قايتىپ ،قايسى كۈنى بالدۇر قايتىدىغىنىنى ئېنىق بىلسە كىرەك ، ئۇلار كەچ قايتىدىغان كۇنى ئىليارمۇ ئۇلاردىن سەل بۇرۇنلا ئىشىكتىن كىرىدۇ- دە ،بىرىلىپ ئۈگۈنۈش قىلىۋالغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ،قايسى كۈنى ئۇ مىنڭ خەت يېزىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ،تارتىۋالدى ،شۇنچە يالۋۇرساممۇ بەرمىدى.ئۇ تېخى يەنە «مىنىڭ بىر قانچە ئىشىم بار ،قىلىپ بەرمىسەڭ ،بۇ خەتتىكى گەپلەرنى ئانامغا دەپ قويىمەن» دەپ مىنى قورقاتتى .ئۇنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەشتىن باشقا يەنە تۈنۈگۈن بىر ئېغىر مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاپشۇردى.نىمە دىسەم بولار ،ئۇ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ .شۇڭا «سېنىڭ خېتىڭ چىرايلىق ،قاملاشتۇرۇپ ياز»دەيدۇ. توۋا ،ئەجەپ نۇمۇس قىلمايدىغان بالىكىنا بۇ ،كىچىككىنە تۇرۇپ...بۇنى ھەرگىز يازمايمەن ،تاپشۇرۇقلىرىنىمۇ ئىشلەپ بەرمەيمەن،ئەمدى ئۇنىڭدىن قورقمايمەن .
★ ★ ★
ۋانكا ،سىز ھېيىت ھارپىسىدا ئۆيىڭىزگە خەت يېزىپسىزتىكەنسىز ،يەنە ئۈچ كۈندىن كىيىن ،بىزنىڭمۇ بۇ يەردە ئەڭ چوڭ ھېيتىمىز -قۇربان ھېيىت بولىدۇ .ئاڭلىغانمىتىڭىز ، ھېيىتتن بۇرۇن ئۆي-ئۆيلەردە ساڭزا -قۇيماق ،پىچىنە قاتارلىقلار سېلىنىدۇ .ھويلا- ئاراملار پاك-پاكىز تازلىنىپ،ھېيىت كۈنى چوڭ داستىخان سېلىنىپ ھەممە نەرسىلەر تىزىلىدۇ.ئەڭ موھىمى بۇ كۈندە قوي سويۇپ ،مەھەللىدىكىلەرگە نەزىر بىرىمىز .«قوي سويغاندا،تۈكىگە ئېسىلىۋالسا ساۋاپ بولارمىش »دەيتتى مومام ماڭا .بىراق بۇ يىل ماڭا بۇ ئىش نىسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ، شەھەردەھېيىتنى قانداق ئۆتكۈزدىغاندۇ ؟قارىغاندا ئەتە ئاچاشنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان ئوخشايمەن .ئۇلارنىڭ ھېيىت تەييارلىقىغا ياردەملەشسەم كىرەك.
★ ★ ★ ★
ۋانكا، ئەتە ھېيىت بولىدۇ ،نىمىقشقىكىن مەن ئۆيىمىزنى ،بۇرۇنقى ئۆيىمىزنى بەك سېغىنىۋاتىمەن .لىكىن بىز ئۇ ئۆيىمىزگە قايتالمايمىز ،چۈنكى قەرز ئىگىسى پەقەتلا ئارام بەرمەيدۇ . شۇنچە كۆپ نەرسىنى ئېلىپمۇ يەنە تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ ئۇ قەرز . ئەسلى ئوماق ئىككى ئۇكام ،دادام ،ئانام بىلەن بىرگە ھېيىت ئوينىسام مەن تۇرىۋاتقان بۇ ئۆيدىكى باللىلاردەك چىرايلىق كىيىملەنى كىيمىسەممۇ ،ھېيىتلىق ئالالمىساممۇ مەيلى ئىدى. يىراق توپىلىق مەھەللىمىزگە قايتىپ ،دوستلىرىم بىلەن ،ئۇكىلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ كىچىككىنە يىزا بازىرىمىزدا بىر مولۇق قوماچلارنى ئېلىپ يەپ يۈگۈرۈشۈپ،چېپىشىپ ئوينىسام ،ئانامنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن پولۇسىنى يىسەم ،دەپ شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىۋاتىمەن.
بۇ ئۆيدىكى چوڭ ئاپاش «ھېيىتتا ئۆيگە قايتامسىز ؟»دەپ سورىدى ،مەن ئۈن -تىنسىز باش چايقىدىم .بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئانام بۇ ئۆيگە كەلدى .چوڭ ئاپاش راستىنلا ئوبدان ئايال .ئانامغا خېلى كۆپ كىيىم -كىچەك،يەيدىغان نەرسىلەردىن بىرىپ يولغا سالدى.ئانام مېڭىشتىن ئاۋۋال مەن ئۇنى ئۇزىتىشقا چىقمىدىم.ئۇ چوقۇم چىقمىدى ،ئازاپلاندى.«قىزىم مەندىن ئاغرىنىپتۇ»دەپ ئويلاپ قالدى ،لىكىن مەن ئانامنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تاشلىشىمدىن ،ئۇنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چىقمىدىم .ئانام سەي بازىرىدا ئىشلەۋاتقان ئوخشايدۇ.تذنذضذن ئانام تاپقان 12يۈەننى دادام ئۇرۇپ ئېلىۋاپتۇ.بۇ گەپلەرنى مىنى ئاڭلاپ قالمىسۇن دەپ شۇنچە بوش ئاۋازدا دىسىمۇ يەنىلا ئاڭلاپ قالدىم.قۇلاق تۈۋىمدە شۇ بىر ئېغىزلا گەپ ياڭراپ تۇرىدۇ.«قەرزنى بىرەلمىسەڭ ،خوتۇنۇڭنى ئاچىقىپ بەر »دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغان ئەشۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا دادام بىر ئېغىز گەپنىمۇ قىلالماي ، بېشىنى كۆتۈرۈپ تىك قارىيالمىغان . ئۇ ئەمدى ئانامنى ئۇرۇپتىغۇ، ئىسىت ... !
ۋانكا ،سىزگە سېلىشتۇرغاندا مەن خېلىلا بەختلىكمەن ،يەيدىغان نەرسىلەردىن غەم قىلىپ كەتمەيمەن .بىراق ئائىلىمىز ۋەيرانە ھالدا ھەممىمىز ھەر يەردە يۈرۈيمىز، بۇنىڭ سەۋەپچىسى دادام. بەزىدە دادامغا قارىساملا ،«مەڭگۈ توي قىلمايمەن »دەپ كىتىمەن (بۇنداق دىسەم مىنى زاڭلىق قىلماڭ).بىزنىڭمۇ كۈنلىرىمىز ياخشى بولۇپ كىتەر .قەرزلەرنى تۈگۈتىۋالساق ، ئەتىيازدا يېرىمىزنى تېرىساق ،چوقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ .ئارزۇيۇم -دادام ھاراق ،تاماكۇ ،قىمارنى تاشلىغان بولسا ،ئائىلىمىز تىزراق جەم بولۇپ ،مەنمۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوقۇيالايتىم .تۇرسۇنگۇل خانىم بىلەن كۆرۈشەلەيتتىم.ئىشىنىمەنكى ،گەرچە يېرىم يىل مەكتەپكە بارالمىساممۇ (كىلەر ماۋسۇم ئوقۇشقا نىسىپ بولار)مەن بەك ئەقىللىق،تىرىشچان .چوقۇم ئاسانلا ئۈگۈنۈپ كىتەلەيمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىليارنىڭ كىتاپلىرىدىن بوش ۋاقت بولسىلا ،ئۈگۈنۈپ تۇرۇۋاتىمەن.
ئاپلا سىزنىڭ خېتىڭىز بوۋىڭىزغا تەگمىگەندەك ،مىنىڭ خىتىممۇ سىزگە يىتىپ بارالمايدۇ .چۈنكى ئادرىسىڭىزنى بىلمەيمەن -دە.مەيلى ،ھېچقىسى يوق ،سىزەە داۋاملىق خەت يېزىپ ،سىردىشىپ تۇرىمەن.ئائىلە شارائىتىمىز ياخشىلانسىلا سىزضە ياردەم قىلىمەن .ياخشى ئۈگەنسەم چوڭ بولغاندا ئوقۇش ئۈچۈن سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا بېرىپ قالسام ،سىزنى تاپالىشىم مومكىن.يەنە خەت يىزىپ تۇرىمەن.
خەير-ئامان بولۇڭ .
★ ★ ★
ئۇ خېتىنى قاتلاپ ئۆزىنىڭ مەخپىي نەرسىلىرنى قويىدىغان جايغا تىقىپ قويدى-دە ،ئەتىگەن يىغىپ قويغان كىرلەرنى يۇيۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئاجايىپ بىر ئۈمىد چاقناپ تۇراتتى.
(تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)



بۈگۈن ھېيىت
(نەسىرلەر)

   بۈگۈن ئۇلۇغ قۇربان ھېيىت!
تومۇرۇمغا قان، ۋۇجۇدۇمغا جان بەرگەن، مېھرى ئىسسىق يۇرتۇمنىڭ مۇجەسسىمى- ئىمان نۇرى ۋە خىتابى بىلەن ھەر دەقىق ئۆز قوينىدىكى خەلقلەرنىڭ دىلىنى ئويغىتىپ تۇرىدىغان ھېيتگاھ مەسچىتى؛ مىڭ يىللاردىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز ئەجرى ۋە سەلتەنىتى بىلەن بىزگە ئىپتىخار، غۇرۇر ۋە مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدۇرغان بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى؛ ئېتىزدىن يانغان ئۈستىبىشىدىن توپا ۋە «ئەبگاھ»لىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان چىدامچان ئۇيغۇر دېھقىنىنى، «ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە يۈرەك بار» دېگەننى ئەسلىتىدىغان، بىر-بىرىدىن ئەبەدىي ئايرىلماسلىققا ئەھدە بېرىشكەندەك مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ تۇرغان كونا، سىرلىق ئۆيلەر؛ خۇددى مۇكەممەل بىر تەندىكى قان-تومۇرلاردەك ئايرىلماس كوچىلار... ھەممىسىنىڭ يۈزىدە ھېيىت، كۆزىدە ھېيىت، تىلىدا ھەم دىلىدا ھېيىت...!
    ئۆي-ئۆيلەر، تام-تاملار، كوچا-كوچىلار، ھېلال ئايلىق مۇنارلار، پەرىشتىدەك بوۋا-مومىلار، بېغۇبار بالىلار، مۇڭلىنىپ ئېقىۋاتقان تۈمەن، تىنىپ كەتكەن كۆلچەكلەر، كىسىۋىتىلگەن سۇۋادان تېرەكلەر، خىش-كىسەكلەرنىڭ قەلبىدە ھېيىت!
«ۋەسىيەت تامغىسى» بېسىلغان «تۈۋرۈكلەر»-بۈگۈننىڭ جۇلاسى ۋە ئەتىنىڭ ئىپتىخارى بولغان يېڭى-يېڭى تۈۋرۈكلەر تىكلىنىۋاتقان يۈرەكلەرنىڭ قۇۋۋىتىدىن قۇۋۋەت ئىستىگەن قەشقەرنىڭ يۈرىكىدە ھېيىت!
   بىز قالغان كۆڭۈللەرنى چاي بىلەن ئېلىپ، چاڭقاق دىللىرىمىزنى چاي بىلەن سۇغۇرۇپ، قۇرغاق يۈرەكلىرىمىزنى ياشارتىشقا، توي-ئۆمۈر مەرىكىلىرىمىزدە بىر پىيالە چاي بىلەن بېيىت ئوقۇپ بار تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈرۈشكە كۆنۈك. «توخۇ سۈتى، ئەنقا تۇخۇمى»دىن ئۆزگە بار نىئمەتلەر تېزىلغان ھىيتلىق داستىخانلاردىكى يوغان سەللە ئورۇۋالغان ساڭزا-تۈرمەللەرنىڭ مەڭزىدە ھېيىت. تىلەك، يۈرەكلەر قۇيۇلىۋاتقان ھەر پىيالىدە ھېيىت!
★   ★    ★    ★    ★    ★     ★    ★     ★
سۆيۈملۈك ئانام...
مۇشۇ مۇساپىرچىلىق كۈنلەردە پەرىشتىدەك ئانامنى بار ۋۇجۇدۇم سېغىنىپ ياش تۆكۈۋاتىدۇ، سەن يېنىمدا يوق بېسىلغان قەدەملىرىم، يېگەن تاماقلىرىم، تۇتقان نەرسىلىرىم، نېمىلەرگىدۇر تەلمۈرگەن يۈرىكىم... ھەممىسى كۆزگە ئايلىنىپ ياش تۆكۈۋاتىدۇ ئانا!
ئانا، ئاۋازىڭ، سۆزلىرىڭ كۈنلىرىمگە نۇر بېرىۋاتاتتى، قۇچاقلاشلىرىڭ بارىمنى جەننەتكە تەۋە قىلاتتى. جېنىم ئانا، مۇشۇ كۈنلەردە ئېسەدىگەن يۈرىكىم سېنىڭ پەپىلەشلىرىڭنى سېغىندى. مەن ئۈچۈن تۆككەن تەرىڭ قاقاسلىققا ئايلانغان يەنە بىر جاھاننى جەننەت قىلىۋىتىشكە يىتەتتىغۇ! ناھايەتكى، قەلبىمنى مىسلى جەننەت قىلىۋاتىسەن ئانا.
تېم-تېم ماڭغانلىرىمدا، قەدەم ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقىنىمدا بېشىڭ ئاسمانغا تاقاشقان ئىكەن، ئەمدىلىكتە يىراقلارغا ئۇچقىنىمدا دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن قوللىرىڭنىڭ ئىلتىجالىرى ئەرىشتىكى پەرىشتىلەرنىمۇ يىغلاتتى. سېغىنىشلار تاشقىنلىغان يۈرىكىڭ بۇ جاھانغا سىغمىدى، ئۇ ھەر تامچىسىدا ئەقىدە گۈللىرىمنى سۇغۇرۇپ، پورەكلىتىپ تۇردى ئانا!
تۇنجى قىتىم «ئانا» دېگەن چاغلىرىمدا، مېنى قايتا-قايتا دېگۈزۈپ ئۆزگىلەر ئالدىدا ماختانغان ئىكەنسەن، ئەمدىلىكتە «ئانا» خەلقىم، ۋەتىنىم ئۈچۈن سۆزلىشىمنى، خەلقىئالەم ئالدىدا يۈزۈڭنى يورۇق قىلىشىمنى كۈتۈۋاتىسەن.
ساناقسىز «تۇنجى»لىرىمنىڭ شاھىدىسەن ئانا. سەن تىكىپ بەرگەن ياستۇققا بېشىمنى قويغىنىمدا، ئۇ سنىڭ مېھىرلىك قۇچىقىڭغا ئايلىنىپ، مەن تەرەپكە سوقۇۋاتقان يۈرىكىڭنىڭ دۈپۈلدىشىدىكى پىراقلارنى مىسكىن يۈرىكىمگە يەتكۈزىدۇ. يىراقلاردىن شېۋىرلاشلىرىڭ ئاڭلانغىنىدا تەنھالىقتا مۇڭسىرىغان تىلىم سۆزگە كىرىدۇ، «يىغلىما ئانا، پات يېقىندا بارىمەن » دەيمەن ئۆز-ئۆزۈمگە. «ئانا» دەپ چاقىرىشلىرىم تىلفۇن سىملىرى بىلەن يۈرىكىمنى ساڭا ئەۋەتىدۇ، بۇقۇلداشلىرىڭ كەپتەرگە ئايلىنىپ، دەرىزەم تۈۋىگە كىلىپ ئۈنلەيدۇ.
توشۇش شىركىتىدىن «قەشقەردىن بىر يېشىك ئانار كەپتۇ، ئېلىۋىلىڭ» دەپ تىلفۇن كەلدى. سېغىنىشلىرىڭنى، دان-دانىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان يۈرىكىڭنى يېشىككە ئوراپ ئەۋەتىپسەن ئانا. ئېغىرلىقىدىن كۆتۈرەلمىدىم، ئۇمۇ، يەنە بىرىمۇ كۆتۈرەلمىدى. ئانا، يۈرىكىڭنىڭ ئۈستىگە يۈرىكىمنى ئالدىم، يەنىلا ئانا يۈرىكى بەرداش، ئانا يۈرىكى بالا ئۈچۈن ئەبەدىي ماغدۇرلۇق بولىدىكەن ئانا! ئاخىرى يۈرىكىمىز ھەممىڭلارنىڭ سانسىز مۇھەببىتىنى قاچىلىغان ئانار يېشىكىنى مۇئەللەقتىكى ياتىقىمغا ئىلىپ چىقتى. ئانار ئەمەس ئاتەش چوغ ئەۋەتىپسەن ئانا، بۇ مۇزلىغان شەھەر تومۇرىغا تارىغان مۇھەببەتتىن، چوغ تەپتىدىن ئېرىپ، زېمىن باغرىغا سىڭىپ كىتىۋاتىدۇ، خۇددى مەن سېنىڭ باغرىڭغا سېڭىپ كېتىۋاتقىنىمدەك.
تىلىمنى چىشلەپ سالدىم، ماڭا گېلىڭ سىقىنىپ، «بالام نېمىلەرنى يەۋاتقاندۇ»دەپ ئاچ ئولتۇرغانسەنمۇ ئانا. مانا، بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ ھېيىت كۈنلىرىدە سەن ئەۋەتكەن چەكسىز مۇھەببىتىڭنى يەۋاتىمەن، ئانا!
بىلىمەن، كىتابلىرىمنى سۈرتۈپ ماڭا بولغان سېغىنىشلىرىڭنى بېسىۋاتىسەن، قاچاڭدىكى توغرامچىلار قوشۇقۇڭدا توختاپ قالغىنىدا، ئورنۇڭدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن گەۋدىلىرىڭ لاسسىدە بېسىلىپ قالغىنىدا دىلىڭنى تولدۇرۇپ، كۆڭلۈڭنى قوۋۇندۇرۇپ تۇرغان ئاچا-سىڭىللىرىم، ئۇكىلىرىمغا قاراپ داستىخاندىكى بوش ئورنۇم، يۈرىكىڭدىكى بوشلۇققا سىڭىپ كەتتى. مېنىڭمۇ ياشلىرىم يامغۇر، سېغىنىشلىرىم گۈل بولۇپ ئىتەكلىرىڭگە تۆكۈلىۋاتىدۇ. تىلەكلىرىم، ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى ئىلىپ ماڭغان شاماللار قەھرىتان سوغۇقنى ھەيدەپ، باھار ئىللىقلىقىنى، ھېيتلىق سالاملىرىمنى ئېلىپ يېنىڭغا بارىدۇ...
قەدىردان دادام...
دادامنىڭ تاڭ سەھەردە ئالغان قەدىمى يۈكسەك بىر روھىي كۈچنىڭ ئاستىدا شۇ قەدەر ئېغىر، شۇ قەدەر سالماق، تەمكىن. داداممۇ بىر تامچە بولۇپ، كوچىلاردىكى ئادەملەر دېڭىزىغا قوشۇلۇپ كەتتى چوقۇم. ئۆيدىكى بارىلىق ئاياللار دادام بىلەن ئۇكامنىڭ ھېيتگاھقا ئالغان قەدەملىرىنى پەخىرلىنىش ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە چىقىپ ئۇزۇتۇپ قوياتتۇق. بۈگۈنمۇ كەينىگە رەت-رەت قارىغان دادام تۆت گۈلىنىڭ ئارىسىدىكى مېنىڭ كاملىقىمدىن يۈرىكى پىژژىدە قىلدى، ئەلۋەتتە! ئاپئاق كانۋاي كۆينىكىنى تۈزەشتۈرۇۋاتقان ئۇكام ئۆز ئاچىسىنىڭ كېيىملىرىنى تۈزەشۈرۈشىنى، پۇتلىرىنىڭ تاپانلىرىنى كۆتۈرۈپ پىشانىسىغا سۆيۈپ بولۇپلا «ئۇكام بولغاندىكىن ئالدىمدا ئىگىلىپ تۇر» دەپ شوخ كۈلۈشلىرىنى سېغىندى.
ئەنە، قۇربانلىق قىلىشقا تەييارلىغان قاپقارا قوچقار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەمدىمىدە ئېگىز سۇپىغا ئېلىپ چېقىلدى. جەننەتكە قاراپ يول ئېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قوچقار بوغۇزلىنىش ئالدىدا، ھەممىمىز ئۇنىڭ يۇڭىغا ئېسىلىۋالاتتۇق. دادا، بۈگۈنمۇ بىلەپ پارقىرىتىۋەتكەن پىچىقىڭغا بىلەي ئەكىلىپ بېرىدىغان، سەن «ئاللاھۇ ئەكبەر»دەپ تەكبىر توۋلاپ بولغۇچە، قوينىڭ يۇڭىغا مەھكەم ئېسلۋىلىپ، كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالىدىغان مەندەك «قورقۇنچاق» قىزىڭنى سېغىنىپ، ئۆپكەڭ ئۆرۈلۈپتۇ.
-ھەرھېيىتتا يېنىمىزدا ئېدىڭىز بالام، قوينىڭ يۇڭىنى تۇتالمىدىڭىزدە. ئۆز قولۇم بىلەن بوغۇزلىغان قوينىڭ گۆشىدە شورپا سالدۇق، تىلفۇندىلا ئەۋەتىۋىتەي-ھە.
ھېچقاچان تىلفۇندا يىغلاپ باقمىغان قىزىڭ لېۋىنى چىڭ چىشلىۋالسىمۇ، ئىسەدەشلەر سىملارنى تىتىرەتتى، ئۈنسىز تۇرۇپ كەتتىڭ، سېنىڭمۇ يۈرىگىڭنىڭ ئىسەدىگىنىنى سەزدىم دادا.
سېنى شۇنچە بەرداش ئويلىسام كىرەك، ساڭا يىغلاپ بەردىم دادا. ياقا يۇرتتىكى تەنھالىقتا ھېيىت ئۆتكۈزىۋاتقان قىزىڭ قاپارتقۇلار قاپلىغان ئالقانلىرىڭ بىلەن يۈزۈمنى سېلىشىڭنى، دۇتتار چېلىپ جەڭگىۋار ئاۋازدا ناخشا ئىيتىشىڭنى... سېغىندى!★   ★   ★   ★   ★   ★   ★   ★   ★
«ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر».
قەشقەرلىكلەرنىڭ يۈرىكى، ھېيىت مەيدانى- ھىيتگاھ ئۆز قوينىغا سانسىز يۈرەكلەرنى سىغدۇردى. ياۋاغ تەرەپتىن ئېقىپ كىلىۋاتقان ئادەملەر دېڭىزى- ئەنە ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشكەن، ئىگىز، سېمىزرەك كەلگەن بەستىگە ئۇزۇن تون، پۇتىغا قارا مەسە-كالاچ كىيىپ، بېشىغا ئاپئاق سەللە ئورۇۋالغان كىشىگە ئەگىشىپ كىلىۋاتقان پاكىز-رەتلىك كىيىنگەن جامائەت ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ يېرىم قەدەم كەينىدە مېڭىپ ھىيتگاھ مەسچىتىنىڭ قۇببىسىگە قاراپ-قاراپ قويۇپ، ئاجايىپ ھاياجان ئىچىدە كېلىشمەكتە. ئۆستەڭبويى، خام بازىرى، قوناق بازىرى، كەتمەن بازىرى، تەشتەك بازىرى، قۇمدەرۋازا، تۆشۈك دەرۋازا، قارقا دەرۋازا... تەرەپلەردىن سەلدەك ئېقىپ كىلىۋاتقان جامائەت قولتۇقلىرىغا جاينامازلىرىنى قىستۇرغىنىچە، بىر تامچە سۇدەك بۇ دېڭىزغا قوشۇلۇپ كىتىشىۋاتىدۇ.
ھېيتگاھ مەسچىتى ئىچى-سىرتىدىكى سانسىز باشلار، پىشانىلەر ئەزىزانە قەشقەرنىڭ تۇپرىقىنى سۆيىدۇ. ھىيتگاھ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش تالاي قەلبىلەرگە نۇر چېچىپ، يورۇتۇپ بارىدۇ، ئۇنىڭدىن تارىغان خىتاب ھەر بىر قەشقەرلىكلەرنىڭ ۋۇجۇدىغان سىڭىپ كىتىدۇ. دۇئاغا كۆتۈرۈلۈپ كۆككە سۇنۇلغان قوللار، نەملەشكەن كىرپىكلەر...
قەشقەردىكى ئاياللار
ئەرلەر قۇرغان دۆلەتتە ياشار،
يوق مۇستەقىل پادىشاھلىقى.
چۈشۈرىدۇ تەختتىن ئۇلار،
                     ۋە شاھ قىلار خالىسا سېنى.(قەشقەردىكى يەرشارى)
خىياللىرىم قەشقەر كوچىلىرىدا، گىلرەڭ تاملاردا، ئاپئاق ساقاللىق بوۋاي، ئاپئاق لىچەكلىك مومايلاردا، ئەرلىرىنىڭ تەختى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان، چۈمپەردىگە ئورالغان يۈزلىرى بىلەن دۇنياغا قىيا بېقىۋاتقان، قازان بىشىدا تۇرۇپ دۇنيا مەۋجۇتلىقىنى قاينىتىۋاتقان سەرۋى-قامەتلىك ئاياللاردا، يالىڭاچ ھالدا كوچىلارغا چىقىۋىلىپ، چۇرقىرىشىپ پۈتۈن قەشقەرگە جان ئاتا قىلىدىغان بىغۇبار سەبىي بالىلاردا، ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى بىلەن ئائىلىمىزنى ئويغىتىدىغان دادامدا، ئالتۇن ياپراقلىق توغراقلار بىلەن سانسىز قەبرىلەرنى قوينىغا ئېلىپ، مۇڭلىنىپ ياتقان «ئىماملىرىم» (قەبرىستانلىق نامى)دا، تاڭ شەپىقىدە ھەممىنى قىزىللىققا پۈركەيدىغان يۇلغۇنلاردا ھېيىت ئوينايدۇ!
قەشقەرنىڭ سالام-سائىتىگە ئۇيغۇرنىڭ جەۋھىرى سالاملىرى مۇجەسسەم. ئىللىق چىراي، قولىنى يۈرەككە قويۇپ قىلىنغان چىن ئەقىدە سالىمى، يۈزىنى چۈمپەردىگە ئوراپ نېھال بەستىنى يىنىك ئىگىپ قىلىنغان ھايالىق سالام، خىزىر ئەلەيھىسالامنىڭ بارمىقىنى تۇتۇۋىلىشقا ئىنتىلگەندەك ئاجايىپ بىر مۇھەببەت بىلەن قوللارنى چىڭ سېقىپ يۈرەكلەرنىڭ رىشتىسىنى چېڭىتىپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قول ئېلىشقان سالام... ئىللىق چىراي، ئىللىق سالاملاردىن ئاجايىپ بىر نۇر- ئىنسانىي مۇھەببەت تامىدۇ. ھېيىت نامىزى ئاخىرلاشقاندا، قىزغىن سالاملار بىلەن ناتونۇشلاردىن تونۇشلارغا، رىشتىسى ئۈزۈلگەنلەردىن ئۇلانغانلارغا ئايلانغان جامائەت چايقىلىۋاتقان دىڭىزدەك قەشقەرنىڭ كوچىلىرىغا، ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سېڭىپ، ئانا ماكانغا ئۆزىنىڭ پاكلانغان ۋۇجۇدى بىلەن ھاياتى كۈچ بەخش ئېتىپ تۇرىدۇ.
ھېيتگاھ ئۈستىدىكى سۇناي ئاۋازى ھېيىت تەنتەنىسىنى، خۇشاللىقىنى ئۆز خەلقىنىڭ تۇپرىقىغا، گۈل-گىياھلىرىغا، روھىغا سىڭدۈرۋەتتى. ھېيىتلىق كىيىملىرىنى كېيىشىپ خۇشھال ئوينىشىۋاتقان بالىلار، باشلىرىغا چىمەن دوپپا، ئۇچىسىغا كاستىيۇم-بورۇلكا كىيۋالغان پاكىز، بەستلىك ئۇيغۇر يىگىتلىرى ھېيتگاھ مەيدانىغا قاراپ ئاقماقتا.  
سامادا مىڭ ھېكمەت، سامادا مىڭ غەيرەت.
بۈگۈن ھەر بىر يۈرەك سامادا. سامالىرىدا ئالغۇر بۈركۈتلىرى، ئۆتكۈر لاچىنلىرىنىڭ پەرۋازى بار. ئەنە قاراڭ! كۆكتە ئۈزۈۋاتقان بۇلۇتلارمۇ بىردەم توختاپ، ھەۋەس بىلەن يىگىتلەرنىڭ ساماسىنى كۆرۈپ كۆزى قىيمىغان ھالدا دېڭىزغا سۇ ئىچكىلى كەتتى.
بۈگۈن قەشقەر ئۆز ئوغلانلىرىنىڭ ساماسىغا مۇجەسسەم چىدام-غەيرىتى ۋە تېشىپ تۇرغان پاراسىتىدىن پەخىرلىنىپ، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ، بېشى كۆككە يەتتى. بۈگۈن زەبەردەست ئوغلانلىرىغا قارىغان قەشقەر، بۇ ئوغلانلارغا ئەگەشكەن سانسىزلىغان يۈرەكلەر ئەتىنى ئۈمىد بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. تىكەن سانجىلىپ يارا بولغان يۈرەكلەرنىڭ بەقۇۋۋەتلىكى ئۈچۈن دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن نۇرغۇن قوللار ئۇلارغا مەلھەم سۇنىدۇ، ئۇلۇغ ھېيىتتا بىر-بىرنى ئەپۇ قىلىشىدۇ، ئۆزرە قويۇشىدۇ، ئاداۋەتلەرنى يۇيۇشىدۇ ...
ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى، مۇھەببىتىنى، تىلەكلىرىنى، غەيۇرلۇقلىرىنى، شاھزادىلەرگە خاس سۈلكەت، روھىنى سامالىرىغا، خۇشھال سەكرەشلىرىگە سىڭدۈرۋەتكەن. ساما سېلىۋاتقان، جۇشقۇن جاسارىتىنى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان، چىمەن دوپپا كەيگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭ قەددى-قامىتى، يىنىك سەكرەشلىرىدىدىكى باتۇرلۇققا مەپتۇن بولغان قىزلار كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي، يەر ئاستىدىن مارىشىدۇ، گىلەم دوپپىلىرى ئارىسىدىن سىرغىپ چۈشكەن ئۆرۈم چاچلىرىنى ئويناپ، كۆڭلى ئۇلارنىڭ دىققەت-ئىتىبارىغا ئېرىشىشنى ئىستەپ قالىدۇ.
ساما سەيناسىغا قىتىلغان ھەر بىر كىشىنىڭ قېنى ساپلىنىپ، ئۇيغۇر قېنى بىلەن تومۇرلىرى يۇيۇلۇپ چىقىدۇ. ئاۋال ئىككى يىگىتنىڭ ساما سېلىشى بىلەن باشلانغان قىزغىن ساما دەقىقە ئىچىدە يۈزلەپ، مىڭلاپ يۈرەكلەرگە كۆچىدۇ، بىر-بىرىگە كۈلۈمسىرەپ مۇھەببەت يوللىشىدۇ.
ساما سەيناسى، بىرلىك دۇنياسى
ساما خەلقىمنىڭ ئاشىق، تەشناسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-7 03:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر دولقۇن كەم ئۇچىرايدىغان ئىستىدات ئىگىسى ۋە ئىقتىدارلىق يازغۇچى ئىكەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇنبەر يۈزىدە تۇنۇشقۇنۇمدىن خوشالمەن.

ۋاقتى: 2012-4-7 18:12:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپدېشىمنىڭ يېڭى يېڭى ئۇتۇقلىرىنى موبارەكلەيمەن.يېڭى ئۇتۇقلارنىتىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-7 18:31:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر دولقۇننىڭ كېيىكى ئىجادىيەت مۇساپسىگە زور ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە ، ھايات يوللىرىنىڭ ئېقىن سۇدەك راۋان بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
تىما يوللىغۇچىغىمۇ رەھمەت .

ۋاقتى: 2012-5-24 21:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيى سېسىپ كەتكەن «قۇدۇق»تا ياشاۋاتقان، مەندەك بىر «پاقا»غا دۇنيانى تەۋرىتىشكە ئاساس سېلىۋاتقان ئاينۇر دولقۇندەك «ئانا»لارنى تونۇۋېلىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن، ئۇشبۇ تورغا چەكسز تەشەككۈر!


ۋاقتى: 2012-5-31 02:27:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈشكىچە امان بولۇڭ!

ۋاقتى: 2012-5-31 02:34:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر دولقۇن خانىمنىڭ ئىجادىيىتىگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2012-5-31 11:54:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر مەن تونۇيدىغان قەلەمكەش قىز - ئاياللار ئىچىدىكى ئالاھىدە ئىجتىھادلىق، تىرىشچان، ئىرادىلىك قىزلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تىنىم تاپماس تىرىشچانلىقىغا ھەقىقەتەن قايىلمەن. ئۇنىڭ قەلەمنى چىڭ تۇتۇپ گۈزەل مەنزىللەرگە يېتىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2012-6-4 20:41:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر دولقۇننىڭ تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىنى تىلەيمەن...

ۋاقتى: 2012-6-5 00:06:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر  حانىمنىڭ ئىجادىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-6-5 00:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر دولقۇن  بوران-چاپقۇندا  تاۋلانغان قۇش،ئېسسىق-سوغۇقتا  پۈكۈلمەي ئۆسۈپ قەد كۆتۈرگەن بىر مەزمۇت دەرەخكەن.باشقا سۆزنى دېيىشكە ھاجەت بولمىسا كېرەك.

ۋاقتى: 2012-6-5 09:59:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلەن تەڭ دېمەت بىر قىزنىڭ بۇنداق مول ،ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگىنىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم، سىز بىر پىشقان قەلەمكەش بولۇپلا قالماي يەنە كېلىپ تەشكىللەش ئىقتىدارىڭىزمۇ بەك يۇقۇرىكەن ، يولىڭىزغا ئامەت،قولىڭىزغا بەرىكەت يار بولسۇن، ھارمىغايسىز.

ۋاقتى: 2012-6-5 13:23:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ تىرىشچان ئىكەنتۇق

ۋاقتى: 2012-6-9 00:35:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن بىر ئايالنى تونۇۋالدىم، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2012-6-9 01:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلى يوللىغان ۋاقتى  2012-6-9 00:35
ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن بىر ئايالنى تونۇۋالدىم، تېما ئى ...

گۈلى، ئاينور تېخى توي قىلمىغان بىر قىز. ئەمما ئۇنىڭ ھەرجەھەتلەردىن يىتىشكەنلىكى راست!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش