پەرىشتە ئانام
تۇبا گۆچ
بۇرۇنقى زاماندا ، تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىر بوۋاق تەڭرىدىن :
تەڭرىم ، پەرىشتىلەرسېنىڭ مېنى ئەتە دۇنياغا كۆز ئاچقۇزىدىغانلىقىڭنى ئېيتتى . مەن تېخى بەك كىچىك تۇرسام ، ئۇ يەردە قانداق ياشايمەن دەپتۇ .
پۈتۈن پەرىشتىلەر ئارىسىدىن سەن ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى تاللىدىم . ئۇ ھازىر سېنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتىدۇ . مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۇ سېنى قوغدايدۇ ، سېنى ياخشى بېقىشقا تىرىشىدۇ ، ساڭا ناخشىلارنى ، ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ ،ھەرۋاقىت سېنى خوشال قىلىشقا تىرىشىدۇ ، ساڭا كۈلۈمسىرەيدۇ . سەن ئۇنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلىسەن ۋە ئۇنىڭ يېنىڭدا بولغانلىقىدىن خوشال بولىسەن دەپتۇ تەڭرى .
ئۇنداقتا ئىنسانلار ماڭا گەپ قىلسا ، ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەي تۇرۇپ گېپىنى قانداق چۈشىنىمەن ؟
پەرىشتەڭ ساڭا سەن ھېس قىلالايدىغان ، بىلەلەيدىغان ئەڭ گۈزەل تىلدا ، ئەڭ تاتلىق سۆزلەرنى قىلىپ ساڭا سۆزلەشنى ، باشقىلارنىڭ گېپىنى چۈشىنىشنى ئۈگىتىدۇ .
تەڭرىم سەن بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلسە قانداق قىلىمەن ؟
پەرىشتەڭ ساڭا قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ،ئالقانلىرىنى ئېچىپ تۇرۇپ ماڭا دۇئا قىلىشنى ئۈگىتىدۇ .
دۇنيادا ئەسكى ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم . ئۇچاغدا قانداق قىلىمەن ؟
مېنىڭ ئىزنىم بىلەن پەرىشتەڭ سېنى قوغدايدۇ . ھەتتا سەن ئۈچۈن جىنىنىمۇ بېرىشكە تەييار تۇرىدۇ .
دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن سېنى يەنە كۆرەلمەيدىغانلىقىم ئۈچۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىۋاتىدۇ .
پەرىشتەڭ ساڭا داۋاملىق مەن توغۇرلۇق سۆزلەپ بېرىپ ، يېنىمغا كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئۈگىتىدۇ .
دەل شۇ گەپلەر بولىنىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە جەننەتتە بىردىن جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ ۋە ئاستا – ئاستا دۇنيادىكى ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىنىپتۇ . بۇۋاق ئۆزىنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپتۇ ۋە ئەڭ ئاخىرقى سوئالىنى سوراپ :
تەڭرىم ئەگەر ھازىرلا دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان بولسام ، ماڭا تېزدىن دۇنيادا مېنى كۈتىۋاتقان پەرىشتەمنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگىن . ئۆتۈنۈپ قالاي دەپ يالۋۇرۇپتۇ .
تەڭرى دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بۇۋاقنى ئۈمۈدسىز قويماسلىق ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىپ :
پەرىشتەڭنىڭ ئىسمىنى بىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق . سەن ئۇنى ‹‹ ئانا ›› دەپ چاقىرىسەن دەپتۇ .
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران
ئىسىم-فامىلىڭىزنى تولۇق قالدۇرۇشىڭىزنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن ـــــ تەھرىردىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-22 21:11
|