يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2541|ئىنكاس: 7

پاشاگۈل:دادام -قۇياشىم!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                              دادام -قۇياشىم

كۇچا ناھىيە ئوچا ئوتتۇرا مەكتەپتىن:
پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى

(101 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرگەن ئۆمۈر چولپىنى دادام ئىسمايىل تۇردىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)

قەدىردان دادا !
قۇياش بىلەن زېمىن ئارلىقىدا تەنھا كېزىپ، ئىزىڭنى بويلاپ توختىماي ئىلگىرلەۋاتىمەن. سىېنىڭ مۇقەددەس ئاۋازىڭ ھەر ۋاقىت مېنى ئالغا چاقىرماقتا.
ھايات نەقەدەر گۈزەل- ھە!
مانا ،شۇ تاپتا ئاپام ۋە قېرىنداشلىرىم جەم بولۇپ، مۇبارەك سۆرىتىڭ ئالدىدا،بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بىر  يىلدىن بۇيانقى ئىزنالىرىڭنى ئەسلىمەكتىمىز. توغرا، سەن بىزگە، بەش پەرزەنتىڭگە قانداق ياشاش ۋە قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىتىپ قويغانىدىڭ، بىز ئاپامنىڭ، مېھىرلىك مۇھەببىتىدە سەن ئۆگەتكەن يول بىلەن ھاياتلىقتا تەمتىرمەي، كۆكتە پەرۋاز قىلىپ،ئىجاد بېغىدا مول- ھوسۇل ئېلىپ، ساڭا سوۋغا قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ كەلدۇق. كۆيۈمچان ھەم مېھرىبان ئاپام بىزگە مەمنۇنلۇق بىلەن قارىماقتا.
2011- يىلى 28- ئىيۇن كۆكتە ئاجايىپ نۇرلۇق بىر چولپان يۇلتۇز ساقىدى، زېمىن تىترەپ كەتتى. كۆك سابا تارام- تارام ياش تۆكتى. ھاياتلىق دەقىقە توختاپ قالدى.
- كىم قازا قىپتۇ؟
- نىمانداق كۆپ ئادەم- بۇ؟ قايسى ئالىمدۇ-؟ ياكى قايسى چوڭ باشلىقتۇ؟
-كۇچادا بۇنداق چوڭ ناماز بولغاننى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.
-بىزدەك،ئۇششاق تىجارەتچىلەربۇنداق مەشھۇر كىشىلەرنى بىلمەيدىكەنمىز.
-مۇئەللىمكەن،مۇئەللىم.
-نىمە؟ مۇئەللىم.
-قارىغاندا قالتىس مۇئەللىم ئوخشايدۇ.
-شۇ،ھازىرقى مۇئەللىملەرنىڭ بەزىلىرىگە قاراپ،توۋا دەپ قالىدۇ كىشى.
-ھەي، ھازىرقى ياشلارنى-زە،قارىسا سەللىسى يوغان،بىراق بالىلىرىمىزغا نەپ يۇقمىغان.ھازىرقى بالىلاردا ئېتىقات كەم،بەزىبىر بالىلاردا ئەخلاق دىگەن ئۇقۇم تامام.
-راست.راست دەيسىلەر،خۇدايىم بالىلىرىمىزنىڭ ئىنسابىنى بەرسۇن.
بەزىبىر ئوقۇتقۇچىلارغا قاراپ،ئوقۇتقۇچىمۇ-ئەمەس دەپ قالىدۇ-كىشى.
-كىيىنىشى-چۇ،ئوقۇتقۇچىغىمۇ ئوخشىمىغان.
-ھارۋاڭنى تارت،چەتكە،ئاۋۇ ئىگىز، سىمىز كىشى گەپ قىلىۋاتىدۇ.
- كۈسەن دىيارىنىڭ ئاقارتىش خىزمىتىگە ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان، 44 يىل مائارىپ سېپىدە جان كۆيدۈرۈپ،سەبىيلەر يۈرىكىنى ئىلىم- مەرىپەت بېغىدا كەڭ پەرۋاز قىلدۇرغان، ياشاش ۋە ئادىمىيلىك مىزانى بويىچە خەلقىگە ئۈلگە بۇلۇپ باش بولغان، ئۆز يۈرەك- پارىلىرىنى ياراملىق ئىقتساس ئىگىسى قىلىپ، تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇپ،جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تەقدىم قىلىپ، دۆلەتكە سۇنغان ھۆرمەت ساھىبى ئىسمايىل تۇردى ئەپەندىم 101 يېشىدا مېڭىپ يۈرۈپ،مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ،كۇسەن خەلقىنى قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتكە سالدى،بۇ بىز كۇچا خەلقى ئۈچۈن زور يوقۇتۇش!.
- توۋا! تۈنۈگۈن مەن تېخى ساتراچخانىدا كۆرگەن.
-ئاخشام دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە سالام بېرىپ، تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ تۇراتتى.
- ئاغرىپ قالغانمىدۇ، تېنى شۇنداق ساغلام ئىدىغۇ.
- شۇنداق. سەھەردە، ئۆزى تاھارەتكە چىقىپ كىرىپ،كارۋاتقا چىقىپ يېتىپ كۆز يۇمۇپتۇ.
- بۇنداق ئۆلۈم نەقەدەر ئۇلۇغ ئۈلۈم- ھە!
- نىمانداق خاسىيەتلىك ئادەم- بۇ، خوتۇن- بالىلىرىغا تاھارەتنى تۆكتۈرمەي...
شۇنداق دادا، بىز تېخى ئاخشاملا كۆرۈشكەن ئىدۇق. سەن بىزگە چاقچاق قىلىپ، بىزنى كۈلدۈرگەنىدىڭغۇ.
تەڭرى ساڭا ھەقىقەتەن شاپائەت قىلغانىدى. مېڭىپ- مېڭىپ ھارمايتىڭ، سەن ئىككى پۇتۇڭدىن شۇنچىلىك مىننەتدار ئىدىڭ، كۆزلىرىڭنىڭ ئۆتكۈرلىكىچۇ- تېخى. كۆزئەينەك تاقىماي كىتاپ ئوقۇساڭ، باشقىلار ھەيران قالاتتى.
-قانچە ياشقا كىرگەنلا، - دىسە، سەن ئالدىرماي تۇرۇپ:
- 70 ياشقا باراي دىدىم دەيتىڭ. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئىشەنمەيتتى. سەن ئۆزۈڭنى ھەم جۇشقۇن تۇتاتتىڭ. روھىڭ ئۈستۈن ھەم كۆتۈرەڭگۇ ئىدى. سەن كىتاپ ئوقۇشنى، مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتىڭ. رەسىممۇ سىزىپ قوياتتىڭ،ھەقەمسايىلىرىڭ بىلەن پات- پات غېرىپ- غۇربالارغا ئىئانە توپلاش، يىتىم- يىسىرلارنى مەكتەپتە خاتىرجەم ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى كۆتۈرە ئېلىشتەك ساخاۋەتلىك ئىشلار ئۈچۈن چاي قىلىپ، خاسىيەتلىك ئىشقا تەشكىللەيتىڭ.بىراق كۆز-كۆز قىلىشنى پەقەتلا خالىمايتىڭ.
-ساخاۋەتلىك ئىشلار داۋراڭ سېلىنماسلىغى كېرەك،ھازىرقى ياشلار بىزنىڭ بۇ ھەركىتىمىزدىن ئۈلگە ئالسۇن،- دەيتىڭ ھەمىشە سېنى ئىزدەپ كەلگەنلەرگە.
قەدىردان دادا، سەن ئايلىنىپ كىرىشنى، ساياھەتنى بەك ياخشى كۆرەتتىڭ. سەن ئەزەلدىن بالدۇر يېتىپ، سەھەر تۇراتتىڭ، ئەتىگەنلىك ناشتىنىڭ مول ھەم قۇۋۋەتلىك بولىشىغا ئەھمىيەت بېرەتتىڭ. مىۋە- چىۋىلەرنى، سەي- كۆكتات، قارا ئاشلىقلارنى ياخشى كۆرەتتىڭ.
سېنىڭ قاتناش قورالىڭ ۋېلىسپىت ۋە پىيادە ئىدى. كۈسەن دىيارىدا سېنىڭ ئاياق ئىزىڭ باسمىغان تۇپراق بارمىدۇ؟ مەن بىلسەم سېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭ بەك كۆپ ئىدى. ئۆيىمىز پات- پات سەن تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىڭ بىلەن تولاتتى. سەن ئۇلار بىلەن بىللە بولساڭ دۇنيانى ئۇنتۇپ، قاقاقلاپ كۈلەتتىڭ. سەن تولىمۇ بىلىملىك ئىدىڭ. سەن خەنزۇتىلى،ئەرەپ تىل،پارس تىلى، رۇس تىلى، قازاق تىلى، مۇڭغۇل تىلىنى ناھايتى ياخشى سۆزلەيتىڭ. سەندىن تىل ئۆگىنىشكە كەلگەنلەرگە ئەزەلدىن ھەق ئالماي، ئېرىنمەي ئۆگىتەتتىڭ. ھارماي سۆزلەيتىڭ. بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىنى ئەۋلاتلىرىمغا ئۆگىتىۋالسام،- دەيتتىڭ ھەمىشە زەپەردەس ھالەتتە.
قەدىرلىك دادا،سەن ئەزەلدىن ھاياتتىن مىننەتدار ئىدىڭ، ھاياتقا كۈلۈپ قارايتىڭ. سەن بىزگە :‹‹بالىلىرىم،بىز ھاياتقا قانچىلىك كۆپ بەرسەك،قانچىلىك مۇھەببەت ئاتا قىلساق ھاياتمۇ بىزگە  شۇنچىلىك كۆپ بىرىدۇ.›› دەيتتىڭ زوق بىلەن.
جېنىم دادا،سەن ئائىلىدە بىزگە بەكمۇ كۈيۈمچان ھەم تەلەپچان ئىدىڭ، ئاپام ئەتكەن ھەر قانداق تائامنى ماختاپ تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ يەيتىڭ. سەن ئەزەلدىن ئاشخانىنىڭ تامىقىنى يىمەيتتىڭ. سەپەرگە چىققاندا ئاپام مەخسۇس ساڭا سەپەر تامىقى تەييارلاپ بىرەتتى. شۇڭا بىزنىڭ جەم بولىشىمىز ئائىلىدە بولاتتى. تاماقنى يەپ بولۇپ سىرتقا چىقاتتۇق. قىزلىرىڭمۇ ئاپامنى دوراپ قازان بېشىغا چىۋەر، ئۆي ئىشىغا پۇقتا چوڭ بولدۇق،دادا.
دادا،سەن ئاپامنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىڭ، قەۋەتلا ئاسرايتىڭ، ھەم كۆيۈنەتتىڭ.بىرىنچى ئايالىڭ بىلەن 30 يىل ئۆي تۇتۇپ، يۈرەك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كەتكەندە،(پەرزەنتىڭ يوق بولۇپ،تۇغماس ئىكەنتۇق،بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەچكە،پەرزەنتىڭلار بولمىسىمۇ،ياخشى ئۆتۈپ،تۇرمۇشۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇپتىكەنسىلەر) سەن تۆت يىل ماتەم تۇتۇپ،دوست-بۇرادەرلىرىڭنىڭ دەۋىتىدە،ئاپام بىلەن(ئاپام سېنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچۇڭ ئىكەنتۇق )توي  قىپتىكەنسەن. دائىم بىزگە:‹‹ئاپاڭلار سىلەر بەش پەرزەنتىمنى  تۇغۇپ بېرىپ،مېنىڭ قوۋمىمغا قوۋم قوشۇپ،ئەۋلادىمنى ئەۋلادىمغا ئۇلىغان، ھاياتىمدا ماڭا چەكسىز بەخت-خوشاللىق ئاتا قىلغان. ئاپاڭلا مەندىن كۆپ كىچىك،ياشلىغىنى،ھاياتىنى ماڭا،سىلەرگە ئاتا قىلىپ،كېلىۋاتىدۇ. ئاپاڭلارغا يېقىن تۇرۇڭلار، ئاپاڭلار چارچاپ كەتمىسۇن،مەڭگۇ مۇشۇنداق ساغلام ۋە ياش تۇرغاي›› دەيتتىڭ. ئاپامنى يېنىڭدىن ئايرىمايتتىڭ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاپام يېنىڭدا بىردەم بولمىسا جىممىدە بۇلۇپ قالاتتىڭ، كۆزلىرىڭ ئاپامنى ئىزلەيتتى. ئاپاممۇ سەنسىز ھېچ يەرگە بارمايتى.بىللە بېرىپ، سەي-كۆكتات ۋە ئۆيگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئەكىلەتتىڭلار.بىز بالىلىرىمىزنى ئېلىپ ،چوڭ ئۆيگە بارساق قەۋەتلا خوشال بۇلۇپ كېتەتتىڭ، بۈگۈن ئۆيىمىز باغچىغا ئايلاندى دەپ نەۋرىلىرىڭ بىلەن توختىماي بىرگە ئوينايتىڭ، پاراڭلىشاتتىڭ، ئۇلارغا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ ،چۆچەك دۇنياسىدا سەيلە قىلدۇراتتىڭ ،چوڭقۇر ئويلارغا سالاتتىڭ.
قەدىردان دادا، ھېيت- بايراملاردا سەن سەھەردىلا بىزگە ھېيتلىق بىرېۋېتىپ، چىقىپ كىتەتتىڭ،‹‹ بالىلىرىم، يېتىم- يېسىرلار، ئىگە- چاقىسىزلارغا ھېيتلىق بىرىپ، پەتىلەپ كەلدىم. ئۇلار خوشال بولسا، تەبىئەت سىلەرنى مەڭگۈ خوشال قىلىدۇ،پىشاناڭلار ئوڭ،ئىشلىرىڭلار يۈرىشىدىغان بولىدۇ،ئاتا-ئانىلارنىڭ روھى،ھەركىتى پەرزەنتلىرىنڭ كەلگۈسىگە پاياندازدۇر.مېنىڭ ھەر بىر ئىشلىرىم سىلەر ۋە ۋەتەن،خەلق ئۈچۈندۈر باللىرىم›› دەيتىڭ. ئاپام، سېنىڭ بۇ ئادىتىڭگە كۈنۈك بولغاچقا بىر يىلدىن بۇيان، سەن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
قەدىردان دادا،سەن ھېيت بولسىلا بىرىنچى كۈنى مەھەللىدىكى ۋە يېقىن مەھەللىدىكى كەمبەغەلەرنى، ئۆزىمىزنىڭ كەمبەغەل تۇققانلىرىمىزنى چاقىرىپ ناھايىتى مول داستىخان سالاتتىڭ، ئاپام ئىككىڭلار تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتەتتىڭلار.ھېيتلاشنىمۇ ئاۋال بىزنى ئەگەشتۈرۈپ، شۇلارنىڭ ئۆيىدىن باشلايتىڭلار. ئۆيگە كەلگەندە بولسا،‹‹ بالىلىرىم، نېمىنى ھىس قىلدىڭلار، سىلەر قانداق قىلساڭلار بولغىدەك؟›› دەيتتىڭ. بىزگە سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلىپ. سەن ئەزەلدىن بىزنى ئۇرمايتتىڭ، تىللىمايتىڭ، ئەستايىدىللىق بىلەن مىسال ئېلىپ تەربىيە قىلاتتىڭ. بىرەرىمىز خاپا قىلىپ قويغىنىمىزدا، ئۆي سۈكۈناتقا چۆمەتتى. ئاپام ۋە بىز سېنىڭ چىرايىڭغا قاراپ، ئىشارەت بىلەن ئىش قىلاتتۇق. خاپا قىلغىنىمىزغا پۇشايمان قىلىپ، سەندىن ئەپۇ سورايتتۇق. سەنمۇ پىشانىمىزغا سۈيۈپ، باغرىڭغا مەھكەم بېسىپ، پۇراپ كېتەتتىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۆيىمىز ئاۋالقى شاد- خورام، كۈلكە- چاقچاققا تولاتتى.
-بالىلار بىزگە مېھمان،ئاپىسى،ئەتە-ئۆگۈن ئوقۇش،خىزمەت،كېيىن توي قىلىپ،بىزدىن ئايرىلىدۇ.ئۇ ۋاقىتتا بۇ چوڭ ئۆي ۋە ھويلىدا ئىككىمىز قالىمىز.بىز ئۇلارغا مۇھاببىتىمىزنى،دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق سۆزلىرىمىزنى بېرىشىمىز كېرەك.-دەيتىڭ.
بىز ئائىلىدە ئەتىۋارلىنىپ،تەلەپ ئاستىدا چوڭ بولغاچقىمۇ،ھەر بىر ئىشتا ئۆزىمىزنى بەك بىلىدىغان،ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ چوڭ بولدۇق.شۇڭىمۇ ھامان باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتىمىز.بۇمۇ سېنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى بىر گۈزەل مىزانىڭ.بۇمۇ بىزگە ئۇدۇم بولۇپ قالدى،دادا.
دادا، سەن بىزگە ھەر بىر ئىشتا ئۈلگە ئىدىڭ. سەمىمى، راستچىل، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتىڭ. مېھماننى بەكمۇ ئەزىزلەيتتىڭ، ئىناقلىققا، دوستلۇققا، قولۇم- قوشنىدارچىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتىڭ. ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولىشىمىزنى، ئىشچان،ئەمگەكچان ھەم ھەرىكەتچان بولىشىمىزنى تەۋسىيە قىلاتتىڭ. سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىكى تىنىم- تاپماي ئىشلەش، ئالغا بېسىش روھى مانا ،بىزگە ئۇدۇم بۇلۇپ قاپتۇ دادا.
دادا،سەن قېرىنداش تۇققانلارغا بەكمۇ مېھرىبان ھەم سېخى ئىدىڭ. ھاجەتمەنلەرگە جان دەپ قۇچاق ئاچاتتىڭ، ھەرگىز قۇرۇق قول قايتۇرمايتتىڭ. باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن خوشاللىق تاپىمەن باللىرىم،- دەيتتىڭ بىزگە.
سەندە قانداق خىسلەت باردۇر دادا. ساڭا ھەممە، ھەممە ئامراق ئىدى. كۈيئوغۇللۇرۇڭ، كېلىنىڭ، قۇدا- باجىلىرىڭ، ئەل- جامائەت ساڭا شۇنچىلىك ئامراق ئىدىكى، ئۇلار سېنى پەرىشتە دەپ بىلەتتى. مەھەللىمىزدە توي- چايلار سېنىڭ مەسلىھەتىڭسىز بولمايتتى.
مېھرىبان دادا،سەندىن ئايرىلىپ بىز قانىتىمىز سۇنغان قۇشتەك ھەر تەرەپكە تىپىرلاپ،پەرياد چەكتۇق،ئاھ ئۇردۇق،نالە قىلدۇق.يىغلاپ تىرىلدۈرۋالىدىغان ئىش بولسا سېنى تىرىلدۈرىۋالاتتۇق دادا.ئاپام ۋە بىز تۆت قىز، بىر ئوغلۇڭ ساڭا چىدىماي بىھۇشلانساق،تۆت كۈيئوغلۇڭ،بىر كېلىنىڭ،قېرىنداش،قولۇم قوشنىلار، ئەل- جامائەت تۈۋرىكىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق دەپ، دەريا- دەريا ياش تۆكتى.
قەدىردان دادا،بىز ھەممىمىز چوڭ ئۆيدە سېنى سېغىنىپ،ئەسلەپ ئولتۇرساق،تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى. بىزگە ناتۇنۇش مېھمانلار ئارقا- ئارقىدىن كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئالتايدىن كەپتۇ. سېنىڭ ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ئۆلكىلىك دارىمۇئەللىمننى پۈتتۈرۈپ، ئالتاي ۋىلايىتىگە تەقسىم بولۇپ، 20 يىلغا يېقىن مائارىپ سېپىدە گۈل- غۇنچىلارنى پەرۋىش قىلغىنىڭنى بىلەتتۇق.
بۇندىن بەش يىل بۇرۇن ئائىلە بويلاپ ھەمىمىمىزنى ئەڭ نەۋقىران، گۈزەل ياشلىق دەۋرىڭنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئالتايغا ئاپىرىپ، ساياھەت قىلدۇرۇپ كەلگەنىدىڭ.
مانا، ئۇلار دەستە- دەستە گۈل دەستىلەرنى، توم- توم كىتاپلارنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئۇلۇغلۇغۇڭ يەنە ئۇلۇغلاندى دادا.توغرا ئېيتىپتىكەنسەن دادا،بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن مېھرى-شەپقەتكە تولغانئىكەن دادا،ھەركىم ئۆز ھۆرمىتىنى ئۆزى تىكلەيدىكەن،بۇ شۇ ئادەم بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندا ،تېخىمۇ نامايان بولىدىكەن.سېنى ئەسلەپ، بىزنى يوقلايدىغانلارنىڭ ئايىقى پەقەت ئۈزۈلمىدى دادا.
بىز سەندەك دادىمىزدىن چەكسىز پەخىرلەنمەكتىمىز،دادا.بالىلىرىمىزغا قانداق ياشاشنى،ھاياتنى قانداق سۆيۈشنى ئۆگىتىشنى سەندىن ئۆگەنمەكتىمىز دادا.ئەقىل-پاراسەت بىلەن بىر جۈپ قولۇڭدا كۆكلەتكەن گۈل-باغچا ھويلىمىز ئادەم دېڭىزىغا تولدى يەنە دادا.
بىردىنلا مۇبارەك قەبرەڭ ئىگىزلەپ ئادەم توپى ئىچىدە ئەرشىگە كۆتۈرۈلدى. بىز بەش پەرزەنتىڭ ساڭا قول كۆتۈرۈپ، سەندەك ياشاشقا ئۆز- ئۆزىمىزگە ۋەدە بېرىپ،قول پۇلاڭلىتىپ، ئاق يول تىلەپ قالدۇق. قەبرەڭدىن قىپ- قىزىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى.
ئاھ قەدىردان دادا، بىز سەندەك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ، تولۇق ئادا قىلغان پەرۋىشكار دادىمىزدىن ئاداققىچە سۆيۈنىمىز،پەخىرلىنىمىز.روھىڭ بىزگە مەدەتكار!بىز سەندەك ياشاشقا ئۆز-ئۆزىمىزگە ۋەدە بەرمەكتىمىز.
قادىردان دادا،قارىغىنا! سېنىڭ سان- ساناقسىز ئەۋلادلىرىڭ، ئىز باسارلىرىڭ 101 يېشىڭغا ئاتاپ داستان ئوقۇماقتا. ھەم ئىزىڭنى بويلاپ،ئىلىم-ئىرپان كانىدا ئابى-كەبسەر سۈزمەكتە!

2012- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى

ئاقسۇ ئەدەبىياتى 2013-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-19 10:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-19 12:04:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        پاشاگۈل،  دادىڭىزغا بولغان چوڭقۇر مۇھاببىتىڭىزدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. مەنمۇ دادامدىن  ئايرىلغان. بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ، دادام كۆز ئالدىمغا كەلدى.مېنىڭ دادام ئارانلا،47 يىل ياشىغان.مەندىن سىز كۆپ تەلەيلىككەنسىز، دادىڭىز  101 ياش ئۆمۈر كۆرۈپ،ئۆمۈر چولپىنى بوپتۇ. دادىڭىزنىڭ پەزىلەت ئىگىسى،ھۆرمەتلىك زات ئىكەنلىگىدىن پەخىرلەنگۈدەك سىلەر  5 پەرزەنت 10 بوپسىلەر.

ئەسەرنىڭ تىلى تاتلىق،ھېسيات تەبىي چىقىپتۇ.كۆپ يېزىڭ.مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئىزچىل ،تولۇق كۆرۈپ كېلىۋېتىمەن.ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك،،خوشاللىق تىلەيمەن.
      


ۋاقتى: 2013-3-19 17:31:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!ئىلھاملىرىڭىز بەرىكەت تاپقاي!

ۋاقتى: 2013-3-19 19:45:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. قەلىمىڭىز بەرىكەت تاپسۇن!

ۋاقتى: 2013-4-1 16:34:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ، ئىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .يەنىمۇ كۆپ يېزىپ تۇرۇڭ .دادىڭىزغا بولغان تەبئىي ،سۈزۈك تۇيغۇلىرىڭىز مېنى تەسىرلەندۈرۈپ خىزىرسۈپەت مېھرىبان ئاتىڭىز ( مەن كۆرگەن)كۆز ئالدىمغا قايتا زاھىر بولدى ...

ۋاقتى: 2013-4-19 17:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        قەدىردانلىرىم، ئىزگۈ تىلەكلىرىڭلارغا تەشەككۈر! ھايات ھەممىمىزگە كۈلۈپ باقسۇن!
سىلەرگە  خوشاللىق ئەبىدى يار بولسۇن!




   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاشاگۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 17:43  


ۋاقتى: 2013-4-19 17:56:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     جېنىم، دوستۇم،  ئورتاق تىرىشايلى،سۈزۈك تەپەككۈرلىرىڭىز،تاتلىق تەسەۋۋۇرلىرىڭىز قاناتلانسۇن! سۆيۈملۈك بالىلىرىڭىزنى ئېلىپ،كۇچاغا كېلىشىڭىزنى ئائىلە بويلاپ قارشى ئالىمىز.

ۋاقتى: 2016-2-11 22:15:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ياخشى تۇرۇپلىمۇ ؟ بۇ نەسىرلىرىنى ئ‍وقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن تەسىرلىك چىقىپتۇ ؟ سىلىدىن پەخىرلىنىمەن ھەم مەنمۇ سىلىدەك يازغۇچى بولۇش ئ‍ۈچۈن تىرىشىمەن!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش