شېكەستە قەلبنىڭ جاراھىتىدىن،
تۆكۈلەر ئۈمىدنىڭ چېچىكى سويلاپ.
قانائەت قامىدا قاناپ بىر ئايال،
كېلىدۇ ئەرلىكنىڭ يولىنى بويلاپ.
قالدۇرغان ئىزىدا دەردلىك ناخشا بار،
ئاھاڭى ئالۋۇندەك ئازاپتىن پۈتكەن.
تۈگىمەس تۈنلەرنىڭ تىنچلىقىدىن،
ئۆزگىرىپ ئۆزلىكى كىملىكى يۈتكەن.
بۇ كوبلىتتىكى تىل تەسۋىىرىدىن بەخىتسىز بىر ئاجىزەنىڭ كۆزياشقا تولغان
قىسمەت- كەچمىشى كۆز ئالدىمدا نامەيەن بولدى...
ئېغىر ئۇھسىندىم..