يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 5090|ئىنكاس: 3

ئېھ،ئاكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېھ،ئاكا
                                                                           ھېكايە

      ئاكام تىنىم تاپماس، جاپاكەش ،ئاقكۆڭۈل ئاددىي ئادەم ئىدى.ئۇ ئانامنى باقىمەن،مېنى ئوقۇتىمەن دەپ بىردەم بىكار تۇرمايتى.ئەتىيازنىڭ بازىرىدا سەي-كۆكتات،قوغۇن-تاۋۇزلارنىڭ ئۇرۈقىنى ساتاتتى.ياز ،كۇز بازىرىدامىۋە-چىۋە،،قوغۇن-تاۋۇز ئېلىپ ساتاتتى.قىشتا باققاللىق قىلاتتى.ئىشقىلىپ بىردەم بىكار تۇرمايتى.كىيىم-كىچىمۇ بەكلا ئاددىي بولۇپ،ئەرزان رەختلەردىن كىيىم كىيەتتى.ئاياغلىرىنىڭ چەمى تېشلىپ كەتسىمۇ،قات قات چەم قويدۇرۇپ كىيىۋىرەتتى.ئەمما ھەرگىزمۇ مېنىڭ كىيىملىرىمىنى پۈچەك قىلىپ قويمايتى.«ئۇكام،سەن ئوقۇۋاتىسەن.دادام رەھمىتى بولغان بولسا،سېنى ھەرگىز كەم سۇندۇرمايتى.لىكىن خاتىرجەم بول.ھەر قانداق ئەھۋالدا ساڭا ۋە ئانامغا مەن بار»دەپ،دائىم ئۇنمىسام ئۇنىماي پۇل بېرىپ تۇراتتى.شۇنچە يىلىدىن بىرى ئاكامنىڭ بىرەر قېتىم كىسەل بولۇپ باققىنى بىلمەيتىم.ئۇ ماڭا ھەم ئاكا ھەم دادا ئىدى.ئۇ كىچىكمدە بوينىغا مىندۇرۋېلىپ ئەركىلتىپ باقاتتى.دادام ئالەمدىن ئۆتكەندە مەن بەش ياشتا قالغانىكەنمەن.شۇنڭىدىن بىرى ئۇ مېنى قارلىغاچ ئاغزىدا سۇ توشۇپ بالىسىنى باققاندەك باققانىدى.مانا ئەمدى ئاكام ئالەمدىن ئۆتۇپ،ھەممە نىمىسىدىن بىۋاقىت ئايرىلغان،لەۋلىرى چاك چاك يېرىلغان،بىر يۇتۇم سۇغا زار بولغان ھالدا نىشانسىز،ئارمانسىز كىتىپ بارغان يولۇچىغا ئوخشاپ قالدىم.
   ئاكامنىڭ نەزىرسى بولغان كۇنى كەچتە،ئانام بىلەن ئىككىمىز بۇنڭدىن كىيىن تۇرمۇشىمىزنى قانداق ئۆتكۇزۇش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق،ئاكامنىڭ دوستى ئىسمەتكام كىرىپ قالدى:
   -كۆپ قايغۇرمىسىلارە،يھان ئاچا،ئۆلگەن ئادەمنىڭ كەينىدىن بارغىلى بولمايدۇ.جان دېگەن ئاللاھنىڭ تەندىكى ئامانىتى بەرمەي ئامالىمىز يوق.ئەمدى كىينلىكىمىزنى ئويلاشمىساق بولمايدۇ.مەن سىلەرگە ئۆمەر ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ئامانەتنى تاپشۇرۇپ بىرەي دەپ كىردىم.دەپ قوينىدىن بىر باغلام پۇلنى ئانامنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، -بۇ ئۆمەرنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان يىمەي-ئىچمەي تىجەپ يىغقان پۇلى.سانىۋېلىڭلار  نەق يىگىرمە مىڭ يۇەن.ئامانەتنى سىلەرگە تاپشۇردۇم.رەھمەتلىك ئاغىنەمنىڭ روھى قورۇنمىغاي.قالغان گەپ بولسا كىيىن دېيشەرمىز خوش،دەپ چىقىپ كەتتى.
    ئانام بىلەن ئىككىمىز قۇچاقلىشىپ خېلى ئۇزۇنغىچە يىغلاشتۇق.
     ئۆتكەندە مېنى يوقلاپ مەكتەپكە بارغاندا مېنىڭ زورۇم بىلەن چۇشكەن ئاكامنىڭ بىر پارچە  سۇرىتىنى ئۆزۇم قوپالراق ياسىغان جازىغا سېلىۋېتىپ،ئاكامنىڭ ھايات توغرىسىدا ئۇزاق خىيال سۇرۇپ ئولتۇردىم.
   ساۋاقداشلىرىم بەس- بەستە تۇغۇلغان كۇن ئولتۇرۇشى قىلىپ،بىر-بىردىن  ماختىنىپ گىدىيىپ يۇرۇشەتتى.بۇلارنى كۆرۇپ مېنىڭمۇ تۇغۇلغان كۇن ئولتۇرۇشى قىلىش خىيالىمغا كىلىپ،ئۆزۇمنى بىر كۆرستىپ قويۇش خۇمارى بارغانسىرى كۇچىيشكە باشلىدى.ئانامغا بار ئەھۋاللارنى دەپ پۇل سوردىم.
   -بالام،بىزدە نەدىمۇ ئۇنچىلىك ئوشۇق پۇل بولسۇن دېدى.
   -مەن ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا چېنىپ.....
   -بولدى،ئانا،ياشلار دېگەن ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كىلىدۇ.ئۇكام ئۇچيۇز يۇەن يىتەمدۇ.ئالە مانا.ئاكام بار دەپ كىرىلىپ يۇرىۋەر.ئاكام شۇنداق دەپ پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.ئانامنىڭ دېيشىچە ئۇنىڭ كۆزى دادامنىڭ كۆزىگە بەك ئوخشايدىكەن.پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزغاندىكى مىھىربانلىقى دادامنى ئەسلەتتى.
    يېڭى يىل كۇنى تۇغۇلغان كۇن ئولتۇرۇشى ئويۇشتۇرۇپ،ساۋاقداشلار ئالدىدا راسا بىر كىرىلىۋالدىم.
    تەتىل قىلپ ئۆيگە كەلسەم،ھۆل ئوتۇننىڭ تۇتۇنى ئۆينى قاپلاپ كىتىپتۇ.ئانام بولسا كاڭنىڭ ئوتىنى پۇۋلەۋاتقانىكەن.
   -ئانا نىمشقا مەشكە ئوت ياقمىدىڭلار؟سوردىم يۆتىلىپ تۇرۇپ.
   ئانام ياش يۇقى كۆزلىرىنى ئۇۋۋلاپ تۇرۇپ:
   -بالام قىشلىق كۆمۇر ئالارمىز دەپ يىغىپ قويغان پۇلنى سېنىڭ تۇغۇلغان كۇن ئولتۇرۇشىڭغا بېرىۋەتكەنىدۇق.ئاكاڭ «جاڭگالدىم ئوتۇن ئەكىلىمەن» دەپ پۇتىغا پالتا ئۇرىۋاپتۇ.ئىسمەتكاڭ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.
    مىڭەمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى.ئاكامنىڭ پۇتىغا ئۇرۇلغان پالتا مېنىڭ يۇرىكىمگە ئۇرۇلۇپ يۇرىكىم پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم.ساختا شۆھرەت بىچارە ئاكامنىڭ پۇتىغا پالتا ئۇرۇپ مېنىڭ يۇرىكىمنى تىتىرەتتى.ئىچ-ئىچمدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئۆكۇنۇش،پۇشايمان قەلبىمدە بۇرۇنقىغا ئوخشمايدىغان «مەن»گە ھامىلدار بولىۋاتاتتى.بۇنىڭ موقەددىمىسى سۇپتىدە كۆز ياشلىرىم يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك تۆكىلىۋاتاتتى.
   ئەتيازنىڭ جۇدۇنلۇق بىر بازار كۇنى ئەتگىنى ئىدى.ئاكام ئۇرۇقلىرىنى ئىسمەتكامنىڭ ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىپ بازارغا ماڭدى.قارىسام ئاكامنىڭ كىيىملىرى ھۆل تۇراتتى.
   -ئاكا كىيملىرىڭ ھۆل تۇردىغۇ؟دېيشىمگە ئىسمەتكام:
   -سېنىڭ نەچچە قۇر كىيمىڭ بار؟ئاكاڭ ئۇ يىلىدىن بۇ يىلغا بىرەر قۇر يېڭى كىيىم كىيمەيدۇ.بازارغا بارغاندا كىيدىغان يېڭى كىيىمى بولمىغاچقا،ئاخشام يۇيۇپ قويسا قۇرىماپتۇ.
    -ئىسمەت،نىمىلەرنى  دەيدىغانسەن؟بولدى، ماڭە بازارغا كىچىكتۇق.ئاكام قولاشمىغان بىر ھەركەتتە ئېشەككە تاياق سېلىپ ئىلدام يۇرۇپ كەتتى.
     پۇتۇنلەي مەڭدەپ قالدىم.شۇ تاپتا نىمە دېيشىمنى،نىمە قىلىشمىنى بىلمەيتىم.ئۇنسىز تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىم روھىمىنى پاكلاپ ئادەملىكىمگە دالالەت قىلاتتى.
    شۇ خىياللارنى سۇرۇپ ئولتۇرسام ئىسمەتكام:
    -رەيھان ئاچا،ئۆمەرنىڭ ئارزۇسى ئەخمەتجاننى ياخشى ئوقۇتۇش ئىدى.ئۇ شۇ ئارزۇسى  بويچە ياشاپ بارار مەنزىلىگە بىزدىن بۇرۇن كەتتى.قىينىلىپ قالىدىغان ئىشلار بولسا تارتىنماي دەڭلار.ئەخمەتجان مېنىڭمۇ ئىنىم بولۇپ قالدى.مەن قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن.
     ئاھ،ئاكا! كىتەر چېغىڭدىمۇ مېنى ئۇنىتماپسەن.خاتىرجەم بول.سېنىڭ ئارزۇيۇڭ مېنىڭ روھىمدا كۆكلەپ مىۋە بىرىدۇ.مەن سېنىڭ ئارزۇيۇڭدىن گۇلدەستە تۇزۇپ سېنى يوقلاپ تۇرىمەن.ئانامنىڭ ھالدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن.ئۇنى يوقسۇزلۇقنىڭ،موھاجلىقنىڭ،يالغۇزلۇقنىڭ ھارۋېسىغا تاشلاپ قويمايمەن.«سېنىڭ ئوقۇتقۇچى بول ئۇكام»دېگەن نەسھەتىڭىنى ئورۇنداپ سەبىي باللارنىڭ قەلبىگە ئىلىم نۇرى چاچىدىغان مەشئەل بولۇشقا تىرىشمەن.خاتىرجەم بول ئاكا.مەن سېنىڭ ئۇمىدىڭنى چوقۇم ئاقلايمەن.
ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن چاقنىغان  نۇر بىر خىل قەتئىيلىك،قورقۇمسىزلىق،چىداملىق،ۋىجىدانلىق،ئادىميلىك نۇرى  قەلبىمگە سىڭىپ كىرىپ گۇزەل بىر ئىقبال يولىغا ئاستا-ئاستا يىتەكلەۋاتاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-18 23:46  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-17 23:51:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ئۇچ بايلىق بار شۇنۇڭ بىرسى قىرىنداشلىق

ۋاقتى: 2013-4-9 10:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلىق مىھىرى ئەڭ چوڭقۇر

ۋاقتى: 2013-6-1 10:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى ھېكايىلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايلا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش