كۆرۈش: 1938|ئىنكاس: 12

شېئىرىيەت سېپىدىكى ئۈمىدلىك ياش — ئۆمەر مەھمۇد(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
5寸照片1.jpg


شېئىرىيەت سېپىدىكى ئۈمىدلىك ياش — ئۆمەر مەھمۇد

ئۆمەر مەخمۇت، 1987- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شاياردىن ئىبارەت مېھىرى ئىسسىق، گۈزەل ماكاندا تاماملىغان. 2005- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنتىستىتوتىنىڭ ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئىلمىي فاكولىتىتى بىئولوگىيە مائارىپ كەسپىگە قۇبۇل قىلىغان. 2009- يىلى 9- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئالاھىدە ئۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىقى ئىمتىھانىسىغا قاتىنىشىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسى يېڭى مەھەللە بازىرى مەركىزى مەكتەپتە  ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۆمەرنىڭ تۇنجى شېئىرى «ئاي نۇرىدا شائىرە قىز» «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نىڭ 2008- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان. ھازىرغىچە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «تەڭرىتاغ»، «كروران» قاتارلىق ژورناللاردا 10 پارچە شېئىرى ۋە بىر پارچە ھېكايىسى ئېلان قىلىندى.
بىز بۇ ياش قەلەم ئىگىسىنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور يۈكسىلىشلەرنى تىلەيمىز!
ــــــ مەسئۇل مۇھەررىردىن

تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمە، بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئۇ ھامان ئارقامدا قالدى. مەن ئالدىمىغا قاراپ ماڭىمەن. بۈگۈندە مېنىڭ يېزىۋاتقانلىرىم بار، ئەتىدە بولسا مېنىڭ يازىدىغانلىرىم. بۈگۈن يېزىۋاتقانلىرىمنى ئەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمايمەن. چۈنكى تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئەتە يازىدىغانلىرىم بۈگۈننى تۈنۈگۈن دەپ قارايدىغانلاردۇر. ئەمما، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، چۈنكى تۈنۈگۈن، بۈگۈنگە ئەگىشۋېلىشقا بەك ئامراق، ئەتە يەنىلا نامەلۇم. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھامان تۈنۈگۈننى گۈزەل ئەسلىمىگە قالدۇرۇپ قۇيۇپ، بۈگۈن يازىدىغانلىرىمنى يېزىشىم كېرەك، شۇندىلا ئەتىگە يۈز كېلەلەيمەن!


ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى

سۇغا
مۇۋاپىق نىسپەتتە توپا قۇيۇپ،ئارىلاشتۇرىمەن...

ئاۋال كۆزدىن باشلاش كېرەك
كۆزىنى كېچە بىلەن ئويىمەن
ئاندىن
ئۇنىڭ ئاستىغا
مېنى سۆزلەيدىغان تىل چىقىرىمەن
بەلكىم
كېچە بىلەن تىل ئارىسىدا مېنىڭ ئاجىزلىقىم ساقلىنىپ قالىدۇ
شۇڭا،ئۇ جايدا تەنھالىق بولىدۇ...
ئاندىن،كۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە
ھەسەن-ھۈسەن ياسايمەن
پۈتكەن جايلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن
باغرىمغا چىڭ باسىمەن

دەل مۇشۇ جايغا كەلگەندە
مېنى يارىتىشقا باشلايدۇ

بىر دەرەخنىڭ ھەسرىتى

تېنىمگە پاتمايۋاتقان سېنى
قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟

كېچىدىن يىراق ئاۋۇ دېرىزە
مېنى شۇنچىلا قىيناپ تۇرىدۇ
بىر تۈپ دەرەخ مەن شۇنداق...
دېرىزە ئىچىدە بىر پەرى ئولتۇرىدۇ.

ئەجەبلەنمەڭ
بىر دەرەخنىڭ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى
ماۋۇ كېچىدە تامامەن مۇمكىن ئىدى...

بەلكىم ئۇلار مېنى كۆزگە ئىلمايدۇ
ئۇلار ئېگىز، بەستلىك
ئۇلار سېمىز، ئۇستىخانلىق
ئۇلار...

مېنىڭ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان يېرىم
مەن بىر تۈپ دەرەخ ئىدىم...
ئۇلار مېنىڭ يۇپۇرمىقىمنى
ئۇنىڭ قۇلىقىغا قىسىپ قوياتتى
مەن ھاياجانلىناتتىم
ئاندىن ئاستا - ئاستا قۇرۇپ كېتەتتىم...

مەن يەنىلا بىر تۈپ دەرەخ بولاتتىم...
ئۇلار مېنىڭ دەرەخ ئىكەنلىكمنى بىلمەيتتى
سەن ماڭا پىچىرلاپ تۇرغاندا
ئۇلار سېنى رەنجىتكەن  بولاتتى
دەردلىرىڭ مېنى تۆكۈۋالاتتى...

ئاھ!...مەن بىر تۈپ دەرەخ ئىدىم
تېنىمغا پاتمايۋاتقان سېنى
قانداق ئىپادىلەيتتىم؟...

گۈل سېتىۋېلىش

بىر تال گۈل ئالدىم
ئۇزۇن ۋە چوڭقۇر بىر تال گۈل...

-ئاكا گۈل سېتىۋىلىڭ
قىزچاق پەرمان چۈشۈردى
كۆزىدە قاراڭغۇ بىر تىل
قىزىل گۈل دېدى

يىراق بۇ كوچا قىزىل رەڭ
ئاۋۇ ئاپتۇبۇس
لىپمۇ-لىق ھەمدە
ئاستا قىزىل رەڭ...

كېچىكىپ كەتتىم
سۇلۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن
ۋاقىت تۆكۈلىۋاتىدۇ
ئالدىراش غەمكىن...

جاراھەت

ئانامنىڭ كۆزىدە چېچەكلەپتۇ
ئاپئاق ھەمدە ئۇزۇن بىر دەرەخ.
شاخلىرىغا قونغان قارلار
ئاپتاپ يالغۇزلۇق ياكى چۆچەك..

ئەزىرائىلنىڭ ئالقىنىغا پاتقان دادام
چۆچەك ئېيتىپ بېرەرمۇ ماڭا؟
ئانام ئېيتقان چۆچەكنىڭ
تاغ تەرپىدە يارا...
يارىنىڭ تىلى يوق
ماڭالايدۇ
پۇتى يوق
سۆزلىيەلەيدۇ...

بۇسۇغا تۈۋىدە تۇرغان كېچە
ئاۋۇ...-دادا...-دادا...
باغرىمدا لىپمۇلىق قاراڭغۇلۇق
ئاۋازىمدا ھىچنىمە...

خىيال كېچىسى

جىگدە دەرىخى قومۇرلۇپ كەتتى
قاغىلار بىناغا ئامراق
بىر چۈش كۆرۈپ قالدىم
قىزىل چوڭقۇر شۇنداق...

بۇ جايدا مېنى تۇنۇيدىغانلار يوق
شوڭا يۇلتۇزلارنىڭ يېرىمى تۇتۇق
ھازىر بالىلار ئايغا چىقىپ بولدى
كېچە ھەممىدىن بەك ئۇچۇق...

ھەر قېتىم ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ
بۇ ۋاقىتنىڭ خاتالىقىمۇ؟
بەلكىم شۇنداق ياشاپ بېقىش كېرەك...
دېرىزەم قىيا تۇرىدىغۇ؟
شامال قورقۇنۇچلۇق...

دېرىزە تۈۋىدە

كېچەمدە سەن يوق
يۇلتۇزلار مېنىڭ تەنھالىقمنى ئەسلىتىدۇ
ئاي دېرىزدىن يىراق بىر جايدا
بارچە نەرسىلەر مېنى ئازاپلايدۇ
خاتىرىلەر تېخى ئاپئاق
ساڭا ئاتاپ شېئىر يازاتتىم.
سېنى سۆيىمەن
بۇ سۆزنى تالاي قېتىم تەكرارلىدىم
ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن
بۇ سۇغا مەندىن قېچىپ تۇرىدۇ
ئىشىك جىمجىت خىيال سۈرىدۇ...

دېرىزىدىن سىرىتقا قارىدىم
ھەممە نەرسە ئۆز پېتى
چۆچۈپ كەتتىم بىردىنلا
كېچە يوق ئىدى.

ناخشاڭ

ناخشا ئېيتساڭ
قۇشلار ساڭا ئەگىشىپ
ئۇقۇيتتى مېنى
نەقەدەر ئوماق ئۇ
بەجايىكى
دېڭىزنىڭ جىمجىتلىقىدەك
ئاۋازى ئىچىدە
كۆيىدۇ كېچەم.
نەقەدەر ئوماق-ھە
ئەگەر بىر قېتىم
ئۇنى تۇيغۇ باغرىغا بېسىپ
سۆيسەم
نىمە بولسام رازى ئىدىم.
نەقەدەر...
ناخشاڭ تۈگەپ قالسا
چۆچۈيتتۈم شۇئان
قىسقا-قىسقا تېنىپ.

بىر پارچە خەت رىۋايىتى

ماڭا بۆسۈپ كىرۋاتاتتى،
مېنى يۇتۇپ كېتىۋاتاتتى...

مەن ھاياتتىن بىزار بولغاندەك،
قىزىۋاتقان، قىزىرۋاتقاندەك...
بىر پارچە خەت ئىدىم...
بىر تۈپ ئاپتاپپەرەس ياكى بىر دېھقان،
مېنى يېزىشنى ئەسلا ئويلاشمىغان...

مەن خەتلىك خۇسۇسىيىتىم بىلەن
بىر قىزنىڭ كىيىمنى سالدۇرغان،
بىر ئايالنىڭ كۆزىنى يەنە،
كۆكسىنى بويسۇندۇرغان...

مېنىڭ خەت ئىكەنلىكىمنى ھەممە ئىتىراپ قىلاتتى،
تېڭىرقىسىمۇ، ئېغىرلىسىمۇ...
مەندىن بىزار بولغانلار ئاچ قالمايتتى،
ئاچلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ...
مەن ھەركىمنىڭ يانچۇقىدا يېزىلغان بىر پارچە خەت ئىدىم،
سۆزلىيەلمەيتتىم، سۆزلىگۈزەتتىم
مۇھەببەتكە يېقىن كەلگەندە
ئۆرۈلۈپ كېتەتتىم...

مېنىڭ خەتلىكىمگە چوڭقۇر ئىشەنگەنلەر ۋە
ئىشەنمىگەنلەر ئارىسدا
يۇقارقى مەزمۇنلارنى تەكرارلايتتىم
ئاندىن ئۆزۈمنىڭ بېسىلىۋاتقانلىقىنى سىزەتتىم،
مۇھەببەتتەك...

كەتتىم

بارچە نەرسىلەرنى ساڭا قالدۇرۇپ
كەتتىم شۇنداق يىراق بىر جايغا...
دېرىزە كېچىنى بىلمەيدۇ
ساراڭ ئاتىلىپ قالدىم
بىر خاتىرە يازغانتىم ئايغا.
بەلكىم گۇناھ بولىدۇ
مۇھەببەت يوق نەرسە دېسەم
قار ئاپئاق يار ئوماق
ئەسلىمەمنىڭ ئۆيىگە كىرسەم.

دەرەخلەرنى دەريانى دېدىم
يەنە نىمە ئوخشايدۇ ساڭا...

ساڭا قاراپ

گۈزەل بىر چۈشنى كۆردۈم
كېچىگە ئېيتىپ بەرمەيمەن.
ماڭا ئوماق قارىساڭ
پەرىشتە دەپ دۇدۇقلاپ قالىمەن
ئىچىم سېنى چاقىرىدۇ:
-بۇدىرە چاچلىق قىز...
خاتىرەمنى ۋاراقلاپ يۈرۈپ
تېپىۋالمەن ئۇزۇن بىر چۆچەك
دەريا بويلاپ ماڭغان خىيالدىن
قۇچاقلايمەن ھايات مانا دەپ
ناخشا ئۇقۇپ بېرىسەن ماڭا
قىزىرىدۇ سۆيگۈ دېگەن خەت...
كېچىگە ئېيتىپ بەرمەيمەن
ئاي رەنجىپ قالىدۇ بەلكىم
چېقىۋىتىمەن دېرىزىنى
بىر دۇنيا بولىدۇ قەلبىم...

يامغۇر

مەن ساڭا ئامراق
كېچىدىن بىر ناخشا ئاڭلايمەن
دېرىزىدە يامغۇر
سېنى سۆيۈپ قالسام دەيمەن.
يىراق بىر كوچىدا
دەرەخلەر تېخى ئۆز پېتى
ئۇقۇيدۇ يوللارنى
يامغۇرنىڭ خېتى.
شېئىر يازىمەن
سېنى ئېيتىپ بېرىدۇ كېچە
باھار كەلدى دەپ
ۋارقىرايمەن بىر خاتىرە
ئۇيۇپ قالىدۇ ئەسلىمە....


IMG_4060.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-7 01:01:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مەھمۇدنىڭ شېرلىرى ئادەمنى سۈيۈندۈرىدۇ

ۋاقتى: 2012-4-7 02:50:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈنۈپ بولالماي ئوقۇۋېتىپلا توساتتىن ئوقۇشتىن ۋاز كېچىمەن...

ۋاقتى: 2012-4-7 02:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۆمەر مەخمۇدنىڭ شئېىرلىرى ئادەمنى ھەققىتەن سۆيۈندۈرىدۇ،ھەتتا مەن كونا مۇنبەردە ئۇنىڭ «بىر تال ئاپلىسىن »     ناملىق شئېىرى ئىلان قىلىنغاندا قىسمەن تورداشلار نارازى بولغان ئىنكاسنى يېزىشىدىن قەتى نەزەر  مەن   ئەشۇ شئېىرنىڭ ھەققىقى سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە شئېىر ئىكەنلىكى توغۇرلۇق ئىنكاس يازغان.بۇ ئەھۋال كونا مۇنبەردە  ئېنىق بار.لىكىن مېنىڭ ھازىر كۆزدە تۇتقىنىم يالغۇز بۇ ئەمەس.
      مەن  ئۆمەر مەخمۇدنىڭ  بۇنىڭدىن كىيىنكى شئېىرىي ئىجادىيىتىدە ھازىرقى ئىزدىنىش روھى ئاساسىسىدا بىر تەرەپتىن مىللىتىمىزنىڭ ئۆتكەن نەچچە مىڭ يىللىق كەچمىشلىرىگە تەدرىجى شۇڭغۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن شئېىريەتتىكى مىللى ھەم يەرلىك ئالاھىدىلىكمزنى دىيارىمىزدىن ئىبارەت ئەڭ كەڭ  قۇچاقتىن ئىزدەپ شئېىرىي ئىجادىيەتتە يىلتىز تارتالايدىغان ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىشىغا تىلەكداشمەن.ناۋادا پىكرىم ئارتۇقچە تۇيۇلسا نەزەرگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ.مەن ئۆمەر مەخمۇدنىڭ ئىزدىنىش روھىنى ياقتۇردۇم.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 12:44  


ۋاقتى: 2012-4-7 11:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرىڭىزگە تەشەككۈر ئەزىز ھېيىت كۈن ئەپەندى!

ۋاقتى: 2012-4-10 22:41:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىېرلارنى ئۇقۇپ   مەن تازا چۇشۇنەلمىدىم   مۇھەممەتچان راشىدىندەك شىېر يازسا تىخىمۇ ياخشىمىكى !!!!!!!

ۋاقتى: 2013-1-8 18:28:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرنىڭ شىئىرلىرىنى ئوقۇغان ئادەم  تۇيۇقسىزلا رىۋايەتنىڭ شىئىرلاشتۇرۇلغانىلقنى ئەسلەپ قالىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غەرىبى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-8 18:28  


ۋاقتى: 2013-2-3 23:54:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىر شائىر يۇرۈگۈنىڭ ئاپپاق قەغەزگە چۈشۈرۈلگەن سۈرۈتى .
گۇڭگا شىئىرلارگەرچە ھىسياتنى تومتاقلا قەغەز يۈزىگە تاشلاپ قويسىمۇ  لىكىن شىئىردىكى ئىچكى پۇراق تەدرىجى پارتىلاپ ئەتراپقا باشقىچە ھىد چاچىدۇ
شىئىرلىرىڭىزنى تولۇق ئۈچ قىتىم ئوقۇپ چىقتىم  ئادىل تۇنيازنىڭ شىئىرلىرىدىن ھوزۇر ئالغاندەك بولدۇم
گەرچە بۇ تولۇق گۇڭگا شئىر بولمىسىمۇ ھىسياتىڭىز بارغانسىرى يۇشۇرۇنلۇققا قاراپ ئىلگىرلەپتۇ
تىخىمۇ تىرىشىڭ  ھىسياتىڭىزغا يەنە بىر قەدىم يىقىنلىشىڭ
قەلىمىڭزگە بەرىكەت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2013-2-4 00:59:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان مەھمۇدنىڭ شېئىرىيەت سەپىرى مول ھوسۇللۇق بولغاي.

ۋاقتى: 2013-2-4 14:46:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرنىڭ شېئىرلىرىگە كىرىش ئاسان چىقىش قىيىن ئىكەن،قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-2-7 13:38:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئۆمەرجان ئاكا...! بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىز غەلبىلىك بولغاي...!  داۋاملىق ئىزدەنگەيسىز،،،!

ۋاقتى: 2013-4-7 16:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۆمەرجان شېئىرىي تەپەككۇرىڭىز دىكى يارقىن تۇيغۇلار ئۇچۇن سىزنى قۇتلۇقللايمەن

ۋاقتى: 2013-9-13 11:24:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە بەرىكەت يار بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش